irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 00:34:45

ئابدۇراخماننىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 00:39  

                                                        يالقۇن  روزى

كىرىش سۆز: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۇشتۇمتۇت قازا قىلىشى ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى. ئاسىيا ئاسمىنىدىكى بۇ نۇرلۇق چولپاننىڭ ساما بويلاپ ساقىپ چۈشىشى قەلبىمىزنى چەكسىز مۇسۇبەتكە تولدۇردى. ئېچىنغان، قايغۇرغان ئەكس سادالار ھەممە يەرنى قاپلىدى. مەرھۇمنىڭ روھىغا جەننەت تىلىگەن دۇئالار ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. شۇ جەرياندا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداش پىكىرلەر»، «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «دوستلارغا تەكلىب» قاتارلىق يازمىلار تور ۋە ئۈندىدارلاردا كەڭ تارقىلىپ بۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى، ياخشى- ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى، ئەڭ يامان بولغان يېرى ئابدۇراخماننىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى سەۋەبىدىن مۇسۇبەت قايغۇسىدا ئىچى ئېچىشىپ تۇرغان ئائىلە-تاۋاباتلىرى ھەم سەبداشلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزدى. شۇ سەۋەبتىن جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مېنى ئىزدەپ كوماندىدىكىلەرنىڭ ھەم ئابدۇراخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى يازمىلارغا بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئابدۇشۈكۈر قاتارلىق بوكس كوماندىسىدىكى بىر قىسىم بوكسىيۇرچىلار بىلەن مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ مۇراجەتنامىنى تەييارلىدىم.


ئابدۇراخماننىڭ دادىسى ئابلىكىم مۇسا ئاكىنىڭ بايانى:
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوغلۇم مەندىن بالدۇر كېتىپ قالدى. بىر دادا بولغۇچى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب يوق. مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن. بۇ تۇيۇقسىز قازاغا ئىسسىق ياشلىرىمنى ئېقىتىپ تۇرۇپ سەۋىر قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مۇسۇبەتتە تۇرغان كۆڭلۈمنى ئوغلۇمغا ئىئانە توپلاش ھەققىدە يېزىلغان ئۇچۇرلار تېخىمۇ يېرىم قىلدى. مەن بالىلىرىمنى ھېچنىمەڭلار بولمىسىمۇ،غورۇرۇڭلار بولسۇن دەپ تەربىيەلىگەن. ئاللاھقا شۈكۈركى ئوغلۇم بىلەن قىزىم بۈگۈنگىچە غورورى بىلەن ياشاپ كەلدى، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. ئەمدى كېلىپ ئوغلۇمغا ئىئانە توپلايتۇق دەپ تۇشمۇ-تۇشتىن چۇقان سېلىپ ئوتتۇرىغا چىققانلارغا«ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت، بىزگە ئىئانىنىڭ ھاجىتى يوق، بىزدىن سوراپمۇ قويماي بۇنداق كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى يازغىنىڭلار پەقەتلا توغرا بولمىدى» دېگەن سۆزۈمنى بىلدۈرۈش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. مۇسۇبەتلىك كۈنلىرىمدە بۇنداق يىرىك گەپلەرنى قىلمىسام بولاتتى، بىراق مەن توغرا تاپمايدىغان بۇ خىلدىكى قاملاشمىغان ئىشلار مېنى مۇشۇنداق دىيىشكە مەجبۇر قىلدى.

ئابدۇراخماننىڭ ئانىسى ئاتىكەم خانىمنىڭ بايانى:
  ئابدۇراخمان بۇ دۇنيادىكى بىر شۇڭقارىم ئىدى. گويا كۆز تەگكەندەك كۆز ئالدىمدىلا ئۇچۇپ كەتتى. يىغلاپ- قاخشاپ قالدىم،بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاجىزكەنمەن، ئامالىم بولمىدى. بۇ كۈنلەردە ماڭا ئابدۇراخماننىڭ ئىككى قىزى زور تەسەللىي بولدى. ئۇلارغا قاراپ ئاللاھقا شۈكرى ئېيتتىم. ئابدۇراخماننىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي پەتىگە كېلىۋاتقان دوستلىرىغا قاراپ ئوغلۇمنىڭ ئىززەت-ئابرويىدىن سۆيۈندۈم،  بۇمۇ ماڭا زور تەسەللىي بولدى. ئەمما يامان بولغىنى قۇلىقىمغا يەتكەن بەزى گەپلەر. ئاڭلىسام بىرلىرى ئوغلۇمغا پۇل توپلاش مەقسىتىدە بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنىشىنى، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنى، بىر-بىرىگە سوۋغا –سالام، ھەدىيە بېرىشىنى ياخشى ئىش دەيمەن، ئەمما بىروۋنى بىچارە كۆرسىتىپ، سازايى قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىپ، ياردەم قىلىش ھەققىدە ھەممىگە داۋراڭ سېلىپ يۈرۈشنى پەقەتلا توغرا كۆرمەيمەن. مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەمدى كېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئەل-جامائەت ئارىسىدىكى ئىززەت-غورۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىم يوق. بولدى قىلىڭلار.


  ئابدۇراخماننىڭ تاغىسى پازىل روزىنىڭ بايانى:
قەدىردان ئىنىم ئابدۇراخمان ئۇ ئالەمگە كەتتى، ئۇنىڭ كېتىشى بىزگىلا ئەمەس پۈتۈن خەلقىمىزگە ئېغىر مۇسۇبەت بولدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدە توغرا قىلىۋاتىمىز دەپ بىرمۇنچە قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلدى. بەزىلەر ئابدۇراخماننى گويا يوقسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەندەك تەشۋىق قىلىپ، ئەل-جامائەت ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنى ئەيىبلەپ ئابدۇراخماننى سىلەر ئۆلتۈردىڭلار دىگەندەك مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئېلان قىلدى. ئابدۇراخماننىڭ ئۆلۈمىگە ھەرگىزمۇ خەلق سەۋەبچى ئەمەس، ئۇ بىر قازا، ئۆلۈمنىڭ ياش-قېرىسى يوق، ئابدۇراخماننى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتتى دەپ داۋراڭ سېلىپ ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىشىڭلار خاتا. ئاڭلىسام بەزىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كارتا نۇمۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىئانە توپلاشقا كىرىشىپتۇ. مۇشۇنداق پۇرسەتتە ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ئات ئايلىخانغا، يول سايرىخانغا قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ھازىرقىدەك ئەھۋالدا كۆڭلى ياخشى كىشىلەر بىلەن ئالانىيەت كىشىلەرنى ئايرىماق تەس. بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىسەڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ ئورۇنسىز ئىئانە قىلىپ يۈرمىسەڭلار.

ئابدۇراخماننىڭ ئايالى ئاينۇرنىڭ بايانى :
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن مېنىڭ رىسقىم ئابدۇراخمان بىلەن قوشۇلۇپ بىر ئوبدان ئائىلە قۇرۇپ، ئىككى پەرزەنت كۆرۈپ بەختكە چۆمگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ئابدۇراخمان بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىككى قىزىم ۋە مەن ئابدۇراخماننى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. ئۇ خەلقىمىزنىڭلا قەھرىمانى ئەمەس، ئائىلىمىزنىڭمۇ قەھرىمانى ئىدى. مەن ئابدۇراخماننىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ نەپرەتلەنگەنگە نەپرەتلىنىمەن. ئابدۇراخمان غورۇرلۇق، ئىچى كۈچلۈك، كىشىلەرگە يېلىنمايدىغان ئەركەك ئىدى. بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆي سېتىۋىلىش سەۋەبىدىن بولۇپ قالغان قەرزىمىز بار ئىدى. بۇنداق قەرزىمىزنىڭ بولغانلىقى ھەرگىزمۇ بىزنى بىچارە قىلالمايتتى. بىز يەنىلا بىر تەرەپتىن قەرزىمىزنى تۆلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن تىرىشچانلىق بىلەن ئائىلىمىزنى گۈلدەك تۇتۇپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈنگە كېلىپ ئابدۇراخماننىڭ تېنى سوۋىماي تۇرۇپ، بەزىلەر ئۈندىداردا ئىئانە توپلاش چاقىرىقلىرىنى چىقىرىپ ئېرىمنىڭ روھىنى قورۇندۇردى، ئۇ باشقىلارغا ۋايساشنى نۇمۇس بىلەتتى.  ئابدۇراخماننىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىئانە توپلاش چاقىرىقى چىقارغانلارغا شۇنداق دەيمەنكى: مەن بالىلىرىمنى بېقىپ كېتەلەيمەن، ئابدۇراخماننىڭ روھىنى قورۇندۇرمايمەن. ئابدۇراخمان كېتىپ بىزنىڭ پەقەت غورۇرىمىزلا قالدى، ئەمدى بىزنى ئۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭلار.


ئابدۇراخماننىڭ يېقىن سەبدىشى ، جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ بايانى:
بىز ئىككى يىللار ئىلگىرى ئۇنتۇلماس ئۇستازىمىز ئابلىكىمكامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق. مانا ئەمدى باھادىر ئىنىمىز ئابدۇراخماندىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇ ئىككەيلەننىڭ ۋاپاتى بىز بوكس كوماندىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىھىساب يوقۇتۇش بولدى. بىزنىڭ بوكس كوماندىسىدىن قەھرىمان ئەركەكلەر چىقىدۇ، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ غورۇرى ئۈچۈن مۇشت ئاتىدۇ. ئەل-ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ خاراكتىرى قەھرىمانلارغا خاس بولىدۇ، بۇنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز چىمپىيۇن بولغاندىن كىيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نۇمۇس دەپ بىلىمىز. بىز ئۇ تاغدىن-بۇ تاغقا ۋېلىسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ،«خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك» دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز. ئابدۇراخمان بىر باھادىر ئوغلان، ئۇنىڭ غورۇرى خەلقنىڭ غورۇرى. بىز ئابدۇراخماننى چۈشىنىمىز، ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان نادانلارچە ساخاۋەتچىلىكلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز. ئابدۇراخماننىڭ دوستى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ئۆزى ئۈچۈن يىغلاپ يۈرگەن بايقۇشلارنى ئەمدى قالايمىقان جۆيلىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىمىز.



خاتىمە: ئەزىز قېرىنداشلار، بىز يۇقۇرىدا باشقىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە غورۇرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى نادانلىق بىلەن ئىپادىلەپ مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرغان كىشىلەرگە ئابدۇراخماننىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بايان قىلغان مۇراجىتىنى ئوقۇدۇق. بىزدە ياخشى كۆڭۈل بولسىلا ھېساب ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى زىيانغا ئۇچراتماي ياخشىلىق قىلىشنى بىلىدىغان پاراسەت بولىشى كېرەك. بولمىسا نادان ئېيىققا ئايلىنىپ قالىمىز. «نادان ئېيىق» مەسەلدە پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەننى سۇغىرىۋەتكەن بىر ئاق كۆڭۈل كىشىگە ياخشىلىق قىلماقچى بولغان ئېيىقنىڭ، شەپقەتچىسىنى ئۇخلاتماي بىئارام قىلغان چىۋىنلارنى قوغلىۋىتىمەن دەپ تاش ئېتىپ، شەپقەتچىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بىز كۆڭلۈم ياخشىتى دەپ كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى يېزىپ، بولىشىغا داۋراڭ سېلىپ باشقىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى زىيانغا ئۇچراتمايلى، بىر خالتا ئۇن، بىر قاپاق ماي، بىر تاختا چاينى نامراتلارغا بېرىش ئۈچۈن بىر توپ مۇخبىرنى ئەگەشتۈرۈپ بارىدىغان داۋراڭخور كىشىلەردەك ناچار ئەخلاقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلايلى. ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ غورۇرىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى. غورۇرنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئاسراشنى بىلىش بەكمۇ زۆرۈر، بەزىلەر غورۇرنى، ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى پۇل-بايلىق، ھوقوق-مەنسەپ دەپ قارايدۇ، بۇ بىزنىڭ غورۇر كىرزىسىگە پېتىپ قالغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. دانىشمەنلەر: غورۇر-ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما غورۇر-ۋىجدانى يوقلار ھەممە نەرسىنى يىۋىتىدۇ، دەپ ئېيتقان. بىز ئىنساننىڭ ئىززەت-غورۇرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ پۇل-بايلىق،ھوقۇق-مەنسەپ بىلەن غورۇر-ۋىجداننىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە غورۇر-ۋىجداننى ئەلا بىلەيلى.

2015- يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كېچىدە يىزىلىپ مىسرانىم تورىغا يوللاندى.
ئاپتۇرنىڭ تەلىپى بويىىچە مەنبە ۋە يازغۇچى قۇشۇپ يوللاندى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 01:06:09

ھەقىقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتكەن .
ھەممەيلەنگە سەبىر تىلەيمەن ، ئەلەكمولىللا .

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 01:16:20

ۋاقتىدا يېزىلغان، مۇھىم بىر چاقىرىق بولۇپتۇ. مەرھۇم چولپانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئ‍ىزھار قىلىش باناسىدا، بەزەن يازما سورۇنلىرىدا ئ‍ېغۋاغا ئ‍وخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەرمۇ يېزىلىپ ئ‍ۈلگۈرگەن ئ‍ىدى.   

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 03:21:12

شەخىس بىلەن مىللەت ئاتالغۇسىنى ئارلاشتۇرۇپ تەپەككۈر قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەيرانمەن.بىر شەخىس بىر مىللەتكە تۆھپە قوشالىشى مومكىن بىراق سايالام ئارقىلىق ۋەكىل بولمىسىلا بىرى مەڭگۈ مىللەتكە ۋەكىلى بولالمايدۇ.
شەخىسنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئوڭۇشسۇزلۇقلارنىمۇ مىللەتكە ئاتىپ قويىدىغان چاكىنىلىق نادانلىقنى مەنبە قىلىدۇ.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 05:02:13

نەچچە كۈننىڭ ياقى ئۈندىدارلاردا ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرگە بەك ئاچچىقىم كەلگەنتى. مەرھۈمنىڭ شۇنچە ئېسىل، مەرت، غۇرۇرلۇق ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلمىگەن بولساقكەن كاشكى.....
مەرھۇمنىڭ روھى قۇرۇنمامدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ دەيمەن.
كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، نومۇسسىز روھى كېسەللەر،

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 07:26:37

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 06:47 static/image/common/back.gif
لېكىن مەن يەنىلا ياردەم قىلىش تەرەپدارى . مۇمكىن بولسا  ...

يەنە ئوقۇڭ!

Kamiran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 07:46:30

گۈللۈگتىكى «ئابدۇراخمان ئابلىكىم ۋە راخمانىزم» دىگەن تىمىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا داۋراڭنى باشلىغان ئادەم مۇبالىغە قىلغىنىنى، ئەمىليەتنى بۇرمىلاپ كۆپتۈرگىنىنى ئېتراپ قىپتۇ.


«بىز ماقالە ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تراگىيە پىسخكىسىنى غىدىقلاپ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگەنسۇن دېدۇق. ئابدۇراھماننىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بەرسۇن دېدۇق. ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتتا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قوزغىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئازتولا موبالىغە كۆپتۈرۈشلەرگە يول قويۇلىدۇ .»

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 08:09:53

ھېلىقى بىچارە شاھزادە، مەلىكە، پادىشاھلار ( خان جەمەتى ) نىم دەيدىكىن؟

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 08:17:20

مىلەتنىڭ قەھرىمانىدا مىللەتنىڭ غورورى بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە كىرەك ئۇ بايقۇشلار

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 08:29:37

بۇلاردىن بىسۇراق ئاشۇنداق مۇراجەت نامىلەرنى يازغانلارنى سۇلۋەتسىمۇ بۇلدۇ  . ئاشۇنداق گۇيلانىڭ ياردەم قىلغان پۇلى تايىنلىق ھەقاچان .

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 08:30:09

Riwayetweb يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 08:17 static/image/common/back.gif
مىلەتنىڭ قەھرىمانىدا مىللەتنىڭ غورورى بولىدىغانلىقىن ...

ئۇ ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئۇنى بىلگۇچىلىكى بولسا ئۇنداق جويلىمەس ئىدى بەزىلەر بىر كۇنلەرگە بارغۇچە ئوڭشۇلۇپ كېتە

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 08:50:17

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 01:06 static/image/common/back.gif
ھەقىقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتكەن .
ھەممەيلەنگە سەبىر تىلە ...

ئەلھۆكمۇلىللاھ. توغرىسى مۇشۇنداقراق.  بارلىق ھۆكۈم ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ دېگەن مەنىدە.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 09:43:56

ئۇلار ئۆزىنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلدى خالاس.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 09:49:17

ئەقىللىق دۈشمەندىن نادان دوسىت يامان!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:12:02

بىز ئۇ تاغدىن-بۇ تاغقا ۋېلىسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ،«خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك» دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز.
ئابدۇشۈكۈر مىجىت سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ . بۇ كىشىلەر ھىچ بىزنى بېقىڭلار دەپ باقمىغاندۇ ھە . بۇلارنىڭمۇ غورىرى باردۇ ھە،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:12:17

بىز ئۇ تاغدىن-بۇ تاغقا ۋېلىسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ،«خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك» دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز.
ئابدۇشۈكۈر مىجىت سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ . بۇ كىشىلەر ھىچ بىزنى بېقىڭلار دەپ باقمىغاندۇ ھە . بۇلارنىڭمۇ غورىرى باردۇ ھە،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:12:28

بىز ئۇ تاغدىن-بۇ تاغقا ۋېلىسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ،«خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك» دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز.
ئابدۇشۈكۈر مىجىت سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ . بۇ كىشىلەر ھىچ بىزنى بېقىڭلار دەپ باقمىغاندۇ ھە . بۇلارنىڭمۇ غورىرى باردۇ ھە،

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:16:04

مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بايانلىرى تولىمۇ مەردانە بولۇپتۇ.
ئابدۇراھمان ئابلىكىم ئاكامنى ئۇيغۇرنىڭ غورۇرى دېيىشكە ھەققىم بار!

www يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:19:17

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:55:59

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 10:12 static/image/common/back.gif
ئابدۇشۈكۈر مىجىت سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ . بۇ كىشىلەر ھىچ بى ...

ئابدۇشۈكۈر توغرا دەپتۇ.  
ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بالىنىڭ دەردىدە يۈرىكى پۇچىلىنىپ تۇرسا، تەسەللىي بېرىش ئورنىغا، بالىسىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلسا، ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىگە قانچىلىك ئازار بولىدۇ.
بەت: [1] 2 3
: ئابدۇراخماننىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى