huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 08:43:57

زوردۇن سابىر بالىلار ئارىسىدا

زوردۇن سابىر بالىلار ئارىسىدا

ئابدۇرېشىت ئوسمان

  يېقىندا ئائىلە قىرائەتخانامدا ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ كىتابلىرى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيە، ئەسلىمە ماقالە ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلار، ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك يادنامە بولۇپ قالغان سۈرەتلەرنى رەتلەۋېتىپ، قولۇمغا تۇيۇقسىز 10 پارچە سۈرەت چىقىپ قالدى.
  ئۇنتۇلماس سىما، نۇرلۇق ئابىدە بولغان بۇ 10 پارچە سۈرەتكە يازغۇچى زوردۇن سابىر 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى «غۇلجا قەدىمىي ماكان-پەرىشتە بالىلار باغچىسى» دا چۈشكەنىكەن، «غۇلجا قەدىمىي ماكان پەرىشتە-بالىلار باغچىسى» نى يەككە تىجارەتچى مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى 1997-يىلى غۇلجىدىكى ئەڭ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان تەشلەپكە بازىرىغا قۇرغانىدى. مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى «1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى باغچە قورۇسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىچىلەر، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقان تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن، بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم مېھمانلار قاتارىدا يازغۇچى زوردۇن سابىر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، يازغۇچى شۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھرىدىكى ئەڭ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى ئۈچ دەرۋازا مەھەللە دوقمۇشىدىكى مېھمانخانىنىڭ 4-قەۋەت 5-ئۆيدە «ئانا يۇرت» تىرلوگىيەسىنى يېزىۋاتقانىكەن، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى «غۇلجا قەدىمىي ماكان پەرىشتە-بالىلار باغچىسى» غا بېرىپ، يەككە تىجارەتچى مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتىم. مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجىم مۇنداق دېدى:« مەن يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن ئۈرۈمچىدە تونۇشقان، سىرداشقان، دوستلاشقان. 1997-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ‹كىروران رېستۇرانى› دا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 60 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلەپ ‹يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئۆتكۈزۈلدى، بىز يەككە تىجارەتچىلەرمۇ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 60 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ كۆڭلىمىزنى بىلدۈردۇق. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى باغچىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى› نى تەبرىكلەش پائالىيتىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئېلىپ بارغىنىمدا يازغۇچى بەك خۇش بولغان ھەمدە چوقۇم باردىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى. مەن ئۇنىڭدىن يېزىقچىلىق ئەھۋالىنى سورىسام،  دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ياتاققا تولا ئىزدەپ كېلىپ، روماننىڭ سىجل يېزىلىشىغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى، مەن دەرھاللا يېزىقچىلىقنى بالىلار باغچىسىدا قىلىش تەكلىپىنى بەردىم ۋە شۇ كۈنى كەچتىلا باغچىمىزغا ئۇنى ئېلىپ كەلدىم. باغچىمىزنىڭ تىنىچ مۇھىتى، ئەۋزەل ياتاق-تاماق شارائىتى ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. مەن زوردۇن سابىرغا باغچىمىزنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئازادە، يورۇق، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىشخانامنى ئۇنىڭغا ئاجىرىتىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيىتتم. ئۇ شۇ كۈنىلا باغچىمىزغا كۆچۈپ كېلىپ يېزىقچىلىقىنى باشلىۋەتتى، ئەتىسى باغچىمىزدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت كۈن تەرتىپى بويىچە مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنى سورۇن ئەھلىگە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تونۇشتۇردۇم، ئاندىن ئۇنى پائالىيەتنىڭ باشلاش سۆزىنى قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قىزغىن ئالقىش چاۋاكلار ئىچىدە سۆز باشلاپ: «‹بالا دېمەكلىك-ھايات دېمەكلىك، بالا دېمەكلىك-بارلىقىمىز دېمەكلىك› بۇ بالىلار يەسلىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. بىر قېتىملىق داڭلىق رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ باھالاش پائالىيتىدە ‹بۈۋمەريەم ئانا› ناملىق رەسىم 1-بولغان، چۈنكى رەسىمدە بۈۋمەريەم ئانا قولىدا بىر بالىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، بۇ بالا دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ھېسابلانغان، شۇڭا بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز، بايلىقىمىز ھەم كېلەچىكىمىز...» دېدى. ھاياجانلانغان سورۇن ئەھلى زوردۇن سابىرنىڭ مەنىلەرگە باي قىسقا نۇتقىغا بىر ھازاغىچە ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
  مەن ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ،سودا بىلەت چەت ئەلگە چىقىپ كەتتىم، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كەلدىم، بۇ چاغدا ئۇ زات روماننى يېزىپ خېلى بىر يەرگە ئەكەپتۇ، قارىسام ئۇنىڭ قەلەم تۇتقان قولىغا قەلەم پېتىپ قىزىرىپ كېتىپتۇ، كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتسە ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىغان ھالغا كەپتۇ. مەن ئۇنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىپ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەن ھالىنى كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەندىم ۋە ئىچىم سىيرىلدى. كۆڭلۈمدە: «يېزىقچىلىق ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم جاپالىق ئىش ئىكەن، يازغۇچىلار تارىخنى خەلققە قالدۇرىمەن، دەپ قىممەتلىك جېنىنى دوغا تىكىدىكەن، مەن قەيەردە بولاي ، يازغۇچىلارنى كۆرسەملا ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن.» دېگەنلەرنى ئويلىدىم. مەن سودا بىلەن يەنە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەلسەم، يازغۇچى زوردۇن سابىر روماننى يېزىپ پۈتكۈزۈپتۇ. ئۇ ماڭا ئىنتايىن خۇشال ھالدا: ‹سالامەتلىك ئەھۋالىم ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان، بۇ رومانىمنى دېگەن ۋاقىت-قەرەلىدە يېزىپ بولالماي قېلىشىمدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەندىم. تىنىچ، خاتىرجەم يېزىقچىلىق قىلىدىغان مانا مۇشۇ جاي بولغاچقا، رومانىمنى سىجىل يېزىپ، ئاندىن مۆلچەرلىگەن ۋاقىت-قەرەلىدە تاماملىدىم، ئەمدى ئۈرۈمچىگە قايتىپ رومانىمنى نەشىرىياتقا تاپشۇرۋەتسەملا خاتىرجەم بولاتتىم.› دېدى. مەن زوردۇن سابىرنى بىر قانچە ئاغىنە، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە تاغقا ئاپىرىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالغۇزدۇم، ئاندىن سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ ئۈرۈمچىگە ئۇزىتىپ قويدۇم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، چەت ئەلدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىدىم. زوردۇن سابىر باشقىلار بىلەن ناھايتى تۈز، ساددا، تەبئىي، يېقىملىق پاراڭلىشاتتى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانسېرى پاراڭلاشقۇسى كېلەتتى، ئۇنىڭ بۇ تەرىپى مېنى بەكلا قايىل قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم چەكسىز».
  قولۇمدىكى 10 پارچە سۈرەتنىڭ بىرى دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى، بۇ سۈرەتكە يازغۇچى زوردۇن سابىر«غۇلجا قەدىمىي ماكان پەرىشتە-بالىلار باغچىسى» دىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، تەربىيىچىلەر ۋە بالىلار بىلەن بىللە چۈشكەندى. سۈرەتتىكى ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچى، يىتەكچىلەرگە، بالىلارغا تولىمۇ مەستلىكىم كەلدى. ئۇلار نېمىدىگەن تەلەيلىك، بەخىتلىك-ھە! چۈنكى ماڭا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈش ئەمەس، ھەتتا يازغۇچى زوردۇن سابىرنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۋېلىش پۇرسىتىمۇ نېسىپ بولمىغانىدى!

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:40:58

ئىسىل كىشىلەر كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىغا كوڭۇل بولىدۇ .

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:42:06

ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىنى پۈتۈنلەي ئاخىرىقى روماننىغا سەرىپ قىلىپ ، بىزگە بىر ھەقىقەتنى ياشلار ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كىتەي دەپ قالغان تارىخى پەيىتلەرنى پۈتۈككە پۈتۈپ ، ئاخىرىدا يەنە بىرقىسىم كىشىلەرگە يامان بولۇپ قالغىنىنى ئويلىساملا ئېچىم سىرىلىدۇ بۇ ئادەمگە .

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 20:10:52

1-ئۇلار نېمىدىگەن تەلەيلىك، بەخىتلىك-ھە! چۈنكى ماڭا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈش ئەمەس، ھەتتا يازغۇچى زوردۇن سابىرنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۋېلىش پۇرسىتىمۇ نېسىپ بولمىغانىدى!
2-مەن زوردۇن سابىرنى بىر قانچە ئاغىنە، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە تاغقا ئاپىرىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالغۇزدۇم، ئاندىن سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ ئۈرۈمچىگە ئۇزىتىپ قويدۇم.
بۇ ئىككى جۈملە  بىر ـ بىرىگە زىديەتلىكمۇ قانداق؟
بەت: [1]
: زوردۇن سابىر بالىلار ئارىسىدا