GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:00:49

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ <<مىلودىيە>> سى



(قۇنەك)

ئەلقىسسە ، باش قەھرىمانىمىز ئابدۇسەمەت مامۇت ئەقلى ئقتىدارلىق تېلفۇن ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ ، ئۈندىدارلاردا تېتىقسىز ھېكىمەتلەرنى تۆكمە قىلىپ دەۋران سۈرۈپ يۈرگەن شۇ چاغلىرىدا ئۆزىنى شۇنچىلىك ئابرويلۇق ھىسابلايتتىكى ، نوپۇس تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈپ كىرىپ ، ئىسمىڭىز نىمە دەپ سوراپ قويسىمۇ چىراينى غورا يىگەن تازدەك پۈرۈشتۈرۈپ <<ئۇكەم ، مېنى تېخىچە تونۇمامسىز ؟ ماۋۇ دېگەن 21- ئەسىر جۇمۇ ، ئانچە مۇنچە ئۈندىدار ئويناپ ، داڭلىق شەخىسلەرنى بىلىپ قۇيۇڭ... >> دەپ قايناپ قالاتتى .
بۇنداق ئىشلار بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم دېگۈدەك نوپۇس تەكشۈرگىلى بوغماق قىزچاقلار كىرىپ قالاتتى ، سەل – پەل ئىسكەتلىك قىزلارنى كۆرگەندە ئىلھامى باشقىچىلا تۇتۇپ كېتىدىغان ئابدۇسەمەت مامۇت ، - سەل ساقلاڭ ، كىملىكىمنى ئەپ چىقاي دەپلا ، شامالدەك كىرىپ ئوغلىنىڭ خەتنە تويىدا ئالغان كاستومىنى كىيىپ ، گالىستۇكىنى بوينىغا باغلاپ ، كىملىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ ، كىملىك ھەققىدە گەپ باشلاپ چوڭ چوڭ تېمىلارنى چوقۇلاپمۇ قوياتتى . گەپنىڭ تېمىسى كۆپىنچە ھاللاردا كىملىك بىلەن باشلىنىپ . ئۆزلۈك ، مىللىيلىك ، ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ھەققىدە يورغىلاپ ، تەكشۈرگۈچى قىزلارنىڭ خەلق ئۈچۈن جاپا چېكىپ كېتىۋاتقانلىقى ، مۇمكىن بولسا ئۇلارنى ئايرىم ئايرىم چايغا باشلاپ تەشكىلگە ۋە تەكشۈرگۈچى قىزلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ تۈگەللىنەتتى . قىزلار تاكى ئۇنىڭ گىپى تۈگىچە غايەت زور چىدام بىلەن ئاڭلىۋېتىپ ، ئۆزرىلەرگە ۋە تۈگىمەس تەكەللۇپلارغا قارىماستىن قايتىپ قالاتتىدە سىرتقا چىقىپلا كۆكسىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ ، چېكىلرىنى ئۇۋلاپ يەنە خىزمىتىنى داۋام قىلىشاتتى .
ئايالى رۇقىيە ھاشىم باشتا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى ، كىيىن ئۇنىڭ لەپرەڭشىپ تۇرىدىغان ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كاستوم كىيىپ ، گالىستۇك باغلاپ چىقىپ نايناقلاپ كېتىشلىرىدىن سەسكىنىپ چىدىماي << قېرى كالا شاپاققا ئامراق>> دەپ دارىتمىلاپ قوياتتى . بۇ چاغلاردا ئابدۇسەمەت مامۇت ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىنى دەررۇ ھېس قىلىپ ، ئايالى ئاش ئىتىۋاتقان بولسا , پەرتۇقنى گېلىغىچە باغلاپ ئانچە مۇنچە كۆكتات ئادالاپ ، كىر يۇيىۋاتقان بولسا داستىكى كىيىملەرنى غىجىملاپ قۇيۇپ ، ئايالىغا كۆيۈنۋاتقاندەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ ، تەشكىلنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ۋاقتى كەلسە كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى دېگەندە ۋەھاكازا تاراق تۇرۇق پاراڭلارنى باشلاپ يۇمشاق بىر ئىنتوناتسىيىدە تاماملاپ ، قايسىبىر قوناقلىقلارنى چەيلەپ چىقىپ بولۇشىغا دۇمبا يىگەن گۇناھكار تەخەيدەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئايالىنىڭ كۆزىگە قارايتتى . ئۇنىڭ بۇنچە ئېچىنىشلىق چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەن رۇقىيە ھاشىم يىغلاپ كېتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇۋېلىپ <<- ھە بولدى ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم . چىقىپ تېلفۇنىڭىزنى ئويناڭە ، خوتۇن كىشىنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي...>> دەپ چىقىرۋېتەتتى.
ئابدۇسەمەت مامۇت بىلەن قېرىشقاندەك ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتىۋەرگىلى تۇردى ، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ، ھورۇن دېھقان تاشلىۋەتكەن ئاق يەرگە ئانچە مۇنچە ئوت چۆپلەر ئۆسۈپ قالغاندەك مەنزىرىنى ئەسلىتىدىغان تاقىر بېشىدىكى جانسىز تۈكلەرمۇ ئابدۇسەمەت مامۇتتىن يىرگەنگەندەك بىر-بىرلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى . ئىسكەتلىك قىزلارنى كۆرسىلا سورۇن تاللىماستىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك دەرىجىدە ياسالما ئوماق ئاۋازدا سۆز باشلاپ نايناقلاپ كېتىشلىرىگە قاراپ قۇلۇم –قوشنا ، دوست بۇرادىرلىرىمۇ ئۇنى ئابدۇسەمەت <<مامۇق>> دىيىشىدىغان بولدى ، كىيىنچە ئۇنىڭ چىۋىن نېرى كەتمەيدىغان تاقىر بېشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى <<مامۇق>> لەقىمىگە مۇجەسسەملەپ ھىچ تەكەللۇپسىزلا كىچك باللا يەيدىغان پاختا كەمپۈتكە ئوخشىتىدىغان بولۇۋالدى . پات پاتلا سىرتلاردا ياكى سورونلاردا بولسۇن ئۇنىڭ لەقىمىنى ئىشارە قىلىپ چاقچاق قىلىشاتتى . ھەتتا بىر كۈنى چىشى ئاغرىپ ھالى قالمىۋىدى ئۇدۇل ئولتۇردىغان خىزمەتدىشى <<ۋوي ، چىرايىڭىز پاختىدەك ئاقىرىپ كېتىپتۇغۇ ، مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟>> دېسە ، تېلفۇن ئويناپ ئولتۇرغان يەنە بىرسى لاپپىدە قاراپ <<كەمپۈتنى جىق يەپ چىشىڭىزنىڭ پەيزى قالماپتۇدە>> دەپ پاس قايتۇرسا ، يەنە بىرى قوپۇپ <<ئۆيگە بېرىپ مامۇق يوتقاندا يېتىپ ئارام ئېلىڭ ئاكا>> دىيىشىپ مىجەزى يوق چاغدىمۇ بوش قۇيۇۋەتمەي چاقچاققا يۆلەپ باغرىنى قان قىلىشاتتى .
يازنىڭ مەلۈم شەنبە كۈنى قوڭ كۆرپىسىنى قولتۇقلاپ ھاۋا يىگىلى ماڭغان ئابدۇسەمەت مامۇت ، بىر توپ چىرايلىق قىزلارنىڭ چۇقان سۈرەن بىلەن كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا قاراپ شۆلگىيىنى ئەمدىلا يۇتۇپ تۇرىشىغا قىزلاردىن بىرى ئابدۇسەمەت مامۇتنى كۆرۈپ قېلىپ ، قىزلارغا بىر نىمىلەرنى دەپ كۇسۇلدىدە ئۇدۇل ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ تازا سوزۇپ ناز بىلەن سالام قىلدى ۋە ، ھاياجاندىن پۇت قولىدا جان قالمىغان ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ سالام قايتۇرۇشنى كۈتمەيلا قىزلارنىڭ توپ مۇسابىقىسنى كۆرگىلى ماڭغىنىنى ئەگەر ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ۋاقتى بولسا بىللە بېرىپ كىلشىنى ئېيتىۋېدى . خوشاللىقىدىن ئەسەبىيلەشكەن ئابدۇسەمەت مامۇت تۆت چىشلىق كىۋەزدەك ھىجايغان پېتى قولتۇقىدىكى قوڭ كۆرپىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ ، قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .
ئۇلار مەيداننىڭ ئالدىغا يىتىپ كەلگەندە مىڭلىغان ئادەملەر چوقان سۈرەن بىلەن دەۋرەپ پۇتبۇل مەيدانىغا قاراپ ئېقىۋاتاتتى ، دەل شۇ چاغدا ئاردىكى بىر قىز يىراققا بېرىۋېلىپ قولىنى كانايچە قىلىپ <<ئابدۇسەمەتكا ، بىز تېخى بىلەت ئالمىدۇق ، سىز ئەركىشى بولغاندىكىن ئېلىپ كېلىڭە ، پۇلنى يىغىش قىلامدۇق يا >> دەپ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىۋېدى ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ لاپپىدە قارىشىدىن نومۇس قىلغان ئابدۇسەمەت مامۇت << ئاھاي ... ئۇنداق چۈپەي ئەمەس بىز >> دەپ بىلەت ئالغىلى بېرىپ ، زەھەردىن قىممەت ساتقان بىلەتلەرنى ئېلىپ ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايى بىلەن زورلاپ ھىجىيىپ يېنىپ كەلگەن ئابدۇسەمەت مامۇت ، قىزلارنىڭ سېتىۋالغان گازىر-پۇرچاق ، شارپا-پوسمىلارنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە تۇتۇلۇپ  ئۈزۈل – كىسىل قۇرۇغدىلىنىپ ئۇجۇقۇپ كەتتى . مەيدانغا كىرىپ توپ كۆرگەچ بولغان ئىشلارنى ئويلاپ غەزەپلىنەتتى ، توپنى خەق تەپسە ئۆزلىرىنىڭ پۇلغا بىلەت ئېلىپ مۇسابىقە كۆرگىنى كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى . توپ مەيدانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ پوسما – شارپا ، گازىر – پۇرچاقلارنى ساتىدىغان نائىنساپ تىجارەتچىلەرگە نەپرىتى دوڭغىياتتى . مەيداندىكى توپچىلار توپقا ئەمەس ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىپىۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى . ئابدۇسەمەت مامۇت تازا خىيال بىلەن ئولتۇرغان شۇ دەمدە ، نۇقتا توپ قۇيۇلغان بولۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مەستانىلىرى جىددىيلەشكىنىدىن جىممىدە مەيدانغا قاراپ تۇرۇشاتتى .
مەللىمىزدە بىر قىزچاق بار ،
ئۇنىڭ ئىسمى پاتى .
چاچلىرى ئۇنىڭ كالتە كالتە ،
ئىشتانلىرى تارتى ....
كۆزۈمنىڭ سەتىسەن پاتى ،
ئەسلى سەن كىملەرنىڭ زاتى ....
تۇيۇقسىزلا ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تېلفۇنىدىن جاراڭلىغان تېلفۇن قوڭغۇراق مۇزىكىسى ھەممەيلەننى ئابدۇسەمەت مامۇتقا قاراتتى ، يىراقتىكىلەرمۇ بوينىنى سوزۇپ قارىشاتتى . ئابدۇسەمەت مامۇت جىددىيلەشكىنىدىن تېلفۇننى يانچۇقىدىن ئېلىپلا قولىدىن چۈشۈپ كەتتى . تاكى بۇ لاۋزا ناخشا تولۇق بىر داۋاملاشقۇچە ئابدۇسەمەت مامۇت ئىشەك ئوغىرسىدەك جىددىيلىشىپ يۈرۈپ تېلفۇننىڭ زۇۋانىنى ئاران بىر جىمىقتۇرۇپ تۇرىۋىدى ، ياندىن بىرسى <<شوخ شوخ ھە ئاكا >> دېۋىدىن يەنە بىرسى قوپاپ <<پىقىراپ پىقىراپ ئويناڭە ھە>> دىيشىگە ۋارتاغا توپ كىرگەن چېغى ، ئۇتقۇچى تەرەپنىڭ مەستانىسىدىن بىرسى كىلىپ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەييار بىر قىياپەتلەردە ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى دوراپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈلدۈرۋەتتى . بارچە ئادەملەر ئابدۇسەمەت مامۇتقا قاراپ مەسخىرلىك كۈلۈشەتتى ، بىر نىمىلەرنى دىيىشەتتى .
شۇنچە كۆپ ناتونۇشلانىڭ مازاقلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن ئابدۇسەمەت مامۇت قېچىپ كېتەي دېسە ئەتراپىدا لىققىدە ئادەم ، سەكىرۋلاي دېسىمۇ يەنە شۇ ئادەملەرنىڭ ئۈسىتىگە چۈشەتتى . ھاياتىدا تۇنجى قېتىم سېسىق جېنى ئۆزىگە ئېغىر كەلگەن ئابدۇسەمەت مامۇت بىر توپ كىشلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچىرغاندەك خورلۇق ئىچىدە ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي ، ، ھازىرلا لاپپىدە ئوت ئېلىپ كېتىدىغاندەك بىئارامچىلىق ئىچىدە خىيال سۈرەتتى ، مۇشۇنداق چاغدا قوشنامنىڭ ھېلىقى ناتىۋان كۈچۈكى بولغان بولسىمۇ ئەپسانىۋى تىللار بىلەن ئاچچىقىم چىققۇچە بولۇشىغا تىللاپ ئىچىمنى بوشىتۋالغان بولسام ياكى بايا چۆرىۋەتكەن قوڭ كۆرپىسى يېنىمدا بولغان بولسا تازا مۇشىت ئېتىپ پۇخادىن چىقىۋالغان بولساممۇ نەقەدەر گۈزەل ئىش بولاتتى ھە دەيتتى .
ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ بۇنچە بىچارە ھالىتىگە ئىچ ئاغىرتقان پىنھان ناملىق بىر يىگىتنىڭ ئازراق ھېسىداشلىقى قوزغالدى بولغاي ، <<ھاي بولدى باللا ئەمدى >> دېگىنىچە ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ قېشىدىلا ئولتۇرۇپ << بولدى ئاكا ، ئىچڭىزنى پۇشۇرمەڭە ، سىزمۇ قىززىقكەنسىز . سائىلنىڭ ساپايىسىدەك رەپرەپ ناخشىنىمۇ تېلفۇنغا قوڭغۇراق قىلامسىز>> دەپ ئازراق مالامەت قىلدى ھەم يېنىدىن يانفۇنىنى چىقىرىپ <<ئاكا ، قاراڭ ماۋۇ ئەپكە . بۇ ئەپنىڭ ئىسمى مىلودىيە . ھەر خىل گۈزەل قوڭغۇراقلار بار ، قاچانغىچە تېتىقسىزلىقتا چىكى يوق ناخشىلارنى قوڭغۇراق قىلىپ يۈرۈيسىز ، مانا بۇ ئەپنى ئىشلىتىڭ ، گۈزەل ناخشىلارنى قوڭغۇراق قىلىۋېلىڭ>> دەپ ML.Zilbilig.com نى ئېچىپ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تېلفۇنىغا چۈشۈرۈپ بەردى ۋە يېقىملىق ناخشىدىن بىرنى قوڭغۇراق قىلىپ بەردى .
خىجىللىقتىن يامان تەستە قۇتۇلغان ئابدۇسەمەت مامۇت مەيداندىكى ئادەملەر سەل شالاڭلىغان ھامان كۆككە تويغان مادىدەك چېپىپ چىقىپ ، شۇ يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىگە كېلىۋالدى ھەم ئايالىنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپلا ML.Zilbilig.com  نى ئېچىپ ئايالىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى . شۇنڭدىن بۇيان بىرەرسىگە گەپ باشلىماقچى بولسا ئىختىيارسىز <<مىلودىيە>> دىگەن يانفۇن قوڭغۇراق ئەپىنىڭ گىپىنى ۋە ML.Zilbilig.com  تىن چۈشۈرۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى . بۇ سۆزلەرنى تولا ئاڭلاپ قۇلىقىغا قاداق چۈشۈپ كەتكەن تونۇش بىلىشلەر ، ئابدۇسەمەت مامۇت تەۋسىيە قىلغان ML.Zilbilig.com  دېگەن ئادىرسنى ئېچىپ ئۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىشتى ھەم ياقتۇرۇپ قېلىشتى . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشى ئىمىش .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:09:29

ئېلان بېرىش ئۈچۈنمۇ خېلى جاپا چېكىدىغان گەپكەن ھە.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:34:26

مۇشۇ قۇنەكنى سىنارىيە يېزىشقا قويۇپ، ھەجۋى فىلىم ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، دۇنياۋى كاتتا فىلىمدىن بىرەرسى پۈتەرمىكىن دەيمەن، پەقەت ئارتىسلا شۇ چاكىنا باش رولىنى ئېلىشنى خالىسىلا

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:35:56

بىر ئوبدان باشلىنىپ داۋام قىلىۋاتاتتى، ئاخىرى ئېلان بوپكەتتىغۇ؟؟؟
نەچچە يىل ئېلانچىلىق قىلمىساق، بۇ ساھەمۇ تەرەققىي قىپ كېتىپتۇ. بىز بۇرۇن خېنىلەرگە چۆچەكلەرنى قېتىپ ئېلان چىقىراتتۇق. زامانىۋى ھېكايىلەرنى ئىشلەتسىمۇ بوپقاپتۇ مانا.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 08:34:04

قۇنەك ئۆزى چىقمىسا بىكا،ماۋۇسى2015يىلنىڭ ئېلانى بولدىمۇ ئەمدى{:87:}{:87:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:23:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 10:28  


ھىم

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:27:34

مېنىڭچە قونەك بۇ ھىكايىللىرىنىڭ ئاخىرىنى نورمال ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ئاخىرىغا چاقچاق پاسونىدىكى قىسقا تېتىملىق ئېلان بەرسىلا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى بۇ ھىكايىلەر خېلى تېتىملىق مېڭىپ ،ئاخىرىدا كىشىنى سەل بىئارام قىپ قويۇپتۇ.
قۇنەك بوش ئەمەسكەن ...

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 10:47:21

ھېكايىلىق ئېلان بوپ قالامدۇ-نېمە؟ چۈشۈرۈپ قويايلى بوپتۇ...:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 14:41:41

مۇشۇ ئېلاننى تېلۋىزۇردا بەرسىمۇ  بولغۇدەك

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 15:16:48

ئەلقىسسە، ئاۋۇ مىلودىيەدىن توغرىلىغان مۇزىكىلىق قوڭغۇراققا تېلېفراف شىركەتلىرى ھەق تۇتامدۇ يوق، ئەسكەرتىپ قويايلى ھە {:90:}

1dilnaz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 15:26:45

بۇنىڭ بېشىنى ئۇقىۋېلىپ،ئىلاننغا پەرۋا قىلمايلا ىكەتسىمۇ بولىدىكەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 17:08:21

ئەسكەرتىش: بۇ 彩铃 ئەمەس، 铃声. ھېچقانداق ھەق تۇتمايدۇ، ئېقىم مىقدارى كېتىدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 22:29:48

مۇزىكىلار جىق ئەمەسكەن

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 08:42:24

مۇشۇنداق {:92:} ھىجىيىپ كۈرىۋاتسام: «ما ئەپنىڭ ئىسمى مېلودىيە» دىمەسما {:136:} ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ قوڭ كۆرپىسى بولغان بولسا تازا مۇشتلاپ ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاتتىم :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 09:11:40

ئاڭلىسام باش رولچى ئىزدەۋىتىپسىلە

Kamiran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 11:09:27

بۇنداق مەسخىرى ھىكايىنى ئىلان ئۈچۈن ئەمەس، رەسمىي ھىكايە قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازسا بولغۇدەك. تىلى زەھەر دىگەننى مۇشۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ھىس قىلدىم.
بەت: [1]
: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ <<مىلودىيە>> سى