بوۋاقنى ئايرىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا armorking تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 19:53ئەسسالاىمۇ .ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى› سىلەردىن سورايدىغان بىر ئىش بارتى ،بىلدىغانلار ئەستايىدىل جاۋاب بەرسەڭلار..يەنى بىرىنجى بالام تۇغۇلۇپ 9 ئايلىق بولدى،،ئەمما ئايالىم يەنە ھامىلدار بولۇپ قالغانتى قوسقىدا 2 ئايلىق بولدى. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا بالىنى ئىمىتىۋىرىشكە بولامدۇ ؟ ياكى ئايرىۋىتىش كېرەكمۇ ؟ باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىساق 3 ئايغىچە ئىمىتسە بولىدۇ .دەيدۇ يەنە بەزىلەر سۈت بالىغا زىيان قىلدۇ دەرھال ئايرىۋېتىڭلار دىدى..بىز قانداق قىلىشمىز كېرەك ؟ سۈت پاراشوكىنىمۇ تەۋسىيە قىلساڭلار بالام تۇغۇلغاندىن ھازىرغىچە ئانا سۇتى بلەنلا بېقىلى سۈت پارشوكى ئىچىپ باقمىغانىتى...ئۇيغۇرچە ماركىدىكى سۇت پارشوكلىرى قانداق چىقار ،، مەسلەن (سەبىلەر) (ئالتۇن بوۋاق) ( گېنىرال) قاتارلىق سۈت پاراشوكلىرى .. ئادەتتە يىڭى تۇغۇپ 2يىلغىچە قايتا ھامىلدار بولسا بالىغا ھەم ئانىغا ياخشى ئەمەس.
ئامال بار بوۋاقنى سۇتتىن بالدۇر ئايرىسا بولمايدۇ،خىزمەت ۋە باشقا سەۋەپ بولمىسىلا،ئىمۇنىت كۇچى ۋە ئەقىل قابىلىيتى ئانا سۇتىنى يىتەرلىك ئىمگەندىلا رولىنى كۆرسىتىدۇ،
خەۋەردىن بىرچەتئەللىك ئانىنىڭ بالىنى 12يىل بالا توختىغۇچە سۇتىدىن ئايرىمىغانلىقى مىنى قايىل قىلدى،ئۇ ھازىر باشقا تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن قابىلىيەتلىك ھازىرغىچە كىسەل بولۇپ باقماپتۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مىنىڭمۇ چوڭ بالام ئۈچ ئايلىق چاغدا ئايالىمنىڭ قورسىقىدا قالغان ، بالىنى ئايرىۋەتمىسىڭىزمۇ تەبىئىلا ئايرىلىپ كېتىدىكەن ، ئۇيغۇرچە ماركىدىكى سۈت پاراشوكلىرى ئىچكىردىن ئېلىپ چىقىلىپ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلىنىپ سېتىلىدىكەن ، بۇ سۈت پاراشوكلىرىنى بالىڭىزغا ئامال بار بەرمەڭ ، مەنمۇ بەش ئالتە خىل سۈت پاراشوكلىرىنى ئېلىپ باقتىم ، ھەممىسى بالىنىڭ ئىچىنى سۈرىۋېتىپ ، ئاخىرى ئۆچكىدىن بىرنى ئېلىپ بىر ياشقا كىرگۈچە ئۆچكىنىڭ سۈتىنى بەردۇق، شارائىتىڭىز يار بەرسە سىزمۇ ئۆچكىدىن بىرنى ئېلىڭ . لى دو جىڭ بېرىۋاتىمىز مىنىڭ بالاممۇ 11 ايلىق بولدى,ايرىۋېتىش توغرىسىدا بىلمەيدىكەنمەن,لىكىن سۇت پاروشىكىغا اپتامىلنى تەۋسىيە قىلىمەن،مىنىڭ سۈتۈم بەك از،شۇڭا تۇغۇلغاندىن باشلاپ سۈت پاراشوكى بەرگەن،گىرمانىيە،.اۋستىرالىيەقاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نەچچە خىل پاراشوكىنى بېرىپ بېقىپ اخىرى 3 ايلىق بولغاندىن باشلاپ مۇشۇ اپتامىل نى بەردۇق،اپتامىل بىر قانچە دۆلەتنىڭ بار،دەسلەپ گىرماننىڭكىنى بەرگەن،كىيىن بالام چىقىۋالدى،ھازىر گوللاندىيەدە .ىشلەنگىنىنى بېرىۋاتىمىز.بالاممۇ امراق،سۈمۈرلىشى،ھەزىم بولىشىمۇ شۇنداق ياخشى،اپتامىلنى انا سۈتىگە ەڭ يېقىن پاراشوك دەپ تەرىپلەيدىكەن ... جىققىدە تۇغىۋالغىلى بولمىغاندىكىن پىلانلاپ تۇغساڭلارمۇ بۇپتىكەن، تۇغقاندىن كىيىن بىقىش مەسلىسىمۇ بار... بىرىنچى بالىسى 3ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلسا بۇنىڭغا جەرىمانە قويىدىغان ياكى بىرىنچى بالا 3ياشقا كىرىپ بولغۇچە ئىككىنچى بالىنى تۇغقىلى قويمايدىغان ئىشلار يوللۇقمۇ؟ يېقىندا مۇشۇنداقراق بىر ئىشنى ئاڭلاپ شۇڭا مۇنبەر ئەھلىدىن گەپ ئاڭلايلىمىكى دەپ... umidwar029 يوللىغان ۋاقتى 2015-01-25 10:01:03 static/image/common/back.gif
بىرىنچى بالىسى 3ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىسى تۇغ
بۇرۇن بارتى بۇ بەلگىلىمە لىكىن 4-5 يىللار بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرىلدى. ئايالىڭىز ئۈزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، قەتتى چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭا بالىنى چۇقۇم ئايرىۋەتمىسە بولمايدۇ.
مىنىڭ ئىككىنچى بالام سىلەردىكى ئەھۋالدا بالدۇر تۇغۇلۇپ چاچىراپ كەتكەن. ئايالىمنىڭ كۈتىنىشىگە سەل قارىغانلىقىمدىن…
ئۈچۈنچى بالاممۇ ئاشۇنداق ئارلىق بەك يېقىن بولغاچ بەك دىققەت قىلغان. دوختۇرلارنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي، ئامماينىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىر يۈرۈش ئېلىپ ئايالىمغا مەجبۇرى يىگىزگەن ئىدىم، قىزىم بەك ساغلام تۇغۇلدى، قۇشۇمشچە سۈت پاراشۇكىمۇ بېرىپ باقمىدوق. لىكىن چوڭ ئوغلۇمغا لى دو جىڭ بېرىپ چوڭ قىلغان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە. 0996 يوللىغان ۋاقتى 2015-01-25 10:26:23 static/image/common/back.gif
ئايالىڭىز ئۈزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، قەتتى
ھە راست، ئايالىمنىڭ سىزىكى ھېچنەرسە يىمەسلىك. شۇڭا ئامماينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرى يىگىزگەن.
ئايالىڭىز ئىشتىھالىق بولسا بۇنى ئويلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىنى دەرھال ئايرىۋېتىش كېرەك قېرىندىشىم،چۈنكى قورساقتىكى بالا ھامىلە ۋاقتىدىلا قۇچاقتىكى قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالىدۇ......مەن تازا ياخشى ئىپادىلىيەلمەي قالدىم قېرىندىشىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ پەرزەنت تەربىيسى ناملىق كىتاپتا بۇ توغىرلىق بايانلار بار......ئەڭ ياخشىسى دىنى ئەھكاملارنى ياخشى بىلىدىغان بىرەيلەندىن سوراڭ...تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ مەنمۇ بۇ تېمىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ مەسىلىگە مەنمۇ يۇلۇقۇشۇم مۇمكىن .
راست ھازىر 3 بالىلىق بولۇش قانۇنلاشتىمۇ يا ( اپتامىل ) دىگەن سۈت پاراشوكىنى بىزنىڭ يۇرتلاردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟ ئىمپۇرت ماللار دۇكانلىرىدا بارمىدۇ؟ ئىشقىلىپ ئايالىم بەك جاپا تارتىپ كەتتى. ئاللا پەرزەنىت بەرگەنكەن خۇشال بولمىساق بولمايدۇ..بىر قانچە تونۇشلىرىم بار توي قىلىغىلى 4 يىل بولدى ..بالىسى يوق ..پەرزەنىت ئىشقىدا يۈرۋاتىدۇ... ئۆچكە سىۈتى بەرسە بۇمۇ بولغۇدەك..شەھەردىكى بىنا ئۆينى تاشلاپ يىزىدىكى ئۆيدە تۇرسام ئاندىن مال بېقىشقا شارائىت بولىدۇ... اپتامىل پاراشوكىنىڭ گوللاندىيەدە ىشلىگىنى تېپىلىدۇ ىمپورت مال دۇكانلىرىدىن。 ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئەگەر ئايالىڭىز چىدىيالىسا بالىنى ئايرىۋەتمەڭلار ،سۇت بالىغا زىيان قىلسا بالف ئۆزى ئايرىلىپ كىتىدۇ .قىزىممۇ قۇرساقتىكى ئۈچ ئايلىق بولغىچە ئەمدى لىكىن مەب چىدىيالماي مەجبۇرى ئايرىۋەتتىم .بولسا ئايالىڭىز ھامىلدارلىق ۋىتامىنى يىسۇن .سىزىكى ئىغىر بولمىسىلا ۋىتامىن بىلەب ياخشى يەپ بەرسە ئىنشائاللاھ ئىككى بالىنى گەپ يوق بىقىپ كىتىدۇ بىرىبى قوساقتا بىرىنى ئىمىتىپ . سۈت پاراشوكى ئەممىگەن بالىنىڭ كۆنمىكىمۇ تەسكەن.قىزىم ھىچ ئىچكىلى ئۇنىماي كالا سۇتى بەردۇق.بالىڭى توققۇز ئايلىق بولغان بولسا تازا چىشى چىقىۋاتقان مەزگىللەركەن.بۇ ۋاقىتتا ئايرىۋەتسەڭلار بالا بەك قىينىلىپ كىتىدۇ. ئايالىم بەك ئورۇقلاپ كەتتى، ھەم پات -پات بېشى قايىدۇ. ئايرىۋەەتمەيلى دىسەك قوساقتىكى ئوزۇقلۇ ق يېتىشمەمدىكى دەپ،، ـ
بەت:
[1]