koktash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 10:40:08

动车 نى زادى نېمە دەپ ئاتىساق بولۇر؟ ئاۋاز بېرىڭ

动车 دىيارىمىزغا كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە،  ھەر قايسى مەتبۇئاتلار ۋە ئورگانلار بۇنى ھەرخىل تەرجىمە قىلىپ ئاتاپ كەلدى. مەسىلەن: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئوسى «چاقماق پويىز»،خەلق تورى «ئېلېكتروۋۇز»، شىنجاڭ گېزىتى «چاتما دىۋىگاتىللىق پويىز»، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى «دىۋىگاتىللىق پويىز»، تىل- يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى «تېزپويىز» ۋە «دىنامىك پويىز» دەپ ئاتىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنلا، 动车نى نېمە دەپ ئاتاش توغرىلىق نۇرغۇن بەس- مۇنازىرىلەر بولۇپ، ئاخىرى تىلشۇناسلارنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق، «تېز پويىز» دەپ ئاتاشقا كېلىپ توختاي دەپ قالدى.ئەلۋەتتە،بۇنداق بىرلىككە كېلىش بىر ياخشى ئىش، لېكىن بۇ «تېز پويىز» كەلىمىسى خەنزۇتىلىدىكى 快车بىلەن ئورۇن تالىشىپ قېلىپ، بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «ئۇ بۈگۈن تېزپويىزغا ئولتۇرۇپ كېلىدۇ» دېسە،动车غا ئولتۇرۇپ كەلدى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ، ياكى 快车غىمۇ؟
ھازىر ئۇيغۇرتىلىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. ئۇنداقتا جۈملەئارىسىدىكى «تېز پويىز » دېگەن ئىبارىنى 快车 دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەكمۇ ياكى 动车دېيىشمۇ؟
بىرلىككە كەلتۈردۇق دېگەن بىلەن، «تېز پويىز»ئىبارىسىنىڭ ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
ئەگەر تەرجىمان ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەي، 快车 نى 动车 دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويسا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگەئېلىپ، جەرىمانە تۆلەش ئېھتىماللىقى كۆرىلىدۇ. لېكىن «تېز پويىز» دەپ بېكىتكەن تىلشۇناسلار ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەن ئۆزەم بىر تەرجىمان بولغانىقىم ئۈچۈن، بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. شۇڭا مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
شۇڭا، بۇنداق مەنە تالشىپ قالىدىغان «تېز پويىز»سۆزىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تىلشۇناسقا ئاسان، تەرجىمانغا خەتەرلىك، ئاۋام خەلقكەمۇجىمەل بولۇپ قالىدۇ.
بەلكىم بەزى تىلشۇناسلار "كونتېكىستكە قاراپتەرجىمە قىلىش"نى تەكىتلىشى مۇمكىن، لېكىن بەزىدە كونتېكىستكە قاراش مۇمكىنبولمىغان جۈملىلەر تەرجىماننىڭ قولىغا كېلىپ قالىدۇ. مەسىلەن: «تېز پويىزغابۇياقتىن چىقىڭ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى خەنزۇچىغا قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟
从这里乘坐快车
ياكى
从这里乘坐动车
ھازىر ئېنتېرنېت دەۋرى بولغاچقا، كۆپىنچەتەرجىمانلار ئاپتور ياكى خەت ئىگىسى بىلەن يۈز كۆرۈشمىگە ئەھۋال ئاستىدا، ئارىدىكىۋاكالەتچى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تەرجىمە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا، «تېز پويىز»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
شۇڭا، تەكلىۋىم شۇكى، بۇنىڭغا چوقۇم باشقىچە ئىسىم قويۇش كېرەك.

خەنزۇچە ۋە ئېنگلىز تىللىرىدا، ئۇزۇن ئاتالغۇلارنى قىسقارتىپ سۆز ياسايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. خەنزۇ تىلىنى دېمەيلا تۇرايلى(چۈنكى بۇ ھەممەيلەنگە ئايان)، ئېنگلىز تىلىدىكى kidult سۆزى kid+adult (بالا+قۇرامىغا يەتكەنلەر) نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان، بۇلارچوڭ بولۇپ قېلىپمۇ، ياش بالىلاردەك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان ياشانغانلارغا قارىتىلىدۇ.يەنە motel سۆزى motor+hotel (مېھمانخانا+ئاپتوموبىل)نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن، بۇلار ئاساسەنئاپتوموبىل توختالغۇسى بار مېھمانخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ مۇشۇنداققىسقارتىلغان سۆزلەر بار. مەسىلەن: كومپارتىيە (كوممۇنىستىك پارتىيە)، پارتىكوم(پارتىيە ياچىيكا كومىتېتى) دېگەندەكلەر. بۇ يەردىكى ئىككى «كوم» نىڭ كېلىشمەنبەسى ۋە مەنىسى ئوخشىمايدۇ. بىرسى «كوممىنىست» سۆزىدىن،  يەنە بىرسى «كومىتېت» سۆزىدىن قسىقارغان.
بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئاۋۋال، يەنە «تىلكوم» (تىل-يېزىق كومىتېتى)، يۇمتال (يۇمشاق دېتال) دېگەندەك قىسقارتىلغان سۆزلەر ياسىلىپقالدى. لېكىن بۇ سۆزلەرنى رەسمىي ھۆكۈمەت يېزىقىدا ئىشلەتمىگەن، ھەتتا تىلشۇناسلارئېتراپ قىلمىغان بولسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە ئاممىباپلىققا ئىگە بولۇپ قالدى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى بۇنداق قىسقارتىشنىڭ قانۇنىيىتىئېنىق ئەمەس، شۇڭا تىلشۇناسلارمۇ ئالدىراپ بىر نەرسە دېمەيۋاتىدۇ. قانۇنىيەتچىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم يېتەرلىك سۆز مىسالى بولۇشى كېرەك. ئاران  4 تال سۆزگە ئاساسلىنىپ بىرەر قانۇنىيەتچىقىرىش ھەقىقەتەن تەس.

ئەمدى 动车نىڭ گېپىگەقايتىپ كەلسەك، بۇ سۆزنىمۇ يۇقارقىدەك قىسقارتىپ ئېيتىش مۇمكىن.
بەزىلەر بۇنى توك پويىزدەپ باقتى، «تېز پويىز» سۆزىنىڭ بېشىدىمۇ «ت» ھەرىپى بار، شۇڭا «ت» ھەرىپىنى باشقىلىپ، «تويىز» ياكى «ت- پويىز» دېگەن سۆزنى چىقىرىش مۇمكىن. بۇ يەردىكى «ت» توكۋە تېز دېگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە كېلىپ تۆمۈريولنى تۆت توختاپتاماملايدىغان توكلۇق تېز پويىز دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇلار ھەممىسى «ت» ھەرىپىدىنباشلانغان سۆزلەردۇر (بۇ پەقەت سۆز ئويۇنى خالاس). بۇ پويىز دىيارىمىز تەۋەسىدەقۇمۇل- پىچان- تۇرپان- ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت 4 بېكەتتە توختايدۇ. ئەلۋەتتە، كېيىنچەباشقا يەرلەرگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن.

لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكىمەقسىتىمىز- مەيلى قانداق سۆز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «تېز پويىز» ئاتالغۇسىدىنباشقا، ئىخچام بىر ئاتالغۇنى بارلىققا كەلتۈرۈش.  بىر ئائىلىدە بىر بوۋاق تۇغۇلسا، دادىسى «ئەمەت»دەپ ئىسىم قويسا بۇندىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئىسمى «ئەمەت» بولىدۇ، «مەممەت» دەپ قويسا بۇندىنكېيىن «مەممەت» بولىدۇ. ئىش شۇنچىلىك ئاددى. گەپ ئىخچام بىر ئىسىم قويۇشتىنئىبارەت. 20- 30 يىل ئاۋۋال، 动车 دېسە مۇتلەق كۆپ خەنزۇ ئاممىسى تەسەۋۇر قىلالماسلىقى، ھەتتا خاتائويلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئاشۇ پويىزنى ھۆكۈمەت ياساپ، بېشىغا 动车 دېگەن قالپاقنى كەيدۈرىۋىدى، مانا ھازىر پۈتۈن جۇڭگو بىلىدىغانبولۇپ كەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇپويىزنىڭ سىرتقى شەكلى تاپانچا ئوقىغا ئوخشاپ كەتكەچكە، «ئوق پويىز» دېسىمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭئۈستىگە، بۇ پويىز ئوقتەك تېز ماڭىدۇ. (ئەلۋەتتە، ئوقنىڭ سۈرئىتىگە يېتەلمەيدۇ)

高铁نى تۆمۈريولغا ماس ھالدا تۆمۈرئىز= تۆمۈرىز دەپ ئاتاشمۇمكىن. چۈنكى «يول»  بىلەن «ئىز» ھەمئوخشىشىدۇ ھەم پەرقلىنىدۇ. ئىز يولغا قارىغاندا تۈزىرەك بولىدۇ. بۇ 高铁 نىڭ تۆمۈريولغا قارىغاندا تۈزلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئەگەر «تۆمۈرىز»نىبولمايدۇ دېسەك، «ت- تۆمۈريول» دېسىمۇ بولىدۇ. بۇ ت- پويىزغا ماس كېلىدۇ. يەنەكېلىپ،高铁مۇتۆمۈريولنىڭ بىر خىلى ھېساپلىنىدۇ، پەقەت ئۈستىدە ماڭىدىغان پويىزنىڭ سۈرئىتى ۋەئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ.

بۇ高铁 نى دېمەي تۇرايلى، ئالدى بىلەن动车نى نېمە دەپئاتاش ھەققىدە بۇ يەردە ئۈچ نامزات سۆز بار، تۆتىنچى نامزات سىزنىڭ باشقىچە پىكىرىڭىز، 4-سىنى تاللىسىڭىز، چوقۇم ئىنكاس شەكلىدە ئۆز پىكىرىڭىزنىيېزىپ قويۇڭ، ياخشى پىكىرلەر پىنھان قالمىسۇن (لېكىن سۆز ئىخچام بولسۇن):
1.       تويىز
2.       ت- پويىز
3.       ئوق پويىز
4.       باشقىچەپىكىرىم بار

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:09:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 17:13  

ھەي، بۇ بىر تەس گەپ بولدى. مەن ئەسلى ئالاھىدىلىك بويىچە، ھەر بىر ۋاگوننىڭ چاقىدا توك ماتور بار بۇ سەككىز ۋاگونلۇق پويىزنى، ئۆز تىلىمغا راۋان قىلىپ، توك پويىز، تېز توك پويىز دەۋاتىمەن.

لېكىن، ئۇنىڭ خەنچە نامى ۋە بېلەت نومۇرىنىڭ باش ھەرپى D غا ماسلاشتۇرۇپ، تۆمۈر يول تەرەپنىڭ «دىنامىكىلىق پويىز» دپ ئەپتۇ، بۇ پويىز قوزغالغاندا رادىيوسى شۇنداق سۆزلەيدۇ.

ھازىر، تۆمۈر يول سىستېمىسىغا ئەگىشىپ «دىنامىكىلىق پويىز» دېسەك تخى، توكقا تاينىپ سىكونتىغا ئەللىك مېتىر ماڭغىنىغا ئاساسەن، تېز توك پويىز دېسەك تېخى..


مەن تېز توك پويىز، تېز پويىز، توك پويىز دېگەن ئۈچى بويىچە خېلى ئۇزۇنغىچە ئاتاپ قالىمەن..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:11:44

بۇ ئاتالغۇ، ھەر خىل ئەھۋاللاردا ئوقۇشماسلىق پەيدا قىلماسلىقى كېرەكچۇ، شۇڭا، بىلەت تاشلاشنىڭ 2- سىنى قوللانماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن، سەۋەبىم، بۇرۇنقى تېز پويىزنىڭ بېلىتى T دىن باشلىنىدۇ. (بۇرۇنقى 特快)

mux يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:35:10

مەنمۇ توك پويىز دەۋاتىمەن

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 17:47:32

توك پويىز دېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك جۇمۇ.
摩托车-موتوسىكىلىت
电动车- توكسىكىلىت
动车-تويىز

يەنىلا توك پويىز دېسەك بولغۇدەك ھە.{:90:}{:90:}

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 19:06:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 19:10  

مەنچە شاتۇرپويىز ياكى شاتۇروۋىز . ئىتتىك پويىز،چاققان پويىز دەپ مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ئالماشتۇرۇپ قويسىا بولىدىغۇ ، قىسقارتىمەن دېمەي ، تېز بىلەن توك دىگەن گەپنى ئىشلىتىپ بولغان بولسا.ئەسلى پويىز دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىغىلى بولىدۇ .مەسىلەن ئۇزۇنەك يەنى ئۇزۇن+ئەك=ئۇزۇنەك . ئۇزۇن بىر نەرسە دېگەندەك مەنالار چىقىدۇ

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 19:08:04

يەنە بىرسى ئىسىمگە كەلدى. شۇڭپويىز يەنى شۇڭڭىدە ماڭىدىغان پويىز دېگەندەك گەپ بولىدۇ

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 21:22:00

بۇ توغرىسىدا  ئالىم ئەھەت بىلوگىدا پىكىر ئېلىنغان.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 23:03:06

توك پويىز

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 23:11:08

ئوق پويىز دىگەن ئاتالغۇغا بېلەت تاشلاپ قويدۇم.

