kulka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:19:33

كەچۈر مۇھەببەت


                           كەچۈر مۇھەببەت  


                                  نەسىر



مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى تىتىپ ، سەن بىلەن يۈرگەن كۈنلىرىم نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك ھە - ،  سەن بىلەن بىللە يۈرسەم ھەممە نەرسە ماڭىلا تەئەللۇق بولغاندەك ھېس قىلاتتم ، شۇڭىمۇ سەندىن بىردەممۇ ئايرىلىشقا يۈرىكىم چىدىمايدۇ ، بىراق سىنىڭ يۈرىكىڭ مىنى تاشلاپ كىتىشكە چىدايدىكەن ، سەن نىمە دېگەن تاش يۈرەك ھە …


سىنى سۆيگەن يۈرىكىم يىغلاۋاتىدۇ ، سەن ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىغان مىسكىن يۈرەك ھىجران ئوتۇڭدا كۆيىۋاتىدۇ ، يۈرىكىمنىڭ ئۈنسىز نىدالىرى ساڭا يىتىپ بارغانمىدۇ ، مىنىڭ سىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ يۈرىكىمنى ھىجراندا تاشلاپ قويۇپ كەتتىڭغۇ ،  ئىيتقىنە ،  نىمىشقا مىنى ھىجرانغا يالغۇز تاشلاپ كىتىسەن ، سەن بىلمىدىڭ ،  يۈرىكىمنىڭ ساڭا شۇنچە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى ، سەندىن باشقا بىرىنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمىدىڭ ، ياكى سەن مىنىڭ يۈرىكىمنى تاش كۆرۈپ قالغانسەنمۇ ، نىمىشقا مىنى شۇنچە ئازاپلارنىڭ شاھىدى  قىلىسەن ، ئاشۇ بىر ئىغىز " كەچۈر " سۆزىڭ بىلەن پاك بىغۇبار مۇھەببىتىمنى يوق قىلدىڭ ،  مىنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىمدىن  خۇشاللىقنىڭ نۇرىنى تامام ئۆچۈردىڭ ،  سۆيگۈڭ سەۋەپلىك تەقدىرنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرى ۋۇجۇدۇمغا پولات تامغىدەك مەھكەم ئويۇلدى …


سىنىڭ ئاشۇ بىر ئىغىز " كەچۈر " سۆزۈڭنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازاپ ئىلىپ كەلگىننى بىلدىڭمۇ ، بۇ سۆزۈڭنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىمنىڭ قان زەرداپ بىلەن يىغلىغىننى ، سەبى قەلبىمنىڭ دىل يارىسى بىلەن ئىچىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولساڭچۇ - ھە ،  ياكى ھېس قىلىشنى خالىمىغانسەن،


قەلبىمدىكى ھېجران كۈيىنىڭ يۈرىكىمنىڭ قانداق يەرلىرىدىن ئىتىلىپ چىقىدىغىننى ،  ساڭا بولغان چىن مۇھەببىتىمنىڭ نىمىگە مەنا ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟  مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭدە ، كوچا - كويلاردا ،  باغچا ئورۇندۇقلاردا ،  دەريا - ساھىللىرىدا ،  جۈپ - جۈپى بىلەن كىتىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ رومانتىك ھالىتى كۆز ئالدىڭدا زاھىر بولغاندا ،  ئۆزۈڭنىڭ تەنھا قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتقىنىڭدا يۈرىكىڭ ئىچىشمىدىمۇ ؟





                              - خاتىمە -

سۆيگۈ سەۋداسى ھېچ بىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مېنىڭدەك پۇرچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .



                             مەنبە: كۈلكە


                  

                             2015.01.15

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:50:58

ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئازابىنى يىغىپ بىر يەرگە ئەكىلىپ سېنى ئارىسىدىن خالىغان بىرسىنى تاللىۋال دېسە سەن يەنىلا ئۆزەڭنىڭ ئازابىنى تاللايسەن.
                                                                            سوقرات

ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئازابى ھەممە ئادەمنىڭكىدىن بەكرەك ياماندەك،ھېچكىم ئۆزىنىڭ تارتقان ئازابىنى تارتىپ باقمىغاندەك بىلىنىدۇ.ئەلۋەتتە ھەممىلا ئادەم شۇنداق شۇڭا مېنىڭ قەلبىم ھەممىدىن بەك پۇچۇلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

1dilnaz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 15:22:26

سۆيگۈ سەۋداسى ھېچ بىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مېنىڭدەك پۇرچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  

بۇ سۆز ياخشى ئېيتىلىپ ،سۆيگۈ ئۆزلۈك ئىچىدە بولۇدۇ ، ھەر ئادەمنىڭ ئۆز ئازابى ،باشقا كىشىنىڭ دەردىگە قارىغاندا ئېغىردۇر.
ئىشەنمىگەنلە باشقىلارنىڭ ئېغىر  يارىسىغا قارىسۇن،ئاندىن ئۆزىنى ېنىك بولسىمۇ ياردار قىلسۇن ،قايسى بەكرەك ئازابلايدىكىن  ؟
بەت: [1]
: كەچۈر مۇھەببەت