Oquyli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 00:24:02

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار(يەڭگۈچىلەر) بىلەن قاقشىغۇچىلار ئارسىد...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 12:56  

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار(يەڭگۈچىلەر) بىلەن قاقشىغۇچىلار ئارسىدىكى ئون چوڭ پەرق
مەن ئادەتتە ھەر ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇيمەن. بۈگۈن ئوقۇشنى تاماملىغان كىتابنىڭ ئسمى" مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن قاقشىغۇچىلار ئارسىدىكى ئون چوڭ پەرق "  
“The Top 10 Distinctions Between Winners and Whiners"
بۇ كىتاب ئامېرىكىلىق كارخانىچى،ئۆزىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى، كۆپلىگەن ئىلھاملاندۇرغۇچى نۇتۇقلارنى سۆزلىىگۈچى كېىيس كامېرون سمىس (Keith Cameron Smith) تەرىپىدىن يېزىلغان. تۈۋەندە كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى، ئاز-تولا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.  
بىرىنچى پەرق:يەڭگۈچىلەر ھامان( ئشلاردىن) ئىىجابىي مەنەلەرنى قېزىپ چىقالايدۇ ، لېكىن قاقشىغۇچىلار  ھامان( ئشلاردىن) سەلبىي مەنەلەرنى قېزىپ چىقىدۇ؛
ئىككىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر ھەمىشە دىققىتىنى(مۇھىم ئشلارغا) مەركەزلەشتۈرىدۇ، لېكىن قاقشىغۇچىلار دىققىتىنى يىغمايدۇ؛
ئۈچىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر ھامان( ئشلارنى ) چوڭ جەھەتتىن ئويلايدۇ، لېكىن قاقشىغۇچىلار تولىسى (ئشلارنىڭ ) كىچىك ياكى بىر قىسقمنىلا ئويلايدۇ؛
تۆتىنچى پەرق:  يەڭگۈچىلەر دوستلۇق (ئىجابىي) مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ، لېكىن قاقشىغۇچىلار ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزىدۇ؛
بەشىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر ياشاش جەريانىدا ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ، ئەمما قاقشىغۇچىلار ھاياتنىڭ ھۇزۇرى (ھەممە ئشلارنىڭ) ئاخىرىدا  دەپ ئويلايدۇ؛
ئالتىنچى پەرق:  يەڭگۈچىلەر ھەمىشە سۆزلىگەننىڭ ئككى ھەسسىچىلىك ئويلايدۇ، قاقشىغۇچىلار بولسا ئويلىغاننىڭ ئككى ھەسسىچىلىك سۆزلەيدۇ؛
يەتتىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر بىر ئۆيگە كىرىش بىلەنلا ئۇنى يۇرۇتىدۇ، لېكىن قاقشىغۇچىلار بىر ئۆيدىن ئايرىلىش ئارقىلىق ئۇنى يۇرىتىدۇ؛
سەككىزىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر (بىر ئش قىلىش ئۈچۈن ) يول تاپىدۇ، ئەمما قاقشىغۇچىلار(بىر ئشنى قىلماسلىق ئۈچۈن)  بانا سەۋەب تاپىدۇ؛
توققىزىنچى پەرق:  يەڭگۈچىلەر ئۆزى ئويلىغان نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئەمما قاقشىغۇچىلار ئۆزى قولغلا كەلتۈ رەلمىگەن(نەرسىلەر) نى ئويلايدۇ،
ئونىنچى پەرق: يەڭگۈچىلەر (ئوزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئشلار ئۈچۈن) مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ، ئەمما قاقشىغۇچىلار  (ئوزى قىلغان ئشلارنىڭ) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى بوپ قالىدۇ.
بۇ كىتاپ ئەسلى  ئېنگلىزچە نەشىر قىلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ (2010يىللارنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنىپتىكەن)، بەلكىم(كەسپىي تەرجىمانلار ئشلىگەن) ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن. مەن پەقەت  تورداشلار نىڭ پايدىلىنشى ئۇچۈن سۇندۇم.  ئېنگلىزچە بىلىدىغان دوستلار تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بىۋاستە ئېنگلىزچە نۇسخىسىنى كۆرسىمۇ بولىدۇ.
http://media.thepathwaytowealth.com.s3.amazonaws.com/newsite/Books/The_Top_10_Distinctions_Between_Winners_and_Whiners.pdf

Oquyli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 23:17:54

ئەگەر تورداشلار ئارىسىدا،ئەسلى نۇسخا ئېنگلىز تىلى كىتابلىرىنىڭ ھەۋەسكارلىرى بولسا ئنكاس يولى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلا بولىدۇ. مەن خېلى كۆپ كىتاپلارنى ساقلاغلىق.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 09:52:28

ئاۋۇ ئۇلىنىشقا كىرىپ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈپ باقتىم. رەھمەت. يەنە باشقا كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلىپ تۇرارسىز.
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار(يەڭگۈچىلەر) بىلەن قاقشىغۇچىلار ئارسىد...