uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:01:31

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 21-01

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1217.75  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1280.08  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 93.01 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1296  دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:     

تۈنۈگۈن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى QE دائىرىسىدە ئېنىقسىزلىق ھالىتى ساقلانغانلىقى ھەمدە IMF پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرى تۆۋەنلىشى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ 1296.80 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى سائەت 11:30 ئەتراپىدا ئېلان قىلىدىغان ياپونىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارى . ياۋروپا ۋاقتىدا  مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە مەركىزى بانكا 17:30 ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەنگلىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر  يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنى مۆلچەردىكىگە ماس كەلسە ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئاشسا پوند ستېرلىڭ چوڭ دائىرىدە تەۋرىنىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى .

مەشغۇلات باسقۇچى :

ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1285 دوللاردىن 1300 دوللار ئارلىقىنى ئاساس قىلىپ تەۋرىنىدۇ . ئاسىيا بازىرىدا 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ  ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1297-1300 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ ئەمما چۈشۈش بوشلۇقى چەكلىك بۇلۇپ قىسقا ۋاقىتلىق ئاساسى يۆلىنىش يەنىلا ئۆرلەش .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1300 1305
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1285 1280

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1280-1310
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1273
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى1300

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

    بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 93.05 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1290 دوللار ئەتراپىدا بولغان ، نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 256.55 يۈەن ، كۈمۈشنىڭ  خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.58 يۈەن بولۋاتىدۇ  . خەلقئارا كۈمۈش باھاسى  كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 17.9 دوللارغىچە بولغان . تۈنۈگۈن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى QE دائىرىسىدە ئېنىقسىزلىق ھالىتى ساقلانغانلىقى ھەمدە IMF پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرى تۆۋەنلىشى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ 1296.80 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى سائەت 11:30 ئەتراپىدا ئېلان قىلىدىغان ياپونىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارى . ياۋروپا ۋاقتىدا  مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە مەركىزى بانكا 17:30 ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەنگلىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر  يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنى مۆلچەردىكىگە ماس كەلسە ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئاشسا فوند ستېرلىڭ چوڭ دائىرىدە تەۋرىنىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى  .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 256.55 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.58 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ

      1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى كەڭ پۇل سىياسىتى تەسىرىدە ، ياپونىيە يېنى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى پەسىيىشكە باشلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياپونىيە مەركىزى بانكا قارارى ، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ۋە كانادا مەركىزى بانكا قارارى قاتارلىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      تۈنۈگۈنكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، دۇنيا ئىقتىسادى مۆلچەرىدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ، جۇڭگونىڭ 2014 - يىلىدىكى ئىقتىساد ئېشىش ئەھۋالى تۆۋەنلەپ 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى ، ھەم ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىن قارارى تەسىرىدە نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ گەرچە دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازىرى ئارام ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن نېفىت باھاسى يەنىلا تۆۋەنلىگەن .





ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

    چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13:50 دە خەلقئارا ئالتۇن بازار ئېچىلىش باھاسى 1295 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن 1290 دوللار ، ئەڭ يۇقىرى 1302 دوللار بولغان . نۆۋەتتە 1300 دوللاردىكى باھادا بولغان .
   كۆپلىگەن كىشىلەر ياۋرۇپا مەركىزى بانكا 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى يىغىندىن كېيىن (QE) مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسىتىنى ئېلان قىلىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن . پەيشەنبە كۈنىدىكى ياۋروپا مەركىزى بانكا يىغىنى بازارنىڭ دىققەت مەركىزى بولىدۇ ، شۇنداقلا گرېتسىيە چوڭ سايلىمى بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .





مۆلچەردە ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى 2017- يىلغىچە داۋاملىشىدىكەن

        Morgan Stanley  دۈشەنبە كۈنى (1 - ئاينىڭ 19- كۈنى ) ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىشى نۆۋەتتە 2017 - يىلغىچە داۋاملىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.
     دوكلاتتا كۆرسەتمە بېرىپ، گەرچە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتە شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تۇيۇقسىز بەرگەن ئۆسۈم نىسبىتى دوكلاتى