kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 07:58:31

يا ئىشەن، يا ئىشەنمە «چۈش تەبىرى»

1-        باب
ئەگەر كىشىنىڭ قان سەپراسى ياكى بەلغەم سەپراسى كۆپ بولسا، ئونىڭدىن باشقا ئۆزى تولا ئويلاپ يۈرگەن نەرسىنى چۈشىدە كۆرسە بو چۈشنىڭ ئىتىبارى بولماس ھەمدە كىچىك بالىنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭمۇ ئېتىبارى بولماس. مەست ئادەمنىڭ، مىزاجى بوزۇق ئادەمنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ، ئاۋال ئاخشامدا، ئويقۇ غالىب چاغدا كۆرگەن چۈشنىڭ ئېتىبارى بولماس.
مىزاجى تۈزۈك چاغدا، سەھەر ۋاقتىدا، تاھارەت بىلەن ئوخلىغاندا چۈش كۆرسە، يەنە بىر نەرسىنى ئويلىماي تويۇقسىز چۈش كۆرسە، ئۇنىڭدىن باشقا ئاينىڭ ئىككىسى، ئون ئىككىسى، يىگىرمە ئىككىسى، ئاينىڭ سەككىزى، ئون سەككىزى، يىگىرمە سەككىزى، يەتتىسى، ئون يەتتىسى، يىگىرمە يەتتىسى كۆرگەن چۈشى بەئەينى كارامەتتۇر. شونداقلا ياخشى چۈشلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، يىل بېشىدا كۆرگەن چۈش يىل ئاخىرىدا كۆرگەن چۈشتىن ئوبداندۇر. سەھەر ۋاقتىدا كۆرگەن چۈش ئاۋۋال ئاخشامدا كۆرگەن چۈشتىن ئوبداندۇر.
سالىھ كىشىلەرنىڭ چۈشى پاسىق ئادەمنىڭ چۈشىدىن ئوبداندۇر.

2-        باب
بۇ بابتا ئاسمان، ئاي، كۈن، بۇران، قار، يامغۇر، بولۇت قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر كىشى ئاسمانغا چىقىپ چۈش كۆرسە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشۇر.
ئادەم چۈشىدە كۈننى كۆرگەن بولسا دۆلەت ئىگىسى بولۇپ دۈشمىنىدىن غالىب كېلۇر. كۈن تۇتۇلۇپ چۈش كۆرسە خەلققە ھالاكەت يېتۇر.
چۈشىدە ئاينى كۆرگەن بولسا مۈشكۈللىرى ئاسان بولۇر. قوينىغا ئاي كىرىپ چۈش كۆرگەن بولسا خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىپ دۆلەت ئىگىسى بولۇپ پەرزەنتلىك بولۇر.
ئەگەر ئاي تۇتۇلۇپ چۈش كۆرسە ئۇ مەملىكەتتە ئەدلى- ئادالەت يوقىلۇر.
ئەگەر ئادەم بۇران چۈش كۆرسە مەملىكەتكە بالا كېلۇر.
ئەگەر ئادەم بۇران ئارىسىدا ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىنۇر.
ئادەم قۇيۇن چۈشىسە خەلق ئارىسىدا غەم- غۇسسىدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم قار، يامغۇر چۈشىسە ئۆمىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھالالدىن رىزق تاپقاي ياكى يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە باي بولۇپ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر. مىراسقا ئىگە بولۇر.
ئادەم مۆلدۈر يېغىپ چۈشىسە مەملىكەتكە پىتنە ۋە قەھەتچىلىك كېلۇر.

3-        باب
بۇ بابتا دەريا، كىمە، كۆل، بۇلاق سۈيى سۆزلىنىدۇ.
ئادەم دەريا چۈشىسە پادىشاھلاردىن مەنپەئەت كۆرۈر.
ئادەم دەريادىن سۇ ئىچىپ چۈش كۆرسە مۇراد- مەقسەتلىرىگە يېتىپ ئىززەت مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر.
ئادەم دەريادىن سەدەپ، مەرۋايت، مارجان سۈزۈپ چۈش كۆرسە خەزىنىسىدىن دۇنيا كەم بولماس. دەريانىڭ سۈيى ئاچچىق بولسا ئۇ كىشى باي، ئەمما بىخىل بولۇر.
ئادەم دەريادا يۇيۇنۇپ چۈش كۆرسە گۇناھىدىن پاكلىنۇر. دەريادىن سۇ ئېلىپ چۈش كۆرسە ئۇ ئادەم زەردار بولۇر. دەريانىڭ سۈيى سۈزۈك بولسا ئالىم بولۇر، لاي بولسا خەلققە تەشۋىش يېتەر.
ئەگەر ئادەم دەريادىن بېلىق، ئۇچارلىق (سۇ قۇشى) تۇتۇپ چۈش كۆرسە ھالالدىن نېمەت تېپىپ راھەتكە ئېرىشەر.
ئادەم ئېرىقتىن سۇ ئېلىپ چۈش كۆرسە ياكى سۇ ئىچىپ چۈش كۆرسە مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر.
ئەگەر ئادەم ئېرىقتا تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە توۋا قىلماق كېرەك.
ئەگەر ئادەم دەريادا سۇ ئۈزۈپ، سەيلى قىلىپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزق تاپار. ئەگەر سۇ لاي بولسا زالىم پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە گىرىپتار بولۇر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە كۆل چۈشىسە زەردار ۋە كۈچلۈك بولۇر. ئەگەر قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە زەردار بولىدۇ ھەم غەملىك بولۇر. ئەگەر ئادەم كېمە چۈشىسە غەمدىن خالاس بولۇپ باي بولۇر.
ئەگەر ئادەم قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ چۈش كۆرسە ئالىملار ئىلىمىدىن مەنپەئەت كۆرەر. شۇنىڭ بىلەن غەمدىن خالاس بولۇر.

4-        باب
بۇ بابتا مەشئەل، چىراق، قاراڭغۇلۇق، يۇرۇقلۇق، ئوت سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم يۇرۇقلۇقنى چۈشىگەن بولسا ئۇنىڭ بارلىق مۇشكۈلاتلىرى ئاسان بولغاي.
ئەگەر ئادەم تۈتۈن ئۆرلىگەن ئوتنى چۈشىگەن بولسا غەمدىن قۇتۇلار.
ئەگەر ئادەم ئوت قالاپ چۈش كۆرسە ئويلىمىغان يەردىن مەنپەئەتكە ئېرىشەر.
ئەگەر ئوتنى ئۈچۈرۈپ چۈش كۆرسە يېتىم ھەققى نېسىپ بولار.
ئەگەر ئوتتا تائام پىشۇرۇپ چۈش كۆرگەن بولسا ياخشى خەۋەر ئاڭلار.
ئەگەر ئادەم بازارغا ئوت تۇتىشىپ كېتىپ چۈش كۆرسە بازار خەلقىگە زىيان يېتەر.
ئەگەر ئادەم ئۆيىگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە ئۆي ئىگىسىگە زىيان بولۇر.
ئەگەر ئادەم چىراق ياكى مەشئەل چۈش كۆرسە خوش چىراي ۋە ساھىپجامال خوتۇن ئالۇر ۋە ئونىڭدىن ئوغۇل پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلىپ خەلق ئارىسىدا ئولۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشۇر.
ئەگەر ئادەم ئۆيىدە ياكى مەھەللىسىدە چىراق ياكى مەشئەل چۈشىگەن بولسا ئەل ئارىسىدا ئەمىنلىك، مەمۇرلۇق بولۇر.

5-        باب
بۇ بابتا تاغ، قوملۇق، تاشلىق، تاملار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە ئېگىز تاغ چۈشىسە مەملىكەت نېمەت تېپىپ، دۈشمىنىدىن غالىب كېلۇر. ئەگەر ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر. تاغدىن يىقىلىپ كېتىپ چۈش كۆرسە دۆلىتى قولدىن كېتەر. تاغدىن ئۆزى چۈشۈپ چۈش كۆرسە غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم باياۋان چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر. ئەگەر باياۋاندىن چىقىپ چۈشىگەن بولسا قاتتىق غەمدىن خالاس بۇلۇپ مېھنەتتىن، قەرزدىن قۇتۇلۇر.
ئەگەر ئادەم قوملۇقتا يۈرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر.
ئەگەر ئادەم تاشلىق چۈشىسە مالدار بولىدۇ.
ئەگەر ئادەم قوملۇق چۈشىسە پايدا- مەنپەئەت كۆرەر.
ئەگەر ئادەم قۇمنى قاچىغا ئېلىپ چۈش كۆرسە مال- دۇنياسىنىڭ ھېسابىنى بىلمەس.
ئەگەر ئادەم تام ئۈستىگە چىقىپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلاتى ئاسان بولۇر. ئەگەر تامدىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەدىقە بەرسۈن.
ئەگەر ئادەم يېڭى ئۆي سېلىپ چۈش كۆرسە نېمەت- دۆلىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم تۆمۈردىن ئۆي ياساپ چۈش كۆرسە مەنسىپى ئۆسىدۈ.
ئەگەر تامدىن- تامغا ئاتلاپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشىدىن ئۈنۈم كۆرۈپ خۇشاللىققا ئېرىشەر.

6-        باب
بۇ بابتا شەھەر، قۇرغان، مەسچىت، مۇنبەر، يوللار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۇر، ئىشلىرى بەرىكەت تاپار.
ئەگەر ئادەم چوڭ يولدا يۈرۈپ چۈش كۆرسە ھارامدىن ۋە ئەجىرسىز دۆلەتتىن قولىنى يىغار، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا مايىل بولۇر.
ئەگەر ئادەم قەلئە چۈشىسە مۇرادىغا يېتەر.
ئەگەر ئادەم مەسچىت، جامەنى چۈشىدە كۆرسە قىلغان ئىشلىرىدىن بەرىكەت تاپار، كاتتا ئىلىم ئەھلى، ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇر.
ئەگەر مۇنار ياكى مۇنبەرگە چىقىپ چۈش كۆرسە خەلق ئارىسىدا كاتتا ھۆرمەتكە ئىرىشەر.

7-        باب
بۇ بابتا ئايۋان ساراي، راۋاق، باغۇ- بوستان، دەرۋازا، تۈگمەن، شوتا، ھاممام (مۇنچا) سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم سارايدا ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە كاتتا ھۆرمەت تېپىپ ئولۇغ بولۇر ھەمدە ئۆزىگە مۇۋاپىق مال- نېمەت يىغىپ ئەيش- ئىشرەت، راھەت- پاراغەتتە ياشىغاي، ئىشلىرى ئاسان بولغاي.
ئەگەر ئادەم كاتتا سارايدا ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە ئولۇغ بولۇر، قەرزدار بولسا قەرزدىن خالاس بولۇر ھەم بىغەم، سائادەتمەن ۋە پەرزەنتلىك بولغاي.
ئەگەر ئادەم ئىشىكلىك ساراي چۈش كۆرسە مەنسىپى ئۆسەر. ساراينىڭ تېمى، يان ئىشىكى يېقىلىپ چۈشىسە ئۆي ئىگىسىگە مۇسىبەت يېتەر.
ئەگەر ئادەم سارايغا تۈۋرۈك قويۇپ چۈش كۆرسە مۇشكىلاتى ئاسان بولۇر.
ئەگەر ئادەم ھاممامغا (مۇنچىغا) چۈشۈپ چۈش كۆرسە قەرزدىن، غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم باغۇ- بوستان چۈش كۆرسە كۆپ مال- دۇنياغا ئېرىشكەي، خوشاللىق تاپقاي.
ئەگەر ئادەم بوستاندىن مېۋە ئۈزۈپ چۈش كۆرسە خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كۈنلىرى ياخشى ئۆتەر.
ئەگەر ئادەم راۋاقتا ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە مەملىكىتىدە كاتتا ھۆرمەتكە ئېرىشىپ مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر.
ئەگەر ئادەم راۋاق چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم تۈگمەن، يارغۇنچاق چۈش كۆرسە ساخاۋەتلىك بولۇر، ئەگەر ساخاۋەتلىك كىشى تۈگمەن، يارغۇنچاق چۈش كۆرسە خالايىققا مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى بولۇر.
ئەگەر ئادەم تۈگمەن ياكى يارغۇنچاق ۋەيران بولۇپ چۈشىسە خەلق تەڭلىككە قالۇر.
ئەگەر ئادەم شۇتىغا چىقىپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇر.
ئەگەر ئادەم دوكان چۈش كۆرسە نىمەت ئىشىكى ئېچىلۇر، دۆلەتمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم تونۇردا نان يېقىپ چۈش كۆرسە نەرخ- ناۋا ئەرزان بولۇر.

8-        باب
بۇ بابتا ئىپار، زەپە، ئەنبەر قاتارلىق جىمى خۇش پۇراق نەرسىلەر سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئىپار چۈش كۆرسە ياخشى سۆزلۈك، پاك بولۇر. ئەگەر ئادەم ئەنبەر چۈش كۆرسە مۇۋاپىق روزىغار تاپار.
ئەگەر ئادەم بوي سېلىپ، تۈتۈن چىقىرىپ چۈش كۆرسە سەدىقە بەرمەك كېرەك.
ئەگەر ئادەم زەپە چۈش كۆرسە بىتاپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم قىزىلگۈل چۈش كۆرسە، گۈل ئېچىلغان ۋاقت بولسا راھەت- پاراغەتتۇر. ئەمما باشقا ۋاقت بولسا كېسەل بولۇر.
ئەگەر ئادەم گۇلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولسا ساقىيار، پېقىر بولسا باي بولۇر.
ئەگەر ئادەم باشقا خۇشبۇي نەرسىلەرنى چۈشىدە كۆرسە دوست- يارەنلىرىدىن مەنپەئەت كۆرەر.

9-        باب
بۇ بابتا ياشانغانلار، يىگىتلەر، قۇل- دىدەك، قېرى خوتۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم قېرى كىشىنى چۈش كۆرسە دۆشمەنلىرىدىن غەم يېتەر.
ئەگەر ئادەم قېرى ئادەم  ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە ۋە ئۇ كىشى سالام قىلسا ياخشىلىقنىڭ ئىشىكى ئېچىلۇر. دۆلەتمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم كىچىك بالىنى چۈش كۆرسە خوش خەۋەر كېلۇر.
ئەگەر ئادەم قىز- ئاياللارنى چۈش كۆرسە راھەت كۆرۈر.
ئەگەر ئادەم قۇل چۈش كۆرسە شادىمان بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئەمرا كىشىنى چۈش كۆرسە بەرىكەت تاپار.
ئەگەر ئادەم قېرى خوتۇننى چۈشىسە دونيالىققا مەشغۇل بولۇر.
ئەگەر قېرى خوتۇن ئۆيىگە كىرىپ چۈش كۆرسە باي بولۇر.

10-        باب
بۇ بابتا غۇسلى، ھەج، ئەزان، تەگبىر، زەمزەم، قۇدۇق كەبە، سەدىقە، زاكات، تاھارەت، ئىماملىق قىلماق  قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم غۇسلى قىلىپ چۈش كۆرسە قەرزدىن خالاس بولۇر، كېسەل بولسا ساقىيار.
ئەگەر ئادەم تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر.
ئەگەر ئادەم ناماز ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئېھتىياجىدىن ساقىت بولۇر.
ئەگەر ئادەم كارۋان ئىچىدە ئەزان ئوقۇپ چۈش كۆرسە كارۋاننىڭ يولى  توسۇلۇر.
ئەگەر ئادەم ئۆگزىدە ياكى دەرۋازىدا ئەزان ئوقۇپ چۈش كۆرسە قورقۇنچىتىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم ھەج قىلىپ چۈش كۆرسە ھەج ئۆمرىنىڭ ساۋابىنى تاپار.
ئەگەر ئادەم مەسچت ھەرەمگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قوتۇلار.
ئەگەر ئادەم ئىھرام باغلاپ چۈش كۆرسە راھەت ۋە بەرىكەت تاپار.
ئەگەر ئادەم يالاڭ ئاياغ ياكى يالاڭۋاش بولۇپ چۈش كۆرسە گۇناھىدىن پاك بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئەرساتتا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھىدىن پاك بولۇر.
ئەگەر ئادەم زەمزەم قودۇقىنى چۈش كۆرسە قىيامەت تەشنالىقىدىن ئەمىن بولۇر.
ئەگەر ئادەم زەمزەم قودۇقتىن سۇ ئېلىپ چۈش كۆرسە ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ساۋابىنى تاپار.
ئەگەر ئادەم مىنا تېغىغا چىقىپ ۋە شەيتانغا تاش ئېتىپ چۈش كۆرسە بۇ كىشىنى شەيتان ئازدۇرالماس.
ئەگەر ئادەم كەبىنى چۈشىدە كۆرسە مەملىكىتىدە ئولۇغ بولۇر، ئاغرىق بولسا كېسەلدىن شىپا تاپار.
ئەگەر ئادەم ئىماملىق قىلىپ چۈش كۆرسە ئىززەت- ھۆرمەت، شەرەپ تاپار.
ئەگەر ئادەم مىسۋاك قىلىپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقتىن  يول تاپار.
ئەگەر ئادەم غۇسلى قىلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم قەسەم ئىچىپ چۈش كۆرسە پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلۇر.
ئەگەر ئادەم ئەھدۇ پەيمان قىلىپ چۈش كۆرسە دىن ۋە مەزھەپتە مەزمۇت بولۇر.
ئەگەر ئادەم باشقىلارغا سالام قىلىپ چۈش كۆرسە ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەتتىن يىراق بولۇر.
ئەگەر ئادەم ياخشلىق قىلىپ چۈش كۆرسە ھىسابسىز ياخشىلىق كۆرۈر.
ئەگەر ئادەم ساقال- بورۇتىنى ئېلىپ، سۈننەت قىلىپ چۈش كۆرسە قەرزدىن خالاس بولۇپ، ئىشلىرى بەرىكەت تاپقاي.

11-        باب
بۇ بابتا قازى، خەلىپە، ئۆلىما، تېۋىپ، تارازا، ئەھدى قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە قازىنى كۆرسە بۇ كىشى ئاللاتائالاغا  يېقىن بولۇر. ئەگەر قازىنى ئاچچىقلاپ چۈش كۆرسە سەدىقە بىرىپ توۋا قىلماق كېرەك.
ئەگەر ئادەم خەلىپە، شەرىئەت ئالىملىرى، ياكى تېۋىپ، خاتىپ، مۇئەززىن ھەمدە ۋەز ئېيتقۇچىلارنى چۈشىدە كۆرسە، ئۇ كىشى مەشھۇر ئىلىم ئىگىسى بولۇر، ياكى بايلىقى ئېشىپ دۆلەتمەن بولۇر.
ئەگەر كىشى چۈشىدە تېۋىپنى كۆرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ كېسىلى شىپا تاپۇر.
ئەگەر ئادەم كىسەل بولۇپ چۈشىسە پاسىق بولۇر.
ئەگەر ئادەم دورا ئىچىپ چۈش كۆرسە غەم يېتەر.
ئەگەر ئادەم تارازا ياكى كەمچە چۈش كۆرسە غەمگە مۇپتىلا بولۇر.
ئەگەر ئادەم تارازىنىڭ سېپى سۇنۇق چۈش كۆرسە شەھەرنىڭ قازىسىغا ئۆلۈم كېلۇر.

12-        باب
بۇ بابتا دۈۋەت، قەلەم، قەلەمدان، جەدىۋەل تاختىسى، ئورۇندۇق، قورئان، ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم دۈۋەت چۈش كۆرسە قۇل بولسۇن، دىدەك بولسۇن دۆلەتمەن بولۇپ، مال- مەنپەئەتى كۆپ بولۇپ زەردار بولۇر.
ئەگەر ئادەم دۈۋەتتىن سىياھ تۈكۈلۈپ چۈش كۆرسە ئىشلىرىغا زىيان يېتەر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە قەلەم كۆرسە ئىلىم- ھېكمەت ئىگىسى بولۇر.
ئەگەر ئادەم جەدۋەل تاختىسى چۈشىسە ئەقىل- پاراسەت تاپار.
ئەگەر ئادەم خەت يېزىپ چۈش كۆرسە كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ مەنپەئەت تاپار. ئەگەر خەتنى ئوقۇپ چۈشىسە ھاجىتى راۋا بولۇر. ئەگەر يىراقتىن خەت كېلىپ چۈشىسە دۆلەت- ئىززىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر كىشى قەلەمدان چۈش كۆرگەن بولسا چىرايلىق خوتۇن ئالۇر.
ئەگەر ئادەم قۇرئان چۈش كۆرگەن بولسا پايدىلىق ئىلىم تاپقاي، زەردار بولۇپ، ياخشىلىقتىن مال- دۇنيا تاپار.
ئەگەر ئادەم خەت تاپشۇرۋىلىپ، خەتنىڭ مەزمۇنى يادىدا قالغان بولسا ئىلىم ئۆگىنىپ ھالالدىن دۇنيا تېپىپ ھۆرمەتكە ئېرىشەر. ئەگەر خەت يادىدا بولمىسا خۇش خەۋەر كېلۇر. مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر.
ئەگەر ئادەم خەتكە تامغا بېسىپ چۈش كۆرسە بۇ كىشىنىڭ سىرىنى ئەل- جامائەتتىن يوشۇرار، ئەگەر خەتنى يىرتىپ تاشلاپ چۈش كۆرسە غەمگە قالار.

13-        باب
بۇ بابتا ئادەملەرنى ئەزاسى (ئۇستىخان) سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە ئادەم بېشىنى كۆرسە پادىشاھلىق مەرتىۋىسىگە يېتىپ ئالىم بولۇر.
ئەگەر ئادەم تىرىك ئادەم بېشىنى قولىدا تۇتۇپ چۈش كۆرسە ئۇ ئەل ئىچىدە باش كۆتۈرۈر.
ئەگەر ئادەم، ئادەم بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ چۈش كۆرسە غېرىبلىق يېتەر. ئەگەر باشنى قۇلىغا ئالسا، قېنى بولمىسا، قولىغا پۇل كىرەر، ئەگەر باشتا قان بولسا مۇشەققەت بىلەن يول تاپار.
ئەگەر ئادەم ئۆز دۈشمىنىنىڭ بېشىنى كېسىپ چۈش كۆرسە دۈشمىنىگە غالىب كېلۇر.
ئەگەر ئادەم دوستىنىڭ بېشىنى كېسىپ چۈش كۆرسە، دوستى چوڭ غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم مېغىز چۈشىسە، غايىب غەزىنە تاپار.
ئەگەر ئادەم ئۇزۇن چاچ چۈشىسە قىلغان ئىشىدىن خۇشاللىنار ۋە كېيىن پۇشايمان قىلار.
ئادەم چاچباغ چۈشىسە پەرزەنت ۋە خىزمەتكارى كۆپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم چېچىنى چۈشۈرۈپ چۈش كۆرسە غەمدىن خالاس بولۇپ باي بولۇر.
ئەگەر ئادەم ساقىلىنى چۈشۈرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسىدىن چۈشۈپ كېتەر.
ئەگەر ئادەم ساقىلى ئۇزۇن چۈش كۆرسە ئىززىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ساقىلى ياكى چېچى ئۇزۇن چۈش كۆرسە مال ۋە پەرزەنتى زىيادە بولۇر، چېچى قىسقا چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر.
ئەگەر قەرزدار ئادەم ساقىلىنى چۈشۈرۈپ چۈش كۆرسە قەرزدىن خالاس بولۇر.
ئادەم قولاق چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر، يەنە خوش خەۋەر كېلۇر، خىزمەتكارلىرى كۆپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە كۆزنى چۈشىسە توغرا يول، ئىمان، پەرزەنت ئىلىم- ھېكمەت تاپار. ئەگەر كۆزىگە ئاق چۈشۈپ چۈش كۆرسە چوڭ غەم يېتەر، توۋا قىلىپ سەدىقە بەرمەك كېرەك.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە چىش كۆرسە، يەنى ئۈستۈن تەرەپتىكى چىشى چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ئاتا تەرەپ توققانلىرىدىن، ئاستىن تەرەپ چىشى چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ئانا تەرەپ توققانلىرىدىن مۇسىبەت كۆرەر. يەنە بەزىلەر ئېيتىدۇركى، بۇنداق چۈش كۆرگەنلەرنىڭ مال- چارۋىلىرى تولا بولۇر. ئەگەر ئادەمنىڭ چىشلىرى تولا بولۇپ چۈش كۆرسە ئەۋلادى تولا بولۇر. ئادەم چۈشىدە ئادەم تىلىنى چۈشىسە ئەلچى بولۇر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە ئېغىز كۆرسە يالغانچى بولۇر. يەنە تاپقان پۇلىنى ناچار ئىشلارغا سەرپ قىلۇر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە چۈشكۈرسە ياكى ئەسنىسە مۈشكۈلى ئاسان بولۇر.
ئەگەر ئادەم بىراۋنى چۈش كۆرسە دۆلەتمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم قېرىن (قۇرساق) چۈش كۆرسە ئىلىم- ھېكمەت، ساخاۋەت، ئىمان، مەرىپەت، غايىب خەزىنە تاپار.
ئەگەر ئادەم سول قولىنى چۈشىدە كۆرسە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ پەرمانىدا بولۇر، غەمدىن قوتۇلۇر. ئەگەر قولىنى سۇنۇپ كېتىپ چۈش كۆرسە توۋا قىلىپ سەدىقە بەرسۇن.
ئەگەر ئادەم ئوڭ قولىنى چۈش كۆرسە پادىشاھلاردىن مەنپەئەت يېتەر.
ئەگەر ئادەم كېندىك چۈش كۆرسە ساخاۋەتلىك بولۇر، ھارامدىن قولىنى يېغار.
ئەگەر ئادەم بارماقلىرىنى چۈشىدە كۆرسە قىز- ئوغۇل ھەمشىرىلىرىدىن مەنپەئەت يېتەر.
ئادەم ئوڭ قولىنى سۇنۇق چۈش كۆرسە بۇرادەرلىرىگە خەپ يېتەر، سەدىقە بەرسۈن. ئەگەر ئوڭ قولىنى مەجرۇھ چۈشىسە كېسەل يېتەر، قولىدىن پۇل چىقىپ كېتەر.
ئەگەر ئادەم پۇت- بارماقلىرىنى چۈشىدە كۆرسە پەرزەنتى كۈچ- قۇۋۋەتكە تولۇپ مەنپەئەتلىك بولۇر.
ئەگەر قولىدىن قان ئېلىپ چۈش كۆرسە بۇرادەرلىرىنىڭ پۇلى چىقىپ كېتەر.
ئەگەر ئادەم قول بارماقلىرىدىن كەم بولۇپ چۈش كۆرسە قىلماقچى بولغان ئىشىدىن مەنئى قىلىنۇر.
ئەگەر ئادەم خەتنە قىلىپ، تىرناق ئېلىپ چۈش كۆرسە قەرزدىن خالاس بولۇر ھەمدە موسۇلمانلىقى دۇرۇس بولۇر.
ئەگەر ئادەم جىگەر چۈش كۆرسە ئەقلى، مىلى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئاشقازان چۈش كۆرسە ياكى بىرەر نەرسە تېپىۋىلىپ چۈش كۆرسە زەردارلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئەگەر ئادەم ساق پاچاق، تىز، تاپان چۈش كۆرسە ساخاۋەتلىك، شىجائەتلىك بولۇر.
ئەگەر ئادەم پۇتىنى سۇنۇق چۈش كۆرسە ئېرەنلىكتىن قالۇر.
ئەگەر ئادەم مۇساپىر بولۇپ چۈش كۆرسە يىراقتا قالۇر.
ئەگەر ئادەم بەدىنى ئىششىق چۈش كۆرسە دۆلىتى ئېشىپ، ھالالدىن مال تاپار، جاپاسىز باي بولۇر.

14-        باب
بۇ بابتا قۇلۇپ، ئاچقۇچ، تەڭنە، بۆشۈك، ساندۇق، ھارۋا، چېدىر (چىۋىنلىق) ئۆي بىساتلىرى، ئومۈت (تۆمۈر توقماق) تۈۋرۈك، پەردە قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئىشىك دەملەگلىك چۈش كۆرسە ياكى ئىشىك قولۇپ كىلتانلاغلىق بولسا بالا- قازادىن ئەمىن بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئىشىكنى ياكى قۇلۇپنى ئېچىپ چۈش كۆرسە توسۇلۇپ قالغان ئىشلىرى ئۈچۈن يول ئېچىلۇر. خاتىرجەملىك تاپار.
ئەگەر ئادەم ئاچقۇچ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر.
ئەگەر ئادەم ھارۋا چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم تەڭنە چۈش كۆرسە ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، دۆلىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم چېدىر چۈش كۆرسە، يەنە چۈشىدە تۈۋرۈك كۆرسە دوست- يارەنلىرى كۆپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم بۆشۈك چۈش كۆرسە ئەر كىشىگە دۆلەت، ئايال كىشىگە غەم يېتەر.
ئەگەر ئادەم چېدىرنى ئېچىپ چۈش كۆرسە ئۆمىرى ئۇزۇن، دۆلىتى زىيادە بولۇر. ئەسەر
ئەگەر ئادەم ساندۇق چۈش كۆرسە ئۆيىگە خىزمەتكار كېلۇر.
ئەگەر ئادەم پەردە چۈش كۆرسە پەرھىزكار بولۇر.
ئەگەر ئادەم يېپەك چۈش كۆرسە ئىززەت- ھۆرمىتى زىيادە بولۇر.

15-        باب
بۇ بابتا ئوچاق، قازان، تۇزلۇق كۆل، تۇنۇرلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئوچاق، قازان، كۆل چۈشىسە ياخشى روزغار تاپار.
ئەگەر ئادەم تونۇر چۈش كۆرسە توقچىلىق بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئوچاقنىڭ كۈلىنى چۈشىسە ياخشى ئەمەس، سەدىقە بەرسۈن.
ئەگەر ئادەم تۇزلۇق چۈشىسە تەدبىر ۋە كېڭەش تاپار.
ئەگەر ئادەم تۈتۈن چۈش كۆرسە ئازاب ۋە پىتنە پەيدا بولۇر.
بۇ ئەسەر چوڭ بولغاچقا داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

19881266 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 22:31:47

يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۈر . بۇ تېمىدىن  چۈش تەبىرىنى  تولۇقلاپ بىلىۋالدىم .. داۋامىنىمۇ يوللاپ قويارسىز .:)

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 10:04:38

16-        باب
بۇ بابتا يالىڭاچ ئادەم ۋە ھايۋانلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم يالىڭاچ يۈرۈپ چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس بولۇپ، گوناھلاردىن پاكلانغاي.
ئەگەر ئادەم ھايۋان بىلەن ئۇرۇشۇپ چۈش كۆرسە، بۇ كىشىگە ھايۋان غالىب كەلسە سەدىقە بەرسۇن. ئەگەر بۇ كىشى ھايۋانغا غالىب كەلسە، دۆشمىنىگە غالىب كەلگەي. ئەگەر ئادەم ئاشۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە، غەمگە قالۇر. ئەگەر ھايۋان بۇ ئادەمنىڭ گۆشىنى يېسە، توۋا قىلىپ، سەدىقە بەرمەك كېرەك.

17-        باب
بۇ بابتا قان ئالماق سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئۆزىدىن قان ئېلىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس تاپار. قان كۆپ ئېقىپ چۈش كۆرسە، توۋا قىلىپ سەدىقە بەرسۇن. ئەگەر ئادەم قان قىلىپ چۈش كۆرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بەجا كەلتۈرگەن بولۇر. بىمار بولسا ساقىيار، قەرزدار بولسا قەرزدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ھىجامەت (قان قىلغۇچى) ئاغرىق بولۇپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر.ئەزاسىدا نوقسان كۆرسە، مەرتىۋىسىدىن چۈشەر. ئەزالىرىدىكى نوقسان زىيادە بولسا، مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر.

18-        باب
بۇ بابتا چېچەك، بەرەس (ئاق) كېسەللەر سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر پىسە چۈش كۆرسە، مال مەنپەئەت تاپار، پۇلى كۆپ بولۇر. ئادەم چېچەك چىقىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قوتۇلار، ماللىرى زىيادە بولۇر. تەقىپتە بولسا ئازاد بولۇر. كېسەل بولسا شىپا تاپار.
ئادەم مۇقىم جايدا ياكى سەھرادا تاھارەت سوندۇرسا، غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم تاغ چۈش كۆرسە، تاغ قورۇق بولسۇن ياكى ھۆل بولسۇن مال- مەنپەئەت تاپار.
ئەگەر ئادەم ھايۋانلارنىڭ ماياق، تېزىكىنى چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم كونا قۇدۇقنى چۈشىدە كۆرسە، غايىبتىن كەنج تاپار، زەردار بولۇر.

19-        باب
بۇ بابتا تېرە، پېياز، تۇز، نان قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئاش ئېتىدىغان ئەسۋابنى چۈشىسە، خوشاللىق بولۇر.
ئەگەر ئادەم تۇزلۇق چۈش كۆرسە، پۇل- مال تاپار.
ئەگەر ئادەم تۇزنى يەپ- ئىچىپ چۈش كۆرسە، غەم يېتەر. ئادەم قارا تۇزنى چۈشىسە، زەردار بولۇر.
ئەگەر ئادەم سامان چۈش كۆرسە، مال- بىسات قولغا كېلۇر. ئەگەر ئادەم چېچلىپ تورغان ساماننى يېغىپ چۈش كۆرسە، باي بولۇر.
ئەگەر ئادەم نان يەپ چۈش كۆرسە، ھالالدىن پۇل تاپار، بىغەم بولۇر. ھېچ نەرسە نان چۈشىگەندەك ياخشى ئەمەس.

20-        باب
بۇ بابتا مېۋىلىك دەرەخ سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم دەرەخ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلاردىن مەنپەئەت كۆرەر. ئەگەر ئادەم تال چۈشىسە، ئىشلىرى ياخشى بولۇر. تالنى سۇندۇرۇپ ياكى بوزۇپ چۈش كۆرسە، غەم- مۇسىبەت يېتەر.
ئەگەر ئادەم دەرەخ سېلىپ چۈش كۆرسە، سائادەتمەن پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلۇر.
ئەگەر ئادەم سەۋزە ياكى غىزا چۈش كۆرسە، كۈنلىرى ياخشى، دۆلەتمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم قۇرۇق ياكى ھۆل مېۋە چۈش كۆرسە، خوشال بولۇر. ھالالدىن مەنپەئەت تاپار، مىۋە سېرىق بولسا ھارامدىن مال تاپار ۋە رەنجى كۆرەر.
ئەگەر ئادەم خورما چۈشىسە، ئاخىرەتكە مەنپەئەتلىك مال تاپار.
ئادەم زەيتۇن چۈشىسە، راھەت كۆرەر؛ ئانار چۈشىسە، جاۋاھىر قولىغا كېلۇر. ئاچچىق ئانار چۈشىسە، مۇشەققەت بىلەن پۇل تاپار. تاتلىق ئانار چۈش كۆرسە، مۇشەققەتسىز پۇل تاپار، ئۇلۇغلاردىن مەنپەئەت كۆرەر. پادىشاھ بولسا، يەنە مەملىكەت ئالار. سودىگەر بولسا، زەردار بولۇر. دېھقان بولسا، كۆپ ھوسۇل ئالار.
ئەگەر ئادەم قارا ئۈزۈم چۈشىسە، پۇل تاپار. ئادەم تاتلىق مېۋە چۈشىسە، مەنپەئەت، مىۋە ئاچچىق بولسا غەم يېتەر.
ئەگەر ئادەم غورا چۈش كۆرسە، يامان سۆز ئىشتۇر.
ئەگەر ئادەم سىركە چۈش كۆرسە، قىلغان ئىشلىرىدىن بەرىكەت تاپار، قەھەتچىلىكتىن ئامان، پادىشاھقا يېقىن بولۇر.
ئەگەر ئادەم قوغۇن تېرىپ چۈش كۆرسە، خوتۇن تەرەپتىن مىراس تېگەر. سېرىق ئۈرۈك تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئوبدان ئەمەستۇر، سەدىقە بەرسۇن.
ئەگەر ئادەم ئەنجۈر چۈش كۆرسە، ھالالدىن مال تاپار. ئالما چۈش كۆرسە، دوست- يارەنلىرىدىن سوۋغات كېلۇر، بېھى چۈش كۆرسە، ياخشلىقتۇر، جۈزە چۈش كۆرسە، زەردار بولۇر. قاپاق چۈش كۆرسە، ياخشى پەرزەنت ۋوجۇتقا كېلۇر. شاپتۇل چۈش كۆرسە، زەردار بولۇر. ئامۇت چۈش كۆرسە، بىتاپ بولۇر. ئەمما مال- دۇنياسى كۆپ بولۇر. ئۈجمە چۈش كۆرسە، كۆپ ئادەملەرگە مەنپەئەت يېتەر. مەرتىۋىلىك بولۇر.
ئەگەر ئادەم بوغداي چۈشىسە، سالامەت بولۇر، بوغداينىڭ بېشىنى يىغىپ چۈش كۆرسە، بىھىساپ بايلىققا ئېرىشكەي، بۇغداينى يەپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسىدىن قالغاي.
ئەگەر ئادەم ئۇن چۈشىسە، رىزقى كەڭرى بولۇر، زىرائەت تېرىپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر.

21-        باب
بۇ بابتا نان، ھەسەل، ھالۋا، شېكەر سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم نان چۈشىسە، ھالالدىن مال تاپار، ناننى ئۈلۈشتۈرۈپ چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئۇشتۇلغان نان چۈشىسە، ئۆمىرى ئۇزۇن بولۇر. ئەگەر ئادەم شېكەر، ھەسەل، ھالۋا چۈش كۆرسە، ئىززەت- ھۆرمەت تاپقاي.
ئەگەر ئادەم ھەسەل چۈش كۆرسە، مەملىكەت ۋە مىراس تاپار. ئەگەر ئادەم ياغ چۈش كۆرسە، ئاچچىق بولسا زىيان، تاتلىق بولسا پايدا كۆرەر.
ئەگەر كالا يېغى چۈشىسە، نېمىتى زىيادە بولغاي.

22-        باب
بۇ بابتا شەربەت ۋە شارابلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئالما شەربىتى، ئانار شەربىتى، بېنەپشە شەربىتى چۈش كۆرسە، ئوبداندۇر. بۇلارنى ئىچىپ چۈش كۆرسە، خاپىلىقتىن قۇتۇلۇر. ئەگەر ئۇلار ئاچچىق بولسا مۇشەققەت يېتەر.
ئەگەر ئادەم سۈزۈك سۇ چۈش كۆرسە، نېئمەت ۋە راھەت تاپار.
ئەگەر ئادەم شىرنە ئىچىپ چۈش كۆرسە، ياخشى روزىغار، ھالالدىن مال- مەنپەئەت تاپار. ئاغرىق بولسا ساقىيار، ئەگەردە شىرنە ئاچچقى بولسا غەمكىن بولۇر.
ئەگەر ئادەم شاراب ئىچىپ چۈش كۆرسە، خۇسۇمەت پەيدا بولۇر. مەست بولۇپ چۈش كۆرسە، غەم- ئەندىشە يېتەر، زەردار بولۇر.
زەھەر چۈش كۆرسە، يېتىم ھەققى نېسىپ بولۇر، ئادەم زەھەر ئىچىپ چۈش كۆرسە، خالىس ھالدا توۋا قىلۇر. ئەگەر ئادەم شەربەت چۈش كۆرسە، زەردار، ئەمما بېخىل بولۇر. توۋا قىلسا گۇناھىدىن پاك بولۇر.
ئەگەر ئادەم زۇپا شەربىتى ۋە باشقا شەربەت دورىلارنى چۈش كۆرسە، ھالالدىن مال ۋە ئىلىم- ھېكمەت تېپىپ، ئۆمىرى ئۇزۇن بولۇر.
ئەگەر ئادەم يولۋاسنى سېغىپ چۈش كۆرسە، تۇلا پۇل تاپار، تاپقان پۇلى مەنپەئەت قىلۇر. قېتىق چۈش كۆرسە، ياخشلىقتۇر.
ئەگەر كېيىك، توشقان سۈتى چۈش كۆرسە، خوتۇن تەرىپىدىن مىراس مال تاپار. ئاتنىڭ سۈتىنى چۈشىسە، پادىشاھلاردىن مەنپەئەت ۋە ئىنئام ئالار. تۆگە سۈتىنى چۈشىسە، دۈشمىنىگە غالىب كېلۇر. ئىتنىڭ سۈتىنى چۈشىسە، ھارامدىن مال- دۇنيا تاپار، شۇنداقلا قورقۇنچ ئولىشىپ كېسەل يېتەر. تۈلكىنىڭ سۈتىنى چۈشىدە كۆرسە، تۆھمەتكە گىرىپتار بولۇر، سەدىقە بەرمەك كېرەك. مۈشۈك سۈتىنى چۈشىدە كۆرسە، كىسەللىك ھەم غەم يېتەر. يولۋاس سۈتى چۈش كۆرسە، يېنىك كېسەل بولۇر، لىكىن دۆلەتمەن بولۇر. ئېشەكنىڭ سۈتىنى چۈش كۆرسە، يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش. قۇلان سۈتىنى چۈشىدە كۆرسە، ئويلىمىغان يەردىن پۇل تاپار. ئەگەر ئادەم تۇلۇم ياكى مىشكاپ چۈش كۆرسە، راستلىقتىن گۇۋاھلىق بېرۇر.

23-        باب
بۇ بابتا كاندىن چىقىدىغان نەرسىلەر سۆزلىنىدۇ.
ئادەم جاۋاھىر چۈش كۆرسە، مال- بىسات تاپار، ياخشى پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلۇر. ياقۇت چۈش كۆرسە، دوست- يارەنلىرىدىن خوشال بولۇر، پەرزەنتلىرى خىزمىتىنى ياخشى قىلار. مەرۋايىت چۈش كۆرسە، ياكى ئالسا مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر. جەۋھەر چۈشىسە، ئىلىمدىن مەنپەئەت ئالۇر. دۆلەتمەن بولغاي. مارجان چۈشىسە، يا ئالسا مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، ياخشى خوتۇن نېسىپ بولۇر. چۈشىدە ئالتۇن- كۈمۈش ھالقا كۆرسە، ساھىپجامال خوتۇندىن بېشارەت.
ئەگەر ئادەم تۇقا ياكى ھالقا چۈش كۆرسە، دۆلەت ۋە مەرتىۋە كۆرەر. بىلەيزۈك چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم (ئىشەك مۇنچىقى) جا مارجان چۈش كۆرسە، يامان سۆز ئاڭلار. ئادەم بوينىغا ئاسىدىغان زەنجىر چۈش كۆرسە، ئايال كىشىگە ياخشى، ئەر كىشىگە ياخشى ئەمەس.
ئەگەر ئادەم ئالتۇن- كۈمۈش پۇللارنى خەجلەپ چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق بولۇر.
ئەگەر ئادەم مىس چۈش كۆرسە، ئۆي ماكانلىق ۋە بىساتلىرى كۆپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم جام، ئاياق، چىنە، ھاۋانچا، كوزا، كۈپ چۈش كۆرسە، مال- مەنپەئەت، خۇشاللىقتىن بېشارەت.

24-        باب
بۇ بابتا كىيىم- كېچەكلەر سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئېگىن چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس بولۇر.
ئەگەر ئادەم بېشىغا بىرەر نەرسە كىيىپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر. كولا كىيىپ چۈش كۆرسە، قابىلىيتىگە يارىشا خەلق ئارىسىدا ئولۇغ بولۇر.
ئەگەر ئادەم كالتا چاپان ياكى كالتا ئىشتان چۈش كۆرسە، رىزىقى كەڭرى بولۇپ، مۇرادىغا يېتەر.
ئەگەر ئادەم ئەڭگۈشتەر چۈش كۆرسە، قانچە قىممەت باھالىق بولسا دۆلىتى شۇنچە زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم چۈشىدە ئۈزۈكنى كۆرسە، ياكى يىتتۈرسە ياكى سونۇپ كەتسە مېلىغا زىيان بولۇر.
پىروزا كۆزلۈك ئۈزۈك چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنت پەرزەنت يۈزى كۆرگەي. ئادەم قولىغا ئىككى ئۈزۈك سېلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى قوشكېزەك توغقاي.
ئەگەر ئادەم ھېقىق كۆزلۈك ئۈزۈك چۈش كۆرسە، پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلۇر.
ئەگەر ئادەم يىپەك كىيىم كىيىپ چۈش كۆرسە، دۆلەت رەڭگى يېشىل بولسا، زىيان يەتمەس، ئەگەر رەڭلىك كىيىم بولسا نېمەت ۋە خوشاللىق. كىيىمنىڭ رەڭگى قىزىل بولسا خۇسۇمەت، پىروزا رەڭلىك بولسا مۇرادى ھاسىللىقتۇر.
كىيىم كىر بولۇپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالار. ئەگەر ئاق بولسا قەرزدىن قوتۇلار. ئىككى دۇنيا ئابرۇيلۇق بولۇر.
ئەگەر ئادەم قىزىل رەڭلىك گىلەم چۈش كۆرسە، ھالالدىن مال- دۇنيا تاپار، كىپىش ياكى كالاچ چۈش كۆرسە، ياخشى خوتۇنغا ئېرىشەر، كېپىش كونا بولسا ناھايىتى ياخشىدۇر. بېلىگە كەمەر باغلاپ چۈش كۈرسە، ئىززەت- ھۆرمىتى زىيادە بولۇر. ياغلىق چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇپ، غەمدىن خالاس بولغاي.
ئەگەر ئادەم كۆڭلەك كىيىپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم يالاڭۋاش چۈش كۆرسە، زەردار بولۇر.
ئەگەر ئادەم جۇۋا كىيىپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنىگە غالىب كەلگەي.
ئەگەر ئادەم تويلۇق چۈش كۆرسە، ئەقلى بەركامال بولار؛ تويلۇقنى ساندۇققا سېلىپ ياكى ئېلىپ چۈش كۆرسە، خالايىقنىڭ مۇشكۈلاتى ئاسان بولۇر.

25-        باب
بۇ بابتا ئىشكەل، قىسماقلار  قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئىشكەل، قىسماق، دام- تۇزاق چۈش كۆرسە، تۆھمەتكە قالار(سەدىقە بەرمەك كېرەك).
ئەگەر تاياق ياكى قامچا يەپ (ئۇرۇلۇپ) چۈش كۆرسە، ھەر تاياق، ھەر بىر قامچىغا يۈز تەڭگە پۇل تاپار.
ئەگەر ئادەم يېڭنىگە يىپ سېلىپ، يىپ ئىگىرىپ ياكى بوز توقۇپ چۈش كۆرسە، ھاجىتى راۋا بولغاي.

26-        باب
ئەگەر ئادەم جىما قىلىپ چۈش كۆرسە، شادىمان بولار.
ئەگەر ئادەم خوتۇن ئېلىپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر.
سۈيۈشۈپ چۈش كۆرسە، كىشىگە كېپىل بولار. ئادەم كىشى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۆرۈشۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمىرى ئۇزۇن بولار. ئادەم ئۆلۈك بىلەن كۆرۈشۈپ چۈش كۆرسە، ئۆلۈكنىڭ روھى مەدەت قىلار.
ئۆزىنىڭ خوتۇنى بىلەن جىما قىلىپ چۈش كۆرسە، ھەر نىمە تىلىسە تاپار. خوتۇنىنى قۇچاقلاپ چۈش كۆرسە، ئۆمىرى ئوزۇن بولار.
ئەگەر ئادەم قېرى خوتۇن بىلەن جىما قىلىپ چۈش كۆرسە، ئابرۇيى تۆكۈلەر.

27-        باب
بۇ بابتا جەڭ ئەسۋاپلىرى سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ساۋۇت كىيىپ چۈش كۆرسە، مەنپەئەتلىك، نۇسىرەتلىك بولار. ئوق چۈش كۆرسە، ھەر كىمگە سۆز قىلسا سۆزى قوبۇل بولار.
ئەگەر ئادەم كامان ياكى ئوقيا چۈش كۆرسە، پادىشاھلاردىن ئىنئام كۆرەر، خەلققە ئەمىنلىك بولار.
ئەگەر ئادەم خەنجەر چۈش كۆرسە، كۈچلۈك بولۇپ دۈشمىنىگە غالىب كېلۇر.
ئەگەر ئادەم ئوق ئېتىپ چۈش كۆرسە، ئوقى نىشانغا تەگسە مۇرادى ھاسىل، دوئاسى ئىجاۋەت بولار. ئوق ئارىدا توختاپ قالسا ياكى يېنىپ كەتسە دۈشمىنى زىيادە بولار.
ئەگەر ئادەم مىلتىق چۈش كۆرسە، پىتنە- پاسات پەيدا بولار.
ئەگەر ئادەم نەيزە چۈش كۆرسە، پادىشاھتىن خەلققە قۇرقۇنچ پەيدا بولار.
ئەگەر ئادەم ئەلەم(بايراق) چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە، خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغ بولار.
ئەگەر ئادەم سەل كېتىپ چۈش كۆرسە، خۇسۇمەت- مالامەتدۇر. ئەگەر ئادەم كاناي چۈش كۆرسە، ياكى ئاۋازنى ئاڭلاپ چۈش كۆرسە، خۇسۇمەت- يالغانچىلىق پەيدا بولار.
ئەگەر ئادەم چەۋگان ئويناپ چۈش كۆرسە، ئىشلىرى ياخشى بولار.
ئەگەر ئادەم ئۇمۇت(توقماق، گۈرزە) چۈش كۆرسە، باھادىر پالۋان بولار. ئەگەر ئادەم تىغ چۈش كۆرسە، ھەر ۋاقت خوشال بولار.
ئەگەر ئادەم ئەينەك كۈرۈپ چۈش كۆرسە، غەم- غۇسىدىن خالاس بولار.

28-        باب
بۇ بابتا تېرە، چەكمەن سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم چەكمەن چۈش كۆرسە، مال- مەنپەئەت كۆرەر. تېرە چۈش كۆرسە، غەمسىز بولار.

29-        باب
بۇ بابتا ئۆي بىساتلىرى، ھوجرا، قەپەس، گۆرىستان سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم ئۈي بىساتلىرىنى چۈشىسە، ياخشىدۇر. ئىسمى مەشھۇر بولار.
ئەگەر ئادەم ھوجرا چۈش كۆرسە، شەرىئەتتە مەزمۇت تۇرار. ئەگەر گۆردىن چىقىپ چۈش كۆرسە، چوڭ غەمدىن خالاس بولار. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە، مۇھىم ئىشلىرى قولغا كېلۇر. ئۆلۈكنى تىرىلىپ چۈش كۆرسە، ئىككى دونيانىڭ دۆلىتىگە مۇشەررەپ بولار.
ئەگەر ئادەم ئۆلۈكنى يىغلاپ چۈش كۆرسە، ئازاپتىن ئەمىن بولغاندۇر. ئۆلۈكنى كېسەل ھالەتتە چۈش كۆرسە، ئۆلۈكنىڭ ھەققىدە سەدىقە بەرمەك لازىم.
ئەگەر ئادەم ئۆلۈك ئادەمگە بىرەر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە، ئۇ نەرسە خەلق ئارىسىدا كەڭرى بولار.
ئەگەر ئادەم ئۆزىنى جىنازىغا سېلىقلىق چۈش كۆرسە، خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغ بولار. جىنازىدىن يىقىلسا ئەمىلىدىن چۈشۈپ كىتەر. جىنازىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ مېڭىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھقا خىزمەتكار بولار.

30-        باب
ئەگەر ئادەم بىرەر ئادەمنى ئۇرۇپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنىگە غالىب كىلەر. دوستىنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، دوستى غەمدىن خالاس بولۇر. باشقا بىرىدىن تاياق يەپ چۈش كۆرسە، پايدا كۆرەر. ئادەمنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە، مۇراد مەقسىتىگە يېتەر.
ئەگەر ئادەمنىڭ پۇت- قولى كېسىكلىك چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولار، خوشاللىق يېتەر، خالىس توۋا قىلسۇن.
ئەگەر ئادەم باشقا كىشىنى دارغا ئېسىپ چۈش كۆرسە، مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر، خەلق ئارىسىدا كاتتا ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 11:38:32

ۋاقتى كۆپ ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىش تېخنىكىسى يۇقىرى كىشىللىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپكەن ...

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 17:08:07

يۇقارقىلار بىرە كىتابتىن ئىلىنغانمۇ يە؟ چۈش تەبىرى دەيدىغان نە ئاساسى يوق نە مەنبەسى يوق بىر كىچىك كىتابچە بولىدىغان.شۇنىڭدىن باشقا چۈش ھەققىدە يىزىلغان بىرە ماتىرىيالنى ئۇچرۇتۇپ باقماپتىمەن.مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.چۈش ئىلمى نۇرغۇن كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. چۈش ھەققىدە نوپۇزلۇق ماتىرىياللارنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:55:36

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60247&highlight=چۈش%2Bۋە

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:28:28

iltirix يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 11:38 static/image/common/back.gif
ۋاقتى كۆپ ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىش تېخنىكىسى يۇقىرى كىشىلل ...

ماختىغىىىىىىىنىىىىىىىىىڭىزغا رەھمەت :lol :lol :lol

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:30:44

calisiyorum يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 17:08 static/image/common/back.gif
يۇقارقىلار بىرە كىتابتىن ئىلىنغانمۇ يە؟ چۈش تەبىرى دە ...

مىراس ژورنىلىنىڭ 2000 يىلدىكى 3-، 4- سانلىرى، 2001- يىلدىكى 1- سانى 2002- يىلدىكى 2-، 3- سانلىرىدىن ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ تورداشلارغا سۇنۇلدى.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:17:10

چۇشنىڭ كەلگۈسىدىن بىشارەت بېرەلەيدىغانلىغىغا دائىر دەلىللەر كوپ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 11:45:57

نىمە ئۈچۈن بەزىلىرى راسىت چىقىپ قالىدىغاندۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 13:41:04

چۈشۈمدە زاھىر بولغان بەزى ئ‍ىشلارغا ئ‍ەمەليتىمدە ئ‍ۇچىراپ قالىمەن،

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 14:47:03

مەن چۈشنىڭ ھايات بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بىر كىتابتا ئېيتىلىشچە چۈش ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرى كۈندۈزدىىكى ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان چۈش . ئىككىنجىسى ،ياخشى  بىشارەت چۈشلەر ؛ ئۈچىنجىسى، شەيتاندىن بولغان يامان چۈشلەر بولۇپ، يامان چۈش كۆرۈپ كېچىسى ئويغىنىپ كەتسە ، يامان چۈشنىڭ زىيىنىدىن ئىگىمىزگە سېغىنىپ پاناھ  تىلەپ ،سول تەرىپىگە تۈكۈرىۋىتىپ يېتىش. چۈشنى قالايمىقان ئادەملەرگە ئېيتىپ يۈرمەسلىك، چۈنكى بىلىمسىز ئادەم چۈشكە خاتا تەبىر بېرىپ ،يامانلىققا ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۈمكىن. چۈش تەبىرى بېرىش ئەسلى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بىر ئېلىم بولۇپ،  چۈشلەر كۆپىنچە سىمۋۇللۇق مەنىلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما ھازىر نۇرغۇن چۈش تەبىرلىرىگە راست بىلەن يالغان تەبىرلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئۇنى ئۆلچەم قىلىۋىلىش  توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن .شۇڭا مېنىڭچە ، يەنىلا ئېگىسىگە يۆلىنىپ ، رەببىم ئۆزەڭ ئىشىمنى تۈزىگىن ! دەپ ، رىئاللىقتا قەيسەرلىك بىلەن ، مەردانە ياشىغان ياخشى دەپ قارايمەن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 21:56:20

ياخشى چۈش ئاللاھتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ دىگەن پەيغەمبىرىمىز.  ئەمما، چۈشىدە مۇنداق نەرسە كۆرسە مۇنداق بولىدۇ  دەپ مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىش  مۇسۇلماننى  كوپرىلىققا باشلايدۇ.  بۇمۇ  پالچىلىققا ئوخشاپراق كېتىدىغان ئىشكەن،

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 22:54:31

قايسى بىر تور بىكەتتە چۇشىدە كۆرگەن ئادەم ۋە شەيئىيلەر بىلەن ئەملىيەتتە تونۇشمىسا ناتونۇش مەنزىرە ئادەملەر بۇرنقى تۆرەلمىشىدە ئۇچراشقان ھادىسە دەپ يىزىپ قويۇپتۇ.
مەنغۇ ئىشەنمەيمەن ئەمما تولا ناتۇنۇش ئادەم ۋە مەنزىرە چۇشەيمەن.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 23:55:12

بۇرۇنلاردا چۈشۈمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كۆرگەن چۈشلىرىمنى بىر مەزگىل خاتىرلەپ ماڭغان . چۈشۈمدە مۇھىم ئىشلار بىشارەت قىلىنىدىغاندەك . ھازىر ئۇخلىسام چۈش كۆرۈپ ھارمايمەن ، ئورنۇمدىن تۇرسام ھېچنىمە يوق  ئۇنتۇپلا كېتىمەن . نىرۋا ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرىمىكىنتاڭ . قېرىغاندا شۇنداق بوپ قالامدىكىنيا

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:29:51

31-        باب
بۇ بابتا چالغۇ- ئەسۋابلار سۆ‍زلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈش كۆرسە، خوش خەۋەر، تەمبۇر، چاڭ، راۋاب چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ چۈش كۆرسە، ماتەم بولار.
ئەگەر ئادەم كۆۋرۈك چۈش كۆرسە، ھەممە كىشىگە پايدا يېتەر.

32-        باب
بۇ بابتا ئىلىم- سېتىم سۆزلىنىدۇ.
ئەگەر ئادەم چوڭ يولدا ئارپا ياكى بۇغداي، ئۈزۈم تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق بولار. تائام سېتىپ چۈش كۆرسە، تەشۋىش، سېتىېلىپ چۈش كۆرسە، ئىززەت.

33-        باب
بۇ بابتا ئاسمانغا چىقىپ چۈشمەك سۆزلىنىدۇ
ئادەم بىر يەردىن بىر يەرگە ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، سەپەر قىلار.
ئەگەر ئادەم ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ چۈش كۆرسە، مەنپەئەتلىك سەپەر قىلىۇر، دۆلىتى زىيادە بولار. ئەگەر ئادەم ئاسماندىن سالامەت يېنىپ چۈشسە، خەلق ئارىسىدا مەشھۇر بولار. ئاسماندىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى تالاق بولار.
ئاسمان ئوچۇق چۈش كۆرسە، جاھان مەمۇرلۇق بولار. ئادەم ئاسمانغا چىقىپ پەرىشتىلەرنى كۆرسە، مەرتىۋىسى زىيادە بولار. ئاسمانغا چىقىپ ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە، پادىشاھ بولار. ئاسماندا راۋاق ئېتىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس بولار.

34-        باب
بۇ بابتا ھايۋانات، ئۇچارلىقلار ۋە ئاجايىپ- غارايىپلار سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم قارچۇغا چۈش كۆرسە، مۈشكۈلاتى ئاسان بولار. قولىغا قارچىغا قونۇپ چۈش كۆرسە، خەلق ئارىسىدا ئەزىز بولار. قارچىغىنى تۇتۇۋىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇن ئالار. قارچىغىنى باشقا جانىۋارلارغا سېلىپ چۈش كۆرسە، دۆشمىنى زەبۇن بولار. ھويلىسىغا قارچىغا قونسا بۇ ئائىلىگە دۆلەت كېلەر. قاغا چۈشسە، مۇساپىر كىشىنى چۈشەر. قاغىنى تۇتۇۋىلىپ چۈشىسە، جاۋابخۇر خوتۇنغا نېسىپ بولار.

35-        باب
بۇ بابتا يىغلاش سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم چۈشىدە ئۈن چىقارماي يىغلىسا، خوشال بولار، ئۈن قويۇپ يىغلىسا غەم باسار.
ئادەم ھايۋاندىن رەنجى يېتىپ چۈش كۆرسە، يات ئادەمدىن كۆڭلى ئاغرىيدۇ.

36-        باب
بۇ بابتا قوي، قوچقار، كىيىك سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم چۈشىدە قوي ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنىگە غالىب كىلەر. قوي سويۇپ، قۇرسىقىنى يېرىپ چۈش كۆرسە، شۇ مەھەللىدە بىر ئادەم قازا قىلار. قوي سويۇپ گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە، مالدار بولار.
ئەگەر ئادەم قوچقار ياكى قوي قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرسە، چوڭ غەمدىن خالاس بولار، قەرزادار نىجات تاپار. قوي بېقىپ چۈش كۆرسە، تامام خەلق ئۇنىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتەر، چوڭ ئەمەلدار بولار.
ئەگەر ئادەم قاسساپتىن گۆش ئېلىپ چۈش كۆرسە، بىرەر مۇسىبەتتىن بىشارەت. ئەمما ئۆزى سالامەت بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئۆيىگە قوي ئېلىپ كېلىپ چۈش كۆرسە، نىمەتلىرى جەم بولار، قوينىڭ چاۋىسىنى چۈش كۆرسە، غايىب خەزىنە ئوچرار، ئەگەر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يەپ چۈش كۆرسە، چەكسىز مال تاپار.
ئەگەر قولاننىڭ گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە، ناھايىتى كۆپ مال دۇنيا تاپار.
ئەگەر ئادەم كېيىك چۈش كۆرسە، قىزدۇر، كېيىكنى ئۆيىگە سۇلاپ چۈش كۆرسە، ساھىبجامال خوتۇن ئالار.

37-        باب
بۇ بابتا ئاي، ئۇي، كالا سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم ئۇيغا مىنىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھلاردىن مەنپەئەت كۆرەر. ئۇينى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ چۈش كۆرسە، خەزىنىگە بەرىكەت كىرەر. ئۇ ئادەمنى ئۇي تېپىپ چۈش كۆرسە، ئۇ كىشى ئىززەت مەرتىۋىسىدىن چۈشەر. ئۇنىڭ گۆشىنى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، مىراسقا ئىگە بولار، ھەرخىل ئۇي- كالىلار سەھرادا ئوتلاپ چۈش كۆرسە، ئۇ مەھەللىگە رەنجى- ئازاب پەيدا بولار. سىمىز كالا چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق، كالا ئورۇق بولسا قەھەتچىلىك بولار.
كالىنى سېغىپ چۈش كۆرسە، قول بولسا ھۆر بولار. مۇساپىر بولسا ئۆز ۋەتىنىگە بارار. قەرزدار بولسا قەرزدىن خالاس بولار.
ئەگەر ئادەم قارا ئۇيغا مىنىپ چۈش كۆرسە، شەكسىز ئۇلۇغ بولار.

38-        باب
بۇ بابتا پىل سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم پىلغا مىنىپ چۈش كۆرسە، كاتتا دۆلەتكە چىقار. كۆپلىگەن مال- دۇنيا تاپار.
پىل ئادەمگە بويسۇنۇپ چۈش كۆرسە، يۇۋاش، قانائەتچان خوتۇن ئالۇر. پىل ئادەمگە غەزەپ قىلىپ چۈش كۆرسە، دۈشمىنى تەرىپىدىن غەم يېتەر. پىلنىڭ گۆشى ۋە تېرىسىنى چۈشىسە، بۇ مال- دۇنيادىن بېشارەتتۇر. پادىشاھتىن مەنپەئەت كۆرەر.
پىل پۇتىنى ئادەمگە تەككۈزۈپ چۈش، كۆرسە غەم يېتەر. ئادەم پىلنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپ قېلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنىنى تالاق قىلار. پىلغا مىنىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھ بولۇر. ئەگەر پىل چىشى بولسا يامان قىلىق خوتۇندىن ھەزەر قىلىش لازىم.
ئەگەر ئادەم سۇ كالسىغا مىنىپ چۈش كۆرسە، بىر جامائەتكە باش بولۇر، سۇ كالىسىنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، بىر چوڭ كىشىگە غەزەپ قىلۇر.
ئەگەر سۇ كالىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چۈش كۆرسە، پادىشاھتىن ئىنئام كۆرەر.

39-        باب
بۇ بابتا توڭگۇز، ئېيىق، چاشقان، مۈشۈك، يالمانتاق، ئاغمىخان، يىلان، چايان قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم توڭگۇز تېپىۋىلىپ چۈش كۆرسە، پاسىقلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇر، توڭگۇزنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، بەدئەھلى كىشىلەر بىلەن ئۇرۇشار، توڭگۇز گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە، ھارام يەر، ئادەم توڭگۇزنى بېقىپ چۈش كۆرسە، پاسىق ئادەملەرگە باش بولۇر، توڭگۇز ئادەمگە ھۇجۇم قىلىپ چۈش كۆرسە، يامان ئادەملەردىن رەنجى كۆرەر.
ئەگەر ئادەم چاشقان چۈش كۆرسە، ئۆيىگە ئوغرى پەيدا بولۇر، چاشقاننى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، ھەج تاۋاپ قىلور، چاشقاننى تۇتۇپ چۈش كۆرسە، يامان ئىش قىلىدىغان خوتۇن ئالۇر.
ئەگەر ئادەم ئېيىق چۈش كۆرسە، بەدخۇي خوتۇنغا گىرىپتار بولۇر. ئېيىق تېرىسى ۋە ئېيىق گۆشىنى چۈش كۆرسە، مال- دۇنيا تاپار.
ئەگەر ئادەم توشقان چۈش كۆرسە، مال- دۇنيا تاپار.
ئەگەر ئادەم مۈشۈك چۈش كۆرسە، سۆزمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم مۇغا چۈش كۆرسە، مەككار خىزمەتكار كېلۇر. كەسلەنچۈك چۈش كۆرسە، نادان كىشى بىلەن دۈشمەن بولۇر، يىلان چۈش كۆرسە، دۈشمەن پەيدا بولۇر،  يىلاننىڭ گۆشنى يەپ چۈش كۆرسە، مەنپەئەت كۆرەر، يىلانغا غالىب كەلسە دۈشمىنىگە غالىب كىلۇر، يىلان غالىب كەلسە دۈشمىنى غالىب كىلۇر. يىلاننى ئۆلتۈرسە، دۈشمىنى ئۆلەر. ئاق يىلان مۇسۇلمان دۈشمەندۇر، قارا يىلان بەد مەزھەب دۈشمەندۇر. يىلاننى تۇتۇپ ساندۇققا سېلىپ چۈش كۆرسە، چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشەر.
ئەگەر ئادەم ئەجدىھا چۈش كۆرسە، زالىم پادىشاھقا گىرىپتار بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئۆمۈچۈك چۈش كۆرسە، باشقىلاردىن ئازار كۆرمەس. ئەگەر ئادەم قاراقومچاق چۈش كۆرسە، چىقىمچى ئادەم بىلەن دوست بولۇر.

40-        باب
بۇ بابتا شىر ۋە يولۋاس قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم يولۋاس ياكى شىر بىلەن تۇتىشىپ قېلىپ چۈش كۆرسە، بۇ ئادەم شىرنى يەڭسە، دۈشمىنىگە غالىب كېلۇر، شىرغا يېڭىلىپ قالسا، دۈشمىنى بۇ ئادەمگە غالىب كىلۇر.
ئەگەر ئادەم شىرغا مىنىپ چۈش كۆرسە، تامام دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا پەرمانبەردار بولۇر، خەلق ئارىسىدا ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر. شىرنىڭ گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە، كاتتا باي بولۇر. شىرنىڭ سۈتىنى ئىچىپ چۈش كۆرسە، دۈشمەندىن پايدا كېلۇر، مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر.
ئەگەر ئادەم يولۋاس بىلەن بىرگە چۈش كۆرسە، بۇ كىشىنىڭ دۈشمىنى ھېچ كىشىگە ئاشنا بولماس، ئەگەر يولۋاسقا مىنىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھ بولۇر. يولۋاسنىڭ تېرىسى ياكى گۆشىنى چۈشىدە كۆرسە مال- مەنپەئەت تاپار.
ئەگەر ئادەم بۆرە چۈش كۆرسە، خەلقنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىگە دۈشمەن بولۇر.
ئەگەر ئادەم تۆلكە چۈش كۆرسە، ھىيلىگەر، كاززاپ، ساختىپەز ئادەم پەيدا بولۇر.
ئەگەر ئادەم ئىت چۈش كۆرسە، ئالىم بولۇر، ئەگەر ئىتنىڭ گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە، دۈشمەننىڭ يولى تۇسۇلار. ئەگەر كىرپە ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە، ئۇ ئۆيگە ئوغرى كىرور.
ئەگەر ئۆيگە مۈشۈك كىرىپ چۈش كۆرسە، ئۆي ئىگىسى ئالتە كۈن كىسەل بولۇپ ياتار. ئەگەر مۈشۈكنىڭ سۈتىنى ئىچىپ چۈش كۆرسە، رەنجى- مۇشەققەت تارتار. ئەگەردە مۈشۈك گۆشى ۋە تېرىسىنى چۈشىدە كۆرسە، مال- مەنپەئەت تاپار. ئەگەردە كىرپە چۈش كۆرسە، غەم –قايغۇ ئاز بولۇر.
ئەگەر ئادەم مايمۇن چۈش كۆرسە، خۇدايىتائالانىڭ غەزىپىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى چۈشەر.

41-        باب
بۇ بابتا ئۇچار قۇشلار سۆزلىنىدۇ
ئەگەر ئادەم تاز قارا چۈش كۆرسە، ئولۇغلارغا يېقىن بولۇپ، مەنپەئەت كۆرەر. تاز قاراغا مىنىپ ئاسمانغا چىقىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھ بولۇر، گۆشىنى يەپ چۈش كۆرسە پادىشاھلاردىن ئىنئام ئالار.
ئەگەر ئادەم بۈركۈت چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر.
ئەگەر ئادەم سوپسوپىياڭ چۈش كۆرسە، بىتاپ بولۇر.
ئەگەر ئادەم بايقۇش چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنت كۆرەر.
ئەگەر ئادەم قارچىغا چۈش كۆرسە، قارچىغا ھويلىسىغا چۈشسە ياكى تۇتۇۋالسا، زەردار بولۇر، دۆلىتى زىيادە بولۇر. ساھىپجامال خوتۇن ئالۇر.
ئەگەر ئادەم لاچىن چۈش كۆرسە، دۈشمىنىگە غالىب كېلۇر.
ئەگەر ئادەم قۇرغۇي چۈش كۆرسە، خۇشال بولۇر. خوتۇن ئالۇر.
ئەگەر ئادەم سېغىزخان چۈش كۆرسە، دوستىدىن ۋاپا كۆرمەس.
ئەگەر ئادەم توز چۈش كۆرسە، خىزمەتكارى تولا بولۇر.
توزنى تۇتۇپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋىسى زىيادە بولۇر. ئەگەر توزنىڭ بالىسىنى ئېلىپ چۈش كۆرسە، قىز پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلۇر.
ئەگەر ئادەم ئۆردەك چۈش كۆرسە، خۇشال بولار، مەنپەئەت كۆرەر.
ئەگەر ئادەم قاغا چۈش كۆرسە، مۇساپىرلارغا قوشۇلار.
ئەگەر ئادەم كەپتەر چۈش كۆرسە، خىزمەتكارى تولا بولار، كەپتەرنى تۇتۇۋالسا، ئەقلى زىيادە بولۇر، بىرىدىن خوشخەۋەر كىلۇر.
ئەگەر ئادەم كەكلىك چۈش كۆرسە، خىزمەتچىلىرى كۆپ بولار. توخۇ توخۇمىنى چۈشىسە، كۆپ پۇل تاپار. خۇرازنى چۈش كۆرسە، مەزىن بىلەن دوست بولار. قىرغاۋۇل چۈش كۆرسە، خىيانەت قىلغۇچىلارغا ھەمسۆھبەت بولار. بۇلبۇل چۈش كۆرسە، خۇش ئاۋاز كىشى بىلەن دوست بولار. قۇچقاچ چۈش كۆرسە، مەنپەئەت كۆرەر، ئەگەر قۇچقاچ قولغا قونسا، كۆپلىگەن پۇل قولغا كېلۇر.
جۇغۇلدەك چۈش كۆرسە، ئاجىز كىشىلەرگە زۇلۇم يېتەر، شاتۇتى چۈش كۆرسە، تىلى پاساھەتلىك چىرايلىق خوتۇنغا، كاككۇك چۈش كۆرسە، ئىشلىرى ئوڭ كېلىدىغان خوتۇنغا، پاختەك چۈش كۆرسە، بەدخۇي، مۇناپىق خوتۇنغا ئېرىشكەي. قارلىغاچ چۈش كۆرسە، قىز ئالغاي، ھۆپۈپ ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە، زەردار بولار. ئەگەر ئادەم سۇمرۇغ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولار.

42-        باب
ئەگەر ئادەم ھەرە چۈشىسە، ياش يېگىتنى چۈشەر. پەرۋانە چۈش كۆرسە، نادان كىشىگە دوست بولار. بۈرگە، پىت چۈش كۆرسە پەرزەنتلىرى كۆپ بولار، بۈرگە، پىتنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، غەمدىن خالاس بولار. چېكەتكە چۈش كۆرسە، شول مەھەللىگە لەشكەر كېلىپ چوڭ غەلۋە- غوۋغا پەيدا بولار.

43-        باب
ئەگەر ئادەم بېلىق چۈش كۆرسە، ھالالدىن مال تاپار ۋە پەرزەنت ۋۇجۇدقا كېلەر. ئەگەر بېلىقنىڭ قارنىدىن بىرەر نەرسە تېپىۋېلىپ چۈش كۆرسە، خەزىنسىگە بەرىكەت پەيدا بولار.
ئەگەر قومچاق شەھەر ياكى مەھەللىدە كۆپ بولۇپ چۈش كۆرسە، شۇ شەھەر ياكى مەھەللىگە رەنجى- ئازاب پەيدا بولار. لەھەڭ چۈش كۆرسە، ئوياتسىز دۈشمەننىڭ يۈزىنى كۆرەر.

44-        باب
ئەگەر تۈمۈرچىنى چۈشىسە، مەرتىۋىسى زىيادە بولار. ئەگەر ئادەم چاقچىنى چۈشىدە كۆرسە، ھەقنى ناھەقتىن ئايرىيدۇ، قېلىچ سوقۇدىغان تۈمۈرچىنى كۆرسە، خەلققە ئەدەپ ئۆگىتەر. تارازا تۇتۇدىغان ئادەمنى چۈشىسە، راستچىللىق بىلەن مەشھۇر بولار. باش كىيىم تىككۈچىنى چۈشىسە كۆرسە، شادىمان بولار. نوختا ياسايدىغان ئادەمنى چۈشىدە كۆرسە، خەلققە ئىلىم ئۆگىتەر. كۈنچى چۈشىسە، ھەيۋەتلىك بولار. زەگەرنى چۈشىدە كۆرسە، ياخشى ئىشقا دەلىل بولار. ئەگەر ئادەم سودىگەر چۈشىسە، بەخت- دۆلەت تاپار. تېۋىپ چۈش كۆرسە، خەلققە نەسىھەت قىلار. ئەگەر ئادەم مۇزدۇزنى چۈش كۆرسە، مىراس تەقسىم قىلار. ئەگەر ئادەم چىغرىق چۈش كۆرسە، خەلقنىڭ مۈشكۈلاتى ئېچىلار. ئاتقۇچ چۈش كۆرسە، يالغان سۆزگە دەلىل بولار. ئەگەر ئادەم دەللال چۈش كۆرسە، غەملىك بولار. ئەگەر ئادەم باققال چۈش كۆرسە، كەڭرىلىك بولار.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 20:45:20

يوتقان كۆرپەيىغىپ چۇش كۆرسە، كىسەلدىن ساقىيار.
دادىسى بىلىجان تۇتۇپ، شىشىگە سىلىپ چۇشىسە، ئوغۇل پەرزەنىتلىك بۇلۇر.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 08:04:48

ئۇچار قۇش، ھايۋانات توغرىسىدا
ئەگەر كىشى پاختەك ئۇچۇرۇپ، ئۇچۇپ چۈشىسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولغاي.
ئەگەر كىشى لاچىن چۈشىسە، پەرزەنتلىرى باتۇر ۋە قۇرقماس بولغاي.
ئەگەر كىشى كەپتەر چۈشىسە، پەرزەنتى دانىشمەن، ئالىم بولغاي.
ئەگەر كىشى دەمدەر چۈشىسە، شۇ يۇرت كامال تېپىپ بەخت سائادەت يار بولغاي.
ئەگەر كىشى تورغاي چۈشىسە، ئالىم- ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى قۇچقاچ چۈشىسە، غەمگە قالۇر، سەدىقە بەرگەي.
ئەگەر كىشى سىغىزخان چۈشىسە، ھارامخۇر، قارام كىشىلەر بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى بۇلبۇل چۈشىسە، پەرزەنتى نەغمىچى، سازەندە بولغاي.
ئەگەر كىشى قارلىغاچ چۈشىسە، پەرزەنتى راست سۆزلۈك، ھەقىقەتچى بولغاي.
ئەگەر كىشى ھۆپۈپ چۈشىسە، پەرزەنتى پېخسىق، بىخىل بولغاي.
ئەگەر كىشى  كىيىك چۈشىسە، غىزاغا داخىل بولۇر.
ئەگەر كىشى  كالا قوغلاپ يۈرۈپ ياكى كالا قوغلاپ كىتىپ چۈشىسە، ئولۇغلارنىڭ نەزىرىدىن يىقىلغاي.
ئەگەر كىشى  كالا بۇغۇزلاپ چۈشىسە، شۇ يۇرتقا خەتەر يەتكەي.
ئەگەر كىشى  كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈشىسە، ئۆي سەرەمجانلىرى- بىساتلىرى تەقسىم قىلىنغاي.
ئەگەر كىشى  قوي گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈشىسە، تەقسىم نۆۋىتى كەلگەي.
ئەگەر كىشى  پاقلان چۈشىسە، پەرزەنتلىرى يېتىم قالغاي.
ئەگەر كىشى  ئۆچكە چۈشىسە، ئۇ ئالۋاستى، شاياتۇنلار سۈرىتىدۇر.
ئەگەر كىشى  ئوغلاق چۈشىسە، ھېيلىگەر پەرزەنت كۆرگەي.
ئەگەر كىشى  توپ- توپ مال بېقىپ چۈشىسە، ئەلگە باش بولغاي.
ئەگەر كىشى  تۆگە قوغلاپ چۈشىسە، ئەۋلىيالارنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولغاي.
ئەگەر كىشى  تۆگە چۈشىسە، ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى  مېكيان چۈشىسە، خوتۇن ئالۇر ياكى ياتلىق بولغاي.
ئەگەر كىشى  ئىت قاۋاپ، قەست قىلىپ چۈشىسە، بۇ دۈشمەن سۈرىدۇر، سەدىقە بەرگەي.
ئەگەر كىشى  ھايۋاناتلارنىڭ تىزىگىنى تېرىپ چۈشىسە، ئۆمرى جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەي.
ئەگەر كىشى  ئات چاپتۇرۇپ چۈشىسە، مۇراد- مەقسىتىگە يەتكەي.
ئەگەر كىشى  ئاتلىق جەڭ قېلىپ چۈشىسە، خوتۇنى بىلەن جىدەللەشكەي ياكى ئۆيى بۇزۇلغاي.
ئەگەر كىشى  ئاتتىن يېقىلىپ چۈشىسە، خوتۇندىن، ياخشى كۆرگەن قىزىدىن يامانلىق كەلگەي.
ئەگەر كىشى  يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مىنىپ چۈشىسە، خوتۇنى كېسەل بولغاي.
ئەگەر كىشى بوغاز تۆگە چۈشىسە، ئەزرائىلنىڭ ياكى ئۆمىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنىڭ سۈرىدۇر.
ئەگەر كىشى  كەكلىك چۈشىسە، قوش كىزەك پەرزەنتلىك بولغاي.
ئەگەر كىشى  قارچۇغا چۈشىسە، سۆيگۈنى قولغا كەلگەي.
ئەگەر كىشى  قۇشلار سۇقۇشۇپ چۈشىسە، دۈشمىنى بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى  سارنى چۈشىسە، پاسىقلار بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى  ئىشەكتىن يېقىلىپ چۈشىسە، ئۆزىگە زىيان يېتەر.
ئەگەر كىشى  ئىت قاۋاپ چۈشىسە، دۈشمەن قەست قېلۇر.
ئەگەر كىشى  يىلان چۈشىسە، دۈشمەن سۈرىدۇر، سەدىقە بەرگەي.
ئەگەر كىشى چاشقان چۈشىسە، ئوغرى سۈرىدۇر.
ئەگەر كىشى  توشقان چۈشىسە، پەرزەنتلىك بولغاي.
ئەگەر كىشى  قاغا قاقىلداپ چۈشىسە، يامان خەۋەر كەلگەي.
ئەگەر كىشى  قۇش چۈشىسە، دۆلىتى زىيادە بولغاي.
ئەگەر كىشى  تۆلكە چۈشىسە، ھىيلىگەر، مەككار بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى  سىمىز ئىنەك چۈشىسە، مەمۇرچىلىق بولغاي. ئورۇق ئىنەك چۈشىسە، قەھەتچىلىك بولغاي.
ئەگەر كىشى  ھايۋان، ئۇچار قۇشلار بىلەن سۆزلىشىپ چۈشىسە، ھەقىقى مۇسۇلمان بولغاي.

ئاسمان جىسىملىرى ۋە دەريا- كۆل جىسىملىرى توغرىسىدا
ئەگەر كىشى يېڭى چىققان ئاي چۈشىسە، پەرزەنت كۆرگەي. تولۇق ئاي چۈشىسە، مۈشكۈل ئىشلىرى ئاسان بولغاي.
ئەگەر كىشى ئۇچۇپ چۈشىسە، دۆلىتى زىيادە بولغاي.
ئەگەر كىشى چۈشىدە يېرىم ئاي كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولۇپ قالغاي.
ئەگەر كىشى ئاي تۇتۇلۇپ چۈشىسە، يۇرت ئىچىدە پىتنە- پاسات تارقالغاي.
ئەگەر كىشى يۇلتۇز چۈشىسە، مۇراد مەقسەتكە يەتكەي.
ئەگەر كىشى يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈشىسە، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي.
ئەگەر كىشى ھۆكەر يۇلتۇزنى چۈشىسە، ئولۇغلاردىن مەدەت بولغاي.
ئەگەر كىشى يۇلتۇز ئېقىپ كىتىپ چۈشىسە، بىر ئالىم ۋاپات بولغاي.
ئەگەر كىشى ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈشىسە، گۇناھىنىڭ كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي.
ئەگەر كىشى چاقماق چېقىپ چۈشىسە، پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولغاي.
ئەگەر كىشى دەريا، ياكى دەرياغا چۈشۈپ چۈشىسە، مەرتىۋىسى ئۆسكەي.
ئەگەر كىشى كىمىگە چۈشۈپ چۈشىسە، مەرتىۋە تاپقاي.
ئەگەر كىشى بېلىق چۈشىسە، ھالالدىن رىسقى كۆپ بولغاي.
ئەگەر كىشى لەھەڭ دەم تارتىپ چۈشىسە، ئولۇغلاردىن ئىنئام ئالغاي.
ئەگەر كىشى يامغۇر چۈشىسە، ئەرزانچىلىق بولغاي.
ئەگەر كىشى ئاپتاپ چېقىپ چۈشىسە، مەرتىۋىلىك، ھۆرمەتلىك بولغاي.
ئەگەر كىشى قوياش چۈشىسە، ئاللاھنىڭ جامالىدۇر.
ئەگەر كىشى كۈن تۇتۇلۇپ چۈشىسە، خەلق زۇلۇمدا قالغاي.
ئەگەر كىشى ئاي- كۈن بىر يەردە جەم بولۇپ چۈشىسە، مەرتىۋىسى، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەي.
ئەگەر كىشى لاي سۇ چۈشىسە، رەنجى- مىھنەتلىك بولغاي.
ئەگەر كىشى سۈزۈك سۇ  چۈشىسە، ئۆمرى ئاز قالغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.

يېمەك- ئىچمەك، مېۋە- چىۋە، زىرائەت توغرىسىدا
ئەگەر كىشى قوغۇن يەپ چۈشىسە، رىسىقى كۆپ بولغاي.
ئەگەر كىشى توڭ قوغۇن يەپ چۈشىسە، جىدەلخۇر بولغاي؛ ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈشىسە، ئىزا- ئاھانەتكە قالغاي.
ئەگەر كىشى ئاق ئۈجمە يەپ چۈشىسە، رىسقى كۆپ بولغاي.
ئەگەر كىشى ياڭاق چۈشىسە، جىدەلگە قالغاي.
ئەگەر كىشى كۆك ئۈزۈم يەپ چۈشىسە، يىغا- زارلىق بولغاي.
ئەگەر كىشى ئالما چۈشىسە، دىدار كۆرۈشكەي.
ئەگەر كىشى جىگدە چۈشىسە، نائەھلى بىلەن دوست بولغاي.
ئەگەر كىشى شىكەر، ناۋات يەپ چۈشىسە، خۇشاللىق بولغاي.
ئەگەر كىشى ئانار چۈشىسە، سوۋغات خەۋىرى كەلگەي.
ئەگەر كىشى بېھى چۈشىسە، كېسەل بولغاي.
ئەگەر كىشى توخۇم يەپ چۈشىسە، پەرزەنت كۆرمىگەي.
ئەگەر كىشى تۇخۇم چېقىلىپ كىتىپ چۈشىسە، پەرزەنتى تۇرمىغاي.
ئەگەر كىشى قۇرسىقى تويۇپ چۈشىسە، غەمگە قالغاي.
ئەگەر كىشى قۇرسىقى ئېچىپ چۈشىسە، غەمدىن خالاس بولغاي.
ئەگەر كىشى قاپاق چۈشىسە، كېسەلدىن خالاس بولغاي.
ئەگەر كىشى كۆچەت قويۇپ چۈشىسە، پەرزەنت كۆرگەي.
ئەگەر كىشى خامان تىپىپ چۈشىسە، ئەلگە باش بولغاي.
ئەگەر كىشى قوناق چۈشىسە، مۈشكۈلى ئاسان بولغاي.
ئەگەر كىشى مېۋىلەرنىڭ چىچەكلىرىنى چۈشىسە، ئۆمىرى راھەت- پاراغەتتە ئۆتكەي.
ئەگەر كىشى تۇز چۈشىسە، بەدنامغا قالغاي.
ئەگەر كىشى بوغداي چۈشىسە، جاپا بىلەن دۇنيا تاپقاي.
ئەگەر كىشى ئارپا چۈشىسە، مەينەتچىلىككە قالغاي.
ئەگەر كىشى تېرىق چۈشىسە، مۈشكۈلى ئاسان بولغاي.
ئەگەر كىشى بوغداي ئوخشاپ چۈشىسە، مەمۇرچىلىق بولغاي.
ئەگەر كىشى قىزىل گۈل چۈشىسە، ئولۇغلاردىن ئېنئام ئالغاي.

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 10:45:53

تۈمۈر قاپقان، زەنجىر، يىپ، ئارغامچا، بوز توقۇغان، توزاق، زىندان، ئوتۇن قاتارلىقلارنى چۈشىدە كۆرمەكنىڭ بايانى
ھەركىم يىپنى چۈشىدە كۆرسە، قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك، ئولۇغ بولۇر، مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشلىرىدا راستلىق بولۇر.
ھەركىم تۆمۈر زەنجىرنى چۈشىدە كۆرسە، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئادىشۇر، جاپا- مۇشەققەتكە گىرىپتار بولۇر.
ئەگەر زەنجىر قولىغا ياكى دەرەخكە باغلانغاننى چۈشىدە كۆرسە، بۇ يامانلىقنىڭ بېشارىتىدۇر.
ناۋادا، زەنجىردىن پات خالاس بولسا، غەم- قايغۇ، ئەندىشىلەردىن تېز خالاس بولۇر.
ھەركىم زىنداننى چۈشىدە كۆرسە، ناۋادا ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل- مەرتىۋىسى بولغان بولسا، ئۇزاق داۋاملىشۇر.
ئەگەر زىندان ساقلاپ چۈش كۆرسە، يامان ئىشلارغا گىرىپتار بولۇر. ئەگەر زىنداندىن چىقىپ چۈش كۆرسە، غەم- قايغۇدىن خالاس بولۇر.
ھەركىم چۈشىدە ئوتۇننى كۆرسە، يېنىغا بىر مۇناپىق ياكى يالغانچى كىشى كېلۇر. ئەگەر ئوتۇن ئېلىپ ياكى ئوتۇن سېتىپ چۈش كۆرسە، ياخشى كىشىلەر بىلەن دوست بولۇر.
ھەركىم يىڭنىنى چۈشىدە كۆرسە، پايدا- مەنپەئەتكە ئىرىشەر.
ئەگەر ناتۇنۇش ئادەمنىڭ كىيىم- كېچىكىنى تىكىپ چۈش كۆرسە، زىيان تارتار.
ھەركىم پاختىنى چۈشىدە كۆرسە، مال- دۇنياغا ئېرىشەر.
ھەركىم پاختىنى ئۇنىڭ غوزىكى بىلەن بىللە چۈشىدە كۆرسە، تولىمۇ ئوبداندۇر، ئاسانلا پايدا- مەنپەئەتكە ئېرىشەر.
ئايال كىشى چۈشىدە يىكنى كۆرسە ئايۋان- سارايغا ئىگە بولۇر.

ئۇرۇش، قۇرال- ياراق، خەنجەر، سۇناي، تەبلىۋاز، ناغرا، نەيزە، مىلتىق، ئوق، لەشكەر قاتارلىق نەرسىلەرنى چۈشىدە كۆرمەكنىڭ بايانى
ھەركىم قۇراللارنى چۈشىدە كۆرسە، ئەمەل- مەرتىۋىگە ئىرىشەر ۋە قۇدرەت تاپار.
ھەركىم ئوق- دورىنى چۈشىدە كۆرسە، مەلۇم بىر كىشىدىن خەت- خەۋەر كېلۇر، ئىشلىرى تولىمۇ ئوبدان بولۇر.
ئەگەر ئوق بەلگۈلەنگەن نىشانغا تېگىپ چۈش كۆرسە، مۇراد- مەقسىتى ھاسىل بولۇر، ئەلچى ئامانەتنى، سۆزنى توغرا يەتكۈزەر. ئوق بەلگۈلەنگەن نىشانغا يەتمەي چۈش كۆرسە، ئەۋەتكەن گەپ- سۆزلەر ئۆز پېتىچە يەتمەس. ئوق سېتىۋىلىپ چۈش كۆرسە، ئەلچىلەر يولدا بىرەر خېيىمخەتەرگە دۇچار بولۇر ياكى ئۇ تاپلىغان ئىشقا خىيانەت قىلۇر.
ھەركىم پىچاق ۋە خەنجەرنى چۈشىدە كۆرسە، ھىممەت ۋە قۇت، ئامەتكە مۇيەسسەر بولۇر، ئەمەلدار بولۇر، دۈشمەنلىرى زاۋال تاپار.
ھەركىم نەيزىنى چۈشىدە كۆرسە، ئەمەل- مەرتىۋىگە مۇيەسسەر بولۇر. دۈشمەنلىرىگە خېيىمخەتەر يېتەر، ئۈمرى ئۇزۇن بولۇر.
ھەركىم ئالمىنى چۈشىدە كۆرسە، مال- دۇنياغا مۇيەسسەر بولۇر. شۆھرەت تاپار. دۈشمەنلرى ئۆلۈم ۋە رەسۋالىققا دۇچار بولۇر.
ھەركىم قامچا تېپىۋىلىپ چۈش كۆرسە ياكى ھايۋاننىڭ بۇرنىغا سالىدىغان چۈلۈكنى چۈشىدە كۆرسە، مال- دۇنيا تاپار.
ھەركىم ئىگەرنى چۈشىدە كۆرسە ياكى ئاتقا ئىگەرنى توقۇپ چۈش كۆرسە، ئەدەب- ئەخلاق ئۆگىنەر، چۈشىدە تۆمۈردىن ياسالغان ئەسۋابلارنى كۆرسە، مال- دۇنياغا ئىگە بولۇر.
ھەر كىم تىغنى غىلىپىدىن تارتىپ چىقىرىپ چۈش كۆرسە، مۇبارەك قەدەملىك ئوغۇل پەرزەنت يۈزىنى كۆرۈر.
ھەركىم چۈشىدە تۆمۈرنى كۆرسە، سەپەردە كۈچ- قۇۋەتكە ئىگە بولۇر.
ھەركىم مەجرۇھنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە، بۇنىڭ ھۆكۈمى ھارامدۇر.
ھەركىم قەسەم ئىچىپ چۈش كۆرسە، ئەگەر راست ئىشقا قەسەم ئىچكەن بولسا، تۆۋە قىلىپ، خەلق- ئالەم ئالدىدا دورۇس سۆزلەيدىغان بولۇر. ئەگەر يالغان قەسەم ئىچكەن بولسا، زىيان تارتار.

سۈرەت، كىتاب، يىپەك ۋە يۇڭ قاتارلىق نەرسىلەرنى چۈشىدە كۆرمەكنىڭ بايانى
ھەر كىشى رەڭگارەڭ سۈرەتلەرنى چۈشىدە كۆرسە، مال- دۇنيالىق بولۇر، ئىززەت- ھۆرمەت ۋە مەرتىۋىگە مۇيەسسەر بولۇر.
يىپەك رەختلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى يېشىل بولسا، بۇ تولىمۇ ئوبداندۇر.
ھەركىم يۇڭنى ياكى چاچنى چۈشىدە كۆرسە، ھەممە جايدا مال- دۇنياغا ئېرىشۇر.
ھەركىم كىتاب پۈتۈپ چۈش كۆرسە، شاد- خۇرام بولۇر، تۇرمۇشنىڭ ھوزۇر- ھا لاۋىتىنى سۈرەر.
ئەگەر كىتابتا ئادەملەرنىڭ سۈرەتلىرى بولسا، ئۇ چاغدا ھەممە ئىشلىرى تولىمۇ ئوبدان بولۇر.

سەۋر قىلماق، كور بولماق، كېسەل بولماق ۋە كېسەلدىن شىپا تاپماق، پۇتى سۇنماق قاتارلىقلارنى چۈشىدە كۆرمەكنىڭ بايانى
ھەركىم ئۆزىنى قارىغۇ بولۇپ قېلىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتىنىڭ غېمىنى يەر.
ھەركىم كور ۋە ئاجىزلارنى چۈشىدە كۆرسە، تولىمۇ سەگەك بولۇر، شۈكۈر قىلسا، بۇ تولىمۇ ئوبداندۇر.
ھەركىم قولىدا ھاسا تۇتۇپ چۈش كۆرسە، مەنپەئەت كۆرەر، مۇراد- مەقسى تامام ھاسىل بولۇر، بۇ ياخشىلىقتىن بېشارەت.
ئاغرىق كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ھەممە ئىشلىرى ياخشى بولۇر، مۇراد- مەقسىتىگە يېتەر.
ھەركىم پۇتى سۇنۇپ كېتىپ چۈش كۆرسە، رىسقى كەم بولار، قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ توسالغۇغا ئوچرار.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 09:23:36

داۋامى بارمۇ .
بەت: [1] 2
: يا ئىشەن، يا ئىشەنمە «چۈش تەبىرى»