ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 22-01
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1217.75 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1280.08 دوللار بولدى .ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.91 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1294 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئۆرلەشنى ئاساس قىلىپ 1304 دوللارغا چىقتى ، بۇ يىقىنقى 5 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ھىسابلىنىدۇ . كەچلىك ئامىرىكا بازىرىدا كانادا مەركىزى بانكىسى تۇيۇقسىز ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈردى ، ئالتۇن باھاسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ 1284 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى . بىراق نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ياۋرۇپا سىياسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئالتۇن يەنىلا خەتەردىن ساقلىنىش ھالىتىگە ئۆتۈپ ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى .
بۈگۈن بازارنىڭ ئاساسلىق قىزىق نۇقتىسى ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەچتە ئېلان قىلىندىغان QE كەڭ پۇل سىياسىتى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1. ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى1294-1289 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا 1295-1297 دوللاردىن ئەتىراپدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1290-1280 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
.2 ياۋرۇپا بازىرىدا 1280 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1285-1288 دوللار ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ، ئەگەر 1280 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1270-1272 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1300 1297
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1270 1280
بۈگۈنكى كۈندۈزدىكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1300-1280
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1273
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى1300
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.75 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1292 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەنگەن . تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن ، بىراق كەينىدىن كانادا مەركىزى بانكا ئويلىمىغان يەردىن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن نيۇ يورك ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىن چۈشۈپ كەتكەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، سانلىق مەلۇماتلار ئاز بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە نۆۋەتتىكى بازار ئاخشامقى بازار ئەھۋالىنى تەڭشەش ھالىتىدە بولۇپ ، بۇ ئەھۋال كەچتىكى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE سىياسىتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . بېيجىڭ ۋاقتى 20:45 دە ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلىدىغان قارار نەتىجىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ ؛ ئەگەر بۇ قېتىم ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قارارىدىكى QE سىياسىتىنى ئەملىلەشتۈرشى مۆلچەرىدىكىگە مۇۋاپىق كەلسە ، بازارنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى چەكلىك بولىشى مۇمكىن ، ئەگەر قارارىدا QE سىياسىتى بولمىسا ، بازارنىڭ تەۋرىنىش ئاساسى چوڭ بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا ۋاقتىدىكى كەچلىك بازارنىڭ ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئالتۇننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ھالىتى
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1290 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن قىسقا ۋاقىتتا 1300 دوللاردىكى نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى قارار نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈشكە سودا قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ تۇردى .
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىشىچە ، جەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1282 دوللار دىكى نۇقتىسا تىرەش كۈچىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ، نۆۋەتتىكى ھالقىلىق بۆسۈش نۇقتىسى 1327 دوللار دەپ قارالدى .
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:32 دا ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1288.7 دوللار بولغان .
بۈگۈن كەچتىكى يىغىن ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كىېلىدۇ
پەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00دە ، خەلقئارا ئالتۇن بازار ئېچىلىش باھاسى 1293 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن باھا 1283 دوللار ، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1293 دوللار بولغان ، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1986 دوللار بولغان .
يېقىنقى كۈنلەردە ھەرقايسى چوڭ مەركىزى بانكىلىرى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى قوزغاتماقتا . كانادا مەركىزى بانكىسىدىن سىرت ، يېقىنقى مەزگىلدە ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان مەركىزى بانكىلاردىن : شۋېيتسارىيە ، دانىيە ، تۈركىيە ، ھىندىستان , مىسىر قاتارلىقلار . بۇنىڭ ئىچىدە شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن سىرت ، ياۋرو / شۋېتسارىيە فرانكى 1.20 دىكى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ .
كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى نېفىت باھاسى ۋە ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، كانادا مەركىزى بانكىسى تاسادىپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى بازارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئۆرلەش ھالىتىگە قايتتى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قارارى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى .
تۈنۈگۈنكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، كانادا مەركىزى بانكىسى تاسادىپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، ئالتۇن باھاسى 1.4 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1293.70 دوللار بولغان ، تۆۋەنلەش ئاساسى 0.11% بولغان ؛ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 0.50 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1293.70 دوللار بولغان ، تۆۋەنلەش ئاساسى 0.04% بولغان .
كانادا مەركىزى بانكىسى تاسادىپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ دوللار كۈچەيگەن بولۇپ ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى ئۆرلەش ھالىتىگە قايتقان .
كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلدى
تۈنۈگۈن كانادا مەركىزى بانكىسى (BOC) ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن ، دوللار / كانادا دوللىرى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى ، ھەم 1.2392 يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى ؛ دوللار كۆرسەتكۈچىمۇ 92.18 نۇقتىدىن چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ دوللاردىن باشقا پۇللار دوللارنىڭ چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىشى تەسىرىگە ئۇچراپ چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ھەم پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى .
1- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
1- ئاينىڭ 22 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 6.2091 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 27 نۇقتا كېمەيگەن ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 0.8009 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 3 نۇقتا كېمەيگەن ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.2641 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 147 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.20995 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 264 نۇقتا ئاشقان ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.4074 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن166 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.0258 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 634 نۇقتا كېمەيگەن ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.6852 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 402 نۇقتا كېمەيگەن ؛
سىنگاپور دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.65750 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 71 نۇقتا ئاشقان ؛
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
كۈرىمىز ،لىكىن ئىنكاس يازغىدەك قابىليەت يوق، خاتا چۈشۈنۈپ قالماي ئىزچىللىغىڭزنى داۋاملاشتۇرغايسىز Kanji يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 09:56 static/image/common/back.gif
كۈرىمىز ،لىكىن ئىنكاس يازغىدەك قابىليەت يوق، خاتا چۈش ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، قىممەتلىك پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تىرشىمەن ؛:)
بەت:
[1]