bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:28:00

NASA: يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى

يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى


ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى 2003-يىلى «مارس تېز يەتكۈزۈش ماشىنىسى» (Mars Express) دېگەن پروگراممىسى (mission) نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مارسقا ئىنگلىزچە «Beagle 2» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى ماڭدۇردى. بۇ ماشىنىنىڭ ۋەزىپىسى مارسنىڭ ئۈستىدىكى قەدىمقى ۋە ھازىرقى ھاياتلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ ماشىنا 2003-يىلى 25-دىكابىر كۈنى مارسنىڭ يۈزىگە قونۇپ، يەر يۈزىگە ئۇچۇر ماڭدۇرۇشنى باشلىشى كېرەك ئىدى.  ئەمما بۇ ماشىنا مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەر يۈزىگە سىگنال ماڭدۇرۇشتىن توختاپ، يوقاپ كەتتى.  شۇنىڭ بىلەن 2004-يىلى 2-ئايدا ياۋروپا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى رەسمىي ھالدا بۇ ماشىنىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى .   

شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇرلىرى يۈتۈپ كەتكەن بۇ ماشىنىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىغان ئىدى.  ئەمما يېقىندا ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» (Mars Reconnaissance Orbiter) دېگەن ئالەم ئۇچقۇرى ھېلىقى يوقاپ كەتكەن مارس ماشىنىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئىش 2015-يىلى 16-يانۋار كۈنى ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مېدىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى.


1-رەسىم: «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» رەسىمگە تارتقان مارسنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ رەسىمدە «Beagle 2» دېگەن ماشىنىنىڭ مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئورنى «Beagle 2» دېگەن سۆز بىلەن كۆرسىتىلگەن.


2-رەسىم: بۇ بىر قىياس بىلەن سىزىلغان رەسىم بولۇپ، ئۇ «Beagle 2» نىڭ مارسنىڭ يۈزىدە تېپىلغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.


3-رەسىم:  ناسا نىڭ «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى.  ئۇ 2006-يىلى 10-مارت كۈنى مارس ئوربىتىسىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مارسنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ مارس بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 426 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ھەر 35.5 سائەتتە مارسنى بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ئۇنى ناسا مەركىزى ج پ ل (JPL) باشقۇرىدۇ.  

ئىنگلىزچە «Beagle» دېگەن سۆز ئەسلىدە «HMS Beagle» دېگەن پاراخوتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، «تەبىئىي تاللاش نەزەرىيىسى» نى ئىجات قىلغان چارلېس دارۋىن (Charles Darwin) ئىككى قېتىم ئاشۇ پاراخوتقا چىقىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىكەن.  ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى نەزەرىيىنى بايقىشىغا ئاشۇ 2 قېتىملىق تەكشۈرۈش سەپىرى سەۋەب بولغان ئىكەن .

ناسا 2004-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ئىرادە» (Spirit) بىلەن «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ئىككى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى «سۇ ئالامەتلىرىنى ئىزدەش» ئىدى.  ناسا 2012-يىلى مارسقا قوندۇرغان «ھەۋەسكار» (Curiosity) ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا «جانلىقلار ياشىيالايدىغان مۇھىتلارنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى تېپىش» تىن ئىبارەت بولغان ئىدى.  بۇلارغا قارىغاندا «Beagle 2» ناملىق ماشىنا قەدىمقى ۋە ھازىرقى جانلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر چوڭ ئىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالمىدى.

ناسا نىڭ «ھەۋەسكار» ناملىق ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا ئەتىراپىدا بولۇپ، «Beagle 2» نىڭ ئېغىرلىقى بولسا ئاران 35 كىلوگرام ئەتىراپىدا ئىكەن.  ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى بىر پروجېكت مەسئۇلى رىچارد زۇرېك (Richard Zurek) نىڭ دېيىشىچە ، «ھەۋەسكار» نىڭ ئۈستىدىكى رەسىم ئاپاراتىنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بۇرۇنقى ماشىنىلاردىكى كامېرالار بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ياخشى بولۇپ، بۇ ماشىنا ھازىرغىچە مارسنىڭ ئۈستىدىكى باشقا نەرسىلەردىنمۇ بىر قانچىسىنى تېپىپ چىققان.  

«ھەۋەسكار» ھازىرمۇ مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇنىڭ «Beagle 2» بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇ«Beagle 2» تېپىلغان يەرگە كېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتى يوق.


4-رەسىم: «ھەۋەسكار» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى.  ئۇ ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  


5-رەسىم:  بىزنىڭ ئىدارە «ھەۋەسكار» نى ياسىغاندا، ئۇنىڭدىن ئىككىنى ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرسى ھازىر بىزنىڭ ئىدارىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.  بۇ ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مارستىكىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Mars orbiter rediscovers long-lost Beagle 2 lander


Beagle 2
http://en.wikipedia.org/wiki/Beagle_2

Mars Reconnaissance Orbiter


Mars Science Laboratory
http://mars.jpl.nasa.gov/msl/

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 12:51:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنكا،  «مارسنى تەكشۈرۈپ ئوربىتلىغۇچى» (Mars Reconnaissance Orbiter) نىڭ ۋەزىپىسى نېمۇ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:46:43

بەشىنچى رەسىمدىكى ئاۋۇ ماشىنا مودىلمۇ ياكى جىڭ :lol ماشىنىمۇ ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:40:21

    مارستا ھاياتلىق بار-يوقلىغىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۇ «ھەۋەسكار»نى قويۇپ بېرىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئىچىگە زىمىندىكى بىرەر خىل ياكى نەچچە خىل جاندارلاردىن بىللە قاچىلاپ چىقىرىپ سىناپمۇ باققانمىدۇ؟ چۈنكى شۇ جاندارلارنىڭ مارس مۇھىتىدا (مۇھاپىزەتسىز) ياشىيالىغانلىغى ئىسپاتلانسا ئاندىن ئۇ يەردە ھاياتلىق بولۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلغىلى بولار؟

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:03:00

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:40 static/image/common/back.gif
مارستا ھاياتلىق بار-يوقلىغىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۇ « ...

سۇ بايقالمايۋاتسا، باشقا ھاياتلىقنىڭ ياشىيالىشىدىن ئۇمىد يوقتە.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:21:37

    ئامېرىكىدا شۇنچە يىراق مارس يۈزىدە يوقالغان (35كىلوگىراملىق) كىچىككىنە ئۇچقۇرىنىڭ «ئۆلۈكى»نى تاپالغىدەك يۇقىرى تېخنىكا تۇرۇپمۇ  ئەجەبا بۇلتۇر مۇشۇ يەر شارىمىزدا غايىپ بولغان نەچچە يۈز كىشىلىك مالايسىيا ئايرۇپىلانىنى تېپىشقا ئەشۇ قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ بەرمەي قول قويۇشتۇرۇپ تۇرغىنىغا قارىغاندا شۇ قېتىملىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە رەزىل بىر سىياسىي ئويۇن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:31:05

ئاشۇنداق يەرلەرنى بىزمۇ بىرەر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ باقساق نېمە بولا دەيمەن........:(

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:45:55

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:40 static/image/common/back.gif
مارستا ھاياتلىق بار-يوقلىغىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۇ « ...

يەرشارىدىن مارىسقا قانچلىك ۋاقىتتا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئانداق ئالەم ئۇچقۇرى ئۈچۈن نەچچە يۈز گىرام نەرسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئېغىر توختايدۇ. جاندارنى ئۇچقۇغا ئېلىپ چىققاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. جانۋارغا ئوكسىگېن، يېمەكلىك بولۇشى، ھەممىدىن مۇھىمى قاتتىق سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جاندار بولسا قانداق بولاركىنتاڭ.
بەت: [1]
: NASA: يۈتۈپ كەتكەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تېپىلدى