رادىئاتسىيەنىڭ زىيىنى ۋە رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى
پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن يانفون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئىلغار پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، ئالاقە ساھەلىرىگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئەمما يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا تارقاتقان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىتبولماقتا. كۆپلىگەن كىشىلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە رادىياتسىيە زىيىنىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە. ئۇنداقتا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى دېگەن نېمە؟ ئۇئادەم بەدىنىگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چىقارغان ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چىقارغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنى، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستەساقلاش ئىقتىدارىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارىغان. تۆۋەندەبىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.بىرىنچى زېيىنى:بالىلار ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى تۇغۇلغان 20 مىليون بوۋاقنىڭ ئىچىدە 350 مىڭ بوۋاق كەمتۈك تۇغۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 250 مىڭى ئەقلى ئىقتىدارى كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاقلار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ زىيىنى، دەپ قارىغان.
ئىككىنچى زىيىنى:رادىياتسىيە كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، يۈرەك غەيرى سوقۇش، يۈرەك سۇقۇش رىتىمى ئاستىلاپ كېتىش، يۈرەكنىڭقان ئېتىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ كېتىش، يۈرەك سۇقۇش رىتىمى قالايمىقان بۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يۈرەككە سۈنئىي قوزغاتقۇچ ئورناتقان بىمارلار يۇقىرى ئېلېكتىر ماگنىتلىق رادىياتسىيە مۇھىتىدا تۇرغاندا، يۈرەك قوزغاتقۇچ ئەسۋابىنىڭ نورمال ئىشلىتىشىگە تەسىرى بولىدۇ.
00,406]http://www.barikat.cn/agent/images/432.jpg
ئۈچىنچى زىيىنى:كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىرى بار. كۆز بولسا ئادەمنىڭئېلېكتىر ماگنىتلىق رادىياتسىيەگە قارىتا سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان ئەزا بولۇپ،يۇقىرى ئېلېكتىر ماگنىتلىق رادىياتسىيە تەسىرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، كۆزگەئاق چۈشۈش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆز مېڭىگە ئەڭ يېقىن ئەزا بولغاچقا،رادىياتسىيە كۆزگە تەسىر قىلىش جەريانىدا، مېڭىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى زىيىنى:ئادەملەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئاساسلىقى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت نورمالسىزلىشىش، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، بىر قىسىم ئاياللاردا ئادەت قالايمىقانلىشىش، ھامىلدارلارنىڭ ھامىلىسىنىڭ تەبىئىي چۈشۈپ كېتىشى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەشىنچى زىيىنى:رادىياتسىيە ئادەم تېنىدىكى راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىدۇ. ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن بۇلغىنىش ئادەم تېنىدىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت ۋە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلىنى قوزغاپ، ئادەم تېنىدىكى راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىدۇ. شىۋىتسارىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ خاتىرىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئەتراپىدا يۇقىرى بېسىملىق سىم ئۆتكەن يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەردە سۈت بېزى راكى بۇلۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا 7.4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى راك كېسەل داۋالاش فوندى جەمئىيىتى بىرقىسىم ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىدە يارىلانغان بىمارلارنى تاللاپ لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە، يۇقىرى بېسىملىق سىمنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچىلارنىڭ راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈسۈش سۈرئىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن 24 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ئالتىنچى زىيىنى:رادىياتسىيە بالىلاردا ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تېببىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى،ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيە مۇھىتىدا تۇرغان چاغدا، قان سۇيۇقلۇقى، لىما سۇيۇقلۇقى ۋە ھۈجەيرىنىڭ ئەسلى ھالىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ.ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىس تەتقىقات نەتىجىسىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە ھەريىلى 400 دىن ئارتۇق بالىلار ئاق قان كېسىلىگەگىرىپتار بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر سىمىنىڭ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بولغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى زىيانقىلغان.
دېمەك، ئەتراپىمىزدىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ بىزگە بولغان يوشۇرۇن تەھدىتى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. رايونىمىز كىشىلىرى رادىياتسىيە زىيىنىنىڭ ئالامىتى ئېنىق كۆرۈلگەنگە قەدەر رادىياتسىيەگە سەل قارىماقتا. شۇ سەۋەب بەرىكەت رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش مەركىزىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەردىن ئىلغار پەن-تېخنىكا ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى.
رادىياتسىيەنى ئۆلچەملىك ئۆلچەش ئەسۋابى، كومپيۇتېر رادىياتسىيەسىنى يوقىتىش ئەسۋابى، رادىياتسىيەسىز تىڭشىغۇچ، رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى، رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ھەر خىل رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرى رادىياتسىيە دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى مۇداپىئە بولالايدۇ.
بىركۈن بالدۇر ئىشلەتسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنى بىر كۈن بالدۇر ئاسرىغان بولىسىز!
رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى
رادىياتسىيەيوقاتقۇچ: 1.كومپيۇتېر باش ئاپپاراتى، ئېكران، كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس قاتارلىق بىر يۈرۈش كومپيۇتېر ئەسلىھەلىرىنىڭ رادىياتسىيەسىنى يوقىتىپلا قالماستىن، يەنە خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭمۇ رادىياتسىيەسىنى يوقىتالايدۇ.
2.مەشغۇلات قىلىش ئاسان،كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ھاجەتسىز.
3.قوشۇمچە مەنپىي ئىيونلۇق ئىقتىدار سەپلەنگەن بولۇپ، ئەتراپتىكى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.
4. USBلىك ئۇلاش ئېغىزى بار باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭمۇ رادىئاتىسىيەسى يوقىتالايدۇ.
5.تۆۋەن،ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دولقۇنلۇق رادىياتسىيەنىڭ ھەممىسىنى يوقىتالايدۇ.
6.گېرمانىيەلىك ئېنژىنىرلار لايىھەلىگەن بولۇپ، سىپتا، چىرايلىق، جەلپ قىلارلىق. ئالما ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
ئاپتوماتىك رادىياتسىيە يوقاتقۇچ: 150يۈەن
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىككى ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، بىرىنى توك مەنبەسىگە ئۇلايمىز، يەنە بىرىنى كومپيوتېرنىڭ usb ئېغىزىغا ئۇلايمىز. ئۇلانغاندىن كىيىنلا رادىئاتسىيەسىنى ئۆزى ئاپتوماتىك يوقىتىدۇ. باشقا مەشغۇلات قىلمىساقمۇ بولىدۇ.
ئاپتوماتسىز رادىياتسىيە يوقاتقۇچ: 100يۈەن
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىككى ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، بىرىنى توك مەنبەسىگە ئۇلايمىز، يەنە بىرىنى كومپيوتېرنىڭ usb ئېغىزىغا ئۇلايمىز. ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن رادىئاتسىيە يوقاتقۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر مونەك بولۇپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ، رادىئاتسىيە يوقاتقۇچنىڭ ئوتتۇرىدىكى قىزىل چىراق يانغاندا، يان تەرەپتىكى ئۈزچاتنى ئوڭ ياكى سولغا قىلساق، قىزىل چىراق ئۆچىدۇ. بۇ رادىئاتسىيەنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رادىياتسىيە ئۆلچىگۈچ: 1.قايسى ئۈسكۈنىلەردە رادىياتسىيە بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
2. ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىر سىمى ۋە سانائەتئەسلىھەلىرىنىڭ رادىياتسىيە دائىرىسىنى، رادىياتسىيەنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.
3.مەشغۇلات قىلىش ئاسان، تېزلىكتە ھەر خىل ئېلېكتىرئۈسكۈنىلىرىنىڭ رادىياتسىيەسىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.
4. ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭرادىياتسىيەسىنى ئېنىق سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.
5.رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەقىقىي-ساختىلىقىنى ئۆلچەپ بىلگىلى بولىدۇ.
6.ھەر خىل ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدىكى رادىياتسىيەنى ئۆلچەپ كۆرۈش ئارقىلىق رادىياتسىيەگە بولغان ھوشيارلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
7.ئۆلچەش دائىرىسى كەڭرى. ئىشلىتىش دائىرىسى كۆپ.
8.ئېلىپ يۈرۈش قولايلىق.
9.باھاسى مۇۋاپىق.
10.چىرايلىق لايىھەلەنگەن، كەسپىي ئۇسلۇب گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
11.بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلات.
رادىئاتسىيە ئۆلچىگۈچ: 120 يۈەن
رادىياتسىيەسىز تىڭشىغۇچ: 1.تۇرۇبا شەكىللىك بولۇپ، ئىشلىتىش قولايلىق، تۇرۇبىسى يىغىنچاق.
2.ئاۋاز تۇرۇبا بىلەن قۇلاققا بارىدىغان بولۇپ، رادىياتسىيەنىڭ قۇلاققا زىيان قىلىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
3.تۇرۇبا ئىچىدە توك سىمى بولمىغاچقا، سىم ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئەھۋاللار بولمايدۇ.
4.شاۋقۇنسىز بولۇپ، تىڭشىغۇچتىن غەيرى گىژىلدىغان ئاۋازلار ئاڭلانمايدۇ.
5.تىڭشىغۇچ رادىياتسىيەسىز بولغاچقا،ئۇزاققىچە ئىشلەتسىمۇ قۇلاققا زىيان قىلمايدۇ.
6.تىڭشىغۇچ بېشى 4 خىل بولۇپ، ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ.
7.ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەتسە، رادىياتسىيەنىڭ زىيانقىلىشىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
رادىياتسىيەسىز تىڭشىغۇچ: 30 يۈەن
كۆك نۇر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى: 1.كۆك نۇرنى توسايدۇ.
2.رادىياتسىيەنى توسايدۇ.
3.بىنەپشە نۇرنى توسايدۇ.
4.كۈچلۈك نۇرنى توسايدۇ.
5.كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6.سۈزۈك كۆرسىتىدۇ.
7.ئەينەك جىجىلمايدۇ.
كۆك نۇر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى: 50 يۈەن
رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كۆڭلىكى: ھەر خىل ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چىقارغان رادىياتسىيەدىن ساقلايدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ، رادىياتسىيەنىڭ ھامىلىگە بولغان زىيىنىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كۆڭلىكى: 150 يۈەن
مەھسۇلاتلىرىمىز بىر يىللىق سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە. بىر يىل ئىچىدە سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلسە يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئۈندىدار سالونىغا 1 رەقىمىنى يوللاش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ رەسىملىرىنى تەپسىلىي كۆرەلەيسىز! ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نامى: barikat1
ئىككىلىك كورد:
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 15009966115
ئۈرۈمچىدىكى دۇكان ئادرىسى: قىزىل بايراق كومپىيوتېر شەھەرچىسى ئىككىنچى قەۋەت 4B10 دۇكان. ئالاقىلىشىش ئادرىسى: 18999991140
تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈڭ.
ئاپتوماتىك رادىئاتسىيە يوقاتقۇچ
ئاپتوماتسىز رادىئاتسىيە يوقاتقۇچ
رادىئاتسىيە ئۆلچىگۈچ
رادىئاتسىيەسىز تىڭشىغۇچ
رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى
رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كۆڭلىكى
كۆز ئەينەككە قىزىقىۋاتىمەن ئادەمگە خېلى نەپ تەگكىدەك يازما ئىكەن.بىز ھازىر تور دەۋرىدە بولغاچقا ھەر خېل رادىياتسىيە نۇرلىرى ئىچىدە تۇرغان بولدۇق. قانداق قىلغاندا بۇلاردىن ساقلىنىش خېلى كۆپ كىشىلەر ئويلايدىغان مەسىلە دەپ قارايمەن. بۇ يازما بىزگە دەل ۋاقىتدا ياغقان يامغۇردەك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلىدىم. خىزمەت پىرىنسىپى قانداقتۇ؟ كىچىكلا نەرسە ئىكەن، رادىئاتسىيەنى يوقىتىۋېتىشىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسە ئورتاقلاشساق ياخشى بولاتتى. arman26 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 18:41 static/image/common/back.gif
خىزمەت پىرىنسىپى قانداقتۇ؟ كىچىكلا نەرسە ئىكەن، رادىئ ...
ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلمىدىم، لېكىن رادىئاتسىيە ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندىن كېيىن رادىئاتسىيە يوقىغانلىقىنى بىلگىلى بولدى. مەنچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق ... ھەقىقى رادىئاتسىيدىن مۇداپىئە قىلىمەن دېسە ئالەم ئۇچقۇچىللىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالسا بولىدۇ . پەقەت مەھسۇلات سېتىش ئېلانىكەن ... جىق ئىلمىي قىممىتى يوق ... ھەم رادىئاتسىيە دەپ بەك قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ...ئادەتتە يانفۇن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، ئېلېكتىر ماگىنىتلىق ئوچاق قاتارلىقلارنىڭ رادىئاتسىيسىدىن ساقلانساقلا سەل نىرىراق تۇرساقلا بولدى ....
ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرساق رادىئاتسىيە دىگەن زادى نىمە؟ نۇرمۇ؟ دولقۇنمۇ؟ ياكى ئىسسىقلىقمۇ؟ قوقاقمۇ؟ ياكى گازمۇ؟ ياكى زەھەرلىك گازمۇ؟ مەن تولاراق ئولتۇرۇپ قالسام ئىككى قولۇمنىڭ يۇقارقى بىلىكى بىلەن مۆرەم بىسىپ ئېغىرلىرلىشىپ كېتىدۇ. يىتىپ ئۇخلىۋالسام ئەتىسى ئوڭشىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ بىر خىل قوقاققا ئوخشاش ئىسسىقلىق چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم. رادىياتسىيە توسۇش ئىقتىدارى بار تىڭشىغۇچلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى موتورولا قىلغانلىق. :lol
http://play.wasu.cn/48lw.swf
http://www.wasu.cn/Play/show/id/985398 بۇ كىيىمنى زادى كىيەمدۇق كەيمەمدۇق ( ھامىلدارلارنى دىمەكچى:lol) دىگەن مۇنازىرە تېخى توختىغىنى يوق، پۇلى بار ئاقسۆڭەكلەر كەيسە بولدۇ، قارا سۆڭەكلەر كەيمىسىمۇ ھامىلىگە تەسىر قىلىپ كېتىشى ناتايىن( مىنىڭ قارىشىمدا: ئىشتاننى سېلىپ ئوسۇرۇش- ئوشۇقچە::lol ) .
بۇ توغرىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن «ئەسلىدە مۇنداقكەندە» پىروگىراممىسىنى كۆرۈپ بېقىش كىرەك دەپ ئويلايمەن .
http://v.ku6.com/show/oTHC4XvpM_wn2DzbG62tnA...html?lb=1 مۇشۇ تېلفۇنلارنىڭ ئىچدە قايسى ماركىلىق تېلفۇننىڭ رادىئاتسىيەسى ئەڭ توۋەندۇ؟ asabi007 يوللىغان ۋاقتى 2015-01-23 10:04:00 static/image/common/back.gif
مۇشۇ تېلفۇنلارنىڭ ئىچدە قايسى ماركىلىق تېلفۇننىڭ راد
CDMA كارتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەپ ئاڭلىغان، راست پاراڭمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
پىس-پاس ئەپەندىم چۇقۇم بىلىدۇ. كومپيۇتېر يېنىغا بىرەر تەشتەك كاكتۇس گۈلى قويۇپ قويۇڭ. كاكتۇسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رادىئاتسىيە سۆمۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى رادىئاتسىيەنى سۆمۈرۈپ ھاۋانى پاكىزلاشتا دۇنيادا كاكتۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار يېنىدا كاكتوس گۈلى قويۇپ قويسا، كومپىيوتېردىن چىققان زىيانلىق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدۇ. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەرلەرگە ئالىملار كاكتۇس ئۆسۈملۈكى تېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلار ئۆزىنى قانداق ئاسىراش كېرەك؟ خەقنى پۇل تاپقىلى قويساڭلار بولمامدۇ ۋاي. پىس-پاس، ھەممىنى ئاشكارىلۋېتسەڭلار ئەمدى بۇ ماللارنى كىم ئالىدۇ دەيمەن.:lol مەن ماۋۇ كۆزئەينەكنى (ئالتۇن پەردىلىك) ئالدىنقى يىلى 3-ئايدا سېتىۋالغان، كومپيۇتېر ئالدىغا كەلسەملا تاقىۋالىمەن، كۆز ئېچىشىدىغان ئىشلار ئىشقىلىپ خېلىلا ئازلاپ قالدىغۇ. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:07 static/image/common/back.gif
خەقنى پۇل تاپقىلى قويساڭلار بولمامدۇ ۋاي. پىس-پاس، ھەم ...
司马南نى دوراپ قويدۇق:lol ، بۇ ئادەم «يالغان پەننى بىلىم»(伪科学)لەر بىلەن ئاۋامنى ئالدىغان نۇرغۇن كىشى ۋە ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئۇۋال بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇ يولداشنىڭ بەزى يەرلىنى ھىساپقا ئالمىغان، كۆپ يەرلىرىنى مەن قوللاپ قويىمەن.
---------
ئەلقىسسە ، بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىزمۇ دەسلەپتە مىللى روھىمىزنىڭ ئەمدىلا ئۇرغۇۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىپ «مىللىچە»، «ئۇيغۇرچە»، «ئەنئەنىۋىي» دىگەندەك تاتلىق كەمپىتلەر بىلەن ئاۋامنى ئالداپ( بۇنداق دىسە چوقۇم نۇرغۇن كىشى سەن مىللەت خائىنى دەپ قوپىدۇ) تەرەققى قىلغان، بىزمۇ ھە بوپتۇ ، مىللى كارخانىلار تەرەققى قىلسۇن، دەپ ئاشۇ سۈپىتى ئادەتتىكىچە( ۋە ياكى ئوخشاش تۈردىكى مالدىن ناچار) ، باشقىلارنىڭ زاۋۇدىدا ئىشلىگەن ماللىرىنى ئېلىپ تەرەققى قىلدۇردۇق، دۇنيادا بىزدەك ئاقكۆڭۈل مىللەت بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن، «بۇ ماللارنىڭ سۈپىتى قانداق؟»، «ماڭا بۇنىڭدىن ياخشىسى بارمۇ يوق؟»، دىگەن سۇئاللارنى قايرىپ قويۇپ، قارا-قويۇقلا قوللىدۇق، ئالداندۇق، مىللىى ھىسسىياتىمىز بەدىلىگە بۇ شىركەتلەر تەرەققى قىلدى ۋە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.
ئويلاپ باقسام ، بىز بۇ كارخانىلارغا زىيانكەشلىق قىپتۇق، بىزنىڭ مىللى ھىسسىياتىمىز بۇ كارخانىلار ئۇچۇن خۇددى پارنىكتەك بولۇپ بېرىپتۇق، مىللى ھىسسىياتىمىز بىلەن بازارنىڭ رىقابىتىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان پارنىك زىرائەتلىرىنى يېتىشتۈرۈپتۇق .
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،
جۈمەگە كىچىكىپ قالماي يەنە .
رادىئاتسىيە دىيىلسە ئۆيلىرىمىزدە بىز تامامەن ساقلىنىپ قېلىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان تازا يوغۇنى بار، ئۇ بولسىمۇ توك سىملىرىدىن تارقىلىپ تۇرىدىغان 50 گېرتىسلىق ئېلىكتىر-ماگىنىت رادىئاتسىيىسى. ئۇندىن باشقا ماشنىدا ئولتۇرغاندىمۇ ماتورنىڭ سىۋىچى ۋە باشقا بەزى قىسىملىرىدىن تاقىلىدىغان ئېلىكتىر-ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنى «سۈمۈرۈپ» تۇرىمىز. شۇڭا رادىئاتسىيىدىن ساقلاش كىيىمى راستىنلا ساقلىيالىسا شۇ بىر قەدەر بولغىدەك.
بەت:
[1]