aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:29:14

تەلۋىلىك ئېپىزوتلىرى

تەلۋىلىك ئالامەتلىرى(manic episode)

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


كىشىدە، نورمال ئۆزلۈك سىزىقىنىڭ سىرتىدا، ئۆزىنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى ھېس قىلىش، خۇشاللىق، ھاياجان، يۇقىرى كەيپىيات، ئىچ قارنىنى تۆكۈۋېتىش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ شەخس ھەممە نەرسىگە قاقاھلاپ كۈلۈشكە، ناخشا ئوقۇشقا، قىن-قىنىغا سىغماي ھاياجانلىنىشقا، خۇشاللىقلىرىدىن، بەختلىك ئىكەنلىكىدىن سۆز قىلىشقا باشلايدۇ. تېز ئاچچىقلىنىش، يىرگىنىش، ئۆزى تۇتالماي ئېچىلىپ-يېيىلىپ كېتىش، قورساق كۆپۈش، نەپرەتلىنىش، ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بىر خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بىلەن باشقا كىشىلەرگە ھۆرمەتسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىش، نەرسە-كېرەكلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىش، ئۇرۇپ-چېقىش، سەت گەپ بىلەن تىللاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. قىزغىنلىق، ھاياجان بىلەن قىسقىلا داۋام قىلىدىغان يىغلاش ئارىسىدا دولقۇنلاپ تۇرىدىغان بىر خىل روھى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى چوڭ كۆرۈش، بالىلارچە « ھەممە ئىشقا كۈچى يېتىش» تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان ھەرىكەت قىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىجتىمائىي پەردىشەپلەرگە پەرۋامۇ قىلمايدىغان خاتىرجەملىك، ئاكتىپلىق ئىچىدە بولىدۇ. توختاۋغۇسىز ھاياجان ئىچىدە يېڭى پىلان، لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توختىماي سۆزلەيدۇ. يېڭى ساھەلەر دىققىتىنى ۋە مەيلىنى تارتىشقا باشلايدۇ. مېتافىزىكا ۋە پەلسەپە مەزمۇنىدىكى تېمىلارغا قېيىپ كېتىدۇ.

