cobi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:09:49

خەنزۇچە ياخشى تەرجىمە قىلالايدىغانغانلار ماڭا ياردەم قىلساڭلار.....

خەنزۇچە ياخشى تەرجىمە قىلالايدىغانغانلار ماڭا ياردەم قىلىپ رەسىمدىكى خەتنى ئۇيغۇرچىغا ئۆلچەملىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولساڭلار بۇلاتتى . بۇ بىر دەرىسلىك تېكىست ئېدى ،   تاپشۇرۇق
رەھمەت جاېابىڭلارنى كۈتىمەن. بەك جىددى

cobi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:42:13

تەستىقلايدىغان بىرمۇ ادەم يوقمۇ؟

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:23:52

مەن ياخشى ۋە ئىملاسى توغرا تەرجىمە قىلالايمەن. لېكىن، بۇ سىزگە بېرىلگەن تاپشۇرۇق بولغان ئىكەن، چوقۇم ئۆزىڭىز مۇستەقىل ئورۇنداڭ.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:31:00

تاپشۇرۇقنى نەدە باشقىلار ئشلەپ بىرىدىغان ئش باكەن، چۇشەنمىسىڭىز لۇغەت كوتۇپ بولسىمۇ مۇستەققىل ئىشلەڭ.



cobi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:36:08

cobi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 10:42 static/image/common/back.gif
تەستىقلايدىغان بىرمۇ ادەم يوقمۇ؟

ماڭا بېرىلگەن تاپشۇرۇق ئەمەس ، قازاقىستاندىكى بىر دوستۇمنىڭ سېڭلىسىغا بەرگەن تاپشۇرۇق ئىكەن .
مەن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرمەن ، مەن خەنزۇچە ياخشى تەرجىمە قىلالمايمەن.

cobi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:36:44

abdulla74 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 11:23 static/image/common/back.gif
مەن ياخشى ۋە ئىملاسى توغرا تەرجىمە قىلالايمەن. لېكىن،  ...


ماڭا بېرىلگەن تاپشۇرۇق ئەمەس ، قازاقىستاندىكى بىر دوستۇمنىڭ سېڭلىسىغا بەرگەن تاپشۇرۇق ئىكەن .
مەن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرمەن ، مەن خەنزۇچە ياخشى تەرجىمە قىلالمايمەن.

cobi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:39:47

abdulla74 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 11:23 static/image/common/back.gif
مەن ياخشى ۋە ئىملاسى توغرا تەرجىمە قىلالايمەن. لېكىن،  ...

ئىلتىماس ياردەم قىلسىڭىز

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 14:36:43

نىمىلا بولمىسۇن تاپشۇرۇقنى خەققە ئىشلىتىپ تاپشۇرۇش ياخشى ئىشما سىزچە…… بۇ ئىزدىنىشتا يوللانمايدىغان تېما قالماپتۇ :lol

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 14:49:08

بۇ يىل 62 ياشقا كىرىپتىمەن، ئەمما چوكىنى ئوبدان قىسالمايمەن. باشقىلار چوكىنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ تاماق يەيدىكەن، مېنىڭ چوكا ئىشلىتىشىم بولسا شۇنچىلىك كالامپاي...
دېگەنكىدەك تەرجىمە قىلساق بولار؟ ئاخىرىغا ۋاقىت يوق بولۇپ قالدى، بوش ۋاقتى بار ياخشى نىيەتلىكلەر داۋاملاشتۇرۇپ قويۇڭلار بولمىسا.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 15:20:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 15:58  

داۋامى
ئايالىم "باشقىلار سەينى چوكىدا قېسسپ يىسە ،سىز سانچىپ يەيدىكەنسىز " دەپ زاڭلىق قىلپ ،يەنە تىخى " بوۋىڭىزدىن ھەرگىز ئۇگەنمەڭ ، ئۇ چوكىنى پەقەت قاملاشتۇرۇپ تۇتالمايدۇ " دەپ نەۋرەمگە سۆزلەپ قويىدۇ ، " شۇنداقمۇ ، مېنىڭ ئاتا ئانام ئەزەلدىن چوكا  تۇتۇشۇم بىلەن كارى بولمىغان ،  كىچىكىمدىن  ئۇگەنمىگەن " دەيمەن  ئۇلاپلا.
قىنى بىر ھە ھۇ دىيىشپ بەرمەيلىما:lol:lol

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 15:49:29

ئايالىم «خەق تاماقنى چوكىدا قىسىپ يېسە، سىز سانچىپ يەيدىكەنسىز» دەپ مېنى زاڭلىق قىلىدۇ، نەۋرەمگە «ھەرگىزمۇ بوۋىڭىزنى دورىماڭ، ئۇنىڭ چوكا تۇتۇشى نېمانداق سەت!» دەپ قويۇشلىرى بار تېخى. مەنمۇ بوش كەلمەي: «كىچىكىمدە ئاتا-ئانام چوكا تۇتۇشۇم بىلەن كارى بولمىغاچقا ئۆگىنەلمىگەن شۇ» دەپ قويىمەن.
شۇنچە ھەپىلەشسەممۇ قاملاشتۇرالمايدىغان يەنە بىر ئىش _ موي قەلەمدە خەت يېزىش. شۇڭلاشقىمىكىن، ئىمزا قويۇشتىن بەك قورقىمەن، يازغان ئىسمىمغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي دەرھال كېتىمەن. ئەلۋەتتە، بۇنى كىچىكلىكىمدە خەتنى ئوبدان مەشىق قىلمىغانلىقىمدىن كۆرىمەن، لېكىن، دادامنىڭ مېنىڭ موي قەلەم خېتىم بىلەن كارىم بولمىغانلىقىمۇ بىر سەۋەب. كېيىن مەن ئەسەر يېزىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ دادام پەقەت ئەسەر تىلىنىڭ روشەن بولغان-بولمىغانلىقىغىلا قاراپ، خەتنىڭ چىرايلىق يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىغا پەرۋا قىلمايتتى.
   ئەلەي-بەلەي، تاراق-تۇرۇق...

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 16:16:09

ياردەم تەلەپ قىپتۇ.ياردەم قىلىدىغانلار يوق ئەمەس.بۇنىڭدىن گۇمانلانماڭ.بىراق ئۆزىدىكى بۇ قىيىنچىلىقنى باشقىلارنىڭ كۈچى بىلەن يىڭىشنى تورداشلار تازا راۋا كۆرمەيدۇ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 17:00:45

مەن  تەرجىمە  قىلىۋىتەي  دەپتىم ، قارىسام  سىزگە زىيانكەشلىك  قىلغان بوپ قالىدىكەنمەن .

قايسىڭلاردا   ياخشىراق  ئىكىس پى بار .

ilham يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:24:23

تاپشۇرۇق تاپشۇرمايمەنكى كۆچۈرمەيمەن جۇمۇ.ئىمتىھاندىمۇ شۇ، بىلدىغان پەنلەرنى يېرىم سائەتتە يېزىپ تاپشۇرۋېتىمەن،بىلمەيدىغان پەنلەرنى بولسا ئون بەش مىنۇتتىلا تاپشۇرۋېتىمەن.{:92:}

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:39:35

majintang002
بۇ ئۇيغۇرچە بىلدىغان خەنزۇنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى
بەلىكىم ئۇ  سىزگە ياردەم بىرىشى مۇمكىن ،

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:55:02

لوغەتتىن ئىزدەپ تەرجىمە قىلىڭ، قانداق خەقتۇ-بۇ؟!...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:13:29

ۋىندوۋىس ئون بارمۇ ؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:24:45

شۇنچە كۆپ خەتنى ئەتراپىڭىزدىكى خەنزۇچە بىلىدىغان بىرەرسىنى تېپىپ سورىماي،مۇنبەرگە چاپلاپلا سورىغاندىكىن، سىزمۇ تازا ھورۇن ئوخشايسز.....:lol      (مىڭ خەتكە 150 كوي) :lol

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 19:40:52

شۇنداق قىلىپ ئەتە شەنبە بولدىمۇ، شەنبە ئۆتسە يەكشەنبە.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:15:36

چەتئەلدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلىدىغان خەنزۇتىلى مۇشۇنداق بولسا خىلى ئەتىراپىلق تۈزۈلگەن ماتىرىياللاردەك قىلامدۇ بۇ، بىزنىڭ ماۋۇ يەردىكى بالىلار ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلاردىن مەنىلىك بىلىندى ماڭا.
بەت: [1] 2
: خەنزۇچە ياخشى تەرجىمە قىلالايدىغانغانلار ماڭا ياردەم قىلساڭلار.....