uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 17:47:37

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 23-01

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1217.75  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1280.08  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  94.49  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1302   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:  

تۈنۈگۈن كەچتە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1300 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىقىپ ئەڭ يۇقىرى 1306.60 دوللار بولغان ، بۇنداق بولىشىدا ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دىلاجى2015 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 60 مىليارد ياۋرو سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بۇ خەۋەر بازارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرلىشىنى كەلتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا   مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ياپونىيە ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات بازارنىڭ قىسقا سىزىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .

ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى  ياۋرو رايونى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولۇپ ياۋرونى يۇقىرى كۆتۈرسە  ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار بولۇپ ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كەلسە  ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن .  

ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار كەچتىكى بازار يۆلىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1302-1297 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرى سۇس بولدى . چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا 1290 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ  ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1297-1300 دوللار ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .

2. چۈشتىن كىيىنكى ياۋرۇپا بازىرىدا 1307 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە  1310-13125 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر 1307 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1295-1290 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .

3 .بىر كۈن ئىچىدە 1290 دوللاردىن چۈشۈپ 1288-1285 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .


چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1310 1307
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1290 1293  

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1288-1308
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1290
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1307

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

     بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.49 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1301.44 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 60 مىليارد ياۋرو سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن بازار خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ۋە قىممىتىنى ساقلاش كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللار كۆرسەتكۈچ ۋە ئالتۇن باھاسى ئۆسكەن ، ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتتى ، ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن چىقتى ، مۆلچەرىچە ئالتۇن باھاسى يەنە يۇقىرى يۆلىنىشنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دىلاجى2015 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 60 مىليارد ياۋرو سېتىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە 2016 - يىلى 9 - ئايغىچە داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن .
   بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا  مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو خۈيفېڭ ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ياپونىيە ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات بازارنىڭ قىسقا سىزىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
   ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى  ياۋرو رايونى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ياخشى بولۇپ ياۋرونى يۇقىرى كۆتۈرسە  ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار كەچتىكى بازار يۆلىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .





بۇيىل كىرىپ ئالتۇن بازىرى يېڭى ھالىتىنى شەكىللىندۇردى

       بۇيىل كىرىپ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولدى ، ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 10% ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئامېرىكا 20 يىللىق دۆلەت قەرزى ETF 7.1% ئاشقان ، بۇ ئامېرىكا ئۆلچەملىك پور سىزىقى500 كۆرسەتكۈچى 8% چۈشكەندىكى ھالىتىدىن ئېشىپ كەتكەن . بۇخىل ھادىسە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ خەلقئارا بازار بۇيىللىق ئىقتىساد كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىدىن دېرەك بېرىدۇ . خەلقئارادىكى مەبلەغ كەينى-كەينىدىن خەۋپتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىغا قۇيۇلدى . كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىتتىك ھالىتىنى باشلىدى دەپ قارىدى .
      ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىسى مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ پۇل سىياسىتىنى قوللانماقتا .








ئالتۇننىڭ 1320 دوللارغا ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بار

       چەتئەل تېخنىكا ئانالىز ئورگىنى FX Empire 1- ئاينىڭ 23- كۈنى دوكلاتتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش چۈشۈش تەۋرىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى،بىر قېتىملىق چۈشۈش 1280 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
       لېكىن ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى QE سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالتۇن باھاسى يەنەبىر قىېتىم 1300 دوللاردىن ئۆسكەن. FX Empire نىڭ قارىشىچە ، ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشكە بولغان بۆسۈش كۈچى بار.
       مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە ئەگەر بۈگۈن ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتىكى چوققىنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە ، ئۇنداقتا ئۆسۈشى 1320 دوللارغا يېتىدۇ.
        FX Empire يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، چۈشۈشكە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يوقاپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشكە بولغان سېتىۋېلىش پۇرسىتى كېلىدۇ.







ياۋروپا مەركىزى بانكىسى QE سىگنالىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى QE سىگنالى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ، ياۋرو / دوللار بىر قېتىمدىلا 300 نۇقتا تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
تۈنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قارار يىغىنىدا QE سىگنالى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقى ، ھەم دېلاجى 2015 - يىلى 3 - ئايدىن 2016 - يىلى 9 - ئايغىچە ، ھەر ئايلىق مال سېتىۋېلىش پۇل چېكى 600 مىليون ياۋرو زايوم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى 8.70 دوللار ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 1301 دوللار بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 7 دوللار ئۆرلەپ ، يېپىلىش باھاسى 1300.70 دوللار بولغان .
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى قارار يىغىنىدا QE سىگنالى  قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ 94 نۇقتىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسى كۆپەيگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى 1.47 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 46.31 دوللار بولغان .






كېيىنكى يېرىم يىلدا ئامېرىكا پۇل پاخاللىق مۆلچەرى ياخشىلىنىدۇ

     ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە 12 - ئايلىق ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، فرانسىيە پارىژ بانكىسى (BNP Paribas) 1- ئاينىڭ20- كۈنىدىكى دوكلاتىدا ئامېرىكا 2015- يىللىق پۇل پاخاللىق مۆلچەرى بۇرۇنقى 1.90% تىن 1.70% كە تەڭشىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
فرانسىيە پارىژ بانكىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ،" بىزنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىمىزدە ، پەسىللىك يادرو پۇل پاخاللىق يىللىق نىسبىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ، بۇرۇنقى مۆلچەردە پەقەت ئىككى پەسىلىنىڭ پۇل پاخاللىق يىللىق نىسبىتى مەنپىي بولغان."
       ئامېرىكا 12- ئايلىق پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش ئاساسى 0.40% بولغان، لېكىن بۇ مۆلچەردىكى بىلەن ئوخشاش بولغان.
      فرانسىيە پارىژ بانكىسى كۆرسەتمە بېرىپ ، " جىددىي چۈشكەن ئايرۇپىلان بېلىتى) چۈشۈش 50% ( ، كيىم كېچەك ) چۈشۈش 1.2% ( ۋە نىمكەش ماشىنا ) چۈشۈش 1.2% ( بولۇپ تەخمىنەن يادرولۇق چۈشۈش ئاساسنىڭ 50.0% نى ئىگەللىگەن. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ تارايتىش ۋە ياخشىلىنىش سالمىقى ئەڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەت باھاسىغا يەتكۈزۈپ، يادرولۇق مال باھاسى 2015- يىلنىڭ كېيىنىكى يېرىم يىلدا ئۆرلەيدۇ. " دەپ ئېيتقان.






دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.4988 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.1044 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.26 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 1.34% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 93.0545 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  94.49 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.2425 ، سېتىلىش باھاسى 94.2585 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  93.0537 بولدى .  

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 23-01