ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەرگە زىيان بولدى
رۇبلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەرگە تەسىر كۆرسەتتىئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
جياڭسۇ تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇبلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شىنجاڭلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا يەتتە يىل بولغان سودىگەر ئابلىكىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تىجارەت باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوبوروت مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، پايدا نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. نۆۋەتتە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ تۈرى 15-20 خىلغا يېتىپ، ئوبوروت مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن پايدا نىسبىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتكەچكە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭ بازىرىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «مېداليون» ماركىسىدىكى ماشىنا زاپچاسلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
مەنبە : جىياڭسۇ تورى ئەرقال تاراتقۇسى APP دېتالىدا مۇشۇنداق ئۇچۇرلار كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن. چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىكەن. مەنمۇ ئەرقال تاراتقۇسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى... ھەقىقەتەن قولايلىق. ئەمدى ئوتتىرا ئاسىيادىن ھالقىپ ئوتتىرا شەرىق ، ئاڧرىقىغا مەبلەغ سىلىش كىرەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر روبلى ئىشلەتمىسە نىمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكىنە بۇلارنىڭ ؟ تاپقان پۇللىرىنى ئامرىكا دوللارغا ئالماشتۇرۇپ تۇرغان بولسا زىيان تاتمايتتىغۇ؟ erqal taratqusini nedin chushurgili bolar izqel يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 21:56 static/image/common/back.gif
erqal taratqusini nedin chushurgili bolar
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):
ئەرقالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولغان ، بىرەر ھەپتە بولدى ئۇچۇر كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى، قانداق ئىشتۇ ؟
بەت:
[1]