sansara يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 14:39:10

‏ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 14:40  

‏       بۇ بىر ھىكايە بولۇپ پۈتۈنلەي توقۇلما ھىچقانداق شەخىسكە قارتىلمىغان
‏                              
‏2015-يىلى
‏كىرگەندىن بېرى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئىچى پۇشىدىغان  بوپ قالدى،ئۇنىڭغا ھىچ ئىش ئاقمىغابدەك،كىشىلەر ئۇنىڭدەك ياش ئالىم پەخىرلىك ئوغلاننى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھىس قىلاتتى   شۇنداق ئويلىغانسېرى جىلى بولۇپ رۇقىيە ھاشىم بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالاتتى
‏«سىزنىڭ تۈگىمەس پائالىيەت ،نۇتۇق لىكسىيەلىرىڭىزدى  جاق تويدۇم »دەيىتتى رۇقىيە ھاشىم «ئۆيدىكى بالا بىلەن مەن نىمە يەيمىز نىمە ئىچىمىز ئويلاپمۇ قويمايسىز،ھەتتا ئۆيگە قايتپ كەلگەندىمۇ سائەت سائەتلەپ شۇ لاۋزا سورۇنلاردا  چۈشكەن رەسىملىرىڭىزنى تەھرىرلەپ تورغا چىقىرىپ پو ئېتىش بىلەن ئۆتىسىز ئۇنىڭ ئورنىدا پۇل تاپسىڭىز بولمامدۇ؟؟؟؟
‏«سەن نىمىنى بىلەتتىڭ ؟؟ ؟ئاياللار ئەقلى كالتە خەق مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇشنىلا بىلىسىلە!،پۇل قانچىلىك نىمىدى بىز بىلىمگە جۈملىدىن كىتاپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك شۇنى ئۇقامسەن زادى ؟ جەمىيەتتە ھازىر كارخانىچىنى، پۇل تاپقاننىلا چوڭ بىلىپ مانا بىزدەك ئىلىم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى،  مۇتەپەككۇرلارنى ئۇنتۇپ كەتكەتچە بىز خەق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق......
‏ئابدۇسەمەت مامۇت سۆزلەپ كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى ئۇنىڭ ھاشارەتلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆزى تېخىمۇ يوغىناپ ئىستىرىيە كېسىلىگە گېرىپتار ئادەمنىڭكىدەك دائىم دىگۈدەك ئۆمچىيىپ جىدەلگە تەييار تۇرىدىغان يوغان كالاچتەك ئاغزى مۇئەللەقتە ئوچۇق ھالدا قېتىپ قالغان ئىدى.ئايالى ئۇنىڭغا زادى نىمە بولغىنىنى چۈشىنەلمەي تەئەججۈپتە ئۇنىڭغا سۇئال نەزەرىدە تىكىلدى
«‏توغرا! » ئابدۇسەمەت مامۇت ئالتۇن تېپىۋالغان  ئادەمدەك ئورنىدىن خۇشال سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى
‏توغرا،پەقەت ھەممەيلەن كىتاپ ئوقۇغاندىلا بىز تەرەققىياتتا دۇنياغا يىتىشىمىز بۇ بۈيۈك ھەقىقەتنى نىمىشقا بالدۇرراق بايقاپ چىقمىغاندىمەن؟ توغرا ،بىز كىتاپ ئوقۇشىمىز كىرەك ئاتا ئانىلار كىتاپ ئوقۇپ تۇرۇپ بالا تېپىشى ،تازىلىق ئىشچىلىرى كىتاپ ئوقۇغاچ يوللارنى تازىلىشى،دىھقانلار ئىقتىسات گېزىتىنى ئوقۇپ ئېتىزغا چىقىشى،!.......ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم كىتاپ ئوقۇماي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلماسلىقى لازىم!كىتاپ ئوقساقلا قالغان ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ»
‏رۇقىيە ھاشىم ئۆزىگە ئۆزى چىڭقىلىپ سۆزلەۋاتقان ئىرىگە ئېچىنىش نەزەرىدە قاراپ قويۇپ بېشىنى چايقىغىنىچە ئىچكىرىگە ئۆيگە كىرىپ كەتتى  
‏ئابدۇسەمەت مامۇت بۇ چاغدا خوتۇنىنىڭ يېنىدا بار يوقلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىۋىلىپ قوللىرىنى ئىشقىلاپ تۇرۇپ «بۇ بۈيۈك كەشپىياتىمنى باشقىلاردىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇۋېلىشىم كىرەك »دەپ بىلىنەر بىلىنمەس پىچىرلىدى...
