[باچكا] مىكروسوفت پۈتۈن تەسۋىر كۆز ئەينىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 18:30مىكروسوفت پۈتۈن تەسۋىر كۆز ئەينىكى
ھەپتىنىڭ ئۈچى، مىكروسوفت ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ مەھسۇلاتى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. بۇ مەھسۇلات، ئۈستەل يۈزى، تاختا، يانفۇن، ھەتتا ئېكىرانسىز ئۆزەكلەرگىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى، بىر سۇپىغا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ، دېيىلدى.
مەزكور ئېلان قىلىش يىغىنىدا، Microsoft HoloLens يىغىننىڭ ئالاھىدە قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن، تېخنىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، بۇ «قارا سېھىر» دەۋىرىگە تەۋە مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق نۇسخىسىنى سىناش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاۋال، يوغان باتارىيە ۋە ھېساپلىغۇچتەك قىسىمىنى پىنجەك كەيگەندەك كەيدۈرۈپ، ئاندىن قارىچۇق ئارلىقى ئۆلچىنىپ، ئاندىن بېشىغا يوغان ھەم ئېغىر ياساش نۇسخىدىكى قوپال كۆزئەينەكنى كەيدۈرگەن، گەرچە بۇ قوپال تەتقىق نۇسخىسى بەك ئېغىر بولسىمۇ، تاقاپ بولغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان كۆرۈنۈشلەر، ئەزەلدىن مىكروسوفت خەۋەرلىرىنى مەسخىرە ۋە ئىشەنمەسلىك بىلەن خەۋەر قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان تېخنىكا مۇخبىرلىرىنىڭ ئېڭىكىنى بوينىغا چاپلىۋەتكەن (ئاغزى ئېچىلىپلا قالغان).
مىكروسوفت پۈتۈن تەسۋىر ئەينىكى، كىشىلەرنى مىكروسوفتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا غەزەپ قايىل قىلىۋەتكەن.
(ئىزدىنىش تورىدىن باچكا)
تۈۋەندىكىلەر، مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر...
مىكروسوفت تەسۋىر ئەينىكى HoloLens
مەزكور ئەينەك، ئۆزىدىكى كامېرا ئارقىلىق، بىزنىڭ رىئال دۇنيارىمىز بىلەن، ئەينەك ئېكرانىدا كۆرگەن دۇنيارىمىزنى كىرىشتۈرۈپ كۆرسىتىدىكەن.
ئەپلىرىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا، ئەپلىرىڭىز، ئېكرانلىرىڭىز سىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ..
http://cdn.cultofmac.com/wp-content/uploads/2015/01/HoloLens.jpg
http://ts3.mm.bing.net/th?id=HK.281337993237&w=229&h=119&c=7&rs=1&qlt=90&o=4&pid=1.7
http://ts1.mm.bing.net/th?&id=HK.143879063929&w=300&h=300&c=0&pid=1.9&rs=0&p=0
ئۇ سىزنىڭ ئۇيۇن ئويناش دۇنيارىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ:
http://123kinect.com/wp-content/gallery/hololens/Microsoft-HoloLens-multiple-devices.jpg
http://www.playm.de/wp-content/uploads/2015/01/HoloLens-Bild-1.jpg
بىرسىدىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، مۇشۇنداق ئاددى، دادىڭىز ياكى رېمونتچىنى بىر سائەت ساقلاش ھاجەتسىز:
http://123kinect.com/wp-content/gallery/hololens/Microsoft-HoloLens-Skype-01.jpg
لايىھە ياكى ئۇيۇنلىرىڭىز، ھەقىقىي مۇھىتىڭىز بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ:
http://media.gadgetsin.com/2015/01/microsoft_hololens_holographic_goggles_announced_2.jpg
http://cdr.cz/sites/default/files/microsoft-hololens-motorcycle.jpg
http://media.gadgetsin.com/2015/01/microsoft_hololens_holographic_goggles_announced_3.jpg
http://i1.2pcdn.com/node14/image/article/201501/22/20150122035853a0e00zsp5x0e3q9i.jpg
مەۋھۇم دۇنيادا لايىھىلىگەن بۇيۇمىڭىزنى، 3 د پرىنتېردا بېسىپ، رىئال دۇنياغا كەلتۈرەلەيسىز، قارىغاندا باي بولماسلىققا باھانە قالمىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇلارنى سېتىۋېلىش سەل تەسكە چۈشىدۇ.
http://www.newmobilelife.com/wp-content/uploads/2015/01/hololens-01.jpg
قارا سېھىر دەۋىرىگە تەۋە قاتتىق دېتال دېيىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەپ، سىز بۇ پۈتۈن تەسۋىر ئەينىكى بىلەن، فانتازىيىلىك كىنولاردىكى باش پىرسوناژلارلا بەھىرلىنىدىغان ئىشلاردىن بەھىرلىنەلەيسىز، مەسىلەن، سىز مارستىكى ھەۋەسكار بىلەن بىللە، مارس يۈزىدە سەيلە قىلالايسىز:
http://icdn2.digitaltrends.com/image/microsoft-hololens-5-2-440x292-c.jpg
http://assets.rappler.com/612F469A6EA84F6BAE882D2B94A4B421/img/7B4241F36A9F46C7BDA51C17B74F7BAB/hololens-nasa-mars20150121-16-20150122_7B4241F36A9F46C7BDA51C17B74F7BAB.jpg
http://i.computer-bild.de/imgs/6/3/0/2/3/4/8/Microsoft-HoloLens-658x370-152ee9f48b1e1e3d.jpg
مىش- ئىمىشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەينەكنىڭ بېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز كانىيى، سىزنىڭ 3 ئۆ مۇھىتتا تۇرغان ھالىتىڭىزگە قارىتا، ئاۋاز يۆنىلىشىنىمۇ تەڭشەپ ئاڭلىتىمىش.
http://www.mb.com.ph/wp-content/uploads/2015/01/hololens.jpg
http://www.chip.de/ii/3/0/4/5/2/1/2/9/Microsoft_HoloLens-aad4ef08f47c0bdf.PNG
كۆزئەينەكنىڭ ئالدىدا، نەچچە كامېرا گۇرۇپپىسى بولۇپ، سىزنىڭ مۇھىتىڭىزنى 3 ئۆ لىك سىزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوخشايدۇ.
http://www.shooter-szene.de/content/wp-content/uploads/2015/01/microsoft_hololens.jpg
يانفۇندا سىملىق ياكى كۆك چىشتا، ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، يالغۇز كېتىۋېتىپ ئۆزىگە چىڭ سۆزلەپ كېتىۋاتقانلارغا ئەمدىلەتىن كۆنۈپ قالغان ئىدۇق، ئەمدى، كېتىۋېتىپ، ياكى ئولتۇرۇپ، ياكى يېتىۋىلىپ، ئالدىدىكى قۇرۇق ھاۋانى توختىماي دېرىژوردەك نوقۇپ- سىزىپ يۈرگەنلەرنى كۆرسەك، ھەيران قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئىدىيە تەييارلىقى قىلغاچ تۇرساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاۋار دەرىجىسىدىكى مەھسۇلات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، مۇخبىرلارغا تەتقىق نۇسخىسىنى سىناتقانلىقىدىن، مىكروسوفتنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشىغا بىر مەزگىل بار ئوخشايدۇ، دەپ پەرەز قىلىنىپتۇ، لېكىن، «پەقەت كارخانىلارغىلا سېتىلامدۇ، ياكى ئىشلەتكۈچى ۋە كارخانىلارغا سېتىلىۋىرەمدۇ» دېگەن سۇئالغا، ھەممەيلەنگە سېتىلىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىلگىنىگە قارىغاندا، بىز پۇقرالارنىڭمۇ بۇ قارا سېھىرنى ئىشلىتىش پۇرسىتىمىز بار ئوخشايدۇ.
http://i.computer-bild.de/imgs/6/3/0/2/3/4/8/Microsoft-HoloLens-658x370-08d76294d3e22b4a.jpg
تۈۋەندىكىسى، پۈتۈن تەسۋىر ئەينىكى تونۇشتۇرۇلغان سىن:
http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/video_id=249256439/s.swf
مۇھىم گەپتىن بىرنى ئونتۇپتىمەن، ماڭا ئوخشاش مىكروسوفت مەستانىلىرى، مەيلى كۆزنەك بولسۇن، مەيلى ۋىنفون بولسۇن، يېزىقىمىزنىڭ يېڭىلىقى ئۈچۈن، ۋاپادارلىق بىلەن ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق، ۋىنفوندا تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە بىۋاستە كىرگۈزگۈچنىڭ پەيدا بولماسلىقى، بىزنىڭ سەۋىرىمىزنى سىنايدىغان بىر ئىش بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرسوفت ئالىم ئەھەتكامدىن سۇئال سورىغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئۇ ئېغىزىنى چىڭ تۇتقان سەۋەپلىك، ئېنىق جاۋاپقا ھازىرغىچە ئېرىشەلمىدى. لېكىن، ئۆتكەن ھەپتە تويۇقسىز بىر پەرەز چىقىپ قالدى، يەنى، Windows 10 دا، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىستېمىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى سەۋەپلىك، نۇرغۇن ئورتاق كود ۋە ئۆلچەملەر، ئورتاق بۆلەكلەر ئىشلىتىلىشى بىلەن، بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان Windows 8 سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە يۈزنىڭ، توساتتىن يانفۇنلىرىمىزدىمۇ نامايەن بولۇش ئېھتىماللىقى باردەك قىلىدۇ. بۇ پەرىزىمنىڭ قانداق چىقىشىغا ۋاقىت ھۆكۈم قىلسۇن.
http://www.gannett-cdn.com/-mm-/b4b6f49ed5724e1ae21bbb7fa843ee7f8002651b/c=0-279-5130-3177&r=x1803&c=3200x1800/local/-/media/2015/01/21/TNGroup/JacksonTN/635574487169607727-Microsoft-Windows-10-McDa.jpg دىكىشت
مەنمۇ تېمامغا شۇنداق يېزىپ قويسام بولغۇدەك
يېزىپ بولغان ئۆچۈپ كەتتى دەپ
باچكا بولۇڭە ئەمدى ئۆيلىرىمىزنى ئالاھىدە بىزەپ يۈرمەي بىرەر تالدىن كۆزئەينەك تاقىۋېلىپلا ئېسىل تۇرمۇشتىن زوقلىنىپ كېتىدىكەنمىز دە!{:92:} Birzat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:35 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئۆيلىرىمىزنى ئالاھىدە بىزەپ يۈرمەي بىرەر تالدىن ...
توي-تۆكۈن بولۇپ، مىھمان چاقىرىدىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟:lol
مەن بىرزات ھەكىم ئۈچۈن بىر باغاق يېزىپ باقاي:
ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى: مىلادى 2035-يىلى 1- ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغلۇمنىڭ تويىغا قەدەم تەشىرىپ قىلىغايسىزلەر. ئوغلۇمنىڭ تەلىپى بويىچە توينى مىسىر ئەلئېھرامدا ئۆتكۈزمەكچى. تولۇق تەسۋېر كۆزەينىكىڭلارغا مىسىر ئەلئېھرامنى چۈشۈرۈپ كەلگەيسىزلەر.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى www.birzat.com/alehram . ھۆرمەت بىلەن بىرزات ھەكىم
قالتىس باغاقتن بىرنى يېزىۋېتەي دىسەم، ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. قېرىپ قاپتىمەن جۇما:dizzy:
گوگىلنىڭكىدىن نوچى چىكەتكۈدەي ئەمدى بۇ. تېما قەنى؟ قاچانمۇ كاداڭلىشا بۇ باچكا :lol qassap يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 18:39 static/image/common/back.gif
تېما قەنى؟ قاچانمۇ كاداڭلىشا بۇ باچكا
قاسساپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىسىلا، كۈزلەدە كاداڭلىشىپ قالامىكىن .
ئالامەت كۆزئەينەككەن، تېخى مارس تۇپرىقىدا «ھەۋەسكار» نىڭ قېشىدا «تاماششا» قىلغىلى بولغانغا قارىغاندا، يەر شارىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ يەرلەرگىمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا «ساياھەت»كە بارغىلى بولغىدەكقۇ! {:112:} قېنى مەزمۇن ؟
غاچچىدە تولۇقلىۋەتمەمسىز ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 08:14
بۇ تىخنىكا تىخى دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەن. Windows 10بىلەن بىرلە ۋاقىتتا تارقىدىكەن. سىندىكىدەك ئىقتىدارغا كىلىشكە خىلى ھايىلى بار.
ئالدىنقى ھەپتە گۇگۇل كۆزەينىكىنى سىتىشنى توختاتتى.گۇگۇلدىكىلەرمۇ يىڭىچە نۇسقىدىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چىراي. بۇ ساھەدىكى رىقابەت بەكلا كەسكىنلىشىدىغاندەكلا.
http://www.msn.com/en-us/news/technology/microsoft-announces-windows-holographic/ar-AA8rn4d?ocid=ansverge11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-24 15:51
تەھرىرلىنىپ تولۇقلاندى.. Birzat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 10:35 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئۆيلىرىمىزنى ئالاھىدە بىزەپ يۈرمەي بىرەر تالدىن ...
:victory: :victory: :lol :lol گوگۇلنىڭ كۆزەينىكىنى بازاردا ساتامدا ؟؟؟ نىمىش قىلغىلى بولىدۇ ئۇ ئوقەتتە مۇشۇنداق كۆزئەينەك چىققاندىن بۇيان قىلىدىغان خىيالىم مۇشۇنىڭدىن بىرنى تاقىۋېلىپ سايغا بېرىپ قاشتېشى ئىزدەپ بېقىش لېكىن بەلگىلەپ قويغان رەڭنى تېپىش ئىختىدارى بارمىدۇ بۇمۇ بولىدىغان مەھسۇلاتتەك قىلامدۇ نىمە ؟ ناۋادا سىندىكى ئىشلار ئەمىلىلىشىپ قالسا ئۆي سېلىشنىڭمۇ ھاجىنى يوق دەڭلار... قىش كۈنلىرى قېلىن كىينىۋىلىپ ئېسىل داچىلارنىڭ رەسىمىنى قاچىلىۋىلىپ ھە ... :lol Chongam يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 11:45 static/image/common/back.gif
بۇمۇ بولىدىغان مەھسۇلاتتەك قىلامدۇ نىمە ؟ ناۋادا سىند ...
بالىلا زۇكامداپقالامىكى Chongam يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 13:45 static/image/common/back.gif
بۇمۇ بولىدىغان مەھسۇلاتتەك قىلامدۇ نىمە ؟ ناۋادا سىند ...
بۇ خىل كۆز ئەينەك بازارغا سىلىنسا، ئۆزۆمنى پادىشاھ قىلىپ بىر سىناپ باقمىسام. باللىنىڭ ئىنكاسى ئاۋۇ كۆزئەينەكتىنمۇ قالتىسقۇ {:112:}{:112:}{:112:} ئىزدىنىش بويتاقلىرى خوتۇن ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولمايدىكەندە ، كۈندە بىرنى ئالماشتۇرۇپ دىگەندەك {:92:} بالىلىرىمىز تاقاپ قالسىزە ئۆزىنى ئاۋتىمەن ، ئاتا - ئانىسىنى جىن قىلىپ …:lol
بەت:
[1]
2