تىلى ئىتتىكلىشىپ كېتىدۇ. بىر تېمىدا سۆزلەۋېتىپ پىكىر باغلىنىشى بەك تېزلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېمىدىن تېمىغا چاچراپ كېتىدۇ. ئانا تېما غايىپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كېمىنىڭ گېپى بولۇۋېتىپ، بىر دېڭىز سەپىرىگە ئۆتۈپ كېتىپ، ئامېرىكىنىڭ بايقىلىشى، كىرستوف كولومبو، ئۇ يەردىن ئالاقە تورلىرىغا، ئېنتىرنېت ھەققىدىكى خىلمۇ-خىل پروجەكتلەرگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زىھنىنىڭ ئوچۇقلىقىدىن، پىلىموتتەك ئىشلەۋاتقانلىقىدىن گەپ ئاچىدۇ. زىل تەپسىلاتلارنى ئاجايىپ  دىققەت قىلىپ كۆرىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ. دىققىتى كۈچەيگەن، ھەممە نەرسىنى نىشانغا ئالغان، خاتىرە ئارتقان ۋە كۈچىيىپ كەتكەن بولىدۇ. بىر تېمىغا دىققىتىنى پۈتۈنلەي بېرەلمەيدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك ھەرىكەت-قىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئويلاشماستىن تېز سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش، پۇلنى ھەددىدىن زىيادە بۇزۇپ-چېچىش ۋە خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش كۆرۈلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن كۆلەمدە(پىسخىك كېسەل دەرىجىسىدە) دۇنيانى قۇتقۇزغۇچى كىشى (قۇتقۇزغۇچى پەيغەمبەر، ئاتاتۈرك، پرېزىدېنت ۋاھاكازا) بولۇشتەك دەرىجىدىن تاشقىرى ساراڭلارچە پىكىر، پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ياكى : « مېنى كۈزىتىشىۋاتىدۇ، ئوغۇرلۇقچە تىڭشاش ئۈسكىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىۋاتىدۇ، دۈشمەنلىرىم ماڭا سۇيىقەست پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەندەك گۇمانخور چۈشەنچىلەردە بولىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن كرونىك (ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان) ئەھۋالدا، روھى كېسەللىك ئىلمىدە «Schneider» ئالامىتى دەپ ئىسىم بېرىلگەن « ماڭا بۇيرۇق قىلغان ۋە مېنى باشقۇرۇۋاتقان ئاۋازلارنى ئاڭلاۋاتىمەن» ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
سۆزى تېزلىشىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. يۇقىرى ئاۋازدا، ئالدىدىكىلەرگە قۇلاق سالماي ۋە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي، بۇ ئەھۋالنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي سۆزلەيدۇ. پىكىر باغلىنىشى بەك تېزلىشىپ كەتكەچكە، تېمىدىن تېمىغا، پىكىردىن-پىكىرگە چاچراپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلىدۇ. ھەرىكەتلىرى تېزلەشكەن، ئېنىرگىيەسى كۈچەيگەن ۋە پۈتمەس-تۈگىمەستەك بولىدۇ. كېچە-كۈندۈز دېمەي، كېچە بىر ۋاقىتلارغىچە ئىشلەپ، يازمىلار يېزىپ، پىلانلار تۈزۈپ، سىزغان-يازغانلىرىنى تاملارغا چاپلايدۇ. بىر جايىدا تۇرالماي، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىيدۇ. ساياھەتلەرگە چىقىدۇ. ۋاقىتلىق ھۇزۇر بېرىدىغان لېكىن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇناسىۋەتلەر، پۇل ۋە مال –مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپ، ھەددىدىن زىيادە مەرت بولۇپ كېتشلەر كۆرۈلىدۇ. ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ، غەۋغا ۋە جىدەل چىقىرىدۇ. ئۇيقۇسى ئازلايدۇ لېكىن ئۇيقۇسىزلىقتىن قىينالمايدۇ. جىنسىي ئىستىكى ۋە سۈپىتى ئارتقان بولىدۇ.

ئامېرىكا روھى كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ  پىسخىك بۇزۇلۇشلارنىڭ دىياگنوز ۋە سانلىق مەلۇمات قوللانمىسىغا (DSM IV-1998) كۆرە، تەلۋىلىك ئالامەتلىرى(manic episode) نىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداقتۇر:
ئا. ھەددىدىن زىيادە ۋە داۋاملىق، ئىچىگە پاتماي قالغان، كۆپكەن، يىرگىنىشلىك، باشقا بىر روھى ھالەتنىڭ بولۇشى
ب. روھى ھالەت بۇزۇقلۇقى مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى
1. مەنلىك (ئۆزلۈك) ھۆرمىتىدە ئاشۇرىۋېتىلگەن بىر ئېشىپ كېتىش( ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىش)
2. ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجى ئازلاپ كېتىش
3. ھەر چاغدىكىدىن بەكرەك گەپچى بولۇپ كېتىش ۋە سۆزلەشكە خۇمار بولۇپ قېلىش
4. پىكىرلىرىنىڭ چاچراپ كېتىشى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ خۇددى ئەكس سادادەك بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىشى
5. دىققىتىنى يىغالماسلىق(يەنى، دىققەت ئانچىكىم ۋە مۇناسىۋەتسىز بىر سىرتقى غىدىقلىنىش تۈپەيلى چېچىلىپ كېتىش)
6. مەقسەتكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە ئارتۇقچە( ئىجتىمائى جەھەتتىن، خىزمەت ياكى مەكتەپتە، جىنسىي جەھەتتىن) ئەنسىزلىك
7. يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ، ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى پائالىيەتلەرگە ھەددىدىن زىيادە قاتنىشىش(مەسىلەن، قولىدىكى بارلىق پۇلنى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەجلەش، دۆتلەرچە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇش ياكى كالۋالارچە مەبلەغ سېلىش)
8. خىزمەت ھاياتى، ئىجتىمائى ھاياتى ۋە شەخسىي مۇناسىۋەتلەردە چوڭ دەرىجىدە بۇزۇلۇش بولۇش ۋە بۇ ئەھۋالنى باشقىلارنىڭمۇ كۆرۈپ تۇرۇشى

يۇقارقى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كەتسە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە(hypomania) گە ئايلىنىپ كېتىدۇ.


مەنبە



Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 21:38:40

ھەممىسى دېگۈدەك مەندە كۆرۈلىۋاتقان ئالامەتلەر ... بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يۈرۈگۈم بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالغىلى ئۈچ يىل بولدى ...دوختۇر بۇرادەرگە دېسەم ، سەن ياش بولغاندىكىن يۈرىگىڭنى تەكشۈرسەك ساق چىقىدۇ. بېسىمىڭ ئېغىر بولسا يۈرىگىڭگە تەسىر قىلغان گەپ ، بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ھامان بىركۈنى يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن دەيدۇ . بىرمۇنچە پاراكەندىچىلىكلەرنى كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمەيۋاتىمەن ... بىر چاغلىرىم بولغان كەچتە بالدۇرلا، بېشىمنى قويساملا ئۇخلايتتىم ، راۋۇرۇس ئۇخلايتتىم سەھەر سائەت ئالتىدە تېتىك ئويغىناتتىم . زېھنىم ئوچۇق ئىدى. كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلەيتتىم ، ھېچ نەرسە خىيال قىلماي ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرالايتتىم. ئەتراپتىكى ئاۋاز، نۇر ،پۇراق، ۋاقىتقا سەزگۈرلىكىم يۇقىرى ئىدى. ھەممە نەرسىنى ھېس قىلىپ تۇرالايتىم . ھازىر بىر نەرسە ئويلىماي تۇرالمايمەن . كاللامدا باش قاتۇرساممۇ بولىدىغان ، ئويلىمىساممۇ بولىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا ھەرۋاقىت پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا بىرىگە گەپ قىلىۋاتقان چېغىمدا.ناخشا ئېيتىۋاتقان چېغىمدا،خەت ئوقۇۋاتقان چېغىمدا...زېھنىم قالايمىقانلىشىپ كەتكىنىنى ، ئاۋاز،پۇراق،تەم،ۋاقىتقا بولغان سەزگۈرلىكىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.كاللامغا ئۈزلۈكسىز كىرىپ چىقىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.ئويلىماي دەپ ئويلىماي تۇرالمايمەن..ئۇخلىيالماي قىينىلىپ كېتىمەن...ئۇخلاش بىر ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى...يۈرىگىم ھەم بىئارام...نەپەسلىنىشىممۇ راۋان ئەمەستەك .. .. .. .. .. .. .. چارچاپ كەتتىم...

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:04:43

مەسىلەن بۇنداق ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:06:10

مىنىڭ ئىچكى روھى ھالىتىم ئوخشاپ قالىدىكەن. لىكىئ سىرتىمغا چىقارمايمەن. شۇڭا ھىچكىمگە زىيان يەتكۈزمەيمەن، يەنە تېخى دۇنيانى ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش خىياللىرى بىلەن ئالدىراش…
شۇڭا مەن ئۆزەمگە نىسپەتەن نۇررمال.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:58:44

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 21:38 static/image/common/back.gif
ھەممىسى دېگۈدەك مەندە كۆرۈلىۋاتقان ئالامەتلەر ... بۇنى ...

ئاۋۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. سىز بۇنى بىلگەن ئىكەنسىز، دېمەك نورمال.
بىز ئەتراپىمىزدىن داۋاملىق بىزگە ئۈمىدۋارلىق كېرەك دېگەن سادانى ئاڭلايمىز. ئۈمىدسىزلىككە بولغان كوللېكتىپ قارشىلىق، كىچىككىنە ئازابلىق نەرسىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، ناھايىتى چۈپرەندە ئەدىپلەرنى دۇنيادا تەڭدىشى يوق ھېس قىلىش، يالغان نەرسىلەرنى توقۇپ چىقىرىپ ئۆزىنى خوش قىلىش، ئۆزى توقۇغان يالغانغا ئۆزى ئالدىنىش... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغان مانىيە كېسىلى. بۇ كېسەل بىزدە كوللېكتىپ تۈس ئالغان.
مەن بۇ كېسەلنى ئۈمىدۋارلىق كېسىلى دەپ ئالغانىدىم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 23:08:03

بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىپولار يەنى قوشقۇتۇپ كېسىلىنىڭ بىر تۈرى. خامۇشلۇق ياكى دېپرېسسيۇن ھالەت ئىككى قۇتۇپلۇق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىرى ئىچىگە يۈزلەنگەن ھالەت بولۇپ، تىغ ئۇچى ئۆزىگە قارىتىلىدۇ. يەنى ئادەم ئۆز ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىرى سىرتىغا يۈزلەنگەن ھالەت بولۇپ، يۇقىرىدىكى ماقالىدا ئېيتىلغان بىلەن ئوخشاش. لېكىن قىزىقارلىق يېرى ۋە خەتەرلىك يېرى شۇكى، سىرتقا يۈرلەنگەن كىشىلەردە ھېس تۇيغۇ ۋە قاراشلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. ئۆزىلا ئۈمىدۋار، جەڭگىۋار، روھلۇق كوممۇنزم جەڭچىسى بولۇپلا قالماي يەنە باشقىلارنىمۇ شۇنداق بولۇشقا قىستايدۇ. باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۈمىدسىزلىك ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىسا، بولۇپمۇ ئۆلۈمنى تىلغا نېرۋىسى قوداڭشىپ، كونتروللىقىنى يوقتىدۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 01:00:05

ئىنگىلىزچە «ئېپىسوۇد»  (قىسىم، بۆلەك ياكى پەسىل) دېگەن سۆزنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى باشقىچە بوپقالىدۇ؟

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 01:01:01

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 23:08 static/image/common/back.gif
بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىپولار يەنى قوشقۇتۇپ كېسىلىن ...

ئۆلىۋېلىش سەنئىتى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسىچۇ؟! :P

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 06:35:52

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 21:38 static/image/common/back.gif
ھەممىسى دېگۈدەك مەندە كۆرۈلىۋاتقان ئالامەتلەر ... بۇنى ...

ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ خېمىر گاۋزىباندىن بىر شىشە ئېلىپ كۈندە يېتىشتىن بۇرۇن بىر ئىككى قوشۇق ئىچىپ يېتىڭ .
ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قۇلىقىمنى پىچان بىلەن كېسىپ بېرىمەن .

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 06:38:43

شۇ ئىش ئالدىمدىكى بىر تاۋاق ئاشتەك ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى ، مەزكۈر تېمىڭىز ئادەت بويىچە زور غەيۋەت تېمىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن .

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:01:24

مەندە غايەت زور بېسىم باردەك ھىس قىلىمەن، بىلىملىكلەرنى كۆرسەممۇ ئازاپلىنىمەن نىمىشقا مەنمۇ ئۇلاردەك كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن ..... تۇرمۇشۇمدىمى بېسىمىم مەجبۇرىيتىم ئېغىر.. كەچتە بۇرۇن يېتىپ ئەتتىگەن تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن لىكىن قىلالمايمەن كەچتە بەك تەس ئۇخلايمەن ....ئەتتىگىنى تۇرمىقىم بەكلا تەس بەلكىم ئۆزۈمگە بەك چوڭ نىشان بىكىتىۋېلىپ شۇنىڭغا يىتەلمەي شۇ بېسىم بولىشى مۇمكىن  خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ، ئەڭ ئازابلىنىدىغىنىڭ ئاللاھ بۇيرىغان ھالەتتە ياشىيالماي ئازابلىنىمەن ... تۇرمۇش مەجبۇرىيەت بىر چەتتە ئارلىقتا قىسىلىپ قالغاندەك ..... قايسىمۇ بىر تورداش يازغان ھىكايىدىكىدەك  يا بۇدۇنياغا يا ئۇ دۇنياغا لايىق ياشىيالمىدىم ......

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:07:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 09:23  

تۈركىيەدە ئىلمىي ئاتالغۇلارنى، بولۇپمۇ پىسخولوگىيە ئاتالغۇلىرىنى ئاساسەن ئېنگىلىزچە ئۆز پېتى ئېلىپ قويىدىكەن.
بۇ كېسەل مەنىيە كېسىلىنىڭ بىر تۈزى بولۇپ، مەنىيە قەدىمقى گېرىكچىدە ھاياجان، قىزغىنلىق، كۈچ قۇۋۋەت مەنىلىرىدە. ئەرەب تىلىدىكى «مەنا» ۋە ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنى بىلدۈرىدىغان «مەنى» سۆزىمۇ مۇشۇ سۆز بىلەن باغلىنىشلىق بولسا كېرەك. ئېپىزود ناھايىتى روشەنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇتۇپ قېلىش سۆزى بىلەن ئوخشايدۇ. يەنى روھىي كېسەل تۇتقان چاغلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرچە بىز بۇنى قانداق ئېلىشىمىز لازىم. مەن ئىلگىرى ئۇنى «مۇددەتلىك تۇتىدىغان ئۈمىدۋارلىق كېسىلى» دەپ ئالغانىدىم. لېكىن بۇنداق تەرجىمە قىلىشتىن يەنىلا رازى بولماي، تۈركچىدىن پايدىلىنىپ بېقىش نىيىتىدە ئىنىم ئەنۋەرگە يۇقىرىقى پارچىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئەنۋەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە باشقا دوستلارنى بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىنىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:08:07

مەندە غايەت زور بېسىم باردەك ھىس قىلىمەن، بىلىملىكلەرنى كۆرسەممۇ ئازاپلىنىمەن نىمىشقا مەنمۇ ئۇلاردەك كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن ..... تۇرمۇشۇمدىمى بېسىمىم مەجبۇرىيتىم ئېغىر.. كەچتە بۇرۇن يېتىپ ئەتتىگەن تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن لىكىن قىلالمايمەن كەچتە بەك تەس ئۇخلايمەن ....ئەتتىگىنى تۇرمىقىم بەكلا تەس بەلكىم ئۆزۈمگە بەك چوڭ نىشان بىكىتىۋېلىپ شۇنىڭغا يىتەلمەي شۇ بېسىم بولىشى مۇمكىن  خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ، ئەڭ ئازابلىنىدىغىنىڭ ئاللاھ بۇيرىغان ھالەتتە ياشىيالماي ئازابلىنىمەن ... تۇرمۇش مەجبۇرىيەت بىر چەتتە ئارلىقتا قىسىلىپ قالغاندەك ..... قايسىمۇ بىر تورداش يازغان ھىكايىدىكىدەك  يا بۇدۇنياغا يا ئۇ دۇنياغا لايىق ياشىيالمىدىم ......

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:09:57

p1dakar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 01:01 static/image/common/back.gif
ئۆلىۋېلىش سەنئىتى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسىچۇ؟!

كىتابنىڭ ھەممىنى يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق دەپ ئويلايدىغان بۇ كىشىلەر توپى ئەلبەتتە ئۆلۈۋېلىش ھەققىدىكى كىتابنى ئۆلۈۋېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇق دەپ بىلىدۇ.
مېنىڭ كىتىپىمدىن چىققان خاپىلىق شۇ ئەمەسمۇ!

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:26:33

كىچىك ۋاقىتلاردا كىتاپقا باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ ئاپام ئىشقا بۇيرىسا ۋاقتىدا ماڭمىسام ،ئاپام خاپىلاپ كىتاپنى كوپ ئوقوغان ئادەم ‹‹سوداي ›› بولوپ قالىدۇ دەپ خاپىلاپ كىتەتتى سوداي دىگىنى  سەۋدايى  دىگىنى سەۋدايى بولوپ قالىسەن دىگىنى ئوخشايدۇ ،دىمىسمۇ كىتاپنى كۆپ ئوقوغان ئادەملەر كۆپ خىيال قىلىدىغان ،جەمىيەت ،دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا دىققەتتە بولىۋىلىپ زىھنى قۇۋۋىتى ،نىرۋىسى ئاجىزلاپ  سالامەتلىككە تەسىر يىتىدىغان ،رىئاللىقتىن يىراقلاپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ماسلىشالمايدىغان، غەلىتە مىجەز ئادەم بولوپ قالىدىكەن ،مەنمۇ بەزىدە ئۆزەمنى بەزى  بىر كىشىلەر بىلەن  سىلىشتۇرۇپ كىتىمەن ئۈلار گەرچە ئىغىر جاپالىق جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتسىمۇ ،ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ ، ساغلام روھ ،ساغلام بەدەن ئومۇدۋارلىق  بىلەن ياشايدۇ شۇنداق روھ  مەندە بولسىچۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن ..

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 09:35:59

ئۈلار گەرچە ئىغىر جاپالىق جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتسىمۇ ،ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ ، ساغلام روھ ،ساغلام بەدەن ئومۇدۋارلىق  بىلەن ياشايدۇ.
--------------------------------------------
ئۈمىدۋارلىق كېسىلى دەل ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان ئىنسانلار ئارىسىدا كۆرىلىدۇ.
ئۇلارنى ئىغىر ۋە جاپالىق جىسمانى ئەمگەكلەر تامامەن بوي سۇندۇرغان، ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىشىنىشىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سېزىپ يەتكەن. شۇڭا ئۇلار ئاشۇ ئىغىر جىسمانى ئەمگەكلەردىن قۇتۇلۇشنى، ئېغىر ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئويلىمايدۇ. شۇڭا ئومۇدۋارلىق  بىلەن ياشايدۇ.

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 10:00:55

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 10:26:15

RE: تەلۋىلىك ئېپىزوتلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuwax0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 10:29  

ئادەم سەل غەمسىز ياشاشنىمۇ ئۇگۇنىۋىلىشى كىرەك ،بولمىسا كەيپىيات بۇزۇلوپ  باشقىلارغا زىيان يەتكۇزدىغان گەپلەرنى كۆپ قىلىدىغان ،ئىچى تار ،قۇسۇرچى مىجەز لىك بولوپ قالىدىكەن.

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 12:41:27

yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 10:26 static/image/common/back.gif
ئادەم سەل غەمسىز ياشاشنىمۇ ئۇگۇنىۋىلىشى كىرەك ،بولمىس ...

قوش قوللاپ قۇشىلىمەن، ئادەم بەك مەقسەت -مۇددىا بىلەن ياشىسا ،ئېغىر بولغاندا مەقسىتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
بىزمۇ مۇشۇ ھاياتتىن راھەتلىنىشنى ئۆگەنسەك بولىتتى !

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 14:07:56

بۇ كېسەلنىڭ دورىسى چىققانمىدۇ؟:)
بەت: [1] 2
: تەلۋىلىك ئېپىزوتلىرى