‏بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى بۇ جەرياندا ئابدۇسەمەت مامۇت بەكمۇ ناخۇش ھەم بىئارام ئۆتتى سەۋەبى بىر توپ ئادەمنىڭ بەختى ھەم كەلگۈسىگە تاقىشىدىغان بۈيۈك ھەقىقەتنى ئۇنىڭدىن باشقىلار بالدۇر ئۇقۇۋالسا خەلق شۇ ساپساپچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قېلىپ ئابدۇسەمەت مامۇت چەتتە قالىدىغان  ئىش كېلىپ چىقاتتى ،«بولمايدۇ قەتتى بولمايدۇ بىر ئامال تېپىشىم كىرەك »ئۇ ئاشۇنداق ئويلاپ يۈرۈپ بۇ نەچچە كۈننى نەچچە يىلدەك تەس ئۆتكۈزدى
‏ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ ئىچى پۇشقان ئابدۇسەمەت مامۇت خوشياقمىغان ھالدا تېلېۋىزورنى ئاچتى،تېلېۋىزوردا دۇنيا زەھەر چەكلەش كۈنىگە ئائىت مەخسۇس پىروگگىرامما بېرىلىۋاتاتتى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كەتتى
‏«تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!»
‏ئۇ ۋارقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئەتراپقا قاراپ قويدى ھەم ئۆز خىياللىرىنى بىلىۋالغۇدەك ھىچكىمنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن داۋاملىق ئويلاشقا باشلىدى « 2015 يىلى كىتاپ ئوقۇش يىلى بولۇشى كىرەك،بىز كىتاپ ئوقۇشىمىز كىرەك،بىربىرىمىزگە مەسئۇل بولۇشۇپ كىتاپ ئوقۇشنى كوللىكتىپ پائالىيەتكە ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك ئۇلۇغ پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم -بەخىتتۇر دىگەن !بىلىم ئەلۋەتتە كىتاپتىن كەلمەي نەدىن كىلىدۇ ؟ دىمەك بەخىت مۇتلەق كىتاپتىن كەلمەي قالامتى؟»
‏ئۇ بۇ بۈيۈك تەپەككۇرلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك دەرھال تورنى ئېچىپ خىياللىرىنى يېزىشقا كىرىشتى
‏ئۇ بىرەر سائەت چىڭقىلىپ تۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى ،كىتاپسز ھايات --ھايۋان بولۇپ ياشىغان بىلەن باراۋەرلىكىنى تەكىتلەپ بۇرۇن كىملەردىندۇ ئاڭلىۋالغان كىتاپقا ئائىت ئەقلىيە سۆزلەرنى قىستۇرۇپ يۈرۈپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ ئىنجىقلاپ ئارقاق ئۆرۈش قىلىپ يېزىپ تۈگەتتى
‏ئۇنىڭ ئادەمگە تەخىرسىزلىك ۋە بۇرىج تۇيغۇسى بېرىدىغان قارىداپ كەتكەن ئالىملارغا خاس تەلەتى (ئۇ ئۆزى شۇنداق دەپ قارايىتتى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سەت ھەم  ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئەنسىزلىككە تولۇشىمۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كىچە كۈندۈز تەپەككۇر قىلغاننىڭ ،سەگەك زىيالى بولغاننىڭ مەھسۇلى ئىدى) تۇيۇقسىز مۇز چىلەك ئويۇنىغا قاتناشقان قايسى بىر مەشھۇرنىڭ چىرايىدەك ئەندىكىش ئىچىدە تۈرۈلدى .ئەسلى ئۇ بىر مۇھىم خاتالىقنى بايقاپ قالغان ئىدى يەنى بۇ دەۋىر بۆلگۈچ ماقالىگە مىللەت دىگەن ئاتالغۇ قىستۇرۇلمىغانىدى ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ زور خاتالىققا يول قويغانلىقىنى جىددى ھىس قىلىپ بارلىق جۈملىلەرنىڭ ئىگىسىدىكى بىرىنجى شەخىس كۆپلۈك كىلىدىغانلىكى جاي بولسا دەرھال مىللەت سۆزىگە ئۆزگەرىتتى ھەم ئۆز ئەقلىدىن مەمنۇن بولغاندەك  مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى
‏داۋامى بار

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:02:52

بۇ بىر ھىكايە بولۇپ پۈتۈنلەي توقۇلما ھىچقانداق شەخىسكە قارتىلمىغان
...................................................................................................................................
ماۋۇ گەپكە مەن ئىشەندىم!

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:13:02

سەل ئېشىپ كېتىپتۇ.
داۋامىنى ساقلايلى قېنى

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:25:55

بۇ بىر ھىكايە بولۇپ پۈتۈنلەي توقۇلما ھىچقانداق شەخىسكە قارتىلمىغان.
بۇنداق يازغاندىن كۆرە ماقالىدىكىدەك كىشىلەرگە قارتىلغان دىيىلگەن بولسا قانداق بۇلار بولغىيدى:lol مىنىڭچە ئۇزۇن ئۈتمەي بىر تىلفوندا تىما ئۈچەمىكىن:lol

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:29:21

بىردەم ئۆچمەي تۇرسۇن، مەن تېخى ئۇقۇپ بۇلالمىدىم.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:39:35

نەقىل
بىز كىتاپ ئوقۇشىمىز كىرەك ئاتا ئانىلار كىتاپ ئوقۇپ تۇرۇپ بالا تېپىشى ،تازىلىق ئىشچىلىرى كىتاپ ئوقۇغاچ يوللارنى تازىلىشى،دىھقانلار ئىقتىسات گېزىتىنى ئوقۇپ ئېتىزغا چىقىشى،!.......ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم كىتاپ ئوقۇماي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلماسلىقى لازىم!كىتاپ ئوقساقلا قالغان ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ»
======================================================
كىتاب خالتىسىنىڭ كىتاب ئۇقۇش دېسەك ئارتۇق كەتمەس مېنىڭچە
ھايات نەپەس بىلەن ئەمەس ھەرېكەت بىلەن ماناسىغا يىتىدۇ

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:43:04

ھىكايىنىڭ بېشىدا ، بايان لىنىيىسىدە ،ھىكايىنىڭ ئىلغار كىنايىلىقىنى خۈنۈكلەشتۈرىۋىتىدىغان قاراتمىلىق بار . خۇددى دۈشمەننى تىللايمەن دەپ ،دوستىنى تىللاپ سالغاندەك ...

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 17:26:34

:lol:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:05:37

خاتىرجەم كىتاپمۇ ئوقۇغىلى بولمامدۇ نىمە :funk:

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:06:42

قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا دېگەندەكلا بوپتۇ.....{:112:}
قېنى داۋامىنى ساقلايلى.........

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:46:03

پۈتۈنلەي زەھەرخەندىلىك ھەم ھەسەت خۇرۇچى قوشۇلۇپ يېزىلغان نەرسە بولۇپتۇ بۇ .
ئەجىبا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كىتاپ ئوقۇغاننىڭ ھەم 2015 - يىلنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ تەسىس قىلغاننىڭ نىمە يامىنى بار ؟

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:58:58

قالتىس ھىكايە ئىكەن،
داۋامنى كۈتىمىز

durak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:05:56

  قىسقا بولسىمۇ ھىكايىنى تولۇق ئوقۇۋەتمىدىم لېكىن يۇمۇرلۇق يېزىلىپتۇ  ، مېنىڭچىغۇ  ياخشى يېزىلغاندەك ... ياكى دىتىم شۇنچىلىكمۇ بىلمىدىم .

2015 - يىلى كىرىشى بىلەن تېخى مۇشۇ كۈنلەردە غۇلجا دىيارىدا بىر چوڭ توي سورۇنىدا مېھمانلارغا كىتاپ تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ توي كەيپىياتىنى  ئەۋجىگە چىقىرىپتۇ دەپ بايىلا تېخى ئاڭلىدىم :lol

بىر ئوچۇم خەلقنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشى بىر تەرەپتىن بىزگە چەكسىز ئۈمىتلەرنى بېغىشلىسا يەنە بىرتەرەپتىن سەل قارا يۇمۇر تۈسىنى بېرىپ قويىدىكەن .

سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلىرىمىز ھەرقانداق جىددى بىر ئىشنى لىرىكىلىق مېلودىيە قەۋىتىگە چىقىرىپ ناخشا - ناۋا  كەبى پەيزىنى سۈرۈشنى ئۇقىدۇ ، مانا بۇ  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشىمەن دىسىمۇ خانلەيلۇنغا  توۋلاپ ئۈمىتۋار ياشىيالىشىدىكى يىلتىزلىق سەۋەپ بولسا كرەك ... {:87:}

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:09:45

بۇيىل ئابدۇسەمەت مامۇتلار لەپەر - ئوينايدىغان يىل بولامدۇ نىمە .

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:13:43

بۇ يىل لېكسىيە سۆزلەپ پۇل تاپىدىغان يىل
كىتاب ئوقۇشقا چول نەدە

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:15:29

بۇ يىل كىتاپ ئوقۇغۇم بار ئىدى، ئايپالتىنىڭ باش سۆرىتىدىكى ئورخاندەك تولىمۇ ئارەمبەخىش، ھورۇنلۇق بىلەن غەم-غۇسىسىز كىتاپ ئوقۇپ يىل ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدىم، بىراق ئىشلار ئادەمگە باقمايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قېلىپتىمەن.سەبىي-ساددىلىق، بۇۋاقلاردەك بىغەملىك، رىئاللىقىمغا ماس كەلمەيدىغان تەنتەك ھاياجان، ئاۋامغا ئەگىشىپ شۇئارسىمان ساختا قىياپەتتە ياشاش... كىملەر شۇنداق بولالايدىغاندۇ.
زىممىڭىزدىكى ھايات يۈكى ئېغىرلاشقاندا، مەجبۇرىيەتلىرىڭىز ئالدىڭىزدا بوينىنى قىسقاندا، ھەقىقەتەن بارلىق ئارزۇ-ئارمانلار ئەرەختەن-پەرەختەن بولۇپ كېتىدىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:17:08

قاملاشماپتۇ

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:23:48

سانسارا باركەن ھە،

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:54:53

ئاخىرى يوقما؟ ئەمما قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ. ئىنكاسلار 20 گە توشسا ئاندىن يوللامسىلەر يا؟:lol:lol
بەت: [1] 2 3
: ‏ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى