huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 08:46:59

يىلان ۋە بۆرە(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)


يىلان ۋە بۆرە
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

    قايسى كۈنى باغچىغا كىرگىنىمدە ئىككى نەرسە مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.
    ئۇنىڭ بىرى يىلان. لەغمەننىڭ پىلتىسىدەك تۈگۈلۈۋالغان بىر يىلان قاتمۇقات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى. كىشلەرنىڭ ئۇنىبەس - بەستە كۆرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىمۇ شۇ بولسا كېرەك. يىلاننىڭ زەھەرلىك مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرگە قويۇلۇشىنىھايۋانات باغچىسىنىڭ رەڭدارلىقىدىن ئىبارەت ئېھتىياج كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. يىلان قاتمۇقات كۆرپىدە ياتىدۇ. كىشىلەر شۇڭا ئۇنى ھەۋەس بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بېلەت ئېلىپ باغچىغا كىرىدۇ. يىلاننىڭ كۆرپىدە يېتىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم مۇشۇلىمىدۇ؟

    مېنى ھەيران قلدۇرغان يەنە بىرنەرسە بۆرە بولدى. قاتمۇقات تۈمۈر رىشاتكىغا سولانغان بۆرە زۇلمەت كېچىدىكى چوغدەك يېنىپ تۇرغان كۆزىنى ھەر تەرەپكە تىكىپ، قانداقتۇر بىرنەرسىدىن چۆچۈگەندەك ۋە ياكى بىرەر ئولجىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىشقا تەييارلانغاندەكرىشاتكىنى ئايلىنىپ ھەر تەرەپكە تىت - تىتلىق بىلەن يۈگۈرەيتتى.
    ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىتى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يىلاننىڭ تەبىئىتى چېقىش. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نېمىشقا كۆرپىگە نائىل بولدى؟ بۇ يەردە «چېقىش» دېگەن ئاتالغۇ يىلانغا نىسبەتەن يات ئۇقۇم. چۈنكى يىلان چاققۇدەك نەرسە بۇ يەردە تېپىلمايدۇ. شۇڭا كۆرپە يىلاننى جەلپ قىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە بولغان بولۇشى، يىلانمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. باغچا خادىملىرىيىلاننى خەق كۆرىدىغان يەرگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ياخىشراق ئامال تاپالمىغان بولۇشى ئېھتىمال.
    ئەمما، بۆرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ يېمەكلىرى مول بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەجدادىدىن باشلاپ دالادا خالىغانچە ياشاپ كۆنۈپ قالغاچقا، رىشاتكا ئىچىدە ياشاشقا كۆنمىگەندەك، ھەر سائەت يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھوشيار تۇرۇۋاتقاندەك، پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا كېتىدىغاندەكقىلاتتى. رىشاتكىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۆي ياساپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا رىشاتكىلىق ھويلىدا گويا قورشاۋدا قالغان گېنېرال نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تىنماستىن تىپىرلاۋاتقاندەك تۆت تەرەپكە يۈگۈرەيتتى. قارىغاندا بۆرە بۇ باغچىغا ئېلىپ كېلىنگىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىن ۋاز كەچمىگەندەك قىلاتتى.

    شۇنداق، دۇنيادا ئازراق مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا تەبىئىتىدىن ياتلىشىپ، ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغان مىجەز يالغۇز ئادەملەردىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلاردىمۇ ئۇچرايدىكەن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، تەبىئەتكە (قانۇنىيەتكە) خىلاپ ھەرقانداق ئىشنىڭ توغرا نەتىجە بەرمەيدىغىنى بەرھەق. بۇنداق قىلىش ھامان ئەسلىدىكى مەۋجۇتلۇقۋە ئېقىمغا تەتۈر تاناسىپ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تراگېدىيسىگە ئەسلىدىكىدىنمۇ تېز ھامىلىدار بولماي قالمايدۇ.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 14:04:16

كروران ئەپەندىممۇ ياكى باشقا ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنمۇ؟ سىز شۇ بولامسىز؟

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 12:51:45

بۇ تىما مىنى خېلى ئويغا سالدى . ياخشى تىما
بەت: [1]
: يىلان ۋە بۆرە(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)