بىلىمخۇمار: بىزنى نېمە بەختلىك قىلىدۇ؟
بىزنى نېمە بەختلىك قىلىدۇ؟بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمىسىدا ئامېرىكىدىكى «مايكۇل جوسېفسون» (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. 2015-يىلى 14-يانۋار كۈنى مايكۇل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «بىزنى نېمە بەختلىك قىلىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازمىسىنى ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنى .
ھازىر بەختلىك بولۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەر كۈنسايىن كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.
ھەممىگە ئايان بولغان بىر نۇقتا شۇكى، بەختلىك بولۇش بىر خىل ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر خىل ئەھۋال ئەمەس. بەخت خۇشاللىقتىن كۆپرەك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالايدىغان راھەتلىك، ساغلاملىق ياكى خۇشاللىق تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.
بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىزنى ئۆزىمىزگە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى بەلگىلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەخت دېگىنىمىز، ئۆز ھاياتىمىزغا باھا بېرىشتە ئۆزىمىز تاللىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. ئابې لىنكولىن (Abe Lincoln) مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر قانچىلىك بەختلىك بولۇشنى خالىسا، ئادەتتە شۇنچىلىك بەختلىك بولىدۇ.» بىر بۇددا دىنى ماقال-تەمسىلى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ئاغرىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتىش-تارتماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق.
ئۇنداقتا، بەختلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى نېمە؟ ئۇ پۇل ئەمەس، ئۇ نام-شۆھرەت ئەمەس، ياكى ئۇ چىرايىنىڭ چىرايلىقلىقىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ ئەمەس، ياكى تالانتىمۇ ئەمەس. بەلكى، بەختلىك بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل رازىمەنلىك، ۋە قانائەتلىنەرلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن ئىبارەت.
بەختنىڭ فورمۇلاسى ناھايىتىمۇ ئاددىي: ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ساناپ، ئائىلىسى بىلەن دوستلىرىدىن ئوبدان ھۇزۇرلىنىش.
ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، ئاددىي ئىش داۋاملىق ئاسان ئىش بولۇپ كەلمەيدۇ.
تەبىئىي خاراكتېرى ئۆز كۆڭلىدە بىر قاراڭغۇ كېلەچەك ۋە ئۈمىدسىزلىكنىلا پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر ئۆز كۆڭلىنى قايتىدىن تەربىيەلىمىسە بولمايدۇ. «بەختلىك بولۇش دېگىنىمىز ئۆزى ئىستىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئېرىشەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىستەش» دېيىش بىر ئىش، ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەر بىلەن ھەقىقىي تۈردە قانائەت ھاسىل قىلىش بولسا باشقا بىر ئىش.
1-رەسىم: ئۆزى ئېرىشەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىستەش.
نۇرغۇن كىشىلەر ئىجابىي تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقمىسا، ھەمدە ئاشۇ تۈزۈملەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئوبدان مەشىق قىلمىسا بولمايدۇ.
بەزىدە بىر ئادەم مەلۇم بىر مەسىلىگە نىسپەتەن قاراش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان يۈزىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئىچكى قىسمىنى كۆرۈپ، يېرىمىدا سۇ بار يېرىمى قۇرۇق ئىستاكاننىڭ قۇرۇق يېرىمىنى ئەمەس، بەلكى سۇ بار يېرىمىنى كۆرسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ. يەنە بەزىدە بىر ئادەم ئۆزىنى ئازاب، ئۈمىدسىزلىك ياكى ھەسەتنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماي، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ياخشى ئوي-پىكىر تەرەپكە، ۋە ئۆزى مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە مەجبۇرى ھالدا بۇرىسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈش ۋە ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بولۇش قابىلىيىتى باشقىلار بىلەن ئەھمىيەتلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە ساقلاش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
مايكۇل جوسېفسون ھەققىدە
بۇ مەزمۇن ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.
ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەمدە ھۆكۈمەت، شىركەت-كارخانا، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقچى ئىدارىلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى، قانۇن، ۋە ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 100000 دىن ئارتۇق كىشىگە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىپ بەرگەن. ئۇ لوس ئانژېلېس رايونىنىڭ «KNX-1070» دېگەن رادىيوسىدا «ئەخلاق مۇھىم» دېگەن تېمىدا ئوبزور سۆزلىگىلى 15 يىلدەك بولغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە ئۇنى شۇ ئارقىلىق تونۇغان. ئۇ ھازىرغىچە ئەخلاق مەسىلىرىگە ئائىت كىتابلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىتاب چىقارغان. مايكۇل يازغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى 8 پارچە كىتابنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكىلەرگە يېقىن كېلىدۇ:
2-رەسىم: مايكۇل جوسېفسون
(1) ئاممىۋى خىزمەت ئەخلاقىنىڭ بەش پىرىنسىپى
(2) سالامەتلىكتە ياخشىراق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېسەل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق
(3) ئەخلاقىي قارار ئېلىش ھەققىدە
(4) ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا
(5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالىسىدا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى
(6) ياخشى ئەخلاقنىڭ كۈچى
(7) ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئاجرىتىش ۋە ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئېلىشتىكى ئەخلاق: ساخاۋەتنى ياخشىلاش
(8) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي ئىپادىلەر
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
So, What Makes Us Happy?
ھە دېگەندە ھەممىدىن قاقشايدىغان، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كەمچىل، قانائەت، سەبرىچانلىق ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى كەمچىل كىشىلەر ئۆزىنى داۋاملىق بەخىتسىزدەك ھېس قىلىدىكەندە!
ياخشى تېمىدىن بىرنى سوغات قىلىپسىز ھۆرمەتلىك دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندىم. ئادەم ئۆزىدە بار بولغانغا شۇكرى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بولىشى ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە ئاڭلىق قاراشنى بىلسە، بەخىتلىك ياشىيالايدۇ. بىزنىڭ ئەلى قۇربان ئېيتقاندەك.... ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە دائىم شۈكۈرلەرنى ساناپ، قانائەتچان، سەۋرچان بولۇش، ۋە ئۆزى ئېرىشىلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىستەش ئىستەش يولىدا بارلىقىنى بېغىشلاش بەختنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولىدىكەن، دېگەن يەكۈنگە كەلدىم. رەھمەت ئەركىنكا، ھەرھەپتە مۇشۇ كۈنى ماقالىڭىزنى ئوقۇيالىغانلىقىمدىن شۇنچە خۇش بولىمەن. خۇش كەپسىز ئەركىن ئەپەندى. بۈگۈنكى بۇماقالىڭىزنى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا مىنى شۇنداق كۆپ چىگىش خىياللا بىسىۋالدى، بولۇپمۇ ھەممە نىمىسى تەل ،خىزمىتى بار ، ئۆيىنى ياسىداق ياسىۋالغان ،ماشىنىسى بار ، يەتتە ئەزاسى ساق . ئىللىق ئاىلىسى ، مىھرىۋان يولدىشى ، ئوماق بالىلىرى بار بىر ئۇچۇم ئاياللار پەيدا بولۇپ قالدى ھىچ نەرسىدىن رازى بولمايدىغان. ھە دىسە ئۇنىڭدىن ، بۇنىڭدىن قاخشايدىغان. يەنە بىر ئۇچۇم ئادەملەر بار ھورۇن، پۇت قولى ساق،تىلەمچىلىك قىلىدىغان ، بۇلارنىڭ نالىسى ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەم يىرگىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بىرسى بارتۇرۇپ قاخشىغان، بىرسى ساق تۇرۇپ قاخشىغان. مانا بۇ تىپتىكى كىشىلەردە بەىت تۇيغىسى نىمە قىلسۇن؟ بەىت دىگەننى نىمىدىن ھىس قىلىشنىمۇ بىلمىسە كىرەك؟
بۇنداق كىشىلەرگە سىزنىڭ مۇنۇ سۆزىڭىز ‹‹بىر ئادەم مەلۇم بىر مەسىلىگە نىسپەتەن قاراش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان يۈزىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئىچكى قىسمىنى كۆرۈپ، يېرىمىدا سۇ بار يېرىمى قۇرۇق ئىستاكاننىڭ قۇرۇق يېرىمىنى ئەمەس، بەلكى سۇ بار يېرىمىنى كۆرسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ. يەنە بەزىدە بىر ئادەم ئۆزىنى ئازاب، ئۈمىدسىزلىك ياكى ھەسەتنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماي، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ياخشى ئوي-پىكىر تەرەپكە، ۋە ئۆزى مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە مەجبۇرى ھالدا بۇرىسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ. ››دەل چۈشكىدەك دەپ قارىدىم. ئەگەر شۇ روھى گاداي كىشى بۇلارنى ئوقۇسا،قوبۇلقىلسا .
بەختلىك بۇلۇشنىڭ ئاساسى قانائەتچان بۇلۇش ھەمىشە ئۇزدە يۇق نەرسە ئۇستىدە غەم يىيىش ئۇزدە بار نەرسىنىڭ قەدىرنى بىلمەسلىك ئۇز نەپسىگە بەك بىرىلىپ كىتىش بەخسىزلىكنىڭ ئاساسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-23 15:58
ھازىر جەمىيەت يەنە مۇنداق..
جۆرىسى تىرىشىپ جۆرىسىنى ياخشى خىزمەت ياكى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ نىنىنى پۈتۈن قىلىپ قويسا ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئىقتىساتتا مۇستەققىللىق ئىلان قىلىپ جۆرىسىگە قاپاق تۈردىغان ئەھۋاللار كۆپكەن.بۇ قىلغىنى پۇرسەتتىن پايدىلنىشمۇ ياكى ياخشىلىق قىلغان جۆرىسىگە بىرىلگەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسىمۇ...بىر قىسىم خانىملىرىمىز ئەرلىرىگە مۇشۇ يوسۇندا قاپاق تۈردىكەن. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بەختسز ھېس قىلىشى ئېرىشكىنى ئاز ئەمەس بەلكى قانائەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن. ئاتاڭ ئاپاڭ قېرىنداشلىرىڭ خوتۇن بالىلىرىڭ ساق سالامەت بولسا بەخىت دىگەن شۇ، قالغىنى ھىچنىمە ئەمەس ھەقىيقى مەڭگۈلۈك بەخىت دىگەن ئاللاھنى رازى قىلىشتا قولغا كېلىدۇ. زىمىن يۈزىدىكىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىشمۇ ياراتقان زاتنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە نائىل بولۇشنىڭ يوللىرى ئىچىدىكى مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە (ۋە باشقا جاندارلارغا) ئاددىي بولسىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قلالايدىغان رەھىمدىل كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشىيالايدۇ. Birzat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 13:08 static/image/common/back.gif
ھە دېگەندە ھەممىدىن قاقشايدىغان، مىننەتدارلىق تۇيغۇس ...
:victory: ھەق راس .بەك توغرا خۇلاسىلەپسىز.:handshake ئادەملەر ھەر خىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ، شۇ سەۋەب بەخىتنىڭ ئۆلچىمىمۇ ھەرخىل بولىدۇ، پەقەت ئىنسانلار ئادىللىققا ئېرشەلىسىلا، ئۆز بەختىنى ئۆزى تاپالايدۇ ..... ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ قۇلىدۇر.قانچە ئاچكۆز،قانچە تەماخور بولغانچە ئۆزىنى شۇنچە بىر نەرسىسى ئازدەك ئويلايدۇ.
زىيادە قانائەت ئادەممنىڭ ئىرادىدىسىنى ئۆلتۈرسە،ئاچكۆزلۈك ئادەمنىڭ روھىغا ئىكەك سالىدۇ.بەخت ئۆزى كەلمەيدۇ،پەقەت بىز ھىس قىلىمىز-خالاس.
بەخت ئاددىيلىقتا بىلىم خۇمار ئەپەندىم سىز NASA دا خىزمەت قىلامسىز؟ hohayla يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 07:46 static/image/common/back.gif
بىلىم خۇمار ئەپەندىم سىز NASA دا خىزمەت قىلامسىز؟
شۇنداق بەخت دىگەن ئۆزى ۋە يېقىنلىرىڭ ساق-سالامەت بولۇپ ،ھەممە بىرگە ئۆز ئارزۇلىرى ئۇچۇن كۇرەش قىلىش ... توۋۋا بىزنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ ئچىدىن NASA دا خىزمەت قىلدىغانلا با كەن دىسە،توۋۋا ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم، NASA دا سىز بىرلا ئۇيغۇر بارمۇ يا يەنە باشقا ئۇيغۇر بارمۇ، سىز NASAغا قانداق كىردىڭىز، مۇشۇ NASA غا كىرىش تارىخىڭىزنى تەپسىلى بىر سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،سىزىڭ ئامىركىدىكى تۇرمۇشىڭىزغا ناھايتىناھايتى قىززىقىپ قالدىم، مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق ئايرىم بىر ماقالا يازسىڭىز قانداق،ماقۇلمۇ؟ hohayla يوللىغان ۋاقتى 2015-01-24 14:10:48 static/image/common/back.gif
توۋۋا بىزنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ ئچىدىن NASA دا خىزمەت قىلدىغا
ئۇيغۇرچە تورلارغا كىرگىنىڭىزگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن 9-10 يىللار ئىلگىرىلا بىلىۋال، بىلىك تور بەتلىرى بىرلىشىپ دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنى تەپسىلىي زىيارەت قىلىپ، نەچچە كىتاپ بولغۇدەك ھەجىمدىكى زىيارەت خاتىرىلىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان، شۇنىڭدا سىز قىزىقىۋاتقان سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بېرىلگەن. ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، ئىزدىسىڭىزلا تاپالايسىز…:handshake