TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 08:30:50

تاشپولات: دىققەتنى يىغىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 08:40  

دىققەتنى يىغىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 خىل ئۇسۇلى

تاشپولات روزى



ئۆگىنىش قىلىشتا بولسۇن ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن”دىققەتنى يىغىش“ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دىققەتنى (زېھننى) يىغىش ياكى يىغماسلىق بىلەن ئوخشاش مىقداردىكى ئۆگىنىشتە ياكى ئىشنى پۈتتۈرۈش دەرىجىسىدە ياكى پۈتتۈرگۈچە بولغان ۋاقىتتا چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرساقمۇ بىراق دىققەتنى يىغىش قابىلىيەتنىڭ ئۆسمەيۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. تۆۋەندە ئۆز كۈچىمىز بىلەن دىققەت يىغىشنى كونترول قىلىپ، يۇقىرى ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە ئىشنى تېز تاماملاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

1. دەم ئېلىش

پۈتۈن زېھىننى قويۇپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەندە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قېلىش زېھىننى مەركەزلەشتۈر گەنلىكنىڭ ئىسپاتى بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى تېببىي ئىلمىگە ئاساسلانغاندا كىشىلەرنىڭ زېھىن يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كۆپ بولغاندا 90 مىنۇت بولىدىكەن. مۇمكىن بولغاندا ۋاقىتنى 40 مىنۇتتىن ئاشۇرماي ئۆگىنىش قىلىش ياخشى ئادەت ئىكەن.

زېھىننى مەركەزلەشتۈرگەندە ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنىڭ كاللىغا ئورۇنلىشىشى ئاسان بولىدۇ. بىراق چارچاپ تۇرۇپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆگىنىش قىلغاندا كاللا يەنىلا ھېچنېمە يۇقمىغان ھالەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىش قىلغان كىشىلەر زېھىننى يىغىپ داۋاملىق ئۆگىنىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 30 مىنۇتتا بىر قېتىم دەم ئالىدىكەن. بەزى كىشىلەر ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم دەم ئېلىپ ئۆگىنىشىنى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنى راۋانلاشتۇرىدىكەن. مەن ئادەتتە 25 مىنۇتتا بىر قېتىم دەم ئېلىپ ئۆگىنىشىمنى ياكى قىلىۋاتقان ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى ھەر 30 مىنۇتتا ياكى ھەر 25 مىنۇتتا ياكى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم دەم ئېلىش دېگەنلىك بىرەر سائەت تالادا ئوينىۋېتىپ ئاندىن يەنە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ دېگەنلىك ئەمەس. بۇ دېگەنلىك مەسىلەن، سىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز 15 مىنۇت، 25 مىنۇت، 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئورۇندۇقىڭىزدىن بىر قېتىم تۇرۇپ  بەدەنلىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ ياكى باشقا ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىڭ.

2. قانغۇچە ئۇخلاش

ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئوزۇقلىنىش ياخشى بولمىسا سىز ھەرقانچە ياخشى ئۆگىنىمەن دەپ ئورۇندۇقتا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۋالسىڭىزمۇ كاللىڭىزنىڭ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قابىلىيىتى چۈشۈپ كېتىپ زەھىننىڭىزنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرەلمەيسىز. شۇڭا ھەر كۈنى كەم دېگەندە 6 سائەت ئۇخلاش ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كەم دېگەندە 6 سائەت ئۇخلاش دېگەنلىك 10 سائەت ياكى يېرىم كۈن ئۇخلاڭ دېگەنلىك ئەمەس. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا كۆپ بولغاندا 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە ياخشى ئىكەن. ئەگەر ئىشىڭىز ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئاز ئۇخلاپ قالغان بولسىڭىز چۈشتە كۆپ بولغاندا 20 مىنۇت ئۇخلىۋېلىش زۆرۈر ئىكەن. چۈشتە 20 مىنۇتتىن كۆپ ئۇخلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىش قىلسىڭىز كاللىڭىز چوڭقۇر ئۇيقۇغا كەتتىم ئەمسە دەپ چۈشىنىۋېلىپ ئوخانغاندىن كېيىنمۇ كۆزىڭىز ئوچۇق بولغان بىلەن كاللىڭىز ئۇيقۇ ھالەتتە بولغاچقا ئىشلىرىڭىزدىن كۆپ چاتاق چىقىدىكەن.

3. يورۇق يەرنى تاللاڭ

قاراڭغۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىش كۆزگە ياخشى ئەمەس دېگەن كۆز قاراش تېببىي ئىلىمگە ئاساسلانغاندا توغرا ئەمەستەك قىلىدۇ. كۆزنىڭ يامان بۆلىشى ئۇنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكتىن بولىدىغان بولۇپ، ئۇنۇڭ يورۇقلۇق بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. بىراق قاراڭغۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلماسلىق قاراڭغۇ بولغاندا كاللا ئۇخلايمەن دېگەن ھالەتكە ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. كەچلىرى ئۆيىڭىزدە ئۆگىنىش قىلغاندا ئۆيىڭىزگە مۇۋاپىق بولغان چىراغنى تاللاپ سېتىپ ئېلىڭ. بولۇپمۇ ئاق نۇرلۇق چىراغلارنى ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئاق نۇرلۇق چىراغلار كاللىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى قوزغايدىكەن.

4. تاماقنى ياخشى تاللاڭ

ئۆگىنىش دېگىنىمىز كاللا (مېڭە) ھەرىكىتىدۇر. شۇڭا كاللىنىڭ ھەركىتىسىز بىلىم ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. كاللا ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا ئۇخلاش ئەڭ ياخشى بولسىمۇ كاللا قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان يېمەك ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىستېمال قىلغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن، قەھۋە، شاكىلات، گۈرۈچ، ھەرخىل ۋىتامىن قاتارلىقلار. بولۇپمۇ كاللىغا لازىملىق تاتلىقنى مېۋە چېۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ ئالغان ياخشى ئىكەن.

5. ۋاقىتنى قىسقا ئورۇنلاشتۇرۇش

زېھىننى يۇقىرى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش قىلىش ئۈچۈن “ياخشى ئۆگىنىش قىلىمەن دېگەن ئادەت”نى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. “ئۆگىنىش قىلىشنى خالىماي” ئۆگىنىش قىلغاندا كاللا ئەمدى ياخشى ئىش يۈز بەرمەيدۇ دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئىنكار ھالەتتە ئۆگىنىش قىلىدىكەنسىز. ئەلۋەتتە بۇنداق ھالەتتە زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا “ئۆگىنىش ۋاقتىنى قىسقا قىلىش” ئۇسۇلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك ئىكەن.
مەسىلەن، “2 سائەت ئۆگىنىش قىلاي” دەپ بېكىتىپ، بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۆگىنىش قىغىڭىز كەلمىدى دەپ پەرەز قىلايلى. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇشۇ كۈندىن باشلاپ بىر ھەپتە ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى “بىر يېرىم سائەت” دەپ بەلگىلەڭ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ مۇشۇ ئەھۋالغا ئادەتلەنگەن ۋاقتىڭىزدا يەنە 2 ساەتقا قايتىسىز.

كەم دېگەندە بىر قېتىم “ئۆگىنىش قىلغۇم يوق” دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئەتىسى ۋە ئۇنۇڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە 2 سائەت ئۆگىنىشتە جىق جاپا تارتىسىز. بۇنداق جاپا تارتىشلارنىڭ قوشۇلۇشى ۋە كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جاپا تارتىشلار جۇغلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا ئۆگىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ۋاقىتنى بىرئاز قىسقا بېكىتسە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئۆگىنىش قەدەملىرىگە كۆنۈپ قالغاندا ۋاقىتنى ئازراقتىن ئۇزاتقان ياخشى بولىدۇ. ئادەتتە ھەر كۇنكى ئۆگىنىش قىلىش ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئۇزۇن چېكىنى 2 سائەت قىلىپ بېكىتىپ، دەسلەپكى ئۆگىنىش  ھالەتنى 30 مىنۇت قىلىپ بېكىتىشمۇ ياخشى ئۇسۇلدىن ئىبارەت.

6. ئاۋاز چىقىرىش

“ئاۋاز چىقىرىش” دېگەن ئۇسۇل، ئۆگىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۆگىنىش كۈچى دېگىنىمىز، “ئۆگىنىش قىلغان مەزمۇننى ئازراق بولسىمۇ كاللىغا كىرگۈزۈش يەنى ئۆزلەشتۈرۈش كۈچى” دېگەنلىك بولۇپ، ئۆگىنىش كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. “قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىش” دېگەن نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۆگىنىش كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ناھايىتى مۇھىم. ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلى دېگىنىمىز پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى كۆز ئارقىلىقلا ئەمەس قۇلاق ئارقىلىق ئەسكە قالدۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. “كۆرۈش + ئاڭلاش” تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سېزىم ئارقىلىق بىلىمنى كاللىغا قاچىلاش جىم ھالەتتە كىتاب ئوقۇپ كاللىغا قاچىلىغانغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك ياخشى ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە يەنە بىر ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلنى بىلىپ باقايلى. ئۇ بولسا “ئوقۇتقۇچى بولغان كەيپىياتىدىكى” ئۇسۇلدىن ئىبارەت. كوزىمىزنىڭ ئالدىدا كىمدۇر بىرى بار دەپ پەرەز قىلايلى، شۇ كىشىگە “ئۆگىتىۋاتىمەن” دېگەن ھېسسىياتتا ئاۋازنى چىقىرىپ پايدىلىنىۋاتقان ماتېرىياللار ئوقۇشتىن ئىبارەت. سىز بىلىمنى ئۆگىتىۋاتىمەن دېگەن ھېسسىياتتا بولغاچقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى كاللىڭىز ئاسان ئۆزلەشتۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇش دېگىنىمىز، پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇش بولماستىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك قىسمىنى قايتا-قايتا ئۈنلۈك ئوقۇشتىن ئىبارەت.

7. كېرىلىش

بىز دائىم “زېھىننى يىغالمىغاندا كېرىلسە ياكى سوزۇلسا ياخشى” دەپ ئاڭلايمىز، بۇ ھەقىقەتنىمۇ توغرا. ئۇنۇڭ كەيپىياتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تەڭشەش مەناسى بارلىقى مەلۇم بولۇپ، ئۇ تېببىي ئىلمى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئۇسۇلدۇر. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلغىنىمىزدا، ئۇزاق ۋاقىت ئوخشاش ھالەتتە تۇرمىساق بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى مۇسكۇللار تارىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ. قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولمىسا مىڭىدىكى قان ئايلىنىش ئېقىمى ئازىيىپ ماڭىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى، بەدەندىكى ئوكسىگىننى يۆتكەش رولى بولۇپ، بۇنۇڭ راۋان بولماسلىقى ئەلۋەتتە مېڭە ئىچىدىكى ئوكسىگەننىڭ مىقدارىنى ئازىيىپ يېتەرلىك ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇڭا كېرىلىپ ياكى بەدەننى سوزۇپ بەرسىڭىز، يامانلاشقان قان يوللىرىنى نورماللاشتۇرۇپ قان ئېقىم مىقدارىنى ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە ئەكېلىدۇ. بۇنۇڭ بىلەن مىڭىنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ كېرىلىپ بېرىش، زېھنىڭىزنى يىغىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

8. پىيادە مېڭىش

ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا زېھىننى يىغماسلىق كىشىلەرگە قاراپ مۇنداق ئىككى خىلغا بولىنىدۇ. بىرى ھۇرۇنلۇقتىن كېلىپ چىقىش، يەنە بىرى ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش كۈچىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەھۋالدا بىر قېتىملىق ئۆگىنىش ۋاقىتنى 30 مىنۇت دەپ بەلگىلەپ، 10 مىنۇت دەم ئېلىش. مۇشۇ بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋاقتىڭىزنى 3 قېتىم قاتلىسىڭىز ئەسلىدىكى نورمال ئەھۋالغا قايتالايسىز.

يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئومۇمى ئەھۋالدىن باشقابەزى ئادەملەر دە تۇيۇقسىز زېھىننى يىغماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. بۇنداق ئەھۋالدا ئازراق دەم ئېلىش بىلەن ئەسلىدىكى زېھىن يىغىش ھالەتكە قايتالمايدۇ. ھەتتا كېرىلىش، قەھۋە ئىچىش، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشلارمۇ كارغا كەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئويىڭىزنىڭ ئەتراپىدا ھېچنېمە ئويلىماي پىيادە 10 مىنۇت مېڭىپ بېرىڭ. سىز ھېچنېمە ئويلىماي ماڭسىڭىزمۇ كاللىڭىزدا ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كاللىڭىزدا ھە ماۋۇ ئىشنى قىلىشنى باشلا جۇمۇ دېگەن قالتىس بىر خىيال ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ. بۇنۇڭ بىلەن ئۆيىڭىزگە قايتىپ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياكى ئۆگىنىشىڭىزنى قىلسىڭىز زېھىننى يىغىپ يەنە داۋاملىق ياخشى ئىش ياكى ياخشى ئۆگىنىش قىلالايسىز.

9. قىزىقىپ قېلىش

ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىشنىڭ قايسىسىغا زېھىننى يىغقىلى بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا زېھىن كۈچىنى يىغىپ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمىزدا، ئۆگەنمەكچى بولغان تېمىنى ياخشى كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن چۈنكى بىلمەيدىغان نەرسىلەر كوپ بولۇپ ئۇنۇڭدىكى بىلىملەرنى كاللىغا كىرگۈزۈش ناھايىتى بىر مۇشەققەتلىك جەريان. بىراق مەلۇم دەرىجىدىكى بىلىملەر كاللىغا كىرىشى بىلەن ھە ئەسلى مۇنداقتىغۇ دەپ يېڭى بىر نەرسىنى تاپقاندەك بولىمىز. بۇنداق ۋاقتىدا سىز ئۆگىنىشكە باشلىغان تېمىنى ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن دەپ ئوز ئۆزىڭىزگە دېيىشىڭىز كېرەك. خوش ياغمىغان ياكى ياخشى كۆرمىگەن نەرسىدىن ئازراق بىر قىزىقىش تېپىلسىلا، ئۇ قىزىقىشنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە دەپ ئۆگىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز قانداقتۇر ئۆزىڭىزمۇ سەزمەيلا سىزدە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىق ھاسىل بولۇپ، زېھىن يىغىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

كېلەر قېتىملىق يازمامدا، “بۇ يىللىق نىشانىڭىزنى تەكشۈرۈپ، بىر يىل ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى” نى
تونۇشتۇرىمەن

پايدىلانغان مەنبە: MT Lifehacher
http://en.motivation-upgrade.com/

amirdinov يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:19:15

رھمەت  ،  ياخشى تېمىكەن   . بۇندىن كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىمدا شۇنداق قىلسام بولغۇدەك   . يىقىندىن بۇيان دىققىتىم چېچىلىپ ئۆگىنىش نەتىجەممۇ سەل چۇشۇپ كەتكەن   .        

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:26:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugday تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 10:29  

ئېسىل تېما! رەخمەت تاش پولات ئەپەندىم!

ئۈگۈنىش دېگەن گەپ ئەستە ساقلاش دېگەن گەپكە يېقىن كىلىدىكەن. مەن ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى توغرىسىدا كونكىرىتنىراق يېزىلغان بىر تېمىغا ئىھتىياجلىق ئىدىم. قېرىغاندا  تىل ئۈگۈنىدىغان بىر ئىرادىگە كىلىپ قالدىم. ئىنگىلىزچە مەنبەلەردە  ئۇچرىغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىسىگە بىر لەشتۈرۈپ بىر تېما يوللاشقا مومكىن بولامۇ؟ ئەلۋەتتە مېنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇقۇم يوق، ئۆتۈنۈۋاتىمەن.
بۇ جەھەتتە بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭمۇ ياخشى تەجرىبىسى بارىلىقىغا ئىشىنىمەن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:44:35

bugday يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 10:26 static/image/common/back.gif
ئېسىل تېما! رەخمەت تاش پولات ئەپەندىم!

ئۈگۈنىش دېگەن گ ...

بولىدۇ. سىز دېگەن تېما توغرىلىق ئىزدىنىپ بىر يازما تەييارلاي.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 11:50:20

تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت ، مەن ئادەتتە كوپ قوللىنىدىغان ئىككى خىل ئوگىنىش ئۇسۇلۇمنى قۇشۇپ قۇيسام بۇلغىدەك دەپ ئويلىدىم ، مۇۋاپىقمۇ بىلمىدىم.
1-مەقسەتلىك ئۇگۇنۇش : بۇنىڭدا مەن ئاساسلىغى نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى ئالدىن تاللاپ ، نىمە مەقسەتكە يىتىشنى نىشان قىلىمەن  دىگەنلەرنى ئاۋال بېكىتىۋالىمەن ، ئاندىن قانداق ئوگىنىش مەسلىسىنى ئويلىشىمەن ، يەنى ئالاقىدار ماتىرىيال سىن دەرسىنى تاللايمەن ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئوگىنىشكە چۇشىمەن ، ئاخىرىدا مەقسەتكە يەتتىممۇ يەتمىدىممۇ دەسلەپكى نىشان مەقسەتكە ئاساسەن ئانالىز ئېلىپ بارىمەن ۋە خۇلاسە قىلىمەن ، مەقسەتكە يىتەلمىسەم يىتەلمىگەن مەقسەت كاللامدا قالىدۇ ۋە باشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئوگىنىشىم زۇرۇرلىگىنى بولمىسا بۇ مەقسەتكە يىتەلمەيدىغانلىغىمنى بىلىمەن دە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئوگىنىشكە چۇشىمەن ۋە ئەسلىدىكى مەقسەت بىلەن مۇناسىۋەتنى ئوگىنىش جەرىيانىدا تەھلىل قىلىپ چىقىمەن ،  مۇشۇنداق قىلىپ مەلۇم مەزگىل ئۇتىدۇ ،  مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن  يەنە ئەسلىدىكى مەقسەتلىك ئۇگۇنۇشنى باشلايمەن ، بۇ چاغدا بۇرۇنقىدىن ئاسان توختايدۇ ، مەقسەتكە يىتىمەن ، يىتەلمىسەم قايتا تەكرارلايمەن بۇ جەرىياننى.
2. دەۋرىيىلىك ئوگۇنۇش ،  مەن ئادەتتە 3 دەۋرىيىلىك 1 سېستىمىلىق ، 1 خۇلاسە ، 1 نىشاننى چورىدەپ ئوگىنىش قىلىمەن
ھەرقانداق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئادەمنىڭمۇ بىرلا  قېتىمدا ئوگەنگەنلىرىنى ئەستە ئۇمۇر بۇيى ساقلىيالىشى ناتايىن ، شۇڭا ، مەن بىر قېتىم ئوگۇنۇپ بولغان نەرسىنى ئوگۇنۇپ بولدۇم دەپ قارىمايمەن، مەلۇم مەزگىللەر ئوتكەندىن كىيىن يەنە ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىككى قېتىم قايتا ئوگىنىپ چىقىمەن ، 1 سېستىمىلىق دىگىنىم بىلىدىغانلىرىمنى سېستىمىلىق ئەسلەپ چىقىشنى كورسىتىدۇ ، بڭر خۇلاسە سېستىمىلىق ئەسلەپ چىقىش جەرىيانىدا بىلمەيدىغانلىرىمنى خۇلاسە قىلىمەن ، ئۇنىڭدن كىيىن ماڭا دەرھال لاىزم بۇلىدىغىنىنى نىشان قىلىمەن ۋە بۇ ئاساستا مەقسەتنى بېكىتىپ ئالدىنقى جەرىيان بۇيىچە ئوگىنىش قىلىمەن.
توغرىمىكىن خاتامىكىن بىلمىدىم ، ئەمما ، مەن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بولغاچقا نۇرغۇن ۋاقىتنى تىجىدىم ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، ئوگەنگەنلىرىنى دەۋرىيىلىك ئەسلەشمۇ بەك مۇھىم ، مەسلەن مەن ھازىرغىچە تۇلۇقسىزدا ئوگەنگەن بىر قىسىم بىلىملەرنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن، بىر مىسال ئالسام جۇغراپىيەدە ئوگەنگەن بىلىملەردىن ئۇنتۇپ قالغىنىم  ئاز ،  بىر قېتىم ئەينى ۋاقىتتىكى جۇغراپىيە ئۇقۇتقۇچۇم مىنىڭدىن ھازىرمۇ جۇغراپىيە بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىغىمنى سورىدى ، ئازىراق بىلىمەن دىسەم ، نەچچە دولەتنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەلەيسەن دەيدۇ ، 150 تىن ئارتۇق دولەت ۋە رايۇن ئىسمىنى دەپ بىرەلەيمەن دىسەم ئىشەنمەي قۇلىغا قەلەم ئېلىپ تۇرۇپ دەپ بەرگىن دەيدۇ ، مەن قىتئەلەر بۇيىچە 180 دولەتنى ساناپ بەرسەم  يىزىپ ھەيران قالغان ، ئەمما دائىم ئەسلەپ تۇرمىغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كىتىدىكەنمىز ، 10 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە 103 ئىلمىنىتنى مۇھىم ئىزۇتۇپىنىڭ ئاتۇم ئېغىرلىقىدىن تارتىپ ئەسلىيەلەيتىم ، ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن.
ئەڭ مۇھىمى ھەربىر ئادەمگە  ماس كىلىدىغان ئۇمۇمىلاشقان موتلەق توغرا ئوگىنىش ئۇسۇلى بولمايدۇ ، مەسلەن ماڭا كەلگەن ئۇگۇنۇش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمگە ماس كىلىشى ناتايىن ، ھازىر ماس كەلگىنى بىر مەزگىلدىن كىيىن ماس كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن .ھەر بىر ئادەم ئۇزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ، شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ ئومۇمىلىق ئاساسىدا ئۇزىگە ماس كىلىدىغان ئوگىنىش ئۇسۇلىنى بەلگىلىسە بۇلىدۇ. ھەم مۇۋاپىق ئوزگەرتىپ تۇرسا -مىنىڭچە - ئوگىنىش ئۇنۇمىنى ئاشۇرالايدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 11:53:01

تاشپۇلاتكا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، خاپا بولمىغانسىز ھە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 15:16:15

ياپۇنلۇقلارنىڭ بۇرۇنلا ئىشلەتكەن ئوبرازغا باغلاپ ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئەستە قالدۇرۇشقا پايدىلىق.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 17:51:09

مەنمۇ مۇشۇنداق باغلاپ ئەستە قالدۇرۇشنى سىناپ باققان. بۇ بەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
بۇنى مەن ئۆزەم ئۆگىنىش جەريانىدا تەدرىجىي يېتىلدۈرگەن.  تاشپولاتكامغا كۆپ تەشەككۈر!

tuyghu99 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 02:09:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولاتكا، يازمىلىڭىز ھەقىقەتەن  ئادەمگە ئىلھام بېغىشلايدۇ ، بولسا سىزدەك نەتىجە قازىنىشقا نىسىپ قىلسۇن ، نەتىجىلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ جىق كىشىلەرنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر گەپنى سوراپ باقسام بولارمۇ ،  سىز ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتقا مۇدىرمۇ ياكى پىروفىسسورمۇ ؟ ئۇنىۋېرسىتېت تور بىكىتىدىن مۇدىرلارنىڭ تىزىملىكىنى تاپالمىدىم ... ئۇنىۋېرسىتېتتا قايسى كەسىپلەر بار ؟ قوبۇل قېلىش تەلەپلىرى باشقا ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ھەقاچان، ئىنى سىڭىللارغا تەۋسىيە قېلىش ئويۇم بار ، سىز بولغاندىكىن پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دەيمەن.

rfst يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:02:43

بەت: [1]
: تاشپولات: دىققەتنى يىغىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش...