تاشپولات: مېنىڭ 63 ياشلىق ئاقتەنلىك موماي ئوقۇغۇچىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 09:22مېنىڭ 63 ياشلىق ئاقتەنلىك موماي ئوقۇغۇچىم
تاشپولات روزى
مۇشۇ ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى مەكتىپىمىزنىڭ يېڭى مەۋسۇمى باشلاندى. مەن ئوتكەن ماتېماتىكا دەرسكە 63 ياشلىق ئاقتەنلىك موماي ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇ سالامەتلىك باشقۇرۇش كەسپىدىن ئۇنۋان ئالماقچى ئىكەن. مەن بۇ موماينى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم. دەرس تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ماۋۇ رەسىمگە چۈشتۈم. مېنىڭچە بىر مىللەتتىن مانا مۇشۇنداق ئىلىم روھى بار مومايلار كۆپ چىققاندىلا شۇ مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ! كېيىنچىرەك بۇ موماي ئوقۇغۇچىم بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىپ، ئۇنۇڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
بەك كەمتەركەنلا، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا يوللاپلا :lol ئالدىنقى قېتىم يوللىغان 60 تىن ھالقىغان ئوقۇغۇچىڭىز توغرىسىدىكى تېمىمۇ بەك ئېسىل چىققان ئىدى. 63 ياشلىق موماي توغرىسىدا تەپسىلى يازسىڭىز ئالدىنقىدەكلا ئېسىل تېما بولۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.{:112:}
ياش قىرىققا بارماي تۇرۇپ بەزىدە تولىمۇ قېرىپ كەتكەندەك، بىر نەرسىلەرنى ئۈگۈنەي دىسەم كېچىكىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. مۇشۇ تېمىلار ئادەمگە ئىلھام بولىدىكەن. ئېنگىلىز تىل سەۋىيەمنى لوغەتكە تايانمايدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىمەن دەپ ئويلىغان، تولا ھاللاردا ياش چوڭايغاندا دەپ ھورۇنلۇق قىلىپ بەل قويىۋېتىپ قالىمەن. ئېنگىلىز تىل سەۋىيەمنى لوغەتكە تايانمايدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىمەن...
........................................................................................................................................................
مېنىڭمۇ مۇشۇنداق سۆيۈملۈك بىر غايەم بارتى...لېكىن بۇ مەڭگۈ غايە پېتى داۋاملىشىدىغان سۆيۈملۈك غايەم بولۇپ قالىدىغان چىراي:lol
لېكىن، جۇڭگودا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان چارە بار، مەسىلەن ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىلغان كلاسسىك رومانلار... ئاشۇلارنى ئوقۇسام بەك ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن، ئانا تىلىمدەك ھېس قىلىپ كېتىمەن، ، ئەسلى ئەسەرنى قولۇمغا ئالماسلىقىم كېرەك بۇ ھۇزۇرنى داۋاملىق سۈرۈش ئۈچۈن... لېكىن لۇغەت ئىزدىمەيمەن دەپ قىينالغۇچە، لۇغەتكە قاراشقا كۆنۈپ كەتكەن ياخشىراقتەك قىلىدۇ. مانا بۇ 活到老学到老دىگەن گەپتە.
بىزنىڭ كىلەر ئۈگىنىش تۈگۈل كىتاپمۇ ئوقۇمايدۇ. كۈنلىرىنى ئاشخانا، تىلۋۇزۇر ،ۋە بالا بىقىشبىلە ئۆتكۈزىدۇ. aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 14:17 static/image/common/back.gif
لېكىن لۇغەت ئىزدىمەيمەن دەپ قىينالغۇچە، لۇغەتكە قاراش ...
ئىمزانى پەچەت قويىۋاپسىلەر. ئېنگىلىز تىلىدىكى دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى ئىكەن ھە.:lol
بىر بەت ماقالە ئوقۇش ئۈچۈن نەچچە قېتىم لوغەت ئاختۇرۇش ئېغىر كەلمىگەن بىلەن، 10 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە ئېغىر كېلىدىكەن. شۇڭا بەك خاپا بولۇپ كەتمەڭلار مەن يازغان ئىنكاسقا. ئايپالتا ئىتتىك بىلەگلىك ئىكەن ھە، چانايمەن دەپ. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:06 static/image/common/back.gif
ئىمزانى پەچەت قويىۋاپسىلەر. ئېنگىلىز تىلىدىكى دۇنياۋ ...
كۈندە كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرسا، تەكرارلىنىۋەرسە، ئاندىن يەنە تەكرارلىنىۋەرسە قىزىقىش پەيدا بولۇپ، ئاندىن قىزىقىش كۈچىيىپ كېتىپ، ئاخىرىدا ئۆزۈمنى قەتئىي تۇتالماي ئوقۇپ كېتىشىم مۇمكىن دەپ تىزىپ قويدۇم ئاۋۇ كىتابلارنى ئىمزا قىلىپ. ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىگە ئىشەنمىسەممۇ تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن.
لۇغەت ئىزدەش ماڭىمۇ ئېغىر كېلەتتى، لېكىن ئويلاپ باقسام ھەر ئېغىر ئىشلار بارغانچە ئېغىر كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغاچقا، مۇشۇ ئېغىر ئىشقىمۇ بىر كۆنەي دەپ ئويلىغانتىم، راست دېگەندەك كۆنۈپ قالغىلى تۇردۇم، شۇڭا دېگەنتىم، ھېچبولمىغاندا لۇغەت ئىزدەش ئادەمنى باشقا ئېغىر ئىشلاردەك ئۇنچىۋالا پاراكەندە قىلىۋەتمەيدىكەن، ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار:lol
تېمىدىكى بىر ئىشقا دىققەت قىلماپتىمەن. سالامەتلىك باشقۇرۇش كەسىپى بولسىمۇ، يەنىلا ماتىماتىكىدىن نومۇر ئېلىشى كېرەك ئىكەن. جۇڭگۇدىكى ئالى مەكتەپلەردە بۇ خىل كەسىپلەرگە ماتىماتىكا دەرىسى ئۆتۈلمەيدۇ ھەقاچان. fizika1 يوللىغان ۋاقتى 2015-4-4 14:09 static/image/common/back.gif
مەن بۇ يىل22ياش ،تۇلۇق ئۇتتۇردا ئۇقۇشنى نىيەت قىلدىم،،
روھىڭىزغا ئاپىرىن! ھەدىستە «ئىلىم تەلەپ قىلىش بۆشۈكتىن قەبرىگىچە» دېيىلىدۇ، مۇنۇ موماي كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردىنمۇ تەقۋاراق ئىكەن... خۇدايىم بۇيرۇسا مەنمۇ ئۆلگىچە ئۆگىنىمەن... ئۇف...
مەن ئويغانسام بولغۇدەك{:87:}
بەت:
[1]