Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 01:08:58

iOS ۋە Android پىروگراممېرى قوبۇل قىلىنىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 13:09  



     ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە يېڭى ئىشخانىغا كۆچىمىز ۋە بەزى يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ باشلاپ كېتىمىز. قولىمىزدا بار بولغان تېخنىك خادىملار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ تۈرلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاش بەسى مۈشكۈل.
     شۇڭا ئىككى نەپەر iOS پىروگراممېرى ۋە ئىككى نەپەر Android پىروگراممېرى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق.
     ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز كەسپى دائىرىسىدە پىروگرامما يېزىش، سىناش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
     خىزمەت ئورنى: شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ.
     خىزمەت ۋاقتى: ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.
     تەلەپ: ئۆز ساھەسىدە مۇستەقىل پىروگرامما ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، رەتلىك، ئۆلچەملىك كود يېزىش ئادىتى بولۇشى، يازغان كودىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىزاھاتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.
     يىللىق كىرىمى: پىروگراممېرلارنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (36 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + تۈر مۇكاپاتى + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.
پىروگراممېرلار شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.
     ئەسكەرتىش:
     1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى ئىشلىسە بولىدۇ.
     2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.
     3. پىروگراممېر رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن پىروگراممېر شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز پىروگراممېردىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ. [ئەسكەرتىش: (1) پىروگراممېرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق ۋاقتىنى بىر ئايغا قىسقارتىشقا بولىدۇ؛ (2) پىروگراممېرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق مەزگىلىدىكى مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.]
     ئۆزىڭىزنى ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
     بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.
     شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا
     تور بېكەت ئادرېسى: http://www.xjcfan.com
     تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991
     يان تېلېفون: 13999947028
     ئالاقىلەشكۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل
     ئېلخەت: master@xjcfan.com
     شىركەت مەسئۇلى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى يان تېلېفون نومۇرى بىلەن قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

     ئەسلى تېما ئادرېسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4274-1-1.html
بەت: [1]
: iOS ۋە Android پىروگراممېرى قوبۇل قىلىنىدۇ