waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:31:13

شىنجاڭ كوماندىسى NBA كۆمتۇرۇپ بىسىش چىمپىيۇنى بىلەن توختاملشىدىكەن

  

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  شىنجاڭ كوماندىسى كىچىك چەتئەللىك ئەزاسى سىباستئان تېلفىرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماسلىقى، كوماندىغا ماسلىشالمىغانلىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا،  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قىتىم چەتئەللىك ئەزا ئالماشتۇرۇش تۇغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ كەتكەن. ئۈرۇمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى نۇپۇزلۇق تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ  گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى  NBA بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئارقا سەپ بىكى، ئۈچ نۆۋەتلىك گارغا توپ كۆمتۇرۇپ بىسىش چىمپىيۇنى « ياڭيۇ » ناتې روبىنسون بىلەن توختاملاشقان.
ناتې روبىنسون 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامىرىكانىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتىدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.75 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 82 كىلوگىرام.  تەشكىللىگۇچى ئارقا بېك. بويى پاكىنەك بولسىمۇ، بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى.  بۇلۇپمۇ قاڭقىشى ناھايىتى ناھايىتى ياخشى، ئەڭ يۇقۇرى قاڭقىش ئىگىزلىكى 1.1 مىتىرغا يىتىدۇ.  2006-يىلى، 2009-يىلى، 2010-يىلى ئۇ ئۈچ قىتىم  NBA گارغا توپ كۆمتۇرۇپ بىسىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان،  NBA تارىخىدىكى بىرىنچى كىشى.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ناھايىتى كۈچلۇك نۇمۇر ئىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە.
ئالدىنقى پەسىلدە  كانادا بىرلەشمىسىدە توپ ئۇيناپ، ئوتتۇرچە 22.5 نۇمۇر، 5.1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 4.3 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن ھەمدە ئوتتۇرچە 1.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان.
2005-يىلى تۇنجى قارارلىق ماھىر تاللاشتا 21-ئورۇندا NBA غا تاللانغاندىن كىيىن، ئۇ NBA كەسپىي ھاياتىدا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ نېكىس كوماندىسى، كەرت ئادىمى كوماندىسى، چاقماق كوماندىسى، قەھرىمانلار كوماندىسى، بوقا كوماندىسى، ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى ئۈچۇن كۈچ قوشقان. NBA كەسپىي ھاياتىدا، ئۇ ئوتتۇرچە 22.6 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 11.1 نۇمۇر ئالغان ھەمدە 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن. ئۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پەسىل ( 08-09 مۇسابىقە پەسلى ) بۇلۇپ ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 17.2 نۇمۇرغا ئىرىشىپ، 4.1 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.  ناتې روبىنسون يەككە مەيداندا 45 نۇمۇر ئالغان، يەنە يەككە مەيداندا 15 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ناتې روبىنسون ياۋمىڭ، ئونىل دەك گىگانىت چولپانلارغىمۇ قالپاق كىيدۇرگەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:51:40

ئىگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگىچە پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ دىگەن گەپ ئىسىمگە كىپ قالدى، بۇنىڭ چۇقۇم ئاچچىقى يامان، شۇڭا بەك سەكرەيدىغان چېغى بار:lol

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 08:55:11

  بەدەن ساپاسى بىلەن بوي ئىگىزلىكىنىڭ مۇھىم ئالاقىسى بار . بەك ئىگىز بۇلۇپ كەتسىمۇ ئىنكاسى ئاستىلاپ كىتىدۇ .

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 09:27:53

بوپتۇ، بۇمۇ كېلىپ سىناپ باقمىسۇنمۇ ، قىزغىن قارشى ئېلىپ قويايلى ماندا....{:92:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 12:01:15

بىر سى  ئاندا  تۇرۇپ بەرسە شۇنىڭ مۈرىسىگە مىنىپ تۇرۇپ توپ سۇلايدىكەندە ئۇ :lol

atarut يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 21:42:34

شۇ بويى بىلەن ياۋمىڭ، ئوۋنىئوللارغا قالپاق كەيدۈرگەن بولسا قاڭقىشى راسىت نوچىكەن، ۋالىبولچى بولغان بولسىمۇ چاڭ چىقىراتتىكەن.
بۈ يىل شىنجاڭ كوماندىسىغا نىمە بالا تەككەندۇ؟ توپى  چۈشمەس بالاغا قالدى.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى NBA كۆمتۇرۇپ بىسىش چىمپىيۇنى بىلەن توختاملشىدىكەن