بەگ ئالىپ : قىسمىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 13:22قىسمىتىم
____ 22يېشىمغا
مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم(بەگ ئالىپ)
نويابىردا يېيىلدى غۇنچە ،
باش باھاردا سۇلدى يۇپۇرماق .
قەھرىتاندا گۈللىدى رەيھان،
قارلار ياغدى تۇمۇزۇزدا ئاپئاق.
زارىققاننى بەرمىدى تەقدىر ،
قورققىنىمنى ئارتتى بوينۇمغا .
ھىدلاش ئۈچۈن تىككەن گۈللىرىم ،
تىكەن بولدى ماڭار يولۇمغا .
مەن بۇلارغا تاڭ قالمىدىم ھېچ،
ئاھ ئۇرمۇدۇم قىسمىتىمگە ھەم.
ئۆمۈر ئاتلىق ئېشىمغا چۈنكى،
قىرتاق دەرتلەر كىرگۈزەركەن تەم .
2014 يىل 12ئاي
سانجى ئىنىستىتۇتى
پاھ- دېگەنچە، بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم، 22 ياشلىق چاپقۇر شائىىرنىڭ ئىستىلىستىك سەنئىىتىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنىپ. بىز مۇسىيبەتلىك ئىدۇققۇ ئەسلىدە. بىراق ھايات قالغانلىرىمىز غا تەسەللى كېرەكتە. 22 ياش؟
مەن ئىشەنمەيۋاتىمەن، يازغانلىرىڭىز قەلىمى پىشقان ،ئوتتۇرا ياش بىر يازغۇچىنىڭ يازغانلىرىغا ئوخشايتىتى.
تېخى ياشكەنسىز. بەك تىرىشىڭ ،تالانتىڭىزنى ئىسرپ قىلماڭ . مۇھەممەتتۇرسۇن، سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىزمۇ ياخشى چىققان شېئىر. ھېكايىلىرىڭىزنى ئوقۇۋاتىمەن، شېئىرىڭىزنى ئۇندىن بەك ياقتۇردۇم، شېئىرلا يازسىڭىز بولىدىكەندۇق ئەسلى مەن ئۈچۈن… 2380534 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 15:43 static/image/common/back.gif
مۇھەممەتتۇرسۇن، سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىزمۇ ياخشى چىققان شې ...
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ...بەلكىم بۇ قىسمىتلەر كۆپىمىزگە ئورتاق بولسا كېرەك...بەلكىم يېزىپ قالارمەن ئىلھام يوقلاپ كەلگەندە ..:)
بەت:
[1]