Windows10 9926 كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى(چۈشۈرۈش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 15:03بۈگۈن كۈتكەن يېڭى ئەۋلاد سىستېما Windows10 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى(Windows10 9926 ) چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. قېنى ئەمىسە ھەرىكەتكە كېلىڭ.
خەنزۇچە(ئاددىي) 64 بىتلىق
ھۆججەت چوڭلىقى: 4.06GB
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://iso.esd.microsoft.com/W9TPI/B6B0A0278A90510669EAB90ABF80B22A/Windows10_TechnicalPreview_x64_ZH-CN_9926.iso
خەنزۇچە(ئاددىي) 32 بىتلىق
ھۆججەت چوڭلىقى: 3.13GB
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
htt[p://iso.esd.microsoft.com/W9TPI/B6B0A0278A90510669EAB90ABF80B22A/Windows10_TechnicalPreview_x32_ZH-CN_9926.iso
دەرسلىك يېڭىلاندى، كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر:
بىلوگدىكى Windows10نى قاچىلاش دەرسلىكى ئادرېسى: http://alpbeg.cn/?p=426
يۇقارىقىدىن ئادرېسىتىن قاچىلاش باسقۇچىلىرىنى كۆرۈڭ.
مەن مۇشۇ كۆرۈپ بىقىش نەشىرى دىگەن گەپنى تازا چۈشەنمەيمەن،چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بىقىش دىگەن گەپمۇ يا؟بىر چۈشەنچە بىرىۋىتىڭلا. مەن بۇلتۇر ئىشلىتىپ كۆرگەن،بۇ شۇمۇ ياكى تېخىمۇ يېڭىسىمۇ؟ مېنىڭ چۈشنىشىمدە : « ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى » مەزكۇر مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى نەشىرىگە ئىنتايىن يېقىنلاشتۇرۇلغان ، يەنى سېستىمىدىكى بارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارلار ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلەنگەن ، ھەمدە ئورگان تەرەپتىن ، ۋاقتىلىق ھەقسىز سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن سېستىمىدىن ئىبارەت . بۇ سېستىمىنى ئورگان تەرەپ ھەقىقى نەشىرىنى تارقاتقۇچە ، ياكى ئۇلار بەلگىلىگەن باشقا مۇددەت بويىچە ھەقسىز قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز ، ھەقىقى نەشىرى تارقىتىلغاندىن كىيىن ، ئەگەر ياقتۇرغان بولساق ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ داۋاملىق ئىشلەتسەك بولىدۇ . ياقتۇرمىساق سېستىمىنى ئۆچۈرىۋېتىپ بۇرۇنقى سېستىمىمىزغا يېنىۋالساق بولىدۇ . دەپ چۈشىنىمەن .
يەنە باشقا تەرەپلىرى بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويا ... بۇ نۇسخىسى ئۆتكەن يىل 10 - ئايلاردا ئېلان قىلىنغان « تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى » شۇدەك تۇرامدۇ نىمە ،
چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلاش بۇيرۇقىنى بەرسەم قاچىلاش ئېكرانىدا « تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى » دەپ چىقىۋاتىدۇ .
ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ، ئالىم مۇئەللىممۇ شۇنداق دەپتۇ ، « بۇ ئادرىستىكى نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى بولىشى مومكىن ، ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى ھەپتىدىن كىيىن تارقىتىلىدۇ » دەپتۇ . mohsin يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 18:45 static/image/common/back.gif
بۇ نۇسخىسى ئۆتكەن يىل 10 - ئايلاردا ئېلان قىلىنغان « تېخ ...
خەنچە تور بېكەتلەردە مۇشۇ سىستېما تارقىتىلدى دەپ ئېلان قىلىپتۇ. بۇنى ئاشۇ خەنچە تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. چۈشۈرۈش ئادرېسى مىكروسوفتنىڭكىكەن. ئۆگىرىش خېلى چوڭكەن بۇ سىستېمىدا. ئالدىنقى يىللىرى تارقىتىلغان سىستېمىغا ھېچ ئوخشىمىدى. مەنچە ئۇلار بالدۇرلا تارقىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. تەييارلىقنىڭ بالدۇر پۈتىشى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئويلاپ بۈگۈن ئېلان قىلىۋەتتىمىكىن دەپ ئويلىدىم مەن بۇ سىستىمىنى قاچىلىسام تور سۈرئىتىم بۇرۇنقىدىن 1ھەسسە تىزلەشتى .بەك ياخشىكەن بۇ سىستىما .
مەن بۇسىستىمىنىڭ تىل بولىقىنى چۈشۈرىدىغان يەرنى ئاچسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ باكەن لىكىن چۈشىرەلمىدىم .بۇرۇن win8نى قاچىلىغاندىمۇ ئىنگىلىسچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچىسىنى نورمال چۈشۈرگىلى بولغانىدى . بۇنىڭدا ئىنگىلىسچە تىل بولىقىنى چۈشىرىدىغان يەرنى چەكسەم چۈشىرىدىغان يەر چىقتى لىكىن چۈشمىدى سىناپ باققانلار بامۇ ؟
windowis 10نىڭ ئىنگىلىسچە نوسخىسىنى چۈشۈرۈپ بولوپ ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرسەم بولامۇ ؟ياكى ئاۋارە بولغىنىمنىڭ پايدىسى يوقمۇ يول كۆرسەتسەڭلار . XP نىڭ ئۈستىگە قاچىلانمىدى siyitnoqi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 20:03 static/image/common/back.gif
windowis 10نىڭ ئىنگىلىسچە نوسخىسىنى چۈشۈرۈپ بولوپ ئاندىن ئ ...
تىل بولىقى ھازىر ئېلان قىلىنمايدۇ تېخى. رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن تارقىتىلىشى مۇمكىن. omar14 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 20:48 static/image/common/back.gif
XP نىڭ ئۈستىگە قاچىلانمىدى
ۋىندوۋس7 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىستېمىلارنىڭ ئۈستىگە قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاۋۇ XP نى قوللىمايدۇ. مەنمۇ چۈشۈرۈپ بولۇپ سىناپ باقاي دەپ ئورنىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسام ئورنىتىش ئېكرانىدا تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى دوپ ئۇچۇر تۇرىدۇ. windows8.1 قوللىغان سىستىمىلارنى نورمال ئىشلەتكىلى بولامدىغانغۇ ؟ alshah يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 10:18 static/image/common/back.gif
windows8.1 قوللىغان سىستىمىلارنى نورمال ئىشلەتكىلى بولامد ...
مەن ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى قوللىدى. ۋىندوۋس 8 نى سېتىۋالغانلار ھەقسىز يېڭىلىيالامدىكەن يا ئازراق ئۈستەك ئالامدىغاندۇ؟
مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ نۇرغۇن پايدىسىنى كۆرۈپتىمەن، ھەممىسى بىكارلىق كەلگەن پايدا ئىكەن، بىڭ ئىزلەش ماتورى ۋە لۇغىتىنى پايدىلىنىۋاتقىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، بەك رازى بوپ كەتتىم بۇلاردىن، شۇڭا ئۆتكەندە Office نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋالغانتىم، بۇدا خۇدايىم بۇيرۇسا كۆزنەكتىن بىرنى سېتىۋالاي دەۋاتىمەن. بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن ، يارىماي قالسا ئەسلىدىكى win7 گە بىۋاستە قايتقىلى بولامدۇ ، ياكى يەنە win7 نىڭ ئۈستىگە xp قاچىلىغاندەك قاتتىق دىسكىنى فورماتلاپ يۇيۇپ قايتىدىغان ئىشمۇ ؟ مېنىڭ سېستىمام 32bit لىق win7 ئېدى . ماۋۇ كۆرۈپ باقىدىغان win10 نىڭ 32bit لىقىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى نورمال ئەمەس . 64bit لىقىنى چۈشۈرسەم قاچىلاش پروگراممىسى ئېجرا بولمىدى . :o xahriyar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 13:13 static/image/common/back.gif
مېنىڭ سېستىمام 32bit لىق win7 ئېدى . ماۋۇ كۆرۈپ باقىدىغان win1 ...
بىلوگۇمدىكى ئىنكاسلاردىن نورمال چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تاپالايسىز. قاچىلىيالمىغان بولسىڭىز بىلوگۇمدىكى تېمامنى تەپسىلىي كۆرۈڭ. كۆرۈپ باقاي دەپ قاچلىغان باشلاش تىزىملىكىنى باسسام ھېچقانداق ئىنكاس يوق يا؟
بەت:
[1]
2