waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:07:42

شىنجاڭ كوماندىسىدا نىمە كەم؟

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىدىن سامپۇل مۇلاھىزىسى؛  تۇنۇگۇن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا شىنجاڭ كاماندىسى يەنە بىر قېتىم چەتئەللىك ئەزا ئالماشتۇرۇشى مۈمكىن، دىگەن خەۋەر تارقالدى. ئارقىدىنلا بۇ مۇنبەردىمۇ ‹‹شىنجاڭ كاماندىسى ئىلگىرىكى كېلىت ئادىمى كاماندىسىنىڭ توپ ئۇستىسى روبىنسون بىلەن توختام تۈزدى›› دىگەن خەۋەر بېرىلدى.
    روبىنسوننىڭ قوشۇلۇشى تېرىفېردىن زېرىككەن، ياخشى بىر چەتئەللىك كىچىك ئەزاغا زار بولغان توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن بۇ پەسىللىك دائىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۈمۈت ۋە ياخشى خەۋەر بولۇشى ئېنىق.
لېكىن، رەت تەرتىپتە 8- ئۇرۇندا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ كاماندىسى ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا ماھارىتىدىن ھاياجىنى زىيادە تېلىفىرغا تايىنىپ پەسىل ئاخىرقى مۇسابىقىگە كىرىش! چۈنكى، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىدىكى چەتئەللىك ئەزا ئالماشتۇرۇش سانىنى تولۇق ئىشلىتىپ بولدى. 8 كۈچلۈك كاماندا قاتارىغا كىرەلمىسە روبىنسوننىڭ قۇشۇلۇشى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا 8 كۈچلۈك كاماندا قاتارىغا كىرىپ، پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭ كانامدىسىدا كەم قىلىۋاتقان نەرسە نىمە؟
     كۈزۈتۈشۈمچە ھازىرقى كەم نەرسىلەر:
    1. ئىشەنچ، ئۈمۈت ۋە روھ!
    ئۈمۈتكە تولغان ئىشەنچ بىلەن روھ ھەرقانداق بىر تەنتەربىيە مۇسابىقىلىسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. ئەمما، مۇشۇ كۈنلەردە كاماندا يىتەكچىلىرىددىن تارتىپ تېرىنىرغىچە، ماھىرلاردىن تارتىپ مەستانىلارغىچە روھى چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. قارىسام خې چىياجاڭ، گوجىيەن قاتارلىق كۇلۇب مەسئۇللىرىنىڭ كۆزىدە نۇر دىدارى كۆرۈنمەيدۇ. باش تېرىنىر سۈي ۋەنجۈننىڭ لەۋلىرى توختىماي لىكىلداپ، قول- پۇتلىرى تىترەپ كېتىۋاتىدۇ. ماھىرلارمۇ ئېتىشقا تىگىشلىك توپنى  پېيى تارتىشىپ، ئىككىلىنىپ جايىدا ئاتالمايۋاتىدۇ. تاماشابىلارمۇ ھاياجاندىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىۋاتىدۇ.
قۇرۇق ھاياجاندىن نىمە چىقىدۇ؟ روھى چۈشكۈنلىكتىن نىمە كېلىدۇ؟
ئۈمۈتۋار بولۇش كېرەك! ئەڭ قىيىن شارائىتتا تېخىمۇ  چىچەن ۋە تەدبىرلىك بولۇش كېرەك. شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىماي،  يېڭىمەن، دىگەن ئۈستۈن روھى ھالەتنى ساقلاش كېرەك.
   2 . بارچە كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك.
كاماندىمىز ئۈچۈن بۇ پەسىلدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق يەنىلا مۇداپىئەدە كۆرۈلدى. مۇداپىئە بەك تۇراقسىز بولدى. مۇداپىئەدە ياخشى بولۇۋىدۇق گۇاڭدۇڭنىمۇ، بېيجىڭنىمۇ ئۇتتۇق. مۇداپىئە سۇسلىۋىدى، جاڭسۇغىمۇ ئۇتتۇردۇق!
  3 . تاكتىكىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك.  
  ھازىر بىزنىڭ رەقىلپىرىمىز مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئاۋاللا شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ بۈگۈن نىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولىدۇ. ھەر بىر تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز قارشى تەرەپكە بەللا تونۇش، بەكلا يادا بولۇپ كاتتى.  ھەر بىر ئادەم ئالماشتۇرۇش مەقسىدىمىز بەكلا ئېنىق بولۇپ كەتتى.
    4 . باشلىنىتىلا ماھىرلارنى ياخشى چۈشۈرۈش كېرەك .
يېقىندىن بېرى ئۇدا داۋام قىلىۋاتقان سەۋەنلىكىمىز دەل مۇشۇ نوقتىدا بەكرەك گەۋدىلەندى. باشتا كېيىن قېلىپ، ئارقىدىن يىتىشەلمەي بەكلا ئاۋارە بولدۇق. مەن سۈي تېرنىرنىڭ نىمىشقا جۇۋ چى بىلەن شىرئەلىجاننى باشتا چۈشۈرمەي، سۇۋېي بىلەن لىيۇ شۇنەننى چۈشۈرىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشۈنەلمىدىم. خىل، ئاساسلىق ئەزانى باشتا چۈشۈرمەي، بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئەزا ئالماشتۇرۇش بىر خىل ئەخماقلىق. ئۇ قارشى تەرەپكە ئىلھام بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز روھىمىزنى سۇسلۇتۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
   5 . ئالدىمىزدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنىمۇ بوش قۇيۇۋەتمەسلىگىمىز كېرەك.
گەرچە ئالدىمىزدا جىلىن، چىڭداۋ، فوشەنگە ئوخشاش كۈچلۈك رەقىپلىرىمىز بولسىمۇ، ئىشەنچ، ئۈمۈت، ئىرادە ۋە ياخشى تەشكىللەشلا بولىدىكەن ئۇلارنى ئۇتۇشىمىز ئېنىق. يەنە بىزگە ئاسانلا ئۇتتۇرۇپ قۇيىدىغان كاماندىلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
    ھەممىمىزگە يېڭىش نىسىپ بولغاي!
   پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقىدە روبىنسوننىڭ قالتىس ماھارەتلىرىدىن بىرگە زوق ئالغايمىز.



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php


tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:43:53

مېنىڭچە شىنجاڭ كوماندىسىدا كەم بولىۋاتقان نەرسىلەر يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ئۇزلىكسىز مۇقىم بولغان مۇداپىيە، ئۆزارا ماسلىشىش كۆللىكتىۋىزىلىملىق روھ قاتارلىق تەرەپلەردىن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 14:02:11

tokqi123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 10:43 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە شىنجاڭ كوماندىسىدا كەم بولىۋاتقان نەرسىلەر يۇ ...

مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى ئىقتىسادىي قوللاش .

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:11:58

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:46:28

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 20:11 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىدا موڭغۇل بىلەن قازاق كام .  ...

:handshake

mux يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 21:34:45

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 20:11 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىدا موڭغۇل بىلەن قازاق كام .  ...

چەتئەللىك ماھىرلار بولمىسا مۇسابىقىنىڭ پەيزى بولمايتتۇ، كۈرۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. :lol

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 10:21:43

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 20:11 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىدا موڭغۇل بىلەن قازاق كام .  ...

چەتئەللىك ماھىرلار بولمىسا ئەھۋالى تىخىمۇ ناچارلىشىپ كتىدۇ ،ھەر يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشتە چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ تۆھپىسى زور .
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسىدا نىمە كەم؟