ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 14:31:25

رۇسىيە نېفىت ئۇرۇشىدا ئۇتتۇردىمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 14:37  

رۇسىيە نېفىت ئۇرۇشىدا ئۇتتۇردىمۇ؟

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


سىنا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقان خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە، رۇسىيە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچى ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دۋوركوۋىچ (Arkady Dvorkovich) بۇ قاراشقا رەددىيە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە يېڭىلگۈچى ئەمەس، بىزنى يېڭىلگۈچى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيە ھەرگىز ئۇتتۇرمايدۇ.»

دۋوركوۋىچنىڭ ئېيتىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى رۇسىيەنى كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاقىل بولۇشقا ئۈندەيدىكەن. ياۋروپا رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە بېقىنىپ قېلىشنى تۆۋەنلىتىۋاتقان بولغاچقا، رۇسىيە كەلگۈسىدە ئاسىيادىن يېڭى خېرىدار ئىزدەيدىكەن. رۇبلىنىڭ قىممىتى %50 كە يېقىن چۈشكەن بولسىمۇ، بۇ رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىدىكەن.
مەنبە : سىنا تورى

OPEC نىڭ باش كاتىپى: ماي باھاسى ناھايىتى تېزلا ئۆرلەيدۇ

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەل بەدرى (Abdullah al-Badri) 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋېتسارىيەدە داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى، نېفىت باھاسى بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ %50 تىن ئاشقاندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە ماي باھاسىدا تېزلا قايتىدىن ئۆرلەش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بەدرى: «نېفىت باھاسى ناھايىتى تېزلا ئۆرلەپ «نورمال سەۋىيە» گە قايتىدۇ، OPEC مەھسۇلات كېمەيتىش ئارقىلىق OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ماي باھاسى تۆۋەن چېكىنى بەلگىلىمەيدۇ.» دېدى.
مەنبە : FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:21:30

ئەمدى دۆلىتىمىزدە ماي باھاسى تۆۋەنلەپ تەرەنچى  ئىشلەتمەي مايغا تازا راھەتلىنىۋاتقان شوپۇر دۇسلار خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمامدۇ نىمە.
مانچە مۇچەن چۈشكەن بىنزىن خەلىقئارادا ئاستا ئاستا ئۆجسۈشكە قاراپ ماڭسا دۆلىتىمىزمۇ بىراقلا كويلا ئۆستۈرەرمىكىن.

بۇ باھانىدە تەبىي گاز باھاسىنى ئۆستۈرۋىتىپ ئوبدان قىپتۇ.بىنزىن ئۆسۈپ كەتسە يەنە گازغا چۈشىدىغان گەپ.قاقشاپ يۈرۈپ يەنە قاچىلايدۇ.يا بىرەر فىزىكا بىلدىغان شوپۇر چىقمىدى،تەرەت بىلەن ماڭىدىغان ماتۇر چىقارسا نىفىت بىنزىننى شۇ ئىھتىياجلىقلار ئىشلىتىۋەرسە،بىزنىڭ ئايرىم تەرەت ماتور ماشىنلىرىمىز بولسا....


يەنە بىر تەرەپتىن توكلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنىڭمۇ باھاسى ئۆسىشى مۇمكىن،مەسلەن ئىلىكتىر قۇۋۋەتلىك مۇتۇسىكىلىت،ئىلىكتىر ماشىنا دىگەنلەر،چۈنكى مەمۇرلارغا 300 سوم قۇشۇلۇپتۇ ئەمەسمۇ.مائاش ئۆرلىگۈدەك دەپ گەپ چىقىپ ئۈچ يۈز سوم قۇشۇلسىمۇ تىجارەتچىلەر مائاشىڭلار ئۆستى دەپ مال باھاسى ئۆسىدۇ.

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:40:41

ماي بىر كوي چۈشسە ،ئىككى كوي باج قىتىلىپ يەنە ئىككى كەر  تۆت ئون ئالتە بولىدۇ {:92:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:50:48

ئىككى ھەرەم شاھى جانابى ئابدۇللا شاھ قازا قىپتۇ، نېفىت باھاسى داۋالغۇشى مۈمكىن .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:57:39

  شىمالى دىڭىزدىمۇ نىفىتلىك بولغاندىكىن روسلارغا ئاز بولسىمۇ كىرىم ئۈزۈلمەيدۇ، ئۆزىمىزنىڭ غىمىنى يەيلى...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:18:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 18:19  

ئالدىنقى ھەپتە ئەرەبىستان بايانات ئىلان قىلىپ نىفىت قىزىشنى قەتئىي كىمەيىتمەيدىغانلىقىنى ، باھاسى بىر تۇڭىنىڭ 20دوللارغا چۈشۈپ قالسىمۇ داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىۋىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا يەنە 8 يىل بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى، ئوپىكتىكى تۇققانلانىڭ نىفىت قىزىشنى كەملەتسە ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى.
ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە بازاردا مالنى تۆكمە قىلىپ باھانى چۈشۈرۈپ سىتىپ رىقابەتچىلىرىنى سىقىپ چىقىرىش ناھايىتى نورمال ئىش ئىكەن.{:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:32:42

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 16:57 static/image/common/back.gif
شىمالى دىڭىزدىمۇ نىفىتلىك بولغاندىكىن روسلارغا ئاز ب ...

كىرىم ئۈزۈلمىگەن بىلەن دۆلەت مالىيەسىنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى نىفىت ئىكىسپورتىغا تايىنىدىغان  دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىلى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇچراۋاتىدۇ. رۇسلار چوقۇم باشقا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىشى، نىفىت ئىكىسپورتىغىلا تايىنىپ قالماسلىقى كىرەك. بولمىسا ھازىر غەرب ۋە ئامېرىكا بىرلىشىپ ئۇكرائىينانى مۇقىمسىزلاشتۇررۇشتا بىۋاستە رول ئوينىدى دەپ قارالغان نۇقتىلىق كارخانا ۋە شەخىسلەرگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەندە بۈنچىلىك تەسىرىەە ئۇچرىسا، ئەگەر  پۈتۈن made in russia مەھسۇلاتلىرى ۋە كارخانىلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغان بولسا قەتئىي بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:48:26

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 18:32 static/image/common/back.gif
كىرىم ئۈزۈلمىگەن بىلەن دۆلەت مالىيەسىنىڭ يىرىمىدىن ك ...

بەك بۇلالمىغاندا يادرو قۇرالىنى دىۋەيلەپ تۇختىتىدۇ جازانى،  روسيەنى تىرورچى دىيەلمەيدۇ بەرىبىر.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:08:34

تېمىغا ئەگىشىپ مەنمۇ «نېفىت ئۇرۇشى» دەپ تۇراي. سەۋىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى  چەتئەل مېدىيالىرى ۋە تورلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا، ھازىرغىچە ماڭا مەلۇملۇق بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىپ باقتىم.
بۇ قېتىملىق ئىقتىساد ئۇرۇشى ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە روسسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
روبىلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىشى بىلەن سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەمەلىيەتتە قەرىزنىڭ ئېشىپ كېتىشى ھېساپلىنىدۇ. روبلى 50% پاخاللاشتى دىگەنلىك تاشقى قەرزى بىر ھەسسە ئاشتى دىگەنلىك. ( خاتا بولسا تۈزۈتۈپ قويۇڭلار)
نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، ئىقتىساتتا نېفىت ئېكىسپورتىغا تايىنىدىغان روسسىيەنى تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچىرتىدۇ. روسسىيەدىكى  چەتئەل مەبىلىغىنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ئىشسىزلىق نىسپىتىنى ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن.
يۇقۇرقىلاردىن قارىغاندا روسسىيە بۇ قېتىملىق ئىقتىساد ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرغۇچىدەك، مەغلۇپ بولغاندەك تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن.
لىكىن مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئۇرۇش تېخى ئاياقلاشمىدى. بۇ مەيدان شاھمات ئەمدى ئوتتۇرا مەيدانغا قەدەم قويدى دىيشكىمۇ بولىدىكەن. ناۋادا نېفىت باھاسى قايتا ئۆرلەپ كەتسە، ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقى قىسمەن ھالدا يوققا چىقىدۇ. نېفىت باھا ئۇرۇشى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، روسسىيەگە شۇنچە پايدىسىز، ھازىرقى ئەھۋالدا نېفىت باھاسىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەش سەل قىيىن.
OPEC نىڭ ئەزالىرى ئىچىدە روسسىيەگە يېقىن ياكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى موھىم بىر ھالقا.
ئىران شۆھبىسىزكى روسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا جەنۇبى ئامېرىكىدىكى ئامېرىكىغا قارشى دۆلەتلەرمۇ روسسىيەگە ھەمدەم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىتتىپاقى ئورتاق مەخسەد، ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن.

ئەمدى ئامېرىكىغا يېقىن دۆلەتلەر توغرىسىدا توختالساق، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئوخشاشلا ئۇلارنىمۇ زىيانغا ئۇچىرتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاسىتىدا بۇ زىياننى تولۇقلاش ئۈچۈن ئامېرىكا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ، قانچىلىك داۋام قىلالايدۇ دىگەن مەسىلە موھىم مەسىلە. بۇ نوقتىدىن قارىغان ئامېرىكىنىڭ ئتتىپاقداشلىرى روسسىيەنىڭكىدەك قەتئى ۋە مۇستەھكەم ئەمەس.

مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار قارار چىقارغاندا ئاۋامنىڭ ئەمەس بەلكى ھۆكىمىرانلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قارار چىقىرىدىغان بولغاچقا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى موھىم ئەمەس، ھۆكىمىرانلىقىنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىساق، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دېموكىراتتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرالىشى تەس بولۇشى مۇمكىن.

ھەممىدىن موھىم يەنە بىر ئامىل جۇڭگۇنىڭ پۇزىتسىيەسى، بۇ قېتىمقى ئىقتىساد ئۇرۇشى جۇڭگۇ ئۈچۈن بىر پۇرسەت. بۇ قېتىملىق شاھماتتا قۇربانلىق بولۇپ كەتمىسە، پىچكىنىڭ پەرزىنگە ئايلىنىشى مېنىڭچە تەس ئىش ئەمەس.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:45:20

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:08 static/image/common/back.gif
تېمىغا ئەگىشىپ مەنمۇ «نېفىت ئۇرۇشى» دەپ تۇراي. سەۋىيە  ...

ھەممىدىن موھىم يەنە بىر ئامىل جۇڭگۇنىڭ پۇزىتسىيەسى، بۇ قېتىمقى ئىقتىساد ئۇرۇشى جۇڭگۇ ئۈچۈن بىر پۇرسەت. بۇ قېتىملىق شاھماتتا قۇربانلىق بولۇپ كەتمىسە، پىچكىنىڭ پەرزىنگە ئايلىنىشى مېنىڭچە تەس ئىش ئەمەس.

دۆلىتىمىز ئۇچۇن قانداق ياخشى پۇرسەت؟ كەڭراق قىلىپ چۈشەندۇرۇپ قۇيامسىز؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:14:22

دۆلەتلەر ئارا مۇناسۋەتكە دىققەت قىلساق، جاۋابى ئىنىق مەسىلىغۇ بۇ. {:92:}
ئۇرۇش بولغان ئىكەن، مەيلى قايسى خىل ئۇرۇش بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيان تارتىشى تۇرغان گەپ. ھەر ئىككىسى ئاجىزلايدۇ. ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. جۇڭگۇ ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم نەرسە دەل مۇشۇ ۋاقىت.
جۇڭگۇغا نىسپەتەن مەيلى ئامېرىكا ياكى روسسىيە ھېچقايسىسى دوسىت ئەمەس. ئورتاق مەنپەئەت بولسىلا قايسى بىرى بىلەن بولسۇن ئىتتىپاق تۈزەلەيدۇ. تاشقى سىياسەتتە پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ مەجبۇرى ھالدا ئىككىدىن بىرىنى تاللايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىسىلا، ئەڭ چوڭ پايدىغا ئىرشكۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى يىل ئىچىدە بۇنىڭ جاۋابى ئىنىق بولۇشى مۇمكىن.

ئىزچىلار بۇ تېمىدا بار ئىكەن. ئەمدى پاترولمۇ كىرگەن بولسا ياخشى قىزىپ قوياتتى بۇ تېمىمۇ.
لىكىن بۇ ئىككىلىسىنىڭ ئاچچىقى يامان، سوقۇشۇپ قالمىسىلا مۇنبەرداشلار ھەممىمىز خېلى نەپ ئالاتتۇق.:lol

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:30:35

نېفىت چۈشۈپ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېزدەش قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالمىسا بولاتتى…

484848 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:47:01

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:48:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 21:13  

بۈگۈن سەھەر ئەرەبىستان  پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋاپات بولۇپ ،ئورنىغا دادا بىر ئانا بۆلەك ئۇكىسى سالماند پادىشاھ بولدى. ۋە ئاكىسى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ بارلىق ئىستىراتىگىيە ۋە سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
بۈگۈن ئوخشاشلا يەنە شەرقىي ئۇكرائىينا بۆلگۈنچىلىرىنىڭ بىشى كىيۋ بىلەن ئۇرۇش توختىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى. بۆلگۈنچىلەر يىقىنقى ھۇجۇمىدا سىستارگىيلىك ۋە سىمۋۇللۇق ئورۇن دونەتسەك ئايرۇدىرۇمىنى كونتىرۇللىقىغا ئالغان، كىيۋ روسىيەنىڭ ئەسكەر ۋە ئىغىر تىپتىكى قۇراللارنى بۆلگۈنچىلەرگە تەمىنلەپ بىرىشنى توختىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما موسكىۋا ئىتراپ قىلمىدى. ئۆتكەن يىلى بىلىرۇسنىڭ مىنسكتە تۈزۈلگەن تىنىچلىق كىلىشىمى ئىقى قەغەز ، قارىسى سىياھ پىتى قالدى.
ئەگەر يىڭى پادىشاھ سالماند ئاكىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ نىفىت ئىشلەپ چىقىرىشنى ئازلاتمىسا، ئۇكرائىينا بۆلگۈنچىلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ ۋاشىڭگىتون نىرۋىسىنىڭ غىدىقلىسا، ئىقتىسادىي جازا يەنە كىڭىيىدۇ،روبلىمۇ، نىفىت باھاسىمۇ  يەنە چۈشىشى مۇمكىن. ھەتتا 20 دوللارغا چۈشۈپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. پۇتىنننىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىش پۇرسىتى بار. بۇ ئادەم كىرىملىندىلا بولىدىكەن ئۇكرائىينا مەسلىسىنىڭ ھەل بولىشى تەس.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:59:44

484848 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 20:47 static/image/common/back.gif
تېڭشۈننىڭ بۈگۈنكى بىر ئۇچۇرىدا جوڭگۇدىكى ئۆي مۈلۈك ش ...

دۆلىتىمىزدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسى چوڭاملىرىدىن دالىيەن ۋەندادىكى ۋاڭجىيەنلىن ئىسپانىيدىكى داڭلىق پۇتبۇل كۇلۇبى 马德里竞技足球俱乐部غا 45مىلىيون ياۋرۇ مەبلەغ سىلىپ 20پىرسەنت پىيىنى سىتىۋالغان. بەزى تەھلىلچىلەر بۇنىڭىدىن كاساتلىشىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك سودىسىدىكىلەرنىڭ باشقا ساھەگە كىڭىيىپ ،يىڭىچە يول تۇتۇشقا باشلىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ دەپ باھا بەرگەنمىش.
http://news.xinhuanet.com/sports/2015-01/21/c_127407594.htm

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:10:41

484848 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 20:47 static/image/common/back.gif
تېڭشۈننىڭ بۈگۈنكى بىر ئۇچۇرىدا جوڭگۇدىكى ئۆي مۈلۈك ش ...

مېنىڭ ھېس قىلىشىمدا، جۇڭگۇ ئۈچۈن پۇل كەم ئەمەس. جۇڭگۇغا كېرەكلىك بولغىنى يۇقۇرى تېخنىكا، ئىقتىساد ئاساسىنىڭ كۆپ خىللىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېتەرلىك ۋاقىت.
ئۆي-مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادنىڭ خەۋپ-خەتىرى توغرۇلۇق ناھايىتى نۇرغۇن ماقالىلار يېزىلىپ كەتتى. كۆپۈك ئىقتىسادتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگۇ ئۆي-مۈلۈكچىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
بىر پارچىلا ئېتىزلىق بولسا، بۇ ئېتىزلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرسا ئاچ قالىمىز، نەچچە پارچە ئېتىزلىق بولسا، بىرسى بۇزۇلۇپ كەتسىمۇ ھېچ گەپ يوق، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان يەنە نەچچە پارچە ئېتىزلىق بار.
ھازىرقى ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش يۈزلىنىشى، سىز مىسال ئالغان ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دەل مۇشۇ خىل ئىقتىساد ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. يېرىم تەييار مەھسۇلات تەمىنلەش، خام ئەشيا تەمىنلەش خاراكتىرىدىكى سانائەتنى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان، غوللۇق سانائەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دەل نىسپەتەن موقىم بولغان شارائىت ۋە ۋاقىت لازىم.
ئامېرىكا بىلەن روسسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئۇرۇش، جۇڭگۇ ئۈچۈن مۇشۇ يېتەرلىك ۋاقىتتىن دېرەك بېرىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:24:17

كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھېچكىم ئىنىق قىلىپ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
جەزمەن مۇشۇنداق بولىدۇ دىگەن ئادەممۇ كۇپىرلىق قىلغان ھېساپلىنىدۇ. پەقەت پەرەزلا قىلالايمىز، بۇ پەرەزلەر توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن. يۇقۇردىكى ئىنكاسلاردا يازغانلىرىممۇ پەقەت ئۆزەمگە مەلۇملۇق بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن چىقارغان خۇلاسە.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 22:02:47

:victory: بۇ تىمىغا ياخشى ئىنكاسلار چۈشۈۋېتىپتۇ .داۋاملاشسا ...:)

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 22:31:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ArislanMemet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 22:35  

OPEC قا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى:
سەئۇدى ئەرەبىستان - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
قاتار - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
كۇۋەيت - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئىراق - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئىران - روسسىيە بىلەن دوستانە
نېگىرىيە - ئامېرىكا بىلەن دوستانە
ئەنگۇلا - بېتەرەپ
لېۋىيە - بېتەرەپ
ئالجىرىيە - بېتەرەپ
ئېكۋاتۇر - روسسىيە بىلەن دوستانە
ۋېنرۇلا - روسسىيە بىلەن دوستانە

نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە تەۋە يۇقۇرقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ئاسالىق نېفىت ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان دۆلەتلەردىن روسسىيە، ھېندونىزىيە قاتارلىقلار بار.
يۇقۇرقىلار بەيدۇ قامۇسىدىن ئىزلەپ تاپقان مەزمۇنلار
ئوپىك ئەزالىرىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى:http://baike.baidu.com/link?url=64C-vCtS2VFK2W1BHCIhcF41sKsIOLK5zyQF_h45oowZzYgRHmqKmoL4jOODfMdawDuWL62oM9ByxqMkp4ihra

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 02:58:19

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-01-23 18:48:26 static/image/common/back.gif


بەك بۇلالمىغاندا يادرو قۇرالىنى دىۋەيلەپ تۇختىتىدۇ
ئۆزى يادرو بومبىسىنىڭ قورشاۋىدا تۇرسا نىمىسىگە يادرو تەھدىتى قىلالايدۇ،
بەت: [1] 2 3
: رۇسىيە نېفىت ئۇرۇشىدا ئۇتتۇردىمۇ؟