waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:35:08

تەڭرىتاغ كوماندىسى بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز ئۈچۇنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  بىيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ چارەكلىك مۇسابىقىدە چوڭ نۇمۇر پەرقىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئاخىرىقى چارەكلىك مۇسابىقىدە مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈملۇك بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى كىچىكلىتىپ تۆت نۇمۇرغا چۇشۇرگەن بولسىمۇ ھالقىلىق ۋاقىتتا بەزى ئورۇنسىزسەۋەنلىكتىن خالى بۇلالمىدى، بىراق بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ھالقىلىق ۋاقىتتىكى مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى يەنىلا زۇرايتتى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 106-115 نەتىجە بىلەن رەقىبى بىيجىڭ كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى.  تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتى ئاخىرلاشتى. بىيجىڭ كوماندىسى  ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مەغلۇپ بولغاندىكى ئۆچىنى ئىلىش بىلەن بىرگە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 39 نومۇر، 17 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  20 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇچى 21 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1 قېتىم قالپاق كىيدۇردى؛ لىيۇۋىي 14 نومۇر ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبېك ماقان 9 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 3 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە  1 قىتىم توپ تارتىۋالدى.
  يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق مىھمان مەيدانىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى