سەئۇدى ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمىشىشى ۋە نېفىت بازىرى
سەئۇدى ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمىشىشى جۇڭگو بازىرىدىكى سەئۇدى-رۇسىيە رىقابىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى ئامېرىكا تارماق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېرگى مىلىئان (Sergei Milian) نىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئالماشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو بازىرىدا رۇسىيە بىلەن داۋاملىق رىقابەتلىشىدىكەن.
مىلىئاننىڭ رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا دېيىشىچە، «ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇھىم بولغان نېفىت بازىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىۋاسىتە رىقابەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، چۈنكى ئىككىلا تەرەپ جۇڭگو بازىرىنى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قارايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىرىنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، خەلقئارا نېفىت باھاسى مەيلى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش پىلانى يوق، ئۆزىنىڭ بازاردىكى مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، باشقا رىقابەتچىلىرىگە بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ.»
مىلىئاننىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئابدۇللانىڭ ۋاپاتى خەلقئارا نېفىت بازىرىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. «بەلكىم قىسقا مەزگىللىك ھايانكەشلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى بەزى كىشىلەر ئازراق پۇل تېپىۋېلىشنى ئويلايدۇ.»
مىلىئاننىڭ قارىشىچە، بەلكىم «يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە خام نېفىت بازىرىدا بەلگىلىك ئېنىقسىزلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن»، لېكىن بۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاكىمىيىتىنىڭ ئالماشقانلىقى بىلەن چېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، بۇلار نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
مەنبە : شەرق بايلىقى تورى
ياخشى بۇپتىغۇ، ئىككىسى تاززا تالاشسا نىفىت باھاسى تۈۋەنلەپ بېنزىن بۇرۇنقىدەك كىلوسى بىر يۈەنگە چۈشۈپ قالسا مەنمۇ بىر پىراۋا ئالىمەن ئۇنداقتا...
ياغاچچىلارنى تەكلىپ قىلىپ يۇغان بىر داچا ماشىنا ياساپ ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ كەتسەك... بولسا بەش موغىلا چۈشۈپ كەتسە... :lol بوسىغۇ ئۆي ئۆيلەگە تۇربا قىلىپ ئۇلىۋەتسە بولسىغۇ ئايدا مانچە يۈز لىتر بېنزىن ھەقسىز، ئىشلەتمىسەڭ پاكەن تۆلەيسەن دىسە،،،:lol:lol بولسىغۇ ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئالمىشىپ كەتسە ئۆي-ئۆيلەرگە تۇربا قىلىپ ئۇلىۋەتسە،قاسساپ بۇرادەر قوي ھەم كالىلىرىنى شۇ تۇربىدا سۇغۇرۇپ كەتسە،يەم يىمەيمۇ سەمىرىپ كەتسە .بوپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.چاخچاق قىلىپ سالدىم ئۆزەمچە.ئۆزرە!نىمىلا دىگەن بىلەن ماينىڭ باھاسى چۈشكىنى ھازىرچە ياخشى ئىشقۇ؟ بولسىغۇ ماينى ئىشلەتمىسەڭ بولمايدۇ دەپ ھەر پەچەت ماشىنلارنى بىكارغىلام بىرىۋەتسە :lol نېفىت باھاسىنىڭ چۈشىشى ، ئاخىرى چوڭ بالا چىقىرىشى مۈمكۈن .................. نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىشمىغايلا ئوماقلىرىم.خىياللىرىدا ماشىنامغا ماي لىقلىسام مۇنچە پۇل يانجۇقتا قالىدىكەن دىگەن بىلەن ۋاقتى كەلگەندە شۇنچىلىك پۇلغا ماي لىقلاشقىمۇ بۇرۇنقى قىممەت ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا يانجۇق بوش كەپ قالىدىغان،تاپقان پۇل خەجكە بويلاشمايدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 00:31
ياسىر قازى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 36-ئەۋلادى بىلەن كۆرۈشتى
دوكتۇر ياسىر قازى 2014-يىلى 31-دىكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك تېمىغا بىر ئۇچۇر چىقىرىپ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى بايان قىلدى:
ياسىر قازى يېقىندا دوكتۇر خاتەم ئارىف ئەل-ئاۋنى (Hatem b. Arif al-Awni) بىلەن كۆرۈشكەن. دوكتۇر ئاۋنى دۇنياغا تونۇلغان ھەدىتھ ۋە ئېتىقادشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ساھەدە ھازىرغىچە ئون نەچچە پارچە كىتاب چىقارغان. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپۈنچىسى مۇسۇلمانلار ھازىرقى زاماندا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىكەن.
دوكتۇر ئاۋنى مەككىدىكى «شارىف» (Shareef) تەبىقىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-ئەۋلادى ئىكەن. بۇ تەبىقە مەككىنى 1000 يىلدەك سورىغان بولۇپ، دوكتۇر ئاۋنىنىڭ ھازىرقى ئىئوردانىيە پادىشاھ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يىراق نەۋرىلىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. دوكتۇر ئاۋنى ھەسەن ئەلى ئابى تالىب (Hasan b. Ali b. Abi talib) بىلەن قانداش بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 36-ئەۋلادى ئىكەن.
ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن دوكتۇر ئاۋنى ئارىلىقىدا 36 ئەۋلات ئۆتكەن بولسىمۇ، دوكتۇر ئاۋنىنىڭ چىراي-تۇرقىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ساقلانغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇشكە بولىدىكەن.
ياسىر قازى بىلەن دوكتۇر ئاۋنى دوكتۇر ئاۋنىنىڭ چىراي-تۇرقىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ساقلانغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇشكە بولىدىكەن.
قانداق جەزىملەشتۈرگەندۇ ؟ asalam يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 16:20 static/image/common/back.gif
قانداق جەزىملەشتۈرگەندۇ ؟
ساھابىلەرنىڭ سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندۇ ...
راستلا ئىللىق چىراي كىشى ئىكەن ... imkansiz يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 20:25 static/image/common/back.gif
بولسىغۇ ئايدا مانچە يۈز لىتر بېنزىن ھەقسىز، ئىشلەتمىس ...
3000.يىللارنى خىيال قىلىۋاتامسىز قېرىندىشىم .:lol بۇ خەۋەردىن قارىغاندا رۇسىيە كىرىزىسى داۋاملىق ئېغىرلىشىدىكەن . بىر يىللىرى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو روسىيىنىڭ نېفىتىنى تالىشىۋاتقانتى ، ئەمدى ئالەمسە ياق بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ
بەت:
[1]