HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 01:50:56

نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەر قانداق ئۆگىنىشى كېرەك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 01:55  



ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمەك ھەرگىزمۇ بىردەمدىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە تىرىشقان ئادەم نەتىجىسىنى كۆرىدىغان ئىش. تۆۋەندىكى مەزمۇننىڭ ئىنگلىز تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ئازراق ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1.ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىش چوقۇم مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش. ھەرگىز يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. توختىدىڭىز، مەغلۇپ بولدىڭىز دېگەن گەپ. مەيلى تىل تەس تۇيۇلسۇن ياكى ئاسان تۇيۇلسۇن، چوقۇم ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ. بەل قويۇۋەتمەڭ.

2. ئەڭ ئاددىيدىن باشلاڭ. سىز نۆلدىن باشلىغان ئىكەنسىز ئەڭ ئاددىي ھەرپتىن، مۇمكىن بولسا تاۋۇش بەلگىلىرىدىن باشلاڭ. تاۋۇش بەلگىلىرى كېيىن لۇغەت ئىشلەتكەندە كۆپ ئەسقاتىدۇ، تەلەپپۇزىڭىزگىمۇ ياردىمى بولىدۇ.

3. سۆزلۈك ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭ. سىز كۈندە يېڭى سۆزلۈك ئىگەللەشكە تىرىشىڭ، چۈنكى سۆزلۈك ئۇ گويا ئوق. سىز ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگەندە شۇ ئوقلارنى ئىشلىتىسىز. سىز كۈندە مانچە سۆز يادلايمەن دەپ ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلماڭ. چۈنكى نۆلدىن باشلىغاندا ھەممىنى يادلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆلۈك يادلامسىز تىرىكمۇ بۇ مۇھىم ئەمەس، ھەرپلەرنى يادلاپ ئۆگىنىسىز، سۆزلۈكلەرنى يادلاپ ئۆگىنىسىز. ھەممىنى يادلايسىز. چۈنكى سىزدە باشقا تاللاش يوق.

4.كۆپ ئوقۇڭ. كۆپ ئوقۇش سىزنىڭ سۆزلىكىڭىزنى ھەمدە تىلغا بولغان تۇيغۇڭىزنى ئاشۇرىدۇ. ئوقۇشىڭىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىنگلىزچە خەتلەر سىزگە بۇرۇنقىدەك بىئارام قىلمايدۇ (بۇرۇن لىق بىر بەت ئىنگلىزچە خەتنى كۆرسەم تولىمۇ بىئارام بولاتتىم).

5.ئاخىرىدا ئەلۋەتتە گىرامماتىكا ئۆگىنىسىز. دەسلەپكى گىرامماتىكا قىسمى ناھايىتى ئاددىي ئەمما مۇھىم. سىز ھەرقېتىم گىرامماتىكا توغرىسىدا مەزمۇنلارنى كۆرگەندە پەقەت ئەستايىدىل بولسىڭىزلا كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ كېتەلەيسىز.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:11:34

تىل ئۈگەنگەندە نۆلدىن باشلاپ سۆزلۈك ئۈگنىشكە چۈشۈش ئاقىلانىلىق ئەمەس.
1. ھەرىپلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئوقۇلۇشى
ئەڭ ئاۋال ھەرىپلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئوقۇلۇشىنى تولۇق ئۈگىنىش. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، دەسلەپتە ھەرىپلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ياخشى ئۈگەنمىسە، كىيىن ئۆزگەرتىمەن دەپ ئۆزگەرتەلمەيسىز.
2. يادىلاش
يېڭى باشلىغان كىتابلاردىكى ھەر بىر ئاددى جۈملىلەرنى يادىلاپ تۇرۇش كېرەك. يادىلاپ بولغان نەرسىلەر كاللىڭىزدىن ئاسانلا چىقىپ كەتمەيدۇ.
3. ئاڭلاش
ئامال بار ئاددى جۈملە، دىئالوگ .... مەسىلەن ئەسەبى ئېنگلىزتىلىنىڭ نۇرغۇن ماتېرىياللىرى بار، قايتا قايتا ئاڭلاش كېرەك. دەسلەپتە دىققەنى يىغىپ ئاڭلاش، بارا بارا تەڭ سۆزلەش. بۇ سىزگە قويۇلغان ئەڭ دەسلەپكى ئاددى تەلەپ. ئەگەر ۋاقىتىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز قىززىقسىڭىز، ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان ماتېرىياللار بولسىمۇ ئاڭلاۋىرىڭ، تىل دىگەننى ئاڭلاپ ئۈگنىمىز، ئاڭلاۋىرىپ بىر كۈنلەردە بىلىپ بىلمەي سۆزلەپ كىتىسز.
مەن يېڭى ئۈگەنگەن چاغلاردا MP3 دەپ نەرسە بارتى، تېخى 128 لىك. دەرسلىك ماتېرىيالدىن باشقا ئەسەبى ئېنگلىزىتلى ۋە VOA يەنى ئامېرىكا ئاۋازى دىگەندەك پىروگىراممىلارنى بىكار بولساملا ئاڭلايتىم. دەسلەپتە چۈشەنمىسەممۇ ئاڭلايىتىم. ئارسىدىن بىر جۈملە ياكى سۆزنى چۈشەنسەم خوش بوپ كىتەتتىم.

لىكىن پايدىسىنى كىيىن كۆردۈم، ھەرقانداق ئىمتىھان بەرسىڭىز ئاڭلاش قىسىمىدىن ئايرىم ئالىدۇ، شۇ ۋاقتا بەك ئەس قاتىدۇ. ئاندىن ئېغىز تىلى دىگەن قالتىس چىقىدۇ، ئىنكاس تىزلىشىدۇ.

ئەگەر مەندىن ئەڭ قالتىس ئۇسۇل قايسى دەپ سورىسا، مەن ئاڭلاش دەپ جاۋاب بىرىمەن
ھەرگىز دەسلەپتە سۆزلۈك ئۈگنىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىق لازىم، پەقەت ئۈگنىۋاتقان كىتابلاردىكى سۆزلەرنى بىلىپ تۇرسىڭىز يىتەرلىك. ۋاقتى كەلگەندە سىز ئۈگەنگەن بىر سۆزلۈك سىزگە 10 نەچچە سۆزنى بىللە ئۈگىتىپ قويىدۇ.
ئاندىن سۆزلۈك ئۈگەنگەن چاغىدا ھەرگىزمۇ چاسا تىلنىڭ سۆزلىكىنى ئۈگەنگەندەك ئۇنداق كۆپ يېزىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. كۆپ كۆرسىڭىزلار بولدى، چۈنكى ئېنگلزتىلىدا سىز سۆزلىيەلىگەن سۆزلۈكنى يازالايسىز.

مەن ئالى مەكتەپ ئېنگلىزتىلىغا چىققاندا رەسمى باشلىغان سۆزلۈك ئۈگنىشنى، كىچىك بىر يانچۇق لوغەتتەك نەرسە بارتى، ئادەتتە يېزىپ ئۈگەنمەيتىم، ياتاقتا، ياكى ماشىنىدا ئېلىپلا ئوقۇپ قوياتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېرىياللار سەرخىل ھازىر، مەسىلەن سۆزلۈك ماتېرىياللرىدا بىر سۆزنى چۈشەندۈرگەن بولسا ئۇنىڭ يېزىلىشىغا ئوخشاپ كىتىدىغان باشقا سۆزلەر، مەنداش سۆزلەر، قارمۇ قارشى سۆزلەر....دىگەندەك تەڭلا ئۈگىنىپ كىتىسىز.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:12:09

سۆزلۈك ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن ،چۈنكى يىتەرلىك سۆزلۈك مىقدارى بولغاندىلا ئاندىن جۈملە ،قوراشتۇرۇش ،ئاڭلاش، سۆزلەشكە بولىدۇ بولمىسا {:92:}

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:12:16

سۆزلۈك ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن ،چۈنكى يىتەرلىك سۆزلۈك مىقدارى بولغاندىلا ئاندىن جۈملە ،قوراشتۇرۇش ،ئاڭلاش، سۆزلەشكە بولىدۇ بولمىسا {:92:}

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:56:30

جەسۇرمەن نىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن،ئەڭ مۇھىمى ئېلىپبە ۋە ھەرپلەرنى توغرا ئوقۇش ،تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش.
ھەرپ ۋە تاۋۇشلارنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى ئۆگىنىشكە ياردىمى چوڭراق بولىدىغان ئەپ ۋە ياكى ماتېرىياللار بارمىدۇ؟توردىغۇ بەك جىق ئەمما سىناقتىن ئۆتكەن ،ئۈنۈملۈكلىرىنى تاپماق سەل قىيىنكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:22:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 18:23  

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 09:12 static/image/common/back.gif
سۆزلۈك ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ ئوي ...

يۇقىرى سەۋىيەدە سۆزلۈكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كىرەك.تۆۋەن سەۋىيەدىلا مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالسا، cet4,6دىن ئەپلەپ نومۇر ئالىدىغان  ئەمما ئايىلتىس،توفئەلدىن نومۇر ئالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
چۈنكى ئايىلتىس ، توفئەللەردە ئىغىزتىلى قىسمى بار.:lol

taxyurak001 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 18:26:19

بىرسىمزگە ماس كەلگەن ئۇسۇلنىڭ يەنە بىرىمىزگە ماس كېلىشى ناتايىن، ھەممە كىشىگە ماس كىلىدىغان بىرلا خىل ئۇسۇل بار . ئۇ بولسىمۇ :« تىرىشىش»

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 09:53:56

jesurmen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 09:11 static/image/common/back.gif
تىل ئۈگەنگەندە نۆلدىن باشلاپ سۆزلۈك ئۈگنىشكە چۈشۈش ئا ...

بەك مەزمۇنلۇق ئىنكاس يېزىلىپتۇ، سىزگە رەھمەت.
ئاڭلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغىنىڭىزغا بەك قوشۇلىمەن.
مەن ھازىر كۈندە NPR نىڭ رادىئو پروگراممىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن. بۇرۇن مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چۈشىنەلمەيتىم، لېكىن يېرىم يىل ئاڭلاش جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان بولدۇم. بۇنىڭغا ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلمىدىم، كۈندە رادىئونى ئېچىپ قويۇپ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىمەن، ئىنگلىزچە گەپ-سۆزلەر بىلىپ-بىلمەي قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ. يېرىم يىل مۇشۇنداق قىلدىم، ئەگەر ئەستايىدىل ئاڭلىغان بولسام تېخىمۇ كۆپ پايدىسى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.

سۆزلۈك يادلاشقا مەن ئۆزەم تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.
مەن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۈتۈن بىر لۇغەتنى يادلىۋەتكىنىنى ئاڭلىغان، كېيىن ئۆزەممۇ سىناپ باقتىم... بۇ ئۇسۇل ماڭ قەتئىي بولمايدىكەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانىمنى ئازابقا ئايلاندۇردى، قىزىقىشىمنى سۇسلاتتى. ئۆتكەندە دېگەندەك مەن بارلىق قىزغىنلىقنى سوۋىتىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىمايمەن.

شۇڭا يازمامدا سۆزلۈك يادلاش دېمەي سۆزلۈك ئىگەللەش دەپ ئالدىم. مەنچە بۇ ئىككىسى پەرقلىنىدۇ. مەن سېگەن سۆزنى ئىنگلىز تىلىدا I دەيمىز، بۇ سۆزنى مەن ياخشى ئىگەللىگەن، لېكىن ئايرىم ۋاقىت ئاجىرىتىپ يادلىغىنىم ئېسىمدە يوق. ئەلۋاتتە سىنىپتا ئوقۇتقۇچى تولا تەكرارلاۋېرىپ ماڭا يادقا بولۇپ كەتسە كېرەك، ئەگەر شۇنداق بولسا مەن مانا مۇشۇنداق يادلاش ئۇسۇلىنى بەك قوللايمەن :lol

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 09:55:29

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 09:12 static/image/common/back.gif
سۆزلۈك ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ ئوي ...

سۆزلۈك ئۆگىنىش بەك مۇھىم، ئەمما يېقىندا جۈملە شەكلىنىڭ تېخمۇ مۇھىملىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىۋاتىمەن.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 09:57:34

ER518 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 10:56 static/image/common/back.gif
جەسۇرمەن نىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن،ئەڭ مۇھىمى ئېلىپبە ۋە ...

مەن تەلەپپۇزغا ياردەم بېرىدىغان ئەپلەردىن بىرەنىمۇ ئىشلىتىپ باقماپتىمەن. سەل تۇرۇپ توردىن ئىزدەپ باقسام بولغۇدەك، ئۆزىڭىز بۇرۇن ئىشلەتكەنلىرى بولسا دەپ قويارسىز.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 09:58:56

taxyurak001 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 18:26 static/image/common/back.gif
بىرسىمزگە ماس كەلگەن ئۇسۇلنىڭ يەنە بىرىمىزگە ماس كېلى ...

بەك توغرا گەپ قىلدىڭىز.
مەيلى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگىنەيلى، ئىشقىلىپ تىرىشىپ داۋاملاشتۇرساقلا ھامان نەتىجىسى بولىدۇ.

polat189 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 18:19:06

پايدىلىق تېما بوپتۇ .

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 04:10:16

سۆزلۈك ئۆگىنىش بەك مۇھىم، ئەمما يېقىندا جۈملە شەكلىنىڭ تېخمۇ مۇھىملىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىۋاتىمەن.
ياخشى تىمىكەن  تىما ئىگىسگە تەشەككۇر  .
مۇشۇ باھانىدا ئىنگىلىس تىلى ئۇگۇنۇشنى بىر باشلىۋەتمەمدۇق ئەمسە  
جۇملە ئۇگۇنۇش ھەقىقەتەن مۇھىم بۇنىڭ ئۇنىمىمۇ ھەم بەك تىز  
تىما ئىگىسى مالال كۆرمىسىڭىز يىڭى تىما ئاچسىڭىزمۇ مەيلى  ياكى مۇشۇ تىمىغىلام  ئىنكاس شەكلىدە يۆللىسىڭىزمۇ مەيلى ئەڭ ئادىدى جۇملىلەردىن باشلاپ  ئىنگىلىس تىلىدىن كۇنىگە 10 جۇملە يۆللىۋەتمەمسىز  كۆپچىلىك بىرلىكتە كۇنىگە 10 جۇملىدىن ئۇگۇنۇشنى باشلىۋەتمەمدۇق   
ئەگەر كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆلاش چۆلاش  بىر مەزگىل مۇشۇنداقلام ئۇگۇنۇپ داۋاملاشتۇرساق ئۇزۇنغا قالماي تىلىمىزمۇ چىقىپ كىتەتتى  يالغۇز ئۇگەنگەندىن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇنداق ئۇگەنسەكمۇ ئۇنىمى تىز بۇلىتى

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 10:34:53

KARAHANJAR يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 04:10 static/image/common/back.gif
ياخشى تىمىكەن  تىما ئىگىسگە تەشەككۇر  .
مۇشۇ باھانىدا  ...

بىر كۈن ئاۋال مۇشۇ توغرىسىدا يېڭى تېمىدىن بىرنى ئاچقان، تورداشلار بىلەن بىرلىكتە كۈندە بىر جۈملىدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان. لېكىن نېمە سەۋەبتىندۇر تېما تەستىقلانمايۋاتىدۇ، باشقۇرغۇچىلارغىمۇ ئۇچۇر يازدىم، لېكىن ئىنكاس يوق...
قايتا بىرنى ئاچامدىم ياكى شۇنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتەمدىم بىلمىدىم. بۈگۈن بىر كۈن ساقلاپ باقايمىكىن دەيمەن.
بەت: [1]
: نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەر قانداق ئۆگىنىشى كېرەك؟