ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:24:48

ئۈندىدار ئېلانى قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟

ئۈندىدار ئېلانى قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



1-ئاينىڭ 23-كۈنى، Barron's ژۇرنىلىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدە تەتقىقات شىركىتىنىڭ دوكلاتى نەقىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى، ئۈندىدار ئېلان كىرىمى كەلگۈسى بىر يىلدا شىددەت بىلەن ئاشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتىدۇ.

2014-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 9 ئايدا، تېڭشۈننىڭ ئومۇمىي كىرىمى تەخمىنەن 58 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «قوشۇمچە مۇلازىمەت» يەنى ئويۇن ۋە ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك سېتىش كىرىمى 46 مىليارد يۈەن بولغان، توردىكى ئېلان كەسپىدىن كىرگەن تىجارەت كىرىمى پەقەت 5.7 مىليارد يۈەن بولغان.

لېكىن، تېڭشۈن ئېلان كىرىمى بولۇپمۇ ئۈندىدار ئېلان كىرىمى كەلگۈسىدە شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن. Pacific Crest نىڭ ئانالىزچىسى Cheng Cheng مۇنداق دېدى: «مۆلچەرىمىزچە، ئۈندىدار ئېلان كىرىمى كەلگۈسى 12 ئايدىن 18 ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.» Cheng Cheng تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدارغا نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىشى، شۇنداقلا غايەت زور ئىشلەتكۈچىلەر توپى ۋە ھەقىقىي نام تۈزۈمىدىكى يېرىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، مۆلچەرىمىزچە، ئۈندىدار  داڭلىق ماركا ئېلانلىرى ئاساسلىق قوغلىشىدىغان ئېلان سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ.»

Cheng Cheng  نىڭ دېيىشىچە، ئۈندىدارنىڭ ئېلان كىرىمىنىڭ كۆلىمى مۆلچەرلەش ئۈچۈن، باشقا بىر قىسىم ئېلان سۇپىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان، Facebook، Twitter، سىنا بىلوگى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئېلان سۇپىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى پەسىللىك كەسىپ نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، Facebook (ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلەتكۈچىلىرى)، Twitter (ئامېرىكا ۋە باشقا رايوندىكى ئىشلەتكۈچىلەر)، سىنا بىلوگىنىڭ ھەر پەسىللىك ھەربىر MAU (ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى) ئېلان كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.18 دوللار، 0.5 دوللار، 0.39 دوللار بولغان. ئەگەر يۇقىرىقى ئۈچ ئېلان سۇپىسىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۈندىدارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى سانىغا ماسلاشتۇرغاندا، مۇنداق سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولىدىكەن: ئۈندىدارنىڭ ھەر پەسىللىك ئېلان كىرىمى 972 مىليون يۈەندىن 2.9 مىليارد يۈەنگىچە بولىدۇ.
مەنبە : tecweb

ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:36:50

ئاز ئەمەسكەنغۇ كىرىمىمۇ، شۇڭا بۇنى ھەقسىز ئىشلىتىدىغان گەپكەن ئەسلى...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:09:00

ئاشۇ پۇلنى 46 مىلىرياد بولىشىغا مەنمۇ يامان ئەمەس تۆھپە قوشقان:funk:

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:09:24

ئۈندىدارنىڭ windows8 دە مۇستەقىل ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بارمۇ؟ (چۈنكى مەن ئۈندىدارنىڭ كومپيۇتىر نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسام  چوقۇم ئالدى بىلەن كومپىيۇتىر ئېكرانىدا كۆرۈنگەن ئىككىلىك كودنى يانفوندا تونۇتقاندىن كىيىن ئاندىن يانفوندا كۆرۈنگەن كۇنۇپكىنى باسقاندىلا ئىشلەيدىكەن، بىراق كومپىيۇتىردىكىسىدە دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈنمەيدىكەن. )

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:18:59

ئۈندىدارنىڭ كۆمپيۇتېر نۇسقىسى چىقتىما؟ نوكىيا تېلفۇندا ئۈندىدار ئوينىغىلى بولمايدىكەن:funk:

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:16:49

كومپيوتىرغا مەۋھۇم ئاندىروھىد قاچلسىڭىز بولدۇ.

138520 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:40:30

سالۇن قۇرسىڭىز .ئاندىن ھەركۇنى قىزقارلىق ماتىريال يوللىسڭىز ،  ئادەمنى يىغالىسىڭىز سىزمۇ پۇل تاپالايسىز .

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 03:53:07

ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئەپتىن بىرنى  بۇنىڭدىنمۇ قالتىس قىلىپ ياساپ چىقسا ئىشلەتسەك بۇلىتى
بەت: [1]
: ئۈندىدار ئېلانى قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