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 00:05:03

ئاتالغۇ دىگەن قىسقا يىقىملىق چىقىشى كىرەك.خۇددى بۇرۇن كىملىكنى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەپ پويىزدەك ئۇزۇن ئىسىم قويىۋىلىپ كېيىن تۈركلەردىن كىمىلىك دىگەن ئاتالغۇنى ئىمپۇرت قىلغاندەكلا ئىش.
مىنىڭچە بولسا تېما ئىگىسى ئوتتۇرىغا قويغان تويىز دىگەنمۇ بىر ئوبدان ئاتالغۇ بوپتۇ.نىمە ئۇ توك پويىز،ئوق پويىز دىگەن.ئاتالغۇ قانچە قىسقا يىقىشلىق بولسا شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ. ئاۋۇ دىنامىكىلىق پويىز دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قۇسقۇم كەلدى.ھەبىسسىمىزگە ئاتالغۇنىڭ ھەممىنى خەنزۇچىدىن،ئىنگىلىزچىدىن سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش پەرز بولمىغاندىن كېيىن يىڭىچە ئاتاپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 06:56:41

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 09:54:29

دوڭ چې
گاۋ تىې
:lol نىمە دىگەن ئاددى، مۇشۇنى ئىشلىتەيلىلا  . يېڭى سۆز ياسايمەن دەپ  ئاۋارە بولغۇچە .
تىلكوم ئومۇملاشتۇرۇپ  بىر ئوبدان ئىشلىتىۋاتمامدا ئاينا .

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:58:32

لەيلەپ يۈرگۈ
لەيلەم پويىز ...
دەپ باقتىم  ئۆزەمچە ، مازاق قىلماڭلار ھە !

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:32:01

ئوق پويىز ماس كېلىدىغاندەك، بىراق 高铁 غىمۇ بۇ ئىسىم ماس كەپ قالىدۇ ، مېنىڭچە تۈركچە ئاتىلىشىغا قاراپ باقساق، دىتىمىزغا ياقسا كىملىك ئاتالغۇسىدەك سىڭىپ كېتىدۇ…

peleck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:30:03

高铁     تىز پويىز

High speed rail
Высокоскоростная железная дорога
Yüksek hızlı tren
السكك الحديديە عاليە السر
راه آهن سرعت بالا
Hochgeschwindigkeits-Eisenbahn
Grande vitesse ferroviaire



ماشىنا تەرجىمىدىن پايدىلىنىپ سىلىشتۇرۇپ باقتىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 15:03:02

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 10:58 static/image/common/back.gif
لەيلەپ يۈرگۈ
لەيلەم پويىز ...
دەپ باقتىم  ئۆزەمچە ، مازا ...

بۇ بولىدىكەن، ئېلىپ قويۇڭ، ئون يىلدىن كېيىن، چاقى يوق پويىزغا ئىشلىتىمىز، لەيلەم پويىزىڭىز ھازىرچە ياپۇنلارنىڭ تەجرىبىخانىسىدا. ماگېنت كۈچىدە لەيلەپ، تېز، سىلكىنمەي ماڭىدۇ.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 15:20:42

بىز يېڭى چىققان نەرسىلەرگە ئىسىم قويدىغانغا  تىلكومدىكى  كىشىلەرگە قاراپ تۇرساق بولمايدىكەن. شۇڭا جەمىيەتتتكى تىلشۇناس دوستلار ۋە كوللىكتىپقا تاينىشىمىز كېرەك. خەنزۇلارنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق يېڭى چىققان نەرسىلەرگە ئىسىم قويدىغان ئاپپاراتى بار. ئەگەر بىز ئۆزىمىزگە تايانمىساق ئاتالغۇشۇناسلىق ئىشلىرىمىز يۈكسەلمەيدۇ.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:29:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinoqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 16:31  

peleck يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 14:30 static/image/common/back.gif
高铁     تىز پويىز

High speed rail


Yüksek hızlı tren بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دېگەن گەپ بولىدۇ

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:43:51

ئوق پويىز دىگەن ئاتالغۇ بولغۇدەك. ئىنگىلىزچىدىمۇ بۇنداق تىز پويىزلارنى  ئوق پويىز « Bullet train» دەپمۇ قويىدۇ، گەرچە ئۆلچەملىك ئاتىلىشى «يۇقىرى سۈرئەتلك پويىز» بولسىمۇ.  بىزدە تىز پويىز دىگەن ئاتالغۇ بولغاندىكىن بۇنى ئوق پويىز دىسە قۇلاققا ياخشى ئاڭلىندىكەن ھەم تاشقى قىياپىتىگىمۇ ماس كىلدىكەن.
بەت: [1] 2
: 动车 نى زادى نېمە دەپ ئاتىساق بولۇر؟ ئاۋاز بېرىڭ