waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:28:46

شىرئەلىجان بىيجىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىسقىرتىش چۇقانىغا ئۇچۇردى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 01:47  

  

  سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى تەرجىمىسى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز ئۈچۇنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، بىيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى ساھىپخان مەيدانىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  مىھمان سۈپىتىدە مۇسابىقىگە چۈشكەن شىنجاڭ كوماندىسى زور بىسىم ھىس قىلدى. كوماندىدىكى ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى شىرئەلىجان بىلەن قىرانبېك ماقان مۇسابىقە باشلانغاندىن باشلاپلا ئىزچىل توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىسقىرتىپ چۇقان سىلىشىغا ئۇچۇردى. ھەر بىر قىتم توپ ئالغاندا، ھۇجۇم قىلغاندا ھەممەيلەن چاقىرىپ ئىسقىرتىپ چۇقان سىلىشتى، ھەتتا يەنە ئارىلاپ-ئارىلاپ « Xتەلۋە » دىگەن تىللاش سادالىرى ياڭراپ تۇردى.
  مۇسابىقە باشلىنىپ تەنھەركەتچىلەرنى تۇنۇشتۇرغان چاغدا، نەخ مەيدان رىياسەتچىسى  شىرئەلىجان بىلەن قىرانبېكنىڭ ئىسمىنى ئىلان قىلىشى بىلەنلا نەخ مەيداندىن غايەت زور ئىسقىرتىش سادالىرى كۆتۇرۇلدى.  بىيجىڭ توپ مەستانىلىرى بىلەن شىرئەلىجان « ھېكايىنىڭ پىلتىسى » بولسا ئالدىنقى پەسىللىك ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۈگۇلگەن، ئەينى ۋاقىتتا شىرئەلىجان بىر ھاقارەتلەش خارەكتىرى بار دەپ قارىلىدىغان « كۈنلۈك تۇتۇش » ھەركىتىنى چىقارغان، بىراق شىرئەلىجان كىيىن زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا چۇشەنچە بىرىپ بۇ ھەركەتنىڭ  داڭلىق كارتون فىلىم « دىڭىز ئوغرىسى پادىشاھى » دە چىقىدىغانلىقىنى ئىيتقان، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئىغىر جازاغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ كەتكەن.  بىراق شۇنىڭدىن كىيىن شىرئەلىجان   بىيجىڭ توپ مەستانىلىرى قەلبىدىكى « قارا تىزىملىك » كە چۇشۈپ قالغان.
مۇسابىقىدىن ئىلگىرى تەنھەركەتچىلەر تۇنۇشتۇرۇلغاندىن باشلاپ، بىيجىڭ توپ مەستانىلىرى  ئىسقىرتىش سادالىىنى ئوچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن شىرئەلىجانغا تەقدىم قىلدى.  شۇندىن كېيىن،  شىرئەلىجان ھەر قىتىم توپ قۇبۇل قىلغاندا ، توپ كونتۇرۇل قىلغاننىڭ ھەممىسىدە تاماشىبىنلارنىڭ ئىسقىرتىپ چۇقان سىلىشىغا ئۇچۇردى.  تەرتىپىلك ئىسقىرتىش ساداسىدىن باشقا ھۇجۇم قىلىپ توپ چۇشمىگەندىن كىيىن يەنە « Xتەلۋە » دىگەندەك تىللاش سادالىرىمۇ بولدى.
شىرئەلىجانغا ئوخشاش « ئىززەت-ھۆرمەت » كە مۇيەسسەر بولغانلاردىن يەنە قىرانبېك ماقان بار. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۈنجى چوڭ جېڭىدە، قىرانبېك مابۇرىنى جەينەكلىگەنلىگى سەۋەبىدىن بىيجىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ قارشى ئالمايدىغان تەنھەركەتچىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرىقى چارەكلىك مۇسابىقە مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا 6.8 سىكىنۇت قالغاندا قىرانبېك جازا توپ ئېتىش سىزىقىغا چىقتى. كۈرۇش سۇپىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى « ماقان، Xتەلۋە » دەپ چۇقان سىلىشقا باشلىدى. ھەتتا بىيجىڭ كوماندىسى تەنھەركەتچىسى لى گېن جازا توپ ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا، كۈرۇش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرى يەنىلا يۇقۇرى ئاۋازدا ئادەم تىللاپ چۇقان سىلىۋاتاتتى، نەخ مەيدان رىياسەتچىسى  ئەسكەرتىپ كۆپچىلىك؛ « ئۆزىمىزنىڭ تەنھەركەتچىلىرى جازا توپ ئاتقاندا ئاۋاز چىقارمىساڭلار بۇلامدۇ؟ » بەزى توپ مەستانىلىرى بوش كەلمەستىن يۇقۇرى ئاۋازدا « جازا توپ تۈگىدى ! » دەپ ۋاقىرىشى بىلەنلا تىللاش يەنە داۋاملاشتى.
قىرانبېكنىڭ ئىسمى توغرىسىدا، مەرگىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىسى يۈجىيا ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مەخسۇس چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەن. قىرغىز مىللىتىنىڭ ئادىتى بۇيىچە  قىرانبېك ئۇنىڭ ئىسمى، كەينىدىكى ئىسىم ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى.  قىرانبېكنىڭ دادىسى نەچچە يىل ئىلگىرى ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن. يۈجىيانىڭ مىكرو بىلوگىدا تارقىتىشنىڭ مەقسىدى كەسىپداشلارغا ئەسكەرتىش بىرىپ، ئۇلارنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادىتىنى ھۆرمەتلەش، چۈشەندۇرۇش داۋامىدا ئۇنى ئادىيلاشتۇرۇپ ماقان دەپ ئاتىماسلىق، قەدىيناس ئاغىىينىدەك ھۆرمەتلەشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت.

  سىنا تەنتەربىيىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى بىلەن بىيجىڭ توپ مەستانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىغىزچە دوقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ئەسلى تەرجىمە مەنبەسى؛  http://sports.sina.com.cn/cba/2015-01-21/20327491943.shtml



  

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:50:16

  ماۋۇ بېيجىڭلىقلارنىڭ ساپاسى ئەجەپ تۆۋەنكىنا ؟ ئاستانىنىڭ ساپاسى بۇ بولسا باشقا جايلاردىن ئاغرىنمىساق بولغۇدەك جۇمۇ ...................

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:07:43

مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بولدى ؟

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:09:17

albAX يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 08:50 static/image/common/back.gif
ماۋۇ بېيجىڭلىقلارنىڭ ساپاسى ئەجەپ تۆۋەنكىنا ؟ ئاستان ...

ئەگەر.مۇسابىقە.دىيارىمىىزدا،تىللانغىنى.شىرئەلىجان،ئەمەس.ئۇلاردىن.بىرى.بولغان.بولسا.......:shutup:

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:36:41

3140 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:09 static/image/common/back.gif
ئەگەر.مۇسابىقە.دىيارىمىىزدا،تىللانغىنى.شىرئەلىجان، ...

  بىز ئۇنداق قىلمايمىز ، ئەنئەنىمىزدە مىھمانلارنى ئىززەتلەش بار ئەمەسمۇ ؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭچە بۇ ساپاسىزلىق ، قاتتىقراق ئېيتقاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سېلىش . ھىچكىمنى ئەمەس شىرئەلى بىلەن قىرانبىكنى شۇنداق قىلغىنىغا قارىغاندا ئۇلار ساپاسىزلارلا ئەمەس مىللەتچىلەر بولسا كىرەك .

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:52:06

دوسلۇق بىرىنچى مۇسابىقە ئىككىنچى

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:52:48

asalam يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:07 static/image/common/back.gif
مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بولدى ؟

يىڭىلىپ قالدى:dizzy:

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:33:53

ئۇلار مۇسابىقە كۆرەمدىكەن ياكى مۇسابىقە كۆرەمدىكەن . . . .

قاچانمۇ بىر ياپتا گەپ قىلماي ئۆي پىكىرلىرىمىزنى ئۇدۇل ئىپادىلەيدىغان بولارمىز:lol:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:53:35

بېيجىڭلىقلارنىڭ ساھىپخان ئەخلاقىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى پۈتۈن جۇڭگۇ ئەھلىگە ئايان. خەنزۇچە تورلاردا ئۇلارنىڭ موچەنچىلىك يۈزى يوقكەن،  ئاۋۇ نەخ مەيداندىكى تاماشىبىن قېرىندىشىمىزدىن تەسىرلەندىم، شۇغىنىسى بەكلا يالغۇز كەپقاپتۇ…

keyseri8 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:18:07

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:32:27

:lol

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:49:33

3140 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 09:09 static/image/common/back.gif
ئەگەر.مۇسابىقە.دىيارىمىىزدا،تىللانغىنى.شىرئەلىجان، ...

تىنىش بەلگىلىرىگە ئەجەب ئامراقكەنسىز؟

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:57:08

ساپاسىزلىق ،ئۇلار‹‹ شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى،› نى ياخشى ئۆگەنسە بولغۇدەك.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:25:15

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 10:41 static/image/common/back.gif
ئىشەك شاۋچىلار .....................

:lol :lol ئوي -پىكىرنىڭ ئەڭ ئۇدۇل ئىپادىلىنىشى بوپتۇ مانا

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:41:48

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 10:41 static/image/common/back.gif
ئىشەك شاۋچىلار .....................

قەلىبتىن چىققان ئىنكاس!!:handshake {:143:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:08:56

激将法   ئىشەتكىنى، يەنى قەستەن رەقىبىنىڭ ئچچىقىنى كەلتۈرۈپ، پىسخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ياكى خاتالىققا يول ئالغۇزۇش.
36تەدبىرنىڭ بىرى.

ukinix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 18:00:56

پۈتۈن دۆنيا بۆلارنىڭ ساپاسىنى خېلەئوبدان بىلىدۆ.

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 20:12:21

چەت ئەللىكلەر ئەخلەت دەيدىكەن ،بېيجڭلىقلارنى

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 22:24:30

ناچارلىغىنى  شۇنچە   چوڭ مەيداندا ئىزا  تارتماي  ئىپادىلەپ  يۈرگەن بەسەيلەرنىڭ ئادەتتىكى  ۋاقىتلاردىكى  ناچارلىغى  قانچىلىكتۇ .
بەت: [1] 2
: شىرئەلىجان بىيجىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىسقىرتىش چۇقانىغا ئۇچۇردى