yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:24:44

يېڭى بىر مۇسىبەت ...

ناھايىتى رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
نىھايەت، بۈگۈن ئەتىگەن كۆزۈمنى ئېچىپ ئويغۇنۇپ يانفونۇمدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمدە، مەرھۇمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزغا چىن پۈتمەسلىككە باھانەم قالمىدى. تۈنۈگۈن مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قولۇم ئاڭسىز رەۋىشتە ئۇنىڭ سىماسى قالغان تور دۇنياسىدىن ئۇنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەشكە ئۈندىگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ يازمىلىرىنى، ئىنكاسلىرىنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. خۇددى بىر يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ بارلىق ئەسلىمىلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ ئۇنى چۈشەنمەكچى بولغاندەك. بۇ مېنىڭ تەسەلىيرىممۇ ۋە ياكى خامۇشلاشقىنىمدىنمۇ مەن ئۇنى بىلمەيمەن.
شۇنداق ئايلىنىپ مېڭىپ، مەرھۇمنىڭ ئۇستازىغا يازغان قايغۇسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئىچىدىكى پېرسوناژ ئوخشىمايدۇ، ئەمما شۇ پىغان ھەسرەت، نادامەت، چارىسىزلىقىمىز ئۈستىمۈ ئۈست چۈشكەندۇر.
شۇ سەۋەبلىك رەھمەتلىكنىڭ مۇسىبەتناسىمى بىلەن پېقىرەنىڭ مەرھۇمغا بولغان قايغۇمنى سېلىشتۇرما قىلىپ باقماقچى بولۇپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
رەڭلەپ قويغىنىم رەھمەتلىكنىڭ ئۇستازى ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان قايغۇنامىسى.
رەڭلەنمىگىنى كەمىنەنىڭ ئاجىز قەلەملىرىدە پۈتۈلگەن چەكسىز سېغىنىشى دەپ بىلىشىڭلارنى سورايمەن.

                        ناھايتتى رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
   
       23-ئوغۇز يېرىم كېچىدە خۇددى قارا باسقاندەكلا  مۇسىبەت خەۋىرى يېتىپ كەلدى. يەنە بىر قېتىم ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاللاھ  بۇ قېتىم يەنە قانداق سىنىماقچىدۇ؟ بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە قانداق تاللاش پۇرسىتى بەرگەندۇ؟

  ھېس-تۇيغۇم   بۇ ھەقىقەتنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.  ئۇستازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازابلىق چاغلىرىدا ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىدىم،.. ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمەمدە يەنىلا ئۇنىڭ قەيسەر ، نۇرلۇق چىرايىلا بار…. ..   

      ئۇستاز! بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىمىز بار ئىدىغۇ ؟ سىز دەم ئېلىشقا چىققۇچە  بىز بىر جاھان  چېمپيونى كۆرمەكچى بولغانغۇ؟  كوماندىمىزنىڭ داۋالىنىش بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىدغۇ؟  كېلەر يىلى ئەتىيازدا ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كۆچەت ئەكىلىپ تىكمەكچىتىڭىزغۇ؟  مەشىق زالىغا ياساتقان  ھەيكەللەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئارافاتنىڭ تويىنى تېخى ئوينىمىدىققۇ؟ نەۋرىلىرىڭىزنى كۆرمىدىڭىزغۇ؟ مۇشۇ ھېيتتا سىزنى يېڭى تۇتقان ئۆيۈمگە چاقىرماقچى ئىدىمغۇ؟ مەن يېقىندا ھېس قىلغان  زىبىبۇللانىڭ بەزى يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا سىزدىن سوراشقا تەييارلاپ قويغان مەسلىھەتلىرىم بار ئىدىغۇ؟ دۇنيا ۋەزىيتى توغرىسىدا سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا نۇرغۇن يېڭى تېمىلىرم بارتىغۇ ؟   سىز راستىنلا بۇ دۇنيادىن كەتتىڭىزمۇ؟؟؟؟؟
     ۋىنجۇدا يېرىم كېچىدە ئابدۇسەمى ئىشكنى چېكىپ يىغلىغان ھالدا مۇسبەت خەۋىرىنى ئېلىپ كىرگەندە مەن ئىشىنەلمىدىم. ۋۇجۇدۇمدا قانداقدۇر بىر نەرسىنىڭ ئىشىنشكە يول قويمايۋاتقانلىقىنى شۇ چاغدىن  ھازىرغىچە سېزىۋاتىمەن.لېكىن بۇ نەرسىنىڭ نىمىلكىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم بۇ نەرسە يۇقۇرىدىكى ئورتاق بولغان گۈزەل ، شېرىن  ئازۇ تىلەكلىرىمىزدۇر. بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسەل ئازابى تارتقان تۇرقىڭىزنى كۆرەلمەي، ئەسلىمەمدە پەقەت سىزنىڭ ئاشۇ جاسارەتلىك ، قەيسەر، جانلىق ئوبرازىڭىزلا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.  مەن شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقىنى تاشلاپ قايتىپ كەلدىم.  يېغا-زارە  ئاۋازلىرى  تېخى پەسەيمىگەن بۇ مۇھىتقا كېلىپ ئۆزۈمگە بۇ رىئاللىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ باقماقچى بولغاندىمەن. ئابدۇنەبى مېنى ئايرودرومدىن ئېلىپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سائەت ئونبىر يېرىملار بولغان ئىدى. ئابدۇنەبى ئەڭ ياخشىسى بۇ كېچىدە ئۆيدىكىلەرگە ئارام بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. توپراق بېشىغا چىقىپ قەبرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلساممۇ ، كېچىدە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەتە چۈشتىن بۇرۇن بىللە بارايلى دەپ مەسلەھەت بەردى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆيگە قايتتىم. ئەتىسى سەھەر بامداتنى ئۆيدە ئوقۇپلا ماشىنا توسۇپ قەبرىستانلىققا چىقتىم. قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقىتتا كۈن تېخىچىلا زۈلمەت قاراڭغۇ ئىدى.  ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار  رايونىدا سىزنى قاياقتىن ئىزدەپ تېپىشنى بىلەلمەي تەمتىلەپ يۈردۈم. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ كۈن سۈزۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا بىرسى موتو بىلەن قەبرىسىتانلقنىڭ يولىغا كىرىپ كەلدى. مەن ئالدىمغا مېڭىپ ئۇنى كۈتۈۋالدىم ۋە توستۇم. بىر گۆركاركەن. مەن تۈنۈگۈن  پىشىندىن كېيىن  5-ياكى 6-رايونغا يەرلىگەن بىر مىيىتنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىدىم.  گۆركار : ھە ھېلىقى تەنھەركەتچىمۇ؟ ئالدىڭىزغا 500مىېتىرچە مېڭىپ سولغا ماڭسىڭىز ئوتتۇرىسىغا قويدىغۇ دەيمەن دەپ جاۋاب بەردى. ئالدىمغا 500مېتىرچە ماڭغاندىن كېىين تاختىدىكى نومۇرنىڭ  5 ياكى 6-رايون ئەمەسلىكى مەلۇم بولسىمۇ سولغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم. قەبرىلەر ئىچىدە خۇددى ئۇخلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئارسىدا ، ئۇلارنى ئويغىتىپ قويماي دېگەندەك ئېھتىيات بىلەن يەڭگىل ماڭاتتىم. خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ يىراقلاپ  تۆۋەن رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى سەزدىم . يېقىن قەبرىلەر ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئۆتۈپ ، شوتىلارغا يامىشىپ دېگەندەك ئۈستۈنكى رايونغا يەنە قايتىپ چىقىتىم. قايتىدىن يۇقۇرىغا قاراپ ماڭدىم. بىر يول ئېغىزىغا كەلگەندە خادا تاشتىكى 5-رايون دېگەن خەتنى كۆرۈپ بۇ يولغا كىرىپ ماڭدىم.  پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولىنىڭ ئالدىنقى قسىمىدا  بىر توپا دۆۋىسىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىككى ئاق داكا بىلەن باغلانغان تاشنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ بىر يېڭى قەۋرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم ۋە يۈرىكىم جىغىلداشقا باشلىدى. بۇ قەۋرە پىيادىلەر يولىنىڭ ئۈستىدىلا  ۋە  تېخى ياسالمىغان بولغاچ  ناھايتتى تەنھا ھەم  بىچارە كۆرۈنەتتى . يان تەرەپتىلا شۈكۈر يالقۇننىڭ قەۋرىسى  شۇنداق ھەيۋەت تۇرغاندەك كۆرۈندى. بۇ يەردە بىر ئۆزگەرمەس ھەقىقەت بارلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن يەنىلا قەبرىسىتانلىق ئىچىگە كىرىپ يەنە بىر لايىق    قەبرىنى تېپىپ باقماقچى بولدۇم . شۇنچە ئايلىنىپ يېڭى قەبرە تاپالماي يەنىلا ئاشۇ مىسكىن قەبىرنىڭ ئالدىغا يېىنىپ كېلىپ پەرھاتقا تېلېفون قىلدىم:5-رايون پىيادىلەر يولىدىكى، شۈكۈر يالقۇننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىكى قەۋرە شۇمۇ؟ ………………………..    شۇ ئىكەن.  پىيادىلەر يولىدىكى بۇ بىر دۆۋە توپىنىڭ ئاستىدا مېنىڭ ئاشۇ ئۈمىدلىرىگە تېخى يەتمىگەن، يۈرەك ئىزھارىمنى  تېخى ئاڭلاپ باقمىغان، كېلىنلىرىنىڭ تامىقىنى تېتىيالمىغان ، تورلاردا تارقاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۈر شەخسىلەر توپلىمنىڭ ئىچىگە تېخى  رەسىمى چىقمىغان بۈيۈك   ئەركەك ئۇستازىمنىڭ ياتقانلىقىغا يەنە قانداق ئىشىنەي…….  بىلگەن سۈرۈلىرىمنى قىرائەت قىلدىم. دۇئالىرىمنى تالاۋەت قىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قەبرىگە قارىدىم. يەنە ئولتۇرۇپ قەبرىنى سىلىدىم.   قوللۇرۇم يەنىلا مۇزدەك توپىنىلا سېزەتتى.  نىمە ئۈچۈن كىتەلمەيۋاتقانلىقىم توغرىسىدىمۇ ئويلىشىۋاتاتتىم. بىر چاغدا قۇياش تاغنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئىللىق نۇرىنى بۇ يالاڭ قەۋرىگە ياقتى. بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا مەن بىلەن چوڭ پىلانغا شېرىك بولۇپ ئولتۇرغان ئارسلاندەك  ئۇستازىمنى قۇياشنىڭ ھەمرالىقىغا تاشلاپ كېتىشكە قىيالىغان بولدۇممۇ؟
قانداقلا بولمىسۇن مەن قەبرىستانلقىتىن ئۇماچتەك كۆڭلۈم بىلەن  قايتىپ چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۇستازنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.       ئامانگۈل ھەدەم، ئارافات، ئادىلە، ئەركىن ئاكام  ۋە چوڭ ئانامنىڭ   تاش يۈرەكنى ئېزىپ تالقان قىلىۋەتكۈدەك يېغىلىرىنى باغرىمغا بېسىپ نېرۋىلىرىم تېخىمۇ گاللىشىشقا باشلىدى. سىلەرنىڭ  بۇنداق نالە قىلىشىڭلار  مېنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟  مېنىڭ ۋاپارىمنى، پەخرىمنى، روھى ئالاقەمنى ،   كەلگۈسۈمنى توپىغا كۆمىۋەتمەكچىمۇ؟  ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! بەندىلىرىڭ ئاجىزكەن! بىلىپ-بىلمەي كۇپىرلىق قىلىپ قويۇشىمىزدىن ساقلىغايسەن!!!!  بىزگە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مۇسىبەت تۇيغۇمىز ئېغىرلاپ بارىدىغان ئۇستازىمنىڭ  بۇ ۋاپاتىنى قوبۇل قىلالايدىغان   غەيرەت-شىجائەت، سەۋرى-تاقەت ئاتا قىلغايسەن! ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇستازىمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغايسەن!

مانا بۇ مەرھۇم باھادىر ئوغلانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ ئۇستازى ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان يازمىسى.
ياراتقان ئىگەم ئاللاھ، سېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭغا بىز بەندىلىرىڭ ئاجىزمىز. ئىمكانسىز، ئىلاجىسىزمىز. بىزگە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنى، ۋاپاتى ئېلىپ كەلگەن بارلىق ھەسرىتىمىزنى، ئۇنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىم سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز، پالۋانىم دېيەلمىگىنىمىزگە، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى، يېڭىچە پىكرىنى، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاددى ئەمما پاكىز يۈرۈش - تۈرۈشىنى ئالبوم قىلىپ توردا يوللىيالمىغىنىمىزغا ئۆكۈنۈپ چىدىغۇدەك، ئۇنىڭدەك باھادىرىمىزدىن يەنە بىرنى كۆرۈشكە يەتكۈدەك ئۆمۇر، غەيرەت، سەبىر ۋە ئىخلاس ئاتا قىلغىن!
بىزنى ئۇنىڭ ئۇل زامانىسىدا ياشاپ ئۆتكەن بىر رىۋايەت كەبى ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەۋلادلارغا كۈلۈپ سۆزلەپ بەرگۈدەك قەيسەر قىلغىن، ئاللاھىم!
ئابدۇراھمان ئابلىكىمنى ئاكام دەيتتىم، دوستتۇم دەيتتىم، چېمپىيون دەيتتىم.
ئۇنىڭدىن بىرىنچى بولۇپ سورىغان سۇئالىم:
- چېمپىيون بولسىڭىز نەچچە پۇل مۇكاپات بەردى؟
-نۇرغۇن ئادەم سورىماقچى بولسىمۇ، سورىيالماي قالغان سۇئالنى سورىدىڭىز!
دېگەنىدى.
ئەمما دۆت يۇسران شۇنىڭدىن كېيىن، سىزدىن نېمىنى ئويلىدىڭىز ئاكا، دېمىدى.
ئەلقىسسە مانا بۈگۈنگە كېلىپ چەكسىز پۇشايمان ئۆكۈنۈش ئىچرە رېئاللىققا ئازراقمۇ تەسىر قىلالمايدىغان بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ.
سىز بىلەن دەۋرداش، مۇنبەرداش، سىرداش، مەسىلەكداش بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئابدۇراھمان ئابلىكىم!
سىزگە دۇئالىرىم ھەرزامان ھەمراھ!
قىزلىرىڭىزغا مەن ھەممىنى، سىزدەك دادىسىنى پەخىرلىنىش ئىچرە سۆزلەپ  بېرىش ئۈچۈن، ھەممىنى يىغىپ قويدۇم.
داستان قىلىپ پۈتۈپ سۇنماقچىمەن.
ئاللاھ ئىگەم ئايالىڭىز ئاينۇر ھەدىمىزگە، ئاتا ئانىڭىزغا چەكسىز سەبىر بەرسۇن!
سىزنى سېغىنىپ پىغانلىق ياشلىرى بىلەن سىزنى قەلەم ئىزلىرىڭىزدىن چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان دوستىڭىز، سىڭلىڭىز يۇسراندىن.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:50:56

ياتقان يىرىدىن گۈل ئۈنسۇن، ئاتا-ئانا، قىرىنداشلىرىغا سەبىر ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!!!

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:05:53

بۈگۈن قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ئۆزەملا بىلىمەن، ئىشخانامدا يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتىمەن، قوتا خىزمەتنى دەپ گۈللۈككە ئۇزۇنغىچە كىرمىگىنىمگە، ئۇنىڭ بىلەن جىقراق پاراڭلشىشىۋالمىغىنىمغا، جىقراق چاقچاقلىشىۋالمىغىنىغا يىغلاۋاتىمەن...
سىزنى ئەمدى بولسىمۇ ئاكا دەپ چاقىرىۋالاي، گەرچە سىز ئاڭلىيالمىسىڭىزمۇ، ئابدۇراھمان ئاكا! پالۋان ئاكا! چىمپيون ئاكا! مېنىڭ ئېسىل ئاكام...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:13:09

مۈشۈك دەيتتۇق ئابدۇراخماننى چاقچاق قىلىپ، ئەمدى سىزنى تور يۈزىدە ھەر كۆرسەك ئۇنى ئەسلەيدىغان بولدۇق.....

1225 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:29:31

يازمىڭىز  كۆزۈمنى  ئەمەس  يۈرىكىمنى  ياشلىدى  يۇسران!
ئاللاھ  ئاكىمىزنىڭ  قەبرىگاھىنى  نۇر  بىلەن  پۈركىسۇن!

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:35:17

ئۇنىڭ شاپاق كىيىۋالغان مۈشۈك باش سۈرىتىنى تولا چاقچاققا تارتاتتۇق دېمىسىمۇ، بىر ۋاقىتلاردا گۈللۈكتە مۈشۈك ھەپتىلىكى بوپ كەتكەن تېخى...
گۈللۈك ئەزەلدىن بىر ئارامبەخش ماكان ئىدى، چاي ئىچكەچ دەم ئېلىپ چىقىدىغان ئارقا ھويلىدىكى كىچىك گۈللۈككە ئوخشاشلا راھەت، ھازىر ئويلىسام، ئاكىللىس دەل گۈللۈك، گۈللۈك دەل ئاكىللىس ئىكەنتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن گۈللۈكتە يەنە شۇنداق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنارمۇ؟ گۈللۈكنى يىغا زارىلا قاپلىۋالىدىغاندەك بىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:37:13

گۈللۈك بۈگۈن قاپقارىلا...
ھېچنىمە ئېچىلمايۋاتىدۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:44:53

مەندە نورمال، ئېكران يۈزى قارا رەڭدە. لېكىن تېمىلار نورمال ئېچىلىدۇ.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:55:09

مەرھۇمغا تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش غايىبانە ھۆرمىتىم بار ئىدى.
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن (ئامىن)!!

arislan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:11:38

ئاللاھ دوستىمىز، قېرىندىشىمىز ۋە پىكىردىشىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي!. ئۇ سەمىمىي، كىچىك پىئىل، دوستانە، كەمتەر، غورورلۇق، ۋىجدانلىق، غەيرەتلىك، ئىمانلىق يېگىت ئىدى... ئۇ ھاياتىدا غەيرەتكە مۇھتاجقا غەيرەت، دوستقا مۇھتاجقا دوست، غورورغا مۇھتاجقا غورور، پاك قەلىپكە مۇھتاجقا پاك قەلپ ئاتا قىلىپ كەلگەن. ھەممەيلەنگە سەبىر تىلەيمەن.

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:14:35

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي ئامىن! مەرھۇمنىڭ ئۇستازىغا يازغان مەرسىيەسىنى ئوقۇپ تېخىمۇ ئېغىر مۇڭ باستى. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، مۇخلىسلىرى ۋە يېقىنلىرى قاتارىدا يۇسران خېنىمغىمۇ ئاللاھتىن سەبرە تىلەيمەن. يا ئىلگىرى، يا كېيىن ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدىغان شۇ «ئۆلۈم» ئەتراپىمىزدا سايىدەك ئايلىنىپ يۈرگىنىدىن ئۆكۈنىمەن. بىزمۇ بىر ئاز ئۇزۇنراق ياشىساق-ھە. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر....

750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:36:29

بۇ پۇتۇن ئۇيغۇر ئۇچۇن مۇسىبەتلىك كۇن بۇلدى

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:50:42

مەرھۇم پەلۋىنىمىزنىڭ جىنازا نامىزى


President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:29:46

بۇ كۈنلەردە يىغلىغۇملا كېلىۋاتىدۇ.
نىجىسلار قۇتراپ-يايراپ ياشاۋاتىدۇ، ئەزىزلىرىمىز خارلىنىپ-پۈكۈلۈۋاتىدۇ ۋە ياكى جاھاندىن بىزامان ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.
ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ئىلاھىم!

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:49:18

ئىھ كەرەملىك ئاللاھ !!مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن ،بىزنىڭمۇ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن !مەرھۇمنىڭ بەرزەق ھاياتىنى جەننەت باغچىلىنىڭ بىرى قىلغىن!بېشىمىزغا يېغىۋاتقان پىتنىلەردىن بىزنى ئامان قىلغىن ،ئۆچۈۋاتقان يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ ئۇرنىغا تېخىمۇ ياخشىسىنى بەرگىن !

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:40:28

يۈرەككە ئازاپ ، كۆزگە ياش ئولاشتى . مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىدىن يېنىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتىم .  
    جىنازىنى مەسجىد ئالدىدىن ماشىنىغا سېلىپ يولغا چىققۇچە بولغان كۆرۈنۈشلەردىن يۈرۈگۈم ئەلەمگە چۈمدى .قېرىنداشلىرىمنىڭ ساداسى يۈرىگىمنى پارە - پارە قىلدى .

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 16:32:50

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 15:40 static/image/common/back.gif
يۈرەككە ئازاپ ، كۆزگە ياش ئولاشتى . مەرھۇمنىڭ مېيىت نام ...

شۇ ھېسسىياتىڭىزنى يازسىڭىز، ئورتاقلاشساق

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 16:42:38

جىنازىنى كۆتۈرۈپ ئەپ كىتەتتى يىگىتلەر گۈلسايغا، ئەپسۇس شارائىت يار بەرمىدى، ئىمامنىڭ ( يىگىتلەر سەگەك بولۇڭلار، مىيىتنى ماشىنىغا سېلىڭلار) دەپ ئۇتۇنۇش ئاھاڭىدا قىلغان ختاپلىرى يۈرەكنى ئەزدى، مەسچىت دەرۋازىسىدىن چىقىپ يولغا ئوڭ پۇتۇمنى باسقاندىكى تۇيغۇ ئالتە يىل بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش.
توپا تاشلاۋاتقاندا كۆزلەر ياشقا تولدى، يىگىتلەر تالىشىپ بىر كەتمەن بىر كەتمەندىن.
..........
داۋاملاشتۇرالمىدىم...

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 16:55:11

5tash يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 16:42 static/image/common/back.gif
جىنازىنى كۆتۈرۈپ ئەپ كىتەتتى يىگىتلەر گۈلسايغا، ئەپسۇ ...

سىلەر ئۇنى كۆرمىدىڭلار ھەقىچان.
ئۇنىڭ روھى كۈلۈپ تۇراتتى ھەقىچان.
سىلەرنىڭ يېشىڭلارنى كۆردى ھەقىچان
توپا تاشلىغىنىڭلاردىن كېيىن تەنگە قايتتى ھەقىچان.
ئۇنىڭ روھى پاك ئىدى. يېنىك ئىدى
شۇ سەۋەب ئۇ كۇرسقا يېقىنلاشتى
مەدھىيلەر ئوقۇلدى
پەرىشتىلەر تالاشتا قالدى.
ئەمدى ئۇ ئۇخلايدۇ،
بىر كۈنى
كۈن غەربتىن چىققان كۈنى
تۇرىدۇ ئۇ
ھەيۋەت ئادەم ئاتا بولۇپ.
بىز دەيمىز
قايتتۇق مانا
بۇ كۈن كېلەتتى
سەن مەن بولۇپ
مەن سەن بولۇپ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 17:31:13

قەبرىستانلىققا چىقىشقا چىدامىم يەتمىدى:'(
بەت: [1] 2
: يېڭى بىر مۇسىبەت ...