raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 23:25:14

سەنمۇ چارچاپسەن (ئابدۇراخمانغا مەرسىيە)



سەنمۇ چارچاپسەن
- ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇراخمانغا مەرسىيە

تۈندىكى ئادەم

ئابدۇراخماننى ئۆلدى دېدى بىرى،
ئابدۇراخمان مۇش ياراتتى، دېدى بىرى،
ئابدۇراخمان ھايات، دېدى يەنە بىرى...
مەن تۇرۇپ قالدىم
نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ
جەزمەن بىر نېمە دېيىشىم كېرەكتەك.
لېكىن مەن ئابدۇراخماننى ئۆلدى دېيىشنى خالىمايمەن
چۈنكى ئابدۇراخمان
تۇتۇپ تۇرار قۇلۇمنى شۇ تاپ.
ئابدۇراخمان مۇش ياراتتى دېيىشتىن قورقىمەن
ئۇ ياراتقان مۇش
ئۇدۇل كېلىپ مېنى ماخچايتىۋىتىدىغاندەك
نىچۈن مۇشت ئاتمايسەن دەپ،
ئابدۇراخماننى ھايات دېسەم
غايىپ بولار ھايات
ئابدۇراخمان غايىپ بولغاندەك...
ئۇ يېنىمدا ئەمەسمىدى
ماڭا مۇشت ئاتقان ئەمەسمىدى
ئۇ ھاياتنى مەغلۇپ قىلغان ئەمەسمىدى
دەپ قالارمەن كىيىكتەك بوزلاپ.

ھەي ئابدۇراخمان
ھەي تەكلىماكان
ھەي ئاسمان
ھەي بىچارە، ئۇيغۇر بولۇپ قالغان
ئەگەر سەن ئېنگىلىز بولۇپ قالغان ۋە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بولار ئىدىڭ دۇنيانىڭ بوكسيور ئاتىسى،
توكيودا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بۇلار ئىدىڭ ياپونلارنىڭ ئىلاھەسى.
بىراق سەن مۇشۇ تۇپراقتا تۇردۇڭ
مۇشۇ تۇپراقتىن كەلگەنلىكىڭگە
كەتسەڭ مۇشۇ تۇپراقنىڭ قوينىغا ئالقدىغانلىقىغا ئىشەندىڭ.
رەقىبىڭگە بىر مۇشت ئۇرغاندا
مۇشۇ تۇپراقنىڭ
ئاچ-يېلىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ
ئاسمىنىڭدىكى ئۇچار قاناتلارنىڭ
ھەر تۈپ گۈل-گىياھ ھەتتا ئەخلەتنىڭمۇ
ساڭا ئۈنسىز تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى
بېشىنى كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭ،
تۈگۈلگەن مۇشتۇم مۇشۇ ۋەتەننىڭ دەپ ئىپتىخارلاندىڭ
رەقىبىمنى يىقىتقىنى مەن ئەمەس ۋەتەندۇر، دېدىڭ،
ئۇسسىغاندا تەڭلەنگەن لاي سۇ
سېنى مىڭ يىللىق توغراقتەك قىلدى قەيسەر
ھارغاندا مەنزىلىڭگە يەتكۈزگەن ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سۈرئىتى
نەزەرىڭدە چىڭلۇڭنىڭ ئايرۇپىلانىدىنمۇ تېز ئىدى...

بۈگۈن مەن چارچىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانىدىم
توۋا دەيمەن،
سەنمۇ چارچاپسەن
بىر ياتقانچە ئويغانماپسەن
سېنى چارچىتىدىغانلار ئويغىتالماي
سېنى «كېتىپتۇ» دەپتۇ.
بىراق كەتسەڭ نەگە كېتىدىغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
كىندىك قېنىڭنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
سېنىڭ بۇ ۋاقىتلىق ھاياتتىن
مەڭگۈلۈك ھاياتقا يول ئالغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
نېمە بىلسۇن ئۇلار-
سېنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىڭنى بىر پەس...
مۇشتى تۈگۈلگەن پېتى... دېيىشىدۇ
دېمەك، سەن يەنە بىر جەڭگە تەييارلىنىپسەن
يوقۇتۇشقا، يوقۇلۇشقا ئەمەس!

2015-يىلى 21-يانۋار

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 06:48:53

ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاپتۇرىچۇ؟

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:23:02



        
        شېئىر چىمپىيۇنىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە بولغان قايغۇ-ھەسرەت ۋە ھۆرمەت-ئىپتىخارنى جايىدا ئىپادىلەپ بېرىپتۇ.
      
       ‹‹توكيودا تۇرىۋاتقان بولساڭ
       بۇلار ئىدىڭ ياپونلارنىڭ ئىلاھەسى.››دېگەن مىسرالاردىكى ‹‹ ئىلاھەسى››دېگەن سۆز ئەرلەرگە ئىشلىتىلسە مۇۋاپىق بولماسمىكىن!؟

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:15:15

سەبرى قىلىڭلار

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:30:22


    دىمىسىمۇ ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق دىگەندەك ،ئىنىمىز ھايات چىغىدا ئانچە مۇنچە ياراتقان نەتىجىسىنى رادىيو -تىلۋىزىيەلەردىن كۆرۈپ قالمىساق ،بۇ تور دۇنياسىدا زادىلا تاپ قىلى بولمايتى. مانا ئەمدى خەۋىرى چىقىۋىدى پۈتۈن تور ،ئۈندىدارلار قايناپ كەتتى. ھايات ۋاختىدا قەدرىنى قىلىشنى، مەدھىيەلەشنىمۇ ئۈگىنى ۋالايلى
    پەلۋانىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئوغلانىمىزدىن ئايرىلدۇق ، ئەلۋىدا. ياتقانيىرى جەننەتتە بولغاي، ئائىلە تاباۋەتلىرىگە سەۋرى بولغاي. بىر ياخشى بالا ئىدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:49:10

37 ياش...
ئاخىرەتلىگى خەيرىلىك بولغاي!
تېرىكلەرگە بەرىكەتلىك ھايات نېسىپ قىلسۇن!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:04:37

ئەڭ ئاخىرقى بىر تېمىم قۇۋۋەتنى سۈمۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي
ساپىقىدىن ئاجراپ چۈشكەن قىزىل ئالمىدەك
تۇپراقتىن كەلگەن ئىدىڭ
يەنە تۇپراققا قايتتىڭ دوستۇم
بىزمۇ بىر كۈن ساقىيمىز
سېنى يالغۇز قويمايمىز دوستۇم...
ئەلۋېدا...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:05:08

كەلمەكمۇ ھەقتىن ،
كەتمەكمۇ ھەقتىن.
بەزى مەرسىيەلەردىن كۆرە ،مەرھۇم جىسمانىيەت ۋە مەنىۋىيەتتە تەڭ يېتىشكەن كىشى ئىكەنتۇق .ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن.

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:00:23

ئەگەر ئاسيا بوكىس چىمپىيۇنىمىز ھايات بولغان بولسا ئۇنى پەقەت بىر بوكسىيۇرچى دەپلا ئۆتۈپ كېتەركەنمەن، مەرھۇم بىزدىن ئايرىلدى، مەن شۇندىلا باشقىلارنىڭ قەلىمىدىن ئۇنىڭ يەنە ياخشى بىر مۇنبەر يازغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مەرھۇمغا بولغان قايىللىق، سۆيۈنۈش، ئالقىشلار ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە !!!!؟
بەت: [1]
: سەنمۇ چارچاپسەن (ئابدۇراخمانغا مەرسىيە)