kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:08:11

باي كەمبەغەللىك پەرىقى

بىر تور بەتتىن تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويغانتىم
ئىككى ئادەم بار ئىكەن،  ھەر ئىككىسى كىچىك ۋاقتىدا بىرىنچى بۇلۇپ ئوقۇپتۇ. كېيىن بۇلاردىن بىرى كاتتا بايغا ئايلىنىپتۇ، يەنە بىرى ناھايتى تىجەشلىك،تۇرمۇشىنى ئاران قامدايدىغان ھالدا ئىكەن. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى باي بىرى نامرات بۇلۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن،  مۇتەخەسىس بۇ ئىككى كىشىنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ ماگزىندىن نەرسە سېتىۋېلىشقا بېرىپتۇ ، ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ ئىككى بالىنىڭ پۇل كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ.  
نامرات ئادەمنىڭ بالىسى پارچە خىراجەت ئۈچۈن بېرىلگەن پۇلنى ئېلىپ، :دادام بۈگۈن پەقەت 100 يۈئەنلىك بەرسە ئالالايسەن دىگەن ، دەپتۇ.
مۇتەخەسىس: ئۇنداقتا سەن بۇ 100 يۈئەن پۇلنى قانداق تاپىتىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- تاپمىدىم، دەپتۇ بالا ،  دادام ماڭا دائىم 100 يۈئەن بېرىدۇ......
بالا ئەستايدىللىق بىلەن بىر قاپ شاكىلات، ئىككى تال چۇكا كەمپۈت ۋە بىر چۇكا مۇز تاللاپ، 2 يۈئەن كام يۈز يۇەننىڭ ھېسابىنى سۇقۇپ مەمنۇنلۇق بىلەن قايتىپ كېتىپتۇ.  
ئىككىنچى بالا، يەنى باي ئادەمنىڭ بالىسى  ئىككى قۇلى قۇرۇق، ئالىدىغان نەرسىنى تېخىچە تاللىماپتۇ.
-سەن تاللاپ بولدۇڭمۇ؟ ، دەپ سوراپتۇ مۇتەخەسىس.
-تاللاپ بولدۇم، دەپتۇ بالا، ۋە ئۈست تەرەپتىكى يوغان بىر قاپ يۇمۇشاق كەمپۈت ۋە ئۇيۇنچۇقنى كۆرسىتىپتۇ.
-ۋاھ..  ..  بالا تاللىغان ھەشەمەتلك نەرسىلەرنى كۆرۈپ توۋلىۋېتىپتۇ ، مۇتەخەسىس، - يارايسەن،،، ئۇنداقتا سەنمۇ بۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ پارچە پۇلىغا ئالامسەن؟
بالا بېشىنى لىڭىشتىپتۇ..
-ئۇنداقتا سەن بۇ پارچە پۇللارنى قانداق تاپىسەن؟
-مەن بىر ئىش قىلسام، دادام ماڭا پۇل بېرىدۇ، دەپتۇ بالا،   مەن بۇ پۇللارنى ئۇزۇن ۋاقىت توپلىسام ئاندىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا يېتىدۇ..
بۇلارنى ئاڭلاپ مۇتەخەسىسى بىر نەرسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپتۇ. يەنى، نامراتلار ۋە بايلارنىڭ پەرىقى، پەقەت بىر سىزىقچىلىك پەرقى بار ئىكەن. بۇگەرچە ئاددى بىر نەرسە سېتىۋېلىش تەجىربىسى بولسىمۇ، بۇ پەرىقنى ئايرىپ چىقىپتۇ:
نامراتلارنىڭ بالىسى ۋۇجۇدىنىڭ ماددى نەرسىلەرگە بولغان ئىستەك ئىنتىلىشنى ئۈزلىكسىز بېسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر،  شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاز پۇل بىلەن ئەڭ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىليەتكە يۈزلىنىدىغان بىر ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك.  ئۇ ماتېماتىكىلىق ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەپەككۈر قىلىدۇ، ئۈزلىكسىز تۈردە چەكلىك بولغان 100 يۈئەن پۇلنى بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىپ، ئېشىپ قالغان 80 يۈئەننى كىيىنكى قېتىملىق باشقا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ، يەنە ئېشىپ قالغان 60 يۈەننى كىيىنكى........چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ھەرئايلىق مۇقىم مائاشنى ئېلىپ،  يەنە شۇ ماتېماتىكىلق << ئېلىش ئۇسۇلى>> بۇيىچە تۇرمۇش قامدايدۇ.
باينىڭ بالىسى بولسا تېخىمۇ كۆپرەك ماتېماتىكىلىق <<  قۇشۇش ئۇسۇلى>> نى، ياكى ئىنتىلىش، ۋە قارا نىيەتنى قوللىنىپ ئىش قىلىدۇ.  قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بىرىنچى قېتىمدا ناھايتى يوغان بىر مەھسۇلاتقا كۆزى چۈشىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ ئويلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سېتىۋالالمىسا كېرەك يوق، بىر نىشان بەلگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ۋە بىز ئويلاپ يېتەلمىگەن نەرسىنى سېتىۋالالايدۇ>>
نامراتلار دائىم :نىمىشقا بۇنداق قىممەت مۇسابىقە ماشىنىسى سېتىۋالىسەن ؟ ئادەتتىكى ماشىنىدىمۇ ئوخشاش يول يۈرگىلى بۇلىدۇغۇ؟، دەپ سورايدىكەن، ئەمما بايلار  بۇنىڭ  سەۋەبىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىكەن.
نامراتلار دائىم:  نىمىشقا بۇنداق قىممەت قول سائەتى سېتىۋالىسەن؟ ئادەتتىكى سائەتلەرمۇ ئوخشاشلا ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغۇ؟ دەپ سورايدىكەن، ئەمما بايلار يەنىلا سەۋەبىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىكەن.
ئەمىليەتتە بۇلارنىڭ پەرىقى پەقەت ئاشۇ  << ئېلىش>> ۋە << قۇشۇش>> ئۇسۇلى بۇيىچە قىلىنغان پىكىر ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بايلارنىڭ پۈتۈن نەزىرىدە، پەقەت ئۆزى ئۆز تۇرمۇشىغا نېمىنى << قۇشۇپ>> ئېىلىپ كىرمەكچى بولغانلىقى ، ۋە تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشانىلا بار. ھەرگىزمۇ ، پۇلىنى قانداق قىلىپ  <<ئېلىپ>> چىقارغاندا ، ئازىيىشىنى ئاستىلاتقىلى بۇلىدىغانلىقى ، پۇلنى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە خەجلىگىلى بۇلىدىغانلىقى ئەمەس.
بايلار ۋە نامراتلارنىڭ پەرىقى بىر سىزىقچىلىكلا، بىرى تۇرمۇشىغا توختىماي بىر ئىنتىلىشنى << قۇشۇپ>> تۇرىدۇ، يەنە بىرى بولسا مائاشىدىن توختىماي << ئېلىپ>> تۇرىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ خاتا ئەمەس، ھەم ئىككىلىسى بىر ئۆمۈرلۈك بەخىتنى بەلگىلەيدۇ، دىيىشكە بولمايدۇ. ئەمما بايلىقنى بەلگىلىيەلىشى مۇمكىن.  ئەگەر قىزىقسىڭىز، تۇرمۇشتا << قۇشۇش سەنئىتىنى>> نى قايتا ئۈگىنىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ.................

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 14:30:20

بىزگە نىسبەتەن ئىيتقاندا تىپىپ تۇرۇپ خەجلەڭ،تاپاۋەتنى ئامال بار قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ...بولمىسا يا باي بولالماي يا نامىراتلىشىپ يوقاپلا كەتمەي ياشاپ قالىمىز.

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 16:26:12

قۇشۇش سەنئىتى  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 19:30:52


باينىڭ بالىسى بولسا تېخىمۇ كۆپرەك ماتېماتىكىلىق <<  قۇشۇش ئۇسۇلى>> نى، ياكى ئىنتىلىش، ۋە قارا نىيەتنى قوللىنىپ ئىش قىلىدۇ.     «قارا نىيەت»نى قوللانمايمۇ  <<  قۇشۇش ئۇسۇلى>> نى، ياكى «ئىنتىلىش»نى قوللىنىپ باي بولۇشقا تامامەن مۈمكىنچىلىك بارغۇ؟ (مەن «قارا نىيەت» دىگەننى باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىش دەپ چۈشەندىمغۇ...)

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 19:47:42

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 19:30 static/image/common/back.gif
«قارا نىيەت»نى قوللانمايمۇ  > نى، ياكى «ئىنتىلىش»نى  ...

ambition  دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تاپالمىدىم.
بىز ئۇيغۇرلار بەكمۇ قانائەتچان خەلق، مەدىنيىتىمىزدە بۇنداق ئۇقۇم يوقمۇ قانداق، خەنزۇچە 野心 دىگەن سۆزمۇ دەل مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن . ئىنگىلىزچىدىكى مەنىسى ناھايتى چوڭ بىر نەتىجە ، مۇۋاپىقىيەت ياكى ئىلگىرلەشكە  ئېرىشىش ئۈچۈن بولغان كۈچلۈك ئىرادە، ئىستەك، نىيەتنى بىلدۈرىدۇ.  ئەسلى دىمەكچى بولغىنىم ئىنگىلىزچە شۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىدى.
خەنزۇچە 野心 دىگەن سۆزنى لوغەتتە « قارا نىيەت، ۋەھشىي نىيەت;ياۋۇزلارچە ئىستەك»  دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ. ئەمما بۇ پۈتۈنلەي سەلبى مەنىسىلا بار سۆز ئەمەس.
ئىنگىلىزچىدىكى ئەسلى مەنىسى سودا ساھەسىدە ئىجابى مەنىدە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ
بەت: [1]
: باي كەمبەغەللىك پەرىقى