tawpik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:01:28

ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان

ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان

ئادىلە ئىسمائىل



     ياپونغا كەلگەندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان بىر يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ئېرىشكەن بۇ ئەل ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇر ۋە تەسىراتلىرىمنى قېرىنداشلىرىمغا سۇنىمەن. كۆڭلۈم كۆڭۈللەرگە يەتسىكەن، نازۇك تىلەكلىرىمنى ھەممە بىلسىكەن دەيمەن. ئىزچىل ئەسرا بولۇشنى، بىلىشىمچە يەتكۈزۈشنى داۋاملىق ئىستەيمەن.



1. ياپونىيە مائارىپى ۋە روھ



ياپونىيە تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشتىن بۇرۇن ياپونىيە ھەققىدە كۆرگەن ماتېرىياللار ۋە ئاڭلىغانلىرىم بويىچە، ياپونىيىنى ئاجايىپ بىر دۇنيا، ياپونلۇقلارنى پەۋقۇلئاددە ئادەملەردەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. دەرۋەقە ياپونىيىگە كەلگەندىن بۇيان تۈپتىن ئۆزگىچە، يېپيېڭى بىر دۇنيانى كۆردۈم. تەبىئەتتىكى ئاجايىپ گۈزەللىك، ئىجتىمائىيەتتىكى غايەت ئەۋزەللىك، ئادىمىيلىكتىكى بىباھا ئەركىنلىك، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت... ۋەھالەنكى، بۇ دۇنيانىڭ بەختىيارلىرى بىزدىن ھېچبىر ئارتۇقى يوق تولىمۇ ئاددىي ئادەملەر ئىكەن، ياپونىيىگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ نامراتلىقتىن ئىڭراۋاتقان ياپون شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا ئۇ قەدەر تۈپ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئېرىشكەندۇ؟ ئۆز ئېلىنى دۇنيانىڭ كۆزىگە ئايلاندۇرغان ئۇلۇغ ياپونلۇقلار راستتىنلا مەن كۆرۈۋاتقان مۇشۇ ئاددىي ئادەملەرمىدۇ؟ بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ياپونلۇقلار، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. «بۇ مەسىلىنى بىزمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمىز» دېگەنلەرمۇ، سوئاللىرىمدىن ھەيران بولغانلارمۇ بولدى. دەرۋەقە، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنياسى. ماڭا يېڭى تۇيۇلغان بارچە نەرسە ئۇلار ئۈچۈن تەبىئىي، تەييار نېمەت. بەلكىم سوئالىمغا ياپون ئېلىنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ئۇل سالغانلار بىرنېمە دەر دېگەن ئوي بىلەن ئۇلارنى ئىزدىدىم. بەرھەق، سوئالىم پېشقەدەملەردىن قانائەت تاپتى.

«40-50-يىللاردىكى نامراتلىق، كېسەللىك ھەم ئۇرۇش مەغلۇبىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىقى قاپلىغان ئۇ خارابە يىللارنى بۈگۈنكى ياشلار تازا چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا، بۈگۈننىڭ قەدرىگە بىزدەك يەتمەيدۇ، شۇ يىللاردا زاۋۇت-كانلاردىن ئېقىپ چىقىرىلغان كېرەكسىز سۇلار بىلەن بۇلغانغان پاسكىنا دېڭىز سۈيىنى ئىچىپ، كېسەللىك، ئۆلۈمگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ، شۇ سەۋەب ھەر خىل غەيرىي ئالامەتلەر بىلەن تۇغۇلۇپ، يېتىلەلمەيلا قان-ياشلار بىلەن ئۇزىتىلغان بوۋاقلارنىڭ سانىنى مەنمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. نامراتلىقتىن تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە ياشايدىغانلار، كۈنلۈك يېمەكلىككىمۇ چىقىنالمايدىغانلار كۈرمىڭ ئىدى. ماماتلىق ئاخىر ياپونلۇقلارنى ئويغاتتى. جاننى ئالىقانغا ئېلىپ، خالىس، پىداكارانە كۈرەشكەن ئۇ ئۆم، جەڭگىۋار يىللارنى كۆرگەن ھەربىر ياپونلۇق ئۇنتۇيالمايدۇ. ئەنە شۇ كۈچ ياپون خەلقىنى قۇتقۇزدى، شۇ ئىرادە، شۇ ئۆملۈك 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا ياپوننى يېڭى بىر دۇنيا قىلىپ قايتا ياراتتى. 60-يىللارغا كەلگەندە ياپونىيە ئىقتىسادى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز، يەر ئاستى پويىزلىرى دۇنياغا كەلدى. ماشىنا، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، تېلېفون دېگەنلەر ھەممە ئائىلىلەرگە دېگۈدەك ئومۇملاشتى. ئەلۋەتتە بۇ ئۈنۈملەردە تاشقى ئامىلمۇ، سىياسىي، ئىجتىمائىي تەسىرمۇ يوق ئەمەس. ئامېرىكا-چاۋشيەن ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكىغا چىقارغان زور كۆلەملىك يادرو قوراللىرى ۋە ئاشلىق، پادىشاھ يىكېدا (泄田)نىڭ يېڭىچە ئىقتىسادىي سىياسىتى... بىراق سىزنىڭ سوئالىڭىزغا مەندىن چىقىدىغان ئەڭ دانا جاۋاب: ئالدى بىلەن بىزدە روھ، يەنىلا روھ بولغانلىقتا. سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، 70ياشلار چامىسىدىكى بۇ پېشقەدەم تارىخچى ھاياجىنىدىن ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى. «بىراق تەييار دۇنياغا تۇغۇلغان بۈگۈنكى ياشلاردا بۇنداق روھ كەم تېپىلىدۇ» ئۇنىڭ خورسىنىپ ئېيتقان ئاخىرقى سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇۋاتقان كېيىنكى سوئالىمغىمۇ جاۋاب بولدى.

دەرۋەقە، مەن كۆرۈۋاتقان بۈگۈنكى ياپون ياشلىرىنى تەسەۋۋۇرۇمدىكى بىلەن ئانچە كېلىشتۈرۈپ بولالمىغانىدىم. ئۇ مېنىڭ: «شۇ يىللاردىمۇ دوكتور، ئالىملار بارمىدى؟ ئالىي مەكتەپلەر كۆپمىدى؟» دەپ سورىغان سوئالىمدىن كۈلۈپ كەتتى. «نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم. ئۇلارسىز دۇنيا تەۋرىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھا... ھا... ھا... ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، زورىيىشنىڭ ئاچقۇچى ئالىملاردىلا ئەمەس. ھەممىگە تۈرتكە بولىدىغىنى يەنىلا روھ ۋە ئىرادە. شۇنداق، شۇ چاغلاردىمۇ بىرەر يۈزچە ئالىي مەكتەپ بولىدىغان. ئەمما دوكتور، ماگىستىر تەربىيىلەش 60-يىللاردىن كېيىن باشلاندى. ئەمما شۇ چاغلاردىمۇ يەنىلا چەكلىك ئىدى».

بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاش ئۈچۈن «ياپونىيە مائارىپ تەزكىرى»نى ۋاراقلاپ، ئاندىن ئۇ ئېيتقان «روھ» سۆزىگە بەرھەق ئىشەندىم.

1950-يىلى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت مىقياسىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 224.923 ئادەم بولۇپ، شۇ يىلى جەمئىي 1858 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ دوكتور ياكى ماگىستىر يوق ئىكەن. 2003-يىلى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت مىقياسىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 2801.732 بولۇپ، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 567.711 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 67.355 ئوقۇغۇچى ماگىستىرلىق شەرىپى، 14023 ئوقۇغۇچى دوكتورلۇق شەرىپى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن.

2003-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش، پۈتتۈرۈش، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا ئۆرلەش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئەمما شۇ يىلقى ياپونىيە ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 60-يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. مانا بۇۇ روھنىڭ قۇدرىتى. ئىختىساس بىلەن ئىقتىسادنىڭ  مۇناسىۋىتى.

نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىيەتتىكى گۈللىنىش 60-يىللاردىكى ستۇدېت ئالىملار بىلەن بۈگۈنكىنىڭ سانىدا غايەت سېلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاش، روھىيەتتىكى بۇرۇلۇش ۋە «غەيرىي نورمال» تەرەققىياتمۇ بۇ بۆسۈشنىڭ ياندىشىدا تەڭ بىخلىنىپ ماڭغان. ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەۋزەللىك ياراتقان «ئەركىنلىك» ئۇنىڭدا گەرچە پېشقەدەم ياپونلۇقلار يات كۆرىدىغان «ئەنئەنىۋى ياپون روھىدىن چەتنىگەن، قىزىل رەقەم پەيدا قىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەر» كۆپ بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئۇقۇمىدىكى كاپالەت، مەۋجۇت ئەۋزەل شارائىت ئۇلارغا يەنىلا ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزگىچە يول تېپىشنىڭ كەڭرى زېمىنىنى ھازىرلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە ھېلىھەم مۇستەقىللىق، دادىللىق، پائالىيەتچانلىق ۋە زەبەردەست مىللىي روھ ئۆلمەپتۇ.

ياپونىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى (ئۆسۈمسىز ھەم ئۆسۈملۈك) ھەقسىز داۋالاش، ئېتىبار باھادىكى قاتناش ھەتتا ئازادە تۇرالغۇ (ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرى يۈرۈشلەشكەن، تولۇق ئۈسكۈنىلىك) ھەم ئەڭ ئەۋزەل ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنداقلا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش تۈزۈمىنى كەڭ تۈردە يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي مائارىپ ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى تۈگىتىپلا مۇقىم ياكى ۋاقىتلىق ئىش بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلار، شۇنداقلا قىسقا مۇددەتلىك كەسىپ بىلەن مەكتەپلەردە ھۈنەر ئىگىلەپ، مۇستەقىل، كىچىك ئىگىلىك تىكلەشنى ئەۋزەل بىلىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. ستاتىستىكىغا قارىغاندا 2003-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن 1 مىليون 315 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ 14.6 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپكە (تۆت يىللىق)، 7.8پىرسەنتى كەسپىي مەكتەپلەرگە (ئىككى يىللىق) ئۆرلەپ، قالغان 50 پىرسەنتكە يېقىن ئوقۇغۇچى ئاساسەن جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن. (ئەمما بۇ نىسبەت مەيلى 50-يىللار ياكى ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرۇلسۇن، پەقەتلا سان پەرقى، خالاس).

ياپونىيىدە مۇقىم خىزمەت (پېنسىيە يېشىغىچە)، توختاملىق خىزمەت (توختام مۇددىتى توشقىچە) ۋە ۋاقىتلىق خىزمەت (قايسى بىر تەرەپ ۋاز كەچكىچە) دېگەندەك كۆپ خىل ئىش تۈرى ۋە ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىگە لايىق ھەم خالىغان خىزمەتنى تاللاپ ئىشلەيدىكەن. مۇقىم خىزمەتنىڭ كىرىمى بىلەن تەڭ ئىش ۋاقتى ۋە مۇددىتىمۇ مۇقىم بولغاچقا، ۋاقىت ۋە مۇددىتى ئەركىن بولغان خىزمەتنى خالايدىغانلار يەنىلا كۆپرەك ئىكەن. گەرچە بۇ خىلدىكى خىزمەتلەر ئالاھىدە مەلىكىلىك بولمىغان، خىزمەتچىلەر ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق ئالىدىغان بولسىمۇ، ئادەملىك قىممىتى خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان بۇ ئەلدە ھەركىم ئۆز يارىشىقى، ھەم ئارزۇسى بويىچە تاللاپ ئىشلەيدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوقۇشتىن سىرت مۇشۇ خىل خىزمەت بىلەن تۇرمۇش راسخوتى ھەتتا ئوقۇش پۇلىنى تاپىدىكەن. ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ، بېسىپ تارقىتىلىدىغان مەخسۇس خىزمەت ئېلانى ژۇرناللىرى، كومپيۇتېر خاس تور بەتلىرى، گېزىتلەرنىڭ خاس سەھىپىلىرى ۋە پارچە ئېلانلارمۇ ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۆزى خالاپ، تاللاپ قىلغان ئىشقا تەبىئىي ھالدا مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى سىڭىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ، ھەركىمنىڭ مۇقىم خىزمەت دائىرىسى، بەلگىلىك ۋەزىپىسى ۋە كىرىمى بولغاچقا بوشاڭلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش دېگەنلەر بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئەلۋەتتە، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ ئوقۇيدىغان، پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ۋە زېھنىي-قۇۋۋىتى بىلەن تەتقىقاتقا بېرىلىدىغانلارمۇ، بىرەر تۈردە نەتىجە قازىنىپ مۇقىم، مۇستەقىل ئورنىنى تىكلىمىگىچە مۇھەببەت، ئائىلىنى تەرك ئېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما كىم مەيلى نېمىلا قىلسۇن خالاپ قىلىدۇ، سۆيۈپ قىلىدۇ. مانا بۇنى ياپونىيىنىڭ غالىبىيەت ئىزچىللىقىدىكى بىر سىر دەپ چۈشەندىم. بۇ ئىككى دەۋر ئادەملىرىدە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل «روھ» بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىدىلا «زورىيىشنىڭ ئاچقۇچى دوكتوردا ئەمەس، روھتا» دېگەن ئەينى بىر مەنە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئادەمگە ساپا كېرەك، مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن، مۇئەييەن سۈپەت ھەم ئاساس بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆزى مەغلۇبىيەت. بىراق ياپونىيىدىكى «ئوقۇشتىن توختىدى» دېگەن مۇشۇ ياشلارنىڭمۇ ھەرقاندىقى كومپيۇتېرنى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. زۆرۈر قانۇن ساۋاتلىرىنى، ئۇنىۋېرسال ئاساسىي بىلىملەرنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ماسلىشالايدۇ، جەمئىيەتكە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. مائارىپ تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسىدىكى تاكامۇللۇق، تەربىيىلەشتىكى كۆپ ياقلىمىلىق ۋە خاسلىق يېتىلدۈرگەن بۇ خىل پسىخىك ساپا، ئادىمىيەتكە زۆرۈر ئاكتىۋال ئامىللارنى تەقلەپ تۇرۇپتۇ.



2. ياپون بالىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى



ئادەم بەخت ئىچىدە ئۆز بەختىنى سېزەلمەيدۇ. ناۋادا مەنمۇ يالاغ ئاياق قىر ئېشىپ، كېسەكتە ئولتۇرۇپ، ئەسكى تاملىقتا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ بالىلار دۇنياسىدىن كەلمىگەن بولسام، ئۇلارغا قاراپ ئېسەدىمىگەن، ھاياجانلانمىغان بولاتتىم.

ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم. ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن كەسىپ دائىرىسىدە ياپونچە 5000 خەتلىك ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇش شەرت قىلىناتتى. مەكتەپ بىلەن ئىشتىن ئېشىنمايدىغان ۋاقىتنى ئەمدى كۇتۇپخانىغىمۇ بۆلمەي بولمىدى. ئۆيۈمگە ۋە مەكتەپكە يېقىن بىرنەچچە كۇتۇپخانىنىڭ كارتىسىنى بېجىردىم. تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچۇم باشلاپ بېرىپ تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

− بۇ كۇتۇپخانا كومپيۇتېر ئارقىلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، دەرھال شۇ ھەقتىكى ھەممە ئۇچۇرلارنى سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ناۋادا سىز ئىزدىگەن ماتېرىيال بۇ كۇتۇپخانىدا بولمىسا، خادىملار سىزگە باشقا كۇتۇپخانىلاردىن ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ. سىزگە زۆرۈر ياكى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ماتېرىيال ئۇچرىسا ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ ياكى كۇتۇپخانىنىڭ كۆپەيتىش ماشىنىسىدا نۇسخا ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ياقتىكى كومپيۇتېرلاردا ئىنتىرنىت ۋە باشقا سىستېمىلار تولۇق. خادىملارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپلا، خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

− بۇ پلاستىنكىلارنىمۇ ئارىيەت بېرەمدۇ؟

− ئەلۋەتتە. ئۈن ئالغۇ، سىن ئالغۇ، CD,VCD پلاستىنكىلىرى، ھەممە تۈر بار. ئارىيەت ئېلىپ كەتسىڭىزمۇ ياكى مۇشۇ يەردە ئۆزىڭىز تاللىغان لېنتىلارنى قويۇپ ئاڭلاپ، كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تىڭشىغۇچ ئىشلەتسىڭىزلا ھېچكىمگە دەخلى قىلمايسىز، دەپ زامانىۋى كۆرۈش، ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان خاس ئۈستەللەرنى كۆرسەتتى.

− مانا بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر گۇرۇپپىسى، ياپونىيە ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئائىت ھەممە ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيسىز،−بىر ئۆيگە لىققىدە تىزىلغان ئەدەبىي كىتابلارنى كۆرۈپ، ئىچىم يورۇپ كەتتى.

− بۇ لۇغەت ۋە تىل تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر...

ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا، ئۆزۈممۇ سەزمەستىن توۋلاپ سالدىم.

− ئۇيغۇرچە لۇغەت!... ۋاھ... پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. تۈزگۈچىسىمۇ ياپونلۇقكەن تېخى. (يىيى نۇما ئېيزوۋ) ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ شۇنچىلىق تولۇق، ئىدىتلىق، ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.

− ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق تىلغا ئائىت تەتقىقات ۋە لۇغەت ماتېرىياللىرى بار. ياپونىيىدە «يىپەك يولى»نىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىملار، شۇ قىزىقىش بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل ماتېرىياللار ئىشلىنىپ تۇرىدۇ. تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئېيتقۇسىز خۇشاللاندىم ھەم شۇ دەقىقە ئىچىمدە بىر ئوت ياندى!.

− بۇ يەردە خەق تاماق يەپ ئولتۇرىدىغۇ؟

− ھە، بۇ ئارام ئېلىش ئۆيى. تاماق يەپ، قەھۋە ئىچىپ، پاراڭلاشسىڭىز، مۇنازىرە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆگىنىش ئۆيىدە ئۇنداق ئەمەس. كىرىپ كۆرۈڭ، ئۈستەل چىراغلىرى، تىڭشىغۈچلار بېكىتىلىپ، يېرىم توسۇپ ياسالغان ئايرىم كىشىلىك ئۈستەللەردە ئادەملەر لىققىدە، باش چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ياپونىيە ياشلىرىنىڭ ھەممىسىنى كوچىدا كۆرگەندەك قىلاتتىم. بۈگۈن بولسا ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك قىلاتتى. راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكىدەك ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئەمەس، ئادەتتىمۇ ئورۇنلىرى لىققىدە تولۇپ كەتكەن بۇنداق كۇتۇپخانىلارنى مەن ئىلگىرى كۆرگەن ئەمەس. ئاسان قېرىمايدىغان، قېرىسىمۇ سالامەتلىكىدىن كەتمەيدىغان 60-70 ياشلىق ياپون بوۋايلىرىمۇ ئاپئاق چاچ-ساقاللىرى بىلەن كۇتۇپخانىغا زىننەت بېرىپ، تەڭ يېرىم ئورۇننى ئىگىلەپ ئولتۇرىدىكەن. ئۇلار نېمە ئۆگىنىدىغاندۇ؟ يەنە نېمىگە موھتاجدۇ؟

ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ كېتىۋېتىپ، ئەينەك تاملىق زالنىڭ ئىچىدە سەكرەپ ئويناپ يۈرگەن بالىلارغا كۆزۈم چۈشتى. ھەيرانلىقتا ئالدىراپ سورىدىم:

− ئاۋۇ قەيەر؟

− بالىلار كۇتۇپخانىسى.

− شۇنداقمۇ؟

− ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۇتۇپخانىغا ئېلىپ كەلگەندە، قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن ئايرىم بالىلار ئۆيى ياسالغان، ئۇ سۆزلىگەچ مېنى بالىلار كۇتۇپخانىسىغا باشلاپ كىردى. رەسىملىك كىتاب-ژۇرنال، بالىلار پىلاستىنكىلىرى، تېلېۋىزور، سىن قويغۇ، ئويۇنچۇق ۋە ئادەتتىكى يەڭگىل چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولغان، قاينام-تاشقىنلىق كۇتۇپخانىنى ئايلىنىۋېتىپ «بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىزمىدۇ» دېگەن سوئال كاللامدىن كەچتى.

− سىلەردە كۇتۇپخانىلارغىمۇ ھەق تۆلەمدۇ؟

− بۇنداق بالىلار سورۇنلىرى ماگىزىن، باغچا ھەمىلا ئاممىۋى پائالىيەت ئورۇنلىرىدا بار. ھەممىسى ھەقسىز،−ئۇ سوئالىمدىن ھەيران بولغان ھالدا جاۋاب بەردى.

«ئەپسۇس، مۇشۇنداق جايلار بىزدە بولسىدى، ھەق تۆلىسەكمۇ مەيلىدى» دېدىم ئىچىمدە. ئۇ مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، سوئالدىن كۆرە ئىزاھاتنى زۆرۈر تاپتى.

− ھەر يىلى دۆلەتنىڭ كۇتۇپخانا مائارىپىغا سالىدىغان مەبلىغى 3 مىليارد 500 مىليون (خەلق پۇلىدا 260 مىليون 756 مىڭ 414 يۈەن). ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسمۈرلەر پاراۋانلىق ئورنى ۋە بالىلار يەسلىسىگە سالىدىغان مەبلىغى 7 مىليارد 940 مىليون ياپون يېنى.

− ئۇنداقتا ئومۇمىي مائارىپ مەبلىغىچۇ؟

− 2 مىليارد 429 مىليون 600 مىڭ ياپون يېنى (181 مىليون 9652 يۈەن خەلق پۇلى). مانا بۇ كىتابنى كۆرسىڭىزلا ياپونىيە مائارىپىغا ئائىت پۈتۈن ستاتىستىكىغا ئېرىشەلەيسىز.

ئۇ «مائارىپ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابنى ماڭا سۇندى.

− رەھمەت سىزگە،−ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرگەچ يەنە بىر ئىش ھەققىدىكى سوئالنىمۇ سوراپ ئۈلگۈردۈم،−قايسى كۈنى خازاما مۇئەللىم «توي قىلسام، خىزمەتتىن چېكىنىمەن» دەيدۇ. ياپونىيىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمۇ؟

− ئىلگىرى ئاساسەن شۇنداق ئىدى. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئەڭ نوپۇزلۇق شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ئايال خادىملارمۇ توي ۋە تۇغۇتتىن كېيىن خىزمەتتىن چېكىنەتتى. ھېس قىلغانسىز، ياپونىيىدە خىزمەت سىجىللىقى بەكلا ئېغىر. ھەممىلا ئادەم ئالدىراشلا يۈرىدۇ. بۇنداق مۇھىت كىشىلەرنى تەبىئىيلا ئائىلە ئىللىقلىقىغا بەكلا موھتاج قىلىپ قويغان. بالىلار تېخىمۇ شۇنداق. ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇنچە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى يەنىلا بالىلار ئۈچۈن، بىراق بالا تەربىيىسى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇنىڭغا دۇنيا دۆۋىلەپ بەرسىڭىزمۇ بىكار. ئەلۋەتتە بالىلار باغچىغىمۇ بارىدۇ. ئۇ يەردە دەسلەپكى مەكتەپ مۇھىتىنى ھېس قىلىدۇ. ئۆملۈكنى، دوستلۇقنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما ئۇ يەردە بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىدىغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمىغاچقا، يەنىلا ئانىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىنى بالىلار ئۈچۈن قۇربان قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

− ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئائىلە ئايالى بولسا نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق، بۇنى ئۇلار راستتىنلا خالامدۇ؟

− ئېچىنىشلىق؟... ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز بالىلىرىغا ئۆگىتىش. ئۆز ئائىلىسىگە سىڭدۈرۈشتىنمۇ بەختىيار، كۆڭۈللۈك ئىش بولامدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇنى ئۇلار خالاپ قىلىدۇ. بۇنداقلار ھازىرمۇ كۆپ. ئەمما نۇرغۇن ئاياللار خىزمەت قىلمىسىمۇ، يەنىلا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئەرلەر ئىشقا، بالىلار باغچىغا كەتكەن چاغلاردا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيدۇ. تۈرلۈك كەسىپلەردە ئۇنۋان ئېلىپ ياكى ماگىستىرلىققا قەدەر تەربىيىلىنىدۇ. بالىلار ئۆز ھاجىتىدىن چىققۇدەك بولغاندا، ئۇلار يەنىلا ئالاھىدە نوپۇز بىلەن جەمئىيەتكە قايتا قاتنىشالايدۇ.

يېڭى كەلگەن دەسلەپكى ئىككى ئايدا تېخى ئىش تېپىپ ئىشلىمىگەچكە، ۋاقتىممۇ ئازادە ئىدى. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى باغچىدا تىل مەشىقى قىلغاچ، سەيلە قىلىدىغان بولدۇم. ئۆي تىنجىق، باغچا ھەقسىز ھەم جانغا راھەت. چىرايلىق گۈل-گىياھلارنى، سۈپسۈزۈك كۆلدىكى بېلىقلارنى تاماشا قىلغاچ ياپونلۇقلار ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۈزە بولسىمۇ بىلەلەيدىكەنمەن.

بۇ يەردە بايرام ۋە ھەپتىلىك ئارام كۈنلىرى مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، پوچتىخانىلاردىن تارتىپ ئايرىم سودا ئورۇنلىرىغىچە ئىش توختىتپ ئارام ئالىدىكەن. كىشىلەر ماشىنىلىرى بىلەن ئائىلە بويىچە ياكى دوستلار ئارا چەت ئەللەرگە، شەھەر ئەتراپىدىكى ساياھەت رايونلىرىغا، دېڭىز بويلىرى، ئىسسىق كۆل، باغچىلارغا ئوينىغىلى بارىدىكەن. باغچىلاردا، بالىلار ئويۇن سورۇنلىرىدىن باشقا چېنىقىش مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلى، ماگىزىن، رېستوران ھەم يەنە شۇ يەردىمۇ بالىلار كىتابخانىسى بار ئىكەن. ئاتا-ئانىلار كۆلدە ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارغا بولكا ئۇۋۇتۇپ بەرگەچ بالىلارغا بېلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ( بۇ يەردە بېلىق تۈرىنىڭ كۆپلۈكىدىن نامىنى بىلىپ بولۇشمۇ بىر گەپ)، خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن. كېمە، پاراخوتلاردا ئوينىتىپ، چىملىقتا بىللە غىزالىنىدىكەن. ئاندىن ئۆزىگە تەئەللۇق ئەخلەتلەرنى بىرمۇ بىر خالتىغا يىغىپ، ئورنىغا يەتكۈزۈپ قايتىدىكەن. بىزدىكى باغچىلار ئېسىمگە كەلدى. ھەپتىدە ئەمەس، يىلدا بىر قېتىم زور غەيرەت بىلەن قاتار چاينى قۇربان قىلىپ، 1-ئىيۇن كۈنى بالىلار ئۈچۈن باغچىغا يىغىلغان، نەتىجىدە سورۇن تۈزۈپ ئىچىپ-لەيلەپ «بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار، بوشىغان بوتۇلكىلارنى تېپىپ ئويناپ، بايرىمىنى قۇتلۇقلاۋاتقان گۆدەكلەر، كەچ كىرگەندە مەينەتچىلىكتىن ئەخلەت دۆۋىسىگىلا ئايلىنىپ قالىدىغان خارابە باغچىلار...

كۆزۈم سەل نېرىدا ئۆزلىرىمۇ كىمونو (ياپونچە كىيىم) كىيىپ، ئەمدى ئايىغى چىققان ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بالىسىغىمۇ كىمونو كىيگۈزۈپ، ئىككى تەرەپتىن يېتىلەپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ياش ئاتا-ئانىغا چۈشتى. بالىنىڭ تېخى تىلى چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىككىسى بالىسىغا توختىماستىن سۆزلەيتتى. چوڭ ئادەملەرگە سۆزلەۋاتقاندەك ئەڭ چىرايلىق ھۆرمەت شەكلىدىكى ئىبارىلەرنى ئىشلىتەتتى (ئۆزگىرىشچان ھەم خاسلىققا ئىگە ياپون تىلىدا ھۆرمەت تۈسى ۋە ئادەتتىكى تۈس دەپ ئاتىلىدىغان تامامەن ئىكى خىل ئىپادىلەش شەكلى بولىدۇ. ھۆرمەت شەكلى ئادەتتە چوڭلار، خېرىدارلار ۋە ناتونۇشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ياپونىيىدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تىلى چىققاندىن باشلاپ ھۆرمەت شەكلىدە سۆزلەيدىكەن ھەم «ھۆرمەت»نى ئۆگىتىدىكەن). شۇنچىلىك سىلىق، شۇنچىلىك قائىدىلىك، ھەۋىسىم كەلدى. ياپونلارغا مۆھۈر بولۇپ بېسىلىدىغان مىللىي ئادەت ئەسلى مۇشۇنداق يېتىلىدىكەن-دە! ئارقىدىن يەنە شۇنداق كىيىنگەن، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ، يۈزلىرىنى يول-يول قورۇقلار باسقان 70-80 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ موماي قانداقتۇ قىزىق پاراڭلار بىلەن تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشۈپ يېنىمدىن ئۆتتى. ئۇلار ياغاچ كەش سېپىۋالغىنى، ئۇزۇن كىمونو كىيىۋالغىنىغا قارىماي شۇنچە چاققان، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتاتتى.

ياپونىيىدە بايرام كۈنلىرى باغچىلار تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدىكەن. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، پۈتۈن ئادەم كىمونو كىيىپ، مىللىي ئۇسسۇلنى ئويناپ، بايرام تەنتەنىسى قىلىشىدىكەن. ئايرىم بايراملاردا بىزدەك ياۋروپاچە «مەدەنىي» كىيىملەر بىلەنمۇ ئۆتكەزگىلى بولىۋېرەتتىغۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ كىمونولارنى يېنىدا بىر ئادەم بولمىسا، يالغۇز قاملاشتۇرۇپ كىيمەكمۇ بىر گەپ. ھەرىكەتلىنىشكىمۇ بىئەپ، بىراق ئۇلارنىڭ قېرىلىرىدىن تارتىپ ياشلىرىغىچە چوڭ-كىچىك ئۇچرىشىش، قىز-يىگىتلەر تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، توي مۇراسىمى، يېتىلگەنلىك مۇراسىمىدا (بالىلار 18 گە تولغاندا «يېتىلگەنلىك مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىمنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى، كىمونو كىيگۈزۈش ئارقىلىق شۇ ئادەمنىڭ چوڭ بولۇپ يېتىلگەنلىكى، مۇھىمى ياپونلۇقسەن، ياپونلۇقنىڭ ئىز باسارىغا ئايلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشلا، خالاس) كىمونو كىيىشىپ ئۆز ئەسلىنى نامايان قىلىشىدىكەن. قىزلارنى نازۇك، ئەرلەرنى قامەتلىك كۆرسىتىدىغان بۇ كىيىم، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە غۇرۇر، تەنتەنىسىگە غالىبلىق تۈسى بېرىدىكەن. ياپونلار ياپوندىلا ئەمەس، ھەتتا چەت ئەللىك بىلەن تويلىشىپ، چەت ئەلدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسىمۇ، مۇراسىمغا پۈتۈن ئائىلە بويىچە كىمونو كىيىپ قاتنىشىدىكەن. ھەيران قالدىم ھەم ياپونلۇقنى كۆكلەتكەن نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. كىيىم ئۇ پەقەت ئەۋرەتنى ياپىدىغان لاتىلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ روھى، بايرىقى ئىكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ھازىرغىچە ياپونلۇقلار ئىسلاھات ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتكەن، يېڭىلىغان بولسىمۇ ئەمما مىللەتنى زورايتقان مىللىي ئېڭى ۋە مىللىي بىرلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەپتۇ. ياپونلۇقلار تىلغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ كۆز ئالدىغا، بېلىگە «تەڭى تېڭىپ» ئېگىلىپ تۇرغان نازۇك ئايال، تۆشى ئوچۇق، يوتىسى ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن «يەكتەك»لىك، ھەيۋەت چىراي ئەركەك كېلىدۇ. مانا بۇ مىللىي خاسلىق، ياپونلۇقنىڭ ئۆلمەس ئوبرازى.

ياپونىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا مەخسۇس مىللىي كىيىم، مىللىي ئۇسسۇل، مىللىي ئۆرپ-ئادەت دەرسلىكلىرى ئۆتۈلىدىكەن. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ پائالىيەتلەردە شۇ كىيىملەرنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. مەنمۇ كىيدىم، ياپونچە ئۇسسۇللارنى ئوينىدىم، ئوخشاپمۇ كەتمەيتتىم. ھەممىسى «ياپونلۇققا ئوخشىدىڭ» دېيىشتى. پەقەت ئاشۇ مىنۇتلاردىلا دوپپا كىيگەن، ئەتلەس كۆڭلەكلىك، ئۆرۈمى چاچ، ئوسما قويۇشىۋالغان قىزلارنى بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئەسلىدىم. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق كۆرۈنۈشلەر بارغانچە قۇرۇپ ھېيت-ئايەملەردىمۇ ئەنئەنە، خاسلىقىمىز بارغانچە سۇسلاشماقتا. ئۆزۈمگە قايتتىم، ئۇرۇنراق چېچىممۇ يوق، كۆڭلۈمگە شۇنچە پۈككىنىمگە قارىماي دوپپىنىمۇ ئۇنتۇپ كەپتىمەن، ھەر ھالدا ئەتلەس كۆڭلىكىم بىلەن بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۆرسىتەلىدىم. ھەممىسى چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئۆگەنگىسى كەلدى. كۆڭلىكىمگە قاراپ، «بۇ ئۆزبېكنىڭغۇ؟» دېيىشتى. «ئۆزبېكلا ئەمەس، ئۇيغۇرمۇ كىيىدۇ، توقۇيدۇ» دېدىم. بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىكەنمەن. «بەك چىرايلىق دوپپا كىيەتتۇق، ئالدىراشلىقتا ئۇنتۇپ كەپتىمەن، كېيىنكى قېتىم دوپپا كىيىپ ئويناپ بېرىمەن. دېگەننىمۇ تەكىتلەپ قويدۇم...»

مىللىيچە ئادەتلەرنى ئۆگىتىش، بالىلار تەربىيىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلار بالىلارنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش ۋە كۆپ ۋاقىتنى ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇرچى ۋە پەزىلىتى دەپ قارايدىكەن. ئۇلار بالىلارنى باغچا، كۇتۇپخانىلاردىن باشقا دېڭىز بويلىرى، سۇ ئۈزۈش كۆللىرىگە ئاپىرىش بىلەنمۇ تەربىيىلەيدىكەن. 2-3 ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا سۇ ئۈزۈشكە يېتەكلەيدىكەن. باشلانغۇچتىن تارتىپلا مەخسۇس سۇ ئۈزۈش دەرسلىكلىرى ئۆتۈلگەچكە، بالىلار قالتىس سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرى بولۇپ يېتىلىدىكەن.



3. تاغدىن-باغدىن



توكيوغا كېلىپ تۇنجى ھېس قىلغان «غەلىتىلىك» تار ھەم زىچ پايتەخت كوچىلىرى بولدى، شىن جيۇكۇ. گىنزا دېگەن ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىمۇ بىزدىكىدەك قوش ئۆتۈشمىلىك قاتناش يولى، ۋېلىسىپىت يولى، پىيادىلەر يوللىرىنى ئۇچرىتالمىدىم. تارغىنە قاتناش يولىنىڭ ئىككى قاسنىقى گۈللۈك، تۆمۈر توسۇق ياكى رەڭلىك سىزىقلار بىلەن چېگرىلىنىپ، ئىككى ئادەممۇ ئازادە قاتارلىشىپ ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە بولسىمۇ، ۋېلىسىپىت ھەم پىيادىلەر بىمالال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن. پىيادە ماڭغانلار ئۆزلۈكىدىن تام ياقىلاپ، كەينىدىن كېلىۋاتقان ۋېلىسىپىتلىكلەرگە يول بوشاتسا، ئۇلارمۇ بوشقىنا ئاۋازدا «كەچۈرۈڭ» دەپ سىگنال بەرگەنچە يانداپ ئۆتىدىكەن. ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقىنىڭ كۈچەپ ئۇرۇلغانلىقىنى بۇ يەردە بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىتىپ باقمىدىم. 1964-يىلىدىكى «ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن رەتلىنىپ، كېڭەيتىلگەن توكيو كوچىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇزۇپ چۇۋۇلماپتۇ. رېمونت قىلىش توغرا كەلگەندىمۇ، قىسقىغىنە بىرەر يۈز مېتىر دائىرە ئىچىدە، كېچىلىرى، ئەل ئايىغى بېسىققاندا ياسايدىكەن.

ياپونغا كېلىپلا ئەتىسى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە باردۇق. دوختۇرخانىدىكى مۇھىتنىڭ كاتتىلىقىنى دېمەيلا قوياي، مۇئامىلىدىكى سىلىق-سىپايىلىق ۋە زىيادە ئىززەتتىن سۆيۈنگىنىمدىن كۈندە ئاغرىۋالغۇم كەلدى. تەكەللۇپ ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلەتكىنى ھەم تېخى ياپونچىنى تۈزۈك يامىدىيالمىغىنىم ئۈچۈن گەپلىرىنى پەقەتلا ئۇقالمىدىم. ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيۋاتقىنىم ئېنىق تۇرسىمۇ، قايتا-قايتا ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. كاشال بولۇۋاتقىنى مەن تۇرسام يەنە مەندىن كەچۈرۈم سوراپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى... بۇ ئەلگە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈنلا پۈتۈن داۋالىنىش راسخوتىنىڭ پەقەت 2 پىرسەنتىنىلا مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. شۇنداقلا ماگىستىرلىق ئوقۇش پۇلىنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىۋاتىمەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈنلا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى، يۈرۈشلەشكەن ياتاقلىرىغا قىلغان ئىلتىماسىم تەستىقلاندى.

2003-يىلى 4-ئايدا توكيودىكى «ئاسىيا-ئافرىقا تىل مەكتىپى» ياپون تىل كەسپىگە ئوقۇشقا كىردىم. 2004-يىلى 2-ئايدا ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ «ئوچىيانومىزى قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى» فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى شەرق ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ، تىل مەكتىپىدىن ئوخشاش قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بىردىنبىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە، يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىندىم. بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈممۇ ئىشەنگۈسىز بۇ پەۋقۇلئاددە نەتىجىنى ئويلىغىنىمدا، ياپونلۇقلارغا، ياپون مائارىپىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن.         

(تەھرىرلىگۈچى: ئىمىر ھەسەن مەخمۇت)



تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2004يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:20:56

ياپۇنلار بىلەن كورىيانلارنىڭ تىلىدا ئورتاقىلق بارمىدۇ .
  
  تىما ئىگىسىگە ۋە تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:26:05

ئاتۇشلۇق بىر بالا ياپۇنغا تۇنجى چىقىشىدا قولىدا بىر چامدان ناننى سۆرەپ كىتىپ بارسا ئايرۇدىرۇمدا بىر ياپۇنلۇق نازارەتچى ئۇنى توختىتىپ : これは何ですか ‹كورىۋا نان دىسكا›دەپتىكەن، بۇ قوپاللىققا ئاچچىقى كىلىپ :
كۆرىۋال نان دىس دەپ چامدان ئاغزىنى ئىچىۋىتىپتۇ.
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھىلىقى ياپۇنلۇقنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كىتىپتىكەن.:lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:46:23

ياپۇنلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنلا ئوسمۇرلەر سۈت پىلانىنى يولغا قۇيۇپ، ياپۇن پاكارلىرى دىگەن نامنى چۇرۇپ تاشلاشقا ئاتلىنىپتىكەن. (ئۇقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى سۈت ئىچۇرۇش ھەركىتى)

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:14:18

ياخشى يېزىلغان تەسىرات ئىكەن بۇ ، لىكىن، ئەمما ۋە بىراق......باشتىكى سانلارنى يېزىشتا خاتالىق بار، ئاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا بولسۇن ياكى باشقا تىللاردا بولسۇن يېڭى بىر ئابزاس باشلانغاندا ئابزاس بېشىدىن بوشلۇق قويۇپ يازىدىغان قائىدە بار، ئاندىن كېيىن مۇشۇنداق تەسىراتلار بولسا داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭلار ،دېگەن ئۈمىدمۇ بار. :lol

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:39:15

umidwar029 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 12:14 static/image/common/back.gif
ياخشى يېزىلغان تەسىرات ئىكەن بۇ ، لىكىن، ئەمما ۋە بىرا ...

ماشۇ ياپوندا ئىش بىجىرگىلى كىرسىڭىز ،ئۇلارنىك مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ سىز خىجىل بولۇپ كېتىدىكەن سىز .
يەنە بىرسى مەن ياپوندا ئەڭ قول قۇيدىغان ئادەم مۇشۇ ياپون ئاياللىرى .

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:42:53

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:20 static/image/common/back.gif
ياپۇنلار بىلەن كورىيانلارنىڭ تىلىدا ئورتاقىلق بارمىد ...

خىلى جېق ئوخشاشلىقلار بار ،مەسلەن جۈملە شەكىلى دىگەندەك .

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 00:31:44

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 10:26 static/image/common/back.gif
ئاتۇشلۇق بىر بالا ياپۇنغا تۇنجى چىقىشىدا قولىدا بىر چا ...

كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىدەكلا گەپنى قىپسىز، جان ھەلقۇمغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە شۇ لۇق، لۈكمۇ سىزدە؟ بىر ئاز تۇز تولۇقلاشقا ئىھتىياجىڭىز باردەك قىلامدۇ؟ ياكى بۇنى ۋەزىپە بىلەن قىلىۋاتامسىز؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 01:22:53

توۋا يۇمۇر يېزىپ بەرسە ئۇقۇپ ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلمەيدىكەن ما بالا

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 06:56:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 08:16  

metujan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 00:31 static/image/common/back.gif
كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىدەكلا گەپنى قىپسىز، جان ھەلق ...

يۇمۇرنى چۈشىنەلمىسەڭ، چىرايلىق سورا.
بۇنى ئاتۇشلۇق جەرۇللا سۆزلەپ بەرگەن.راس بولغان ئىش بۇ.  ياپۇنچىدىكى ‹كورى› دىگەن ‹بۇ›، نانى‹ نىمە› دىگەن مەنىسى بار، ‹كورىۋا نان دىسكا› دىگىنى ‹بۇ نىمە› دىگەن گەپ. كۆرىۋال نان بىلەن كۆرىۋا نان دىگەن ئاھاڭداش بولغاچقا چىقققان چاقچاق بۇ. يۇرتۋازلىق بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 23:30:00

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 06:56 static/image/common/back.gif
يۇمۇرنى چۈشىنەلمىسەڭ، چىرايلىق سورا.
بۇنى ئاتۇشلۇق ج ...

بۇ شۇنداق ئۇسۇل بىلەن بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ئاشكارە يۇرتۋازلىقنىڭ بازىرى يوق،  ھەممە ئادەم شەكلەن بولسىمۇ تەپ تارتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىنلار بۇ قىلىقىمىزنى كۆرۈكلەپ، لاۋۇلدىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق چاخچاق يولىنى تەقدىم قىلدى. ئەگەر خىزمىتىڭىز بۇ بولمىغان تەقدىردە بۇ داپقا ئۇسۇل ئوينىماڭ. بۇنداق چاخچاقلارنىڭ كۈشكۈرتۈش رولى بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايسىزغۇ دەيمەن؟ ئەقىللىق، ياپونچە بىلىدىغان ...لۇق!؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 08:22:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-25 08:25  

metujan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 23:30 static/image/common/back.gif
بۇ شۇنداق ئۇسۇل بىلەن بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ئاش ...

ئاشۇ گەپتىن مىنى كەينى يەنچۇقۇڭغا ئۇرۇپ تاپقان خىزمەتكە باغلاپ قويدىڭ دىگىنە.:lol
  بىزنى باشقىلار بىلەن مەجبۇرىي دۈشمەنلەشتۈرمە، كۈچىنىپ قالىسەن.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 01:33:49

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 08:22 static/image/common/back.gif
ئاشۇ گەپتىن مىنى كەينى يەنچۇقۇڭغا ئۇرۇپ تاپقان خىزمە ...

تەلەپپۇزۇڭدىنلا ئەخلاقسىزلىق چىقىپ تۇرغىنىغا دىققەت قىلماپتىمەن، بولمىسا كۈچۈنۈپ قالۇدۇغانلىقىمنى بۇرۇنلا بىلىدىكەنمەن. راست دەپسەن. ھۇ،...لۇق!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 01:44:35

نان دىگەن يۇمۇر خېلى كەڭ تارقانغانغۇ:lol
بۇ ئىشقا 2006چى يىلى مەنمۇ ئۇچرىغان.
بەلكىم تور يۈزىدە تۇنجى قېتىم يۇمۇر قىپ ئېيىتقان ئادەم مەن بولىشىم مومكىن.
ئېرىنمىسەڭلە تۈمەنچە ئىنكاسىمدىن ئىزدەپ تېپىۋېلىڭلا:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 01:49:35

يۇرتىنى سۆيسە ھېچنىمە بۇلمايدۇ.
يامان نىيەتتىكى يۇرتۋازلىق ياخشى ئەمەس.ئەمما يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت نورمال ئىش.
يۇرتىنىمۇ سۈيەلمىگەن ئادەم خۇتۇنىنى سۆيگىنى يالغان:lol
قالغان گەپ قالسۇنمۇ.:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:54:01

مەن تۇنجى بولۇپ قەيسەر مىجىت ئاكىمىزدىن ئاڭلىغانىدىم، دەسلەپتىلا سەت كۈلۈپ كەتكەن.:lol
يەنە بىر گەپ بارئىدى (眠い ‹ねむい›)نېموي دەيدىغان، بىز ئاتۇشلۇقلارنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالىدىغان. بۇنىڭ يۇمىرىمۇ بەك قىزىق:lol، بۇنى دىسەم مىنى بۇدا ماسۇنلارغا خىزمەت قىلىدىغان دەپ چىتىپ قويمىسۇن يەنە.{:92:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 20:59:19

ئاڭلاپ باقمايلىما، ئىزچىلار، ئاۋۇ يۇمۇرنىمۇ.
لىكىن تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويمىساڭلار، زىيالدىن باشقا مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز چۈشەنمەيمىز ئەمما.:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:24:02

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 20:59 static/image/common/back.gif
ئاڭلاپ باقمايلىما، ئىزچىلار، ئاۋۇ يۇمۇرنىمۇ.
لىكىن تە ...

دىمەي دىگەندىكىن دىمەي بولدى، ئارىسلان بۇرادەر، زىيالىينىڭ گىپىنىمۇ ئىلىك ئەپ قويىلى.:lol {:123:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-26 21:26:36

لۇق، لۈك دېگەن يۇمۇر ئەڭ قىزىقى.:lol:lol:lol
بەت: [1]
: ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان