Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 13:06:51

[باچكا] ھېكىمەت سۆزلەيدىغان تىلەمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 13:12  

ئىككىنچى دوختۇرخانىدا، ھېكىمەت سۆزلەيدىغان تىلەمچى پەيدا بولۇپ قاپتۇ، «تىلەمچىدە گۇناھ يوق، خەلقتە گۇناھ» دەپ يۈرىدۇ.
قايتىپ ئۆتۈۋاتسام، يەنە ھېكىمەت سۆزلەۋېتىپتىكەن، كەينىدە ئون سىكونت تۇرۇپ ئاڭلىغىنىم مۇنداق: «ئاپتونوم رايونلۇق تىلەمچىلەر مەكتىۋى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، ئورنى يەنئەنلۇ شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ $- قەۋىتىدە، ياتاق- تاماق ھەقسىز..»

=======================
ئەلقىسسە، بۇ بىجىرىم ۋە كېرەكسىز ئىنسان يېزىشنى ئويلىغىنىمغا بەش يىلدىن ئاشقان، باھانە تاپالمايۋاتقان بۇ تېمىنى يېزىشىمغا باھانە بولدى.
بۇ بىجىرىم ۋە كېرەكسىز تىلەمچى ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئادرىس، پەخىرلىك كارخانىمىز قارلۇقنىڭ نەق ئادرىسى بولۇپ، ئۇ بۇنى مەڭگۈ بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن بىز بىلىمىز.
تىلەمچىلەرنىڭ تاكتىكىسى شۇنچىلىك كۆپكى، قارشى قۇتۇپتىكى كارخانىلارمۇ سودا تاكتىكىلىرىنى ئۇنداق ئاسان قوللىنالمايدۇ، ئەكسىچە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ نۇمۇس ۋە ۋىجدان كېرەك قىلمايدىغان، پارازىت قۇرت قىياپىتىدە، ساددا ئاقكۆڭۈللەرنى پاشىدەك چاقىدۇ.
پۇتتىكى قاداقنى ئېلىۋىتىش ئاسان، ئىسسىق سۇدا ئون بەش مىنۇت يۇمشىتىپ، ئىككى يۈەنگە بەش تال بېرىدىغان چاپلىمىنى چاپلاشنى ئۇقماي، نەچچە يىل باققانلارمۇ بولىدىغان..
لېكىن، ئۈنۈمسىز تارىخىمىزدىن قالغان، تىلەمچىلەردىن ئىبارەت بۇ قاداقنى ئېلىۋىتىش ئوخشاشلا ئەڭ ئاسان بولسىمۇ، تىلەمچىلەرنى يوقىتالمىغانغا قارىغاندا، بەك سەل قاراپتۇق.

ھېچكىم پۇتىدا قاداق بولۇشىنى، ياكى ئۆز گەدىنىدە بىر پاشا بېقىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. شۇڭا، تىلەمچىلەرنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى ئايرىش كېرەك. ئىنسان ماددىي بايلىق بولمىسا ياشىيالمايدۇ، بايلىقنى ھالال ئەجىر بىلەن تېپىش كېرەك. تىلەمچى ئادەم، مىللەتنىڭ پۇتىدىكى قاداق! ئۇنى يۇلۇپ ئېلىۋىتىش، قايتا ئۆسۈشىگە ئورۇن قالدۇرماسلىق كېرەك.

بۇرۇن، خېزىر ئاددىي ئادەم قىياپىتىدە بىرنىمە سورايدىكەندۇق، بەرمىگەنلەرگە ئاپەت كېلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، كىچىگىمىزدە ئىشەنگەنتۇق، تىلەمچىلەرلا ئويلاپ تاپالايدىغان بۇ تۆھمەتنىڭ ئەسلى قىياپىتى شۇكى، ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبىرى كىشىلەرنى تىلەمچىلىككە ئىلھاملاندۇرامدا؟! توۋا..
تىلەمچىلەرگە پۇل بېرىش، مىللەتنىڭ قىياپىتىگە نىسبەتەن، بىر ئېغىر خاتالىق! ئەكسىچە، مايلامچى، باققاللار مىڭ ياخشى، ئادەتتە مايلامچىلاردىن ئاشقان پۇلنى ئالمايمەن.
ئەمگەك قىلساق توپىمىز كۈچىيىدۇ، نۇرغۇن ئەرزان ئەمگەك كۈچى بەكلا لازىم، مىللەتنىڭ چەكلىك نوپوسى ئىچىدە، ئەمگەك كۈچى تەمىنلىمەيدىغان پارازىت قاداقلارنى چوقۇم ئاياغلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، تىلەمچىلەرنىڭ بالىلىرىنى، ئەمگەك قىلدۇرۇشقا مەجىبورلىشىمىز كېرەك.

مۇشۇ قېرى بىر ئەۋلات تىلەمچىلەر، بۇرۇن تاپقىنىنى يەپ ئۆلۈپ كەتسۇن!.. كېيىنكى بىر ئەۋلات تىلەمچىلەرنى كۆزىمىز كۆرمىسۇن!!

مەن ھەرگىز تىلەمچىگە پۇل بەرمەيمەن، ئەۋلادىمغىمۇ شۇنى ئۆگىتىمەن. ئۇيغۇرنىڭ تىلەمچىلىرى ئۆلۈپ تۈگىسۇن.
بىزگە ئەمگەك كۈچلىرى كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 13:10:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 13:12  

ھىكمەت سۆزلىمەيدىغان ھېچكىم قالمىدىمىكىن.
ھىكمەت ئەسەبىيلىكى بۇ!
ئىشېەكچىلەر تورىغا كىرسىڭىز شائىرلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۇ تىلەمچىدىن كۆپ دەرىجىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز.
ئاشۇ تىلەمچى قەلەم ھەققى ئالماي ھەقسىز ھىكمەت سۆزلەۋاتقان بولسا تولىمۇ مەرت ئادەمكەن جۇمۇ!

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 13:31:15

قارلۇقنىڭ ئادرېسى بىلەن بۇ تىلەمچىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باركەن چۈشىنەممىدىمغۇ:o
مېنىڭ نەزىرىمدە قارلۇق ئېسىل جاي، ھەقىقەتەنمۇ بىر مول مەزمۇنلۇق بىلىم ماكانى...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 13:44:51

سەدىقە خەيىر ئىھساننىمۇ توغرا جايىدا بىرىش بەكمۇ مۇھىم . ئانامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە بۇرۇن تىلەمچىلەر جاپاكەش ھالال تەر تۆكۈپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن باي ئىكەن. دېھقانلار يەرئاغدۇردىغانغا ئىشەك كالىلار يوق ،جاپادا يەر ئاغدۇرسا ، داندىن ھوسۇل ئالغاندا ، ئات ھارۋۇلىرى شۇنداق ئېسىل تىلەمچىلەر ئاشلىق تىلەيدىكەنتۇق .
بىر قىتىم بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەچ خوجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىۋاتاتتىم .بىر ئايال تىلەمچى تاماق يىگىلى ئاشخانىغا كىرىپ قالدى . ئاشخانا خوجايىنى ئۇ ئايال تىلەمچى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى . مەن كىچىك ئاشخانا ئاچقىنىم بىلەن ئاشۇ تىلەمچى ئايال مەندىن باي، مەن ئەسىلى بىلمەيتىم . مىنىڭ بىر تاغام بار ئىدى تۇغما ئەما ، قۇرئاننى يادىلىيالايتى ، بەشۋاخ نامازنى قازا قىلمايتى ، شۇ تاغامنى ئۆيلەپ قويۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى . مۇشۇ تىلەمچى ئايال (35-40 ياشلار ئەتراپىدىكى)نى ئويلىشىپ ،تاماققا كەلگەن بىر كۈنى ئېغىز ئاچتىم ، مىنىڭ بىر تاغام بار ،قەشقەر شەھرىنىڭ گۆش توڭلىتىش ئەتراپىدا ھويلا ئاراملىق ئۆيى بار ، كۆزى كۆرمەيدۇ، لىكىن قارى ، نامازخان ئادەم ، ماقۇل كۆرسىلىرى تاغام بىلەن تويلىرىنى قىلىپ قويساق، تاھارەتلىرىگە سۇ بىرىپ خۇدايىم پەرزەنت بەرسە ، بېقىپ ساۋاپ تاپاتتىلە،ئۆي ماللىرى سىلىگە قالاتتى دىسە ،ياق دەپ تۇرىۋاپتۇ . كىيىنچە ئاشخانىسىغا تاماققا كىرگەن تاكسى شوپۇرلىرىدىن ، ئۇ ئايال تىلەمچىنىڭ ئىككى تاكسى ماشىنىسىنىڭ بار ھۆددىگە بىرىلگەنلىكى
باي ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ھەيران قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەنمۇ تىلەمچىلەرگە پۇل بىرىشنى خالىمايمەن ، لىكىن توغرىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆشىرە زاكات،سەدىقە ،ئىھسانلىرىنى مەسچىت ۋاكالىتەن ئېغىر كىسەللەرگە، يىتىم يىسىر ئوقۇشسىز بالىلارغا يەتكۈزۈپ بەرسە بولاتتى .لىكىن ئۇ ئىشلار مۇمكىن بولمايدۇ .(تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە شۇنداق ئىكەن)دىيارىمىزدىكى مەسچىتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى قارا قوساق ، ئەمەلدارلار قارا قوساق بولغاچقا دىنى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى گەپ يىمەس ھاڭۋاقتى بولغاچ بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشماي .
باي بولمىسىمۇ خەيىر ئىھساننى ياردەمنى ئايىمايدىغان كىشلىرىمىزنىڭ ئىھسانلىرى جايىنى تاپالمايۋاتىدۇ .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 13:58:38

تىلەمچىگە پۇل بەرمەسلىكىنى بۇرۇن خوپ كۆرمەيتتىم. ئەمما تىلەمچىلەرنىڭ كەسىپلىشىۋالغانلىقى مېنىڭ بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتتى. ھېلىمۇ ھەقىقى مۇھتاج بىر نەرسە سوراپ قالسا، بەرمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
ھازىر نەزىرىمدىكى «كەسپى»لەرگە پۇل بەرمەي  ئۆتۈپ كېتىمەن، ئەمما ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ، «راستلىق ئالامىتى»بارلارغا يەنىلا پۇل بېرىپ ماڭىمەن.
ھەي ...ھەممە كىشى راستچىل بولغىنىدا بۇنداق ئارسالدىچىلىق بولۇپمۇ يۈرمەيتتى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 14:02:32

نۇرغۇنلار مۇسۇلمان دېگەن چوقۇم ئىچ ئاغرىتىشچان ،مېھرىبان بولۇشى كېرەك ....دەپ قاراپ كۆرگەنلا كىشىگە ئىمكانقەدەر بىر نېمە بېرىپ مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مەن مۇسۇلمان كىشىنىڭ - چېچەن ، سەزگۈر ، ئالدانماس بولىشىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىمەن. مىھرىبان بولۇشنى مۇسۇلمانلىق دەرىخىنىڭ بىر مۇھىم شېخى دېسەك ، چېچەن ۋە ئاقىل ،ئالدانماس بولۇشنى ھەم ئۇ شاختىن قېلىشماس بىر شاخ دەپ بىلىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:09:13

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 13:31 static/image/common/back.gif
قارلۇقنىڭ ئادرېسى بىلەن بۇ تىلەمچىنىڭ قانداق مۇناسىۋى ...

شۇنداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ تىلەمچى شۇنداق سۆزلەپ مىللەتنى ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ!!

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:20:52

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:24:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 16:36  

نەچچە يىل بۇرۇن، چوڭلىرىمىزدىن بىرى، تىلەمچىلەر توغرىسىدا مۇنداقراق دېدى: «بەزىلەر راست تىلەمچىلەرنى دوراپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا...» ئۇنىڭ قارىشىچە، راست تىلەمچى بولسا بېرىش توغرىمىش!  ئۇ نوپوزلۇق ئادەم مېنى بەكلام ئۈمىدسىزلەندۈردى.
غۇۋا ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ سۆزى تېلېۋىزىيىدە چىققان.

مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى، يېقىنلىرىنىڭ دادىسىنى يېنىغا ئېلىپ كېلىۋېلىش تەكلىپىگە، شۇنداق بىر ئۇھ بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ: «بۇ شەھەرگە ئەكىلىۋالاي ديمەن، لېكىن بەكلا يۈزۈمنى چۈشۈرىدۇ...، بىنا ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ، ھەممە نەرسىسىنى تەل قىلىپ بېرىپ باقتۇق،.. خۇمارى تۇتۇپ، يەنە تىلەمچىلىك قىلىدۇ،.. ھېچنىمىسى كەم ئەمەس..» . مەن بۇنى ھەرگىز توقۇمىدىم، ئۆز قۇلىقىم بىلەن، يېقىنلاردىن ئاڭلىدىم. شۇنداق بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولۇۋاتقان ئادەمگە، دادىسىنىڭ كونا كەسىپ خۇمارىنى تاشلىماسلىقى زور بىر ئاھانەت ئەمەسمۇ؟ ھەممىلا تىلەمچىنىڭ بالىسى شۇ كىشىدەك تىلەمچىلىك كەسپىدىن يىرگىنىپ ئايرىلسا نمىدىگەن ياخشى، بىر ئىدارىگە باشلىق بولۇپ ئۆستۈرۈلگۈدەك تىرىشىپ، ئۆز تەقدىرىنى، غورورىنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بارىكاللا! ئۇ كىشىگە دادىسىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز، ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، ئۇ شۇنى ئۈمىد قىلدۇ.

مەن دەيمەن، تىلەمچى بولسا، يانچۇقىمىزغا كىرىۋالغان يىرگىنىچلىك سېسىق قۇرت! نېمىشقا ئۇنى تۈرگە ئايرىپ يۈرىمىز؟ تاشلىۋېتىپ قۇتۇلمايمىز؟

مىھىر- شەپقەتنى تىلەمچىگە قىلمايلى بۇرادەرلەر، ئون تىلەمچىدىن ساقلاپ قالغان ئون يۈەنگە، ھارىۋىنى ئۆزى ئىتىرىپ ماڭغان باققالغا سودا قىلايلى، ئۈچ تىلەمچىدىن ساقلاپ قالغان ئۈچ يۈەنگە، ئاياغ مايلاپ پۇل تېپىۋاتقان ھەقىقىي غورورلۇق بالىلارغا سودا قىلايلى!
كوچىدا ئاياغ مايلامسىز؟ ئاجايىپ جۈرئەت ۋە موھتاجلىق كېتىدىغان ئىش بۇ (ئەلىي مۇئەللىمنىڭ ئايرىم سەۋەبى بار)، شۇئاياغ مايلاشقا ئولتۇرغان ئەزىزلەرنىڭ ئالدىدا ئىككى مىنۇت ئولتۇرسىىڭىز، ئۇلارغا كېرىكى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قوش قۇتۇلدۇرىسىز.
ھەر قانداق تىلەمچىلەرگە، پۇل بەرمەسلىكنى بالىلىرىمىزغا ئۆگىتەيلى، تىلەمچىگە ئىچ ئاغرىتىش- زور خاتالىق، تىلەمچىگە پۇل بەرمەسلىك- ئىنتايىن مۇھىم توغرا تاللاش.
ئايرودروم يېنىدىكى قۇمۇش كۆل مەھەللىدە (ئۆزلىرى بۇ كونا نامنى ئىشلەتمەي، نەدىكى ماتاق كەلمەيدىغان سۆز بىلەن ئاتاپ يۈرىشىدۇ)، بىر نەچچە باشلانغۇچتىكى كىچىك دوستۇم ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا مۇنداق ئىشنى دەپ بەرگەن: ئۈچىنىڭ ھېيىتلىق پۇللىرى 600~900 يۈەن بولۇپتۇ، كېتىۋاتسا، يات مىللەتتىن بىر بىچارە يول تۈۋىدە ئولتۇرغۇدەك، ئۇچىسى ئۇنىڭغا 100~200 يۈەندىن پۇل بېرىپتۇ، ئىچى ئاغرىپ...... توۋا! ئاتا- ئانىسى بىر- ئىككى كۈن توختىماي مىدىرلاپ تاپقان پۇلنى، «تىلەمچىگە پۇل بېرىش كېرەك» دەيدىغان خاتا تەربىيە تەسىرىدە، ئەجىرسىز بىر ئادەمگە، ئۈچ سىكونت ئىچىدە بېرىۋېتىپ، ئەمگەك مىۋىسىنى قوغداشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا قىپتۇ.

«تىلەمچىدە گۇناھ يوق، خەلقتە گۇناھ»، چۈنكى بىز ئۇلارنى مەڭگۈلۈك تىلەمچى قىلدۇق، بالىلىرىنىمۇ تىلەمچىلىككە ئۆگەتتۇق. قايسىڭلار ئۆز بالاڭلارنى كوچىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىككە سېلىشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ شۇنداق، نېمىشقا بالاڭلارنى نېمىشقا تىلەمچىلىككە سالمايسىلەر؟
شۇڭا، خەقنىڭ بالىسىنىمۇ تىلەمچىلىككە سېلىشقا، موچەنلىرىڭلار بىلەن سەۋەپ بولماڭلار، تىلەمچىگە پۇل بېرىش- زور گۇناھ!




halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:30:38

   تىلەمچى توغرىسىدا بۇنچىۋالا قايناشنىڭ ھاجىتى يوق ، تىلەمچى ھەممە رايون، ھەممە مىللەتتە ئاز تولىدىن بار، پەقەت شۇ جاينىڭ سىياسىتى، جۇغراپىيىلىك ئورنى،ئىقتىسادى ئەھۋالى،  مەدەنىيەت-ساپاسى قاتارلىقلار سەۋەبلىك ئاز-كۆپلۈكى ئوخشىمايدۇ، تىلەمچىنىڭ خاتالىقى ئەجىرسىز مال-دۇنياغا ئېرىشىش، لېكىن بۇنداقلارنى دەپ كەلسەك تولا، بەزلەر بۇلاپ ئېلىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئالداپ ئېلىۋاتىدۇ، ئىشقىلىپ ئېلىۋاتىدۇ، تىلەمچى پەقەت بەرگىنىمىزنى ئېلىۋاتىدۇ، يەنە بىرگە نېمىشقا تىلەمچىلەر ئاۋۇپ كېتىدۇ دېگەندە ؟  ھازېرقى ۋەزىيەتتە باشقا ئىش قىلىپ جان باقماق ھەقىقەتەن تەسلىشىپ كەتتى ، بولمىسا تىلەمچىلىكمۇ ئاسان ئىش ئەمەس .

تىلەمچىگە بىر نەرسە بەرمەسلىككە كەلسەك، ئەسلى بىرىنچى خاتالىق ئۆزىمىزدە ، زامانىۋىي مەدەنىيەتلەر ۋە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلار،شەھەرلىشىش تەسىرىدە، بۇرۇنقى جامائەتچىلىك ۋە مەھەلە ئۇقۇمى بار-بارا رولىنى يوقۇتۇپ، كىشى بىلەن كىشىنىڭ كارى يوق بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئامالسىز قېلىپ، سىرىتقا چىقىپ تىلەشكە مەجبۇر بولدى، كېيىنچە راس بىلەن يالغان ئارلىشىپ ھازىرقى ھالەت شەكىللەندى،  تىلەمچىلەرنى ئازلىسۇن دېسەك ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم قىلىپ تۇرساق، ئاندىن تونۇمايدىغانلارغا قەتئى بىر نەرسە بەرمىسەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىلەمچىلەر ئۆز يۇرتىغا، ئۆز مەھەلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، راست-يالغىنى ئايرىلىدۇ .

     

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:43:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 16:56  

مەن يەنە چۈشەندۈرەي، ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن، ھورۇنجان پۇل تېپىشنى بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇنى بېكاردىنلا چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلساڭ بولمايدۇ، بىرەر ئىشنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇنىڭغا «ماۋۇ ئىشقا ئادەم لازىم بولۇپ قالدى، ساڭا ئەللىك (ياكى يۈز ) سوم ئىش ھەققى بېرەي» دېگىن.. «ياق، مەن ئىشىڭنى قىلمايمەن، پۇللا بەر..» دەيدىغان پوزىتسىيىدىكىلەرگە، ئەڭ توغرا پوزىتسىيە شۇكى، ئۇ ئىش قىلمىسا ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كەتسۇن!
تىلەمچىنىڭ راست- يالغىنىنى ئايرىمايلى بۇرادەرلەر، تىلەمچىلىك قىلغان ھەر قانغىقىغا باغرىمىزنى قاتتىق قىلايلى..

مەن ھازىر تىلەمچىلەرگە شۇنداق ياردەم قىلىۋتىمەنكى! ئۇلارغا ھېچنىمە بەرمەيمەن، ئۇلارنى ئىنسانىيەتتىكى بۇ پەسكەش قىلىقتىن شۇنداق ئادا-جۇدا قىلىمەن.
ئەمگەك تەمىنلىگەن ھەر قانداق ئادەمنى ھۆرمەتلەيمەن، ھەم،  ئۇلارغا بۇرۇن قىلىپ كېلىۋاتقىنمدەك، قاراتمىلىق ھالدا ئەمگەك قىلىش پۇسىتى بېرىش ئارقىلىق، تېگىشلىك ھەق بېرىمەن.


100% ئۇيغۇر، ئەتىدىن باشلاپ، «ئاللا رەھمەت قىلسۇن..» نى ھاقارەت قىلىۋاتقان بارلىق تىلەمچىگە، پۇل بېرىشنى مەڭگۆلۈك توختاتسا، ئىشىنىمەنكى، نېمە ئالىمەن دېسەڭ شۇ بار، تەرتىپلىك بۇ جاھاندا، تىلەمچىلەر چوقۇم باشقا ئىش قىلىشقا ئۆتىدۇ.

بىزمۇ «ئاللا رەھمەت قىلسۇن» نى ھاقارەت قىلمايلى، تىلەمچى ياسىمايلى..

قىيىنچىلىقى بارلارغا ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلىرى بار، خەلق ئىشلار ئىدارىسى بار، ئۇلارنىڭ غورورى ئۇلارنى كوچىغا چىقارمايدۇ. ھازىر سىياسەتمۇ ياخشى، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا ئەزا بولسا، ئاتچوتنىڭ يوقىرى چېكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىغۇ دەيمەن.

self يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:44:44

مىنىڭچە بۇ تىلەمچى بىلمەيلا قارلۇقنىڭ ئادرېسىنى دىگەن گەپ ، ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ دىگەن بولسا چىرايلىق پاراڭ قىپ بىرەتتىم

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:53:41

self يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 16:44 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە بۇ تىلەمچى بىلمەيلا قارلۇقنىڭ ئادرېسىنى دىگەن ...

بۇ كېرەكسىز ئىقلىمدىكىلەر قارلۇقنىڭ ئادرىسىنى نەدىن بىلەتتى، شەرەپسىزلەر جۆيلۈپ، شۇڭا قايناپ قالدىم. بۇ كېرەكسىزلەر غولداپ كەتمەسلىكى كېرەك.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:36:28

باچكا ئەپەندىم قايناپ قاپسىزغۇ:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:43:12

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 20:03:52

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 17:36 static/image/common/back.gif
باچكا ئەپەندىم قايناپ قاپسىزغۇ

شۇ، تىلەمچىلەر بىز پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەس، ئەكسىچە، دۆڭكۆۋرۈكنىڭ چىرايىدىكى بىر مەينەتچىلىك، بۇنى ئۈزۈل- كېسىل يۇيۇش كېرەك، ئالقانچىلىك بۇ يەرگە، چەتئەللىكلەرمۇ كېلىدۇ، بىزگىمۇ بىئارامچىلىق. بۇرۇنلا بىر چىشلەپ تارتقۇم بار ئىدى ئۇلارنى..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 20:05:40

rfst يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 16:20 static/image/common/back.gif
بىر قېتىم ئىككى تىلەمچى بوۋايلارنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا  ...

مانا، ئۇلارنىڭ كىرىمى بىزدىن قىلىشمايدۇ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 20:23:32

ئىنتايىن توغرا.
بولۇپمۇ، نارەسىدە، كېسەلچان بالىسىنى ھارۋىغا سېلىپ ياكى داق يەرگە ياتقۇزۇپ، تىلەمچىلىكىگە ۋاستە قىلىۋاتقانلارغا قاتتىق غەزىپىم كېلىدۇ. تىلەمچىلىكىگە تەڭرىنى شېرىك قىلىشلىرىدىن سەسكىنىمەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 20:48:41

بىر يەرلەردىن « ئامېرىكىدىكى تىلەمچىلەر ئاساسەن بەش ئەزايى ساق، بېجىرىم كىشىلەر، ئۇلار ھۇرۇن بولغاچقا ئىشلەشنى خالىماي تىلەمچىلىك قىلىدۇ. ئەمما، تىلەمچىلەر قاتارىدا مېيىپلار ياكى ئىشلەش كۈچى يوقلار يوق، چۈنكى ئۇلارغا ھۆكۈمەت قارايدۇ.» دەپ ئوقۇغاندەك ئېسىمدە.

مەن تىلەمچىلەرنىڭ بولۇشىغا قارشى ئەمەس، دائىم «ئۇيغۇرلاردا تىلەمچى، ئوغرى كۆپ» دەپ غاجايدىغان قازاق قېرىنداشلارغا مېيىقىمدا كۆلۈپ قۇيىمەن، قازاقلارنىڭ ئېيتىشىچە دۇنيادا تىلەمچىسى يوق مىللەتنىڭ بىرى يەھۇدى، بىرى قازاقلارمىش. تولىمۇ ئەپسۇسكى، 2011-يىلى قىشتا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بىر قازاق تىلەمچى مەندىن پۇل سورىغان ۋەقەلىكنى قازاق تورداشلارغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇلار ئىشەنمىگەنتى، راست شۇنداق بولسا قانداق قېلىسەن دېگەن سۇئالىمغا، بىر بولسا ئۇلار قازاق بولىۋالغان بىرى(ئۇيغۇر دېمەكچى ئەسلىدە)، ھەقىقەتەن قازاق بولغان تەقدىردە ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز دېگەنىدى.  ھەر مىللەتتە ئاجىزلار بار، شۇڭا بىزدە تىلەمچىلەر، ئوغرىلار، يانچۇقچىلار بولسا ھازىر نۇمۇس قىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما، تىلەمچىلەرنىڭ ئىچىدە ساختىپەزلەر، ھەتتا تىلەمچىلىكنىى كەسىپ قىلىۋالغانلارمۇ بار تۇرسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئەسلى،  مېيىپ-ئاغرىق تىلەمچىلەرنى باقىدىغان ئۇرۇن ياكى ئىگە بولىدىغان ئورگان بولىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارمۇ ۋەتەننىڭ بىر پۇقراسىدە. لېكىن ھېلىقىدەك بەش ئەزايى بېجىرىم تىلەمچىلەرنىچۇ؟ ھېلىقىدەك يالغاندىن ئۇكۇل ئېسىۋالىدىغان، يالغاندىن ئەما بۇلىدىغان تىلەمچىلەرنىچۇ؟ باي بوپ كەتكەن تىلەمچىلەرنىچۇ؟ ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەككىن...

ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرى تىلەمچى بېسىپ كېتىپتۇ، ھەممىلا يەردە كىچىك بالىلار، ھەممىلا يەردە بالىسى بار ئانىلار، كۆپىنچىسىنى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار دېيىشىدۇ، شۇنداق سوغۇق قىشلاردا يالاڭئاياغ يۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭ يىراق يەرلىرىدە ئۇلارنى كۈزىتىپ تۇرغان ئاتىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ھازىر كىچىك بالىلارنى كۆرسەم قولۇم يانچۇقىمغا بارماس بولدى، ئەمما، يېشى چوڭ ئاپاشلارنى، ئالدىغا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان كىچىك تارازا قۇيۇۋالغان داداشلارنى كۆرسەم ئاتىغىنىمنى بېرىپ كېتىدىغان بولدۇم، لېكىن، پۇل بېرىش قېتىم سانىم بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى، يانچۇقتا پۇل بولمىسا مەندە نېمە ئامال.

تىلەمچىلەرگە پۇل بەرسەڭ گۇناھلىرىڭنى يۇيۇۋېتىدۇ دەيدىغان رەھمەتلىك چوڭ ئاپام، ھازىرغىچە قانچىلىك گۇناھىم يۇيۇلغاندۇ بىلمىدىم، ئەمما، يانچۇقۇمدا پۇلۇم بولسىلا ئاجىزلارغا پۇل بېرىپ ماڭغۇسىمەن...

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 21:29:30

باشقىلارغا زىيادە غەمخورلۇق قىلىش رودىپايلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ... دەپتىكەن بىر مۇتەپەككۇر
بەت: [1] 2 3
: [باچكا] ھېكىمەت سۆزلەيدىغان تىلەمچى