waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:12:33

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جىلىن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  جلىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى بىر چەتئەللىك ئەزاسىغا تايىنىپ ئوينىدى، جىلىن كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى باشتىن ئاخىرى ساقلىدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 109-113 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىلىن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدا جىلىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ تارىختا تۇنجى قىتىم جىلىن كوماندىسىغا قوش ئۇتتۇرۇشتەك نۇمۇس رىكوتى ياراتتى.  جىلىن كوماندىسى ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلۇپ، بىرلەشمە رەت تەرتىۋىدە توققىزىنچى ئورۇنغا چۇشۇپ قىلىپ پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشى خەۋىپ ئاستىدا قالدى.  
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 31 نومۇر، 17 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبېك ماقان 26 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 22 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇچى 19 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛ ساۋفىي 7 نومۇر ئالدى، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 7 نومۇر ئالدى، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 19:16:01

ئاخشام كۆرگەن ئىدىم بۇ مۇسابىقىنى.....  تەڭرىتاغ كوماندىسى يېتىشىۋالايلا دەپ قالغاندا قارشى تەرەپ كوماندىدىكى
چەت ئەللىك ماھىر يامان چىكەتتى.  ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، قائىدىگە خىلاپ قىلىق قىلغۇزۇش تاكتىكىسىنى تولا ئىشلىتىپ
جازا توپ بىلەن نومۇر ئېلىۋېلىپ نومۇر پەرىقىنى زورايتىۋەتتى.{:101:}

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 20:47:49

بۇ يىل زادى ئەھۋال ياخشى ئەمەس
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جىلىن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى