MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:57:26

ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى

بۇ مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن ئوغلانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولدى.

ھەي نېمە دەيمىز، مەرھۇم ئوغلانىمىزنى كىچىكىمدە گېزىت – ژورناللار ۋە تېلېۋىزورلاردىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئابدۇراخمان ئابلىكىملارنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوغۇللار ئارا بوكىس پەلىيى سېتىۋېلىپ مەشىق قىلىش مودا بولغان ئىدى. مانا شۇ بىزلەرگە ئوت ياققان ئوغلانىمىزنى ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ يوللاپ قوياي دېگەن نىيەتتە ئىزدەپ شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان تەرجىمھالىنى تېپىش تەسراقكەن. ھازىر يېزىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسىبەت خەۋىرىدىن كېيىن يوللانغان تېمىلاركەن. ئويلاپ قالدىم، ئەجىبا بىرى ئارىمىزدىن كەتمىسە ئۇنى ئەسلىمەمدۇق؟! ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم.

بەزى جايلىرىنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بوكس ھەركىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، جوڭگو بوكسچىلىق تارىخىدا ناھايىتى زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان، تۇنجى بولۇپ جوڭگودىن  ئاسىيا چىمپىيونى بولغان ، ئاسىيا بوكس سەھنىسىدە نۇرغۇن ماھىرلارنى قورقۇتقان بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى - ئابدۇراخمان ئابلىكىم.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى  ئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى.
1995-يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىبىگە كەلدى.
ئۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، تېرنېرى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرىشىتنىڭ يېتەكچىلىگىدە كەسپىي بوكس مەشقىنى باشلىدى.

1998-يىلى شىنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
1999-يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ھىندىستان، كورىيە ۋە قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى يېڭىپ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا جوڭگودىن چىققان تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ قالدى.
1999-يىلى ئۇ يەنە گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيپون بولدى
2000-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.

2000-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە پولشا ماھىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، گەرچە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىدە پەرىق بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن چوڭ خەلقئارا مۇسابىقە تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى دەل ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا سەۋەپ بولدى.
2001-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا 3-بولدى.
2001-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسى 75 كىلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.

2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.
2002-يىلى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
2003-يىلىغا كەلگەندە ئولىمپىكنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى- گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزىلىدىغان 28-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىستىگىدە قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان بەل كۆمۈرچەك ئۇمۇرتقىسى چىقىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە شۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
شۇنداقتىمۇ ئابدۇراخمان يەنىلا مەشىقنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇردى.
2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس  چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى.
2008-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تېرنېر ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ئىشلىدى.
2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
2009-يىلى 11-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 2-مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.
شۇندىن كېيىن بوكس سەھنىسىدىكى 15 يىلغا يېقىن ماھىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201501/21/184622l3l1s1xem5h4mo8t.jpg
مەرھۇم پەقەت بوكىسچى بولۇپلا قالماي يەنە تەرجىمانلىق، يازغۇچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

بىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆزى تاماملاپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئۆز شاگىرتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە جوڭگو بوكسچىلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:28:46

ئۇغلانىمىزنىڭ  ياتقان  يىرى جەننەتتە   بۇلغاي..  ئۇرۇغ-تۇققانلىرىغا  سەۋىر   تىلەيمىز:(

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:34:59

كەتكەنلەرنى ئاللاغاتاپشۇردۇق .

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 22:53:35

37ياشلىق قىران يىگىت. . .
قىسقىغىنە ھاياتىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۆزىنى باققان ئانا تۇپراققا شۇنچىلىك جاۋاب قايتۇرالىغان ئەزىمىتىمىز بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرالايدىغان كىشىلىرىمىز قانچىلىكتۇ؟

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 23:40:43

يۈرەك كىسىلىنىڭ ياشلاردا يامراۋاتقانلىقى ئ‍ويلىنىشقا ئ‍ەرزىيدۇ،مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:53:21

بايا مەرھۇمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى كۆرۈۋىتىپ كۆزۈمگە لۆممىدە ياش كەلدى.
ئوغلانلىرىمىز ئامان بولسۇن!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 01:00:18

ھەي يۈرەك يۈرەكتىنلا كىتىۋاتىدىغۇ ...

بىز ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچىلاردۇرمىز

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:17:44

پەلۋانىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئوغلانىمىزدىن ئايرىلدۇق ، ئەلۋىدا. ياتقانيىرى جەننەتتە بولغاي، ئائىلە تاباۋەتلىرىگە سەۋرى بولغاي. بىر ياخشى بالا ئىدى. :'(:'(:'(

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 09:58:14

ياتقان يېرى جەننەت بولغاي....

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:30:10

تۆنۈگۈن ئەتىگەن تۈگەپ كەتكىنگە ئىشەنمەي قالغان ، قىران ۋاقىتتلىرى ئىدى .

ئەلۋىدا ئابدۇراخمان

خاتالاشىمسام گۈلۈگ دېگەن بىر مۇنبەر بولدىغان شۇنىڭدىكى قىزىق مۇنبەرىچلەرنىڭ بىرى ئىدى.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:09:18

Estami يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 10:30 static/image/common/back.gif
تۆنۈگۈن ئەتىگەن تۈگەپ كەتكىنگە ئىشەنمەي قالغان ، قىرا ...

گۈللۈككە كىرىپ ئاكىللىس، راخمانىزىم نامىدىكى يازمىلارنى كۆرۈڭ، ئابدۇراھمان شۇ

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:59:45

ھازىر قېرىندىشىمىز ئابدۇراھماننىڭ نامىزىدىن قايتىپ كىرىشىم. مەن ئابدۇراھماننى پەقەت مىدىيالاردىنلا بىلگەن كىشى ئېدىم. ئەتىگەن بامداتتىن كىيىن ، ئايالىمغا ماتىرىيال چۈشۈرۈپ بەرگەچ ،ئىزدىنىشتا بۇ خەۋەرنى كۆردۈم. «سېپىل ۋە سېپىل مەنتېقىسى »نى ئوقۇدۇم  ،كەينىدىن ئابدۇراھمانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يازمىلارنى ئىز قوغلاپ كۆرۈپ،يىغلاپ كەتتىم. مېنىڭدەك ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغان ئادەمنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئايالىممۇ ھەيران قالغان ئېدى. ماڭا ئۇنىڭ داڭ چىقارغانلىقىدىن بەكرەك ئادىمىيلىك پەزىلىتى تەسىر قىلغان ئېدى. ..ھەي قېرىندىشىمدىن ئايرىلىپ قاپتىمانغۇ...:'(
تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت خالىس ناماز ئوقۇپ ،مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم . ئاندىن مەسچىتكە چىققان ئېدىم،ئادەمگە توشاپ كېتىپتۇ،  خىيالغا پاتقانچە ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن، كۆزلىرىمدىكى ياش ئىرادەمگە بوي سۇنماي تۆكۈلگىلى تۇرۇپتۇ، ئۆزۈمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام، نۇرغۇن بالىلار مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ. نامازدىن يېنىپ تۇرسام ، بىر مويسىپىت كېلىپ «بۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمى نىمىتى بالام، تىلىمنىڭ ئۇچىدىلام ،پەقەت ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن!»دەپ سورىدى. «ئىسمى ئابدۇراھمان!» دىيەلىدىم ئارانلا. ئۇ مويسىپىتقا  ئابدۇراھماننىڭ پەزىلىتى ، قەيسەرلىكى، مەردانىلىقى « سېپىل مەنتىقىسى» توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگىم بار ئېدى .تىلىمغا پەقەت گەپ كەلمىدى.تۇمشۇقۇم قىزىرىپ، ئىچىمدىن بىر نەرسە بىراقلا ئۆپكەمگە قاپلىشىپ قېلىپ ، ئاستا ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدىم...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:17:50

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 08:59 static/image/common/back.gif
ھازىر قېرىندىشىمىز ئابدۇراھماننىڭ نامىزىدىن قايتىپ ك ...

سەبىر ئەڭ چىرايلىقتۇر !
ئاللاھىم ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلسۇن

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:19:12

ئاشۇ گۈللۈك دېگەن مۇنبەرنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇڭلار بىر.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 14:58:31

www.gullug.com
بۈگۈن مەن تەرەپتە زادىلا نورمال ئەمەس گۈللۈك، باشقىلار نورمال دەيدۇ
بۈگۈن گۈللۈك قارا ھالەتتە، توغرا چۈشىنىڭلار

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:33:31

MVXVK يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 14:58 static/image/common/back.gif
www.gullug.com
بۈگۈن مەن تەرەپتە زادىلا نورمال ئەمەس گۈللۈك،  ...

مەن ئاچساممۇ قاپقارا تۇرىدۇ بۈگۈن

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 16:20:58

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 15:33 static/image/common/back.gif
مەن ئاچساممۇ قاپقارا تۇرىدۇ بۈگۈن

قارا بولۇشى ماتەمنى بىلدۈرىدۇ

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 19:01:00

مەن گۈللۈگ مۇنبىرنى تاقىلىپ قالغان چېغى دەپ يۈرۈپتىمەن . رەھمەت مۈشۈك .

bugle يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 23:20:46

MVXVK يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 12:09 static/image/common/back.gif
گۈللۈككە كىرىپ ئاكىللىس، راخمانىزىم نامىدىكى يازمىل ...

گۈللۈك ؟
بولسا ئادرىسىنى ۋە ئابدۇراخماننىڭ تىمىلىرىدىن بىرنى يوللاپ بەرسىڭىز بولۇپتىكەن .

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 23:31:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Teghdrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 00:09  

كۆزلىرىڭ كۆك ئىكەنتۇق باتۇر .
بەت: [1] 2
: ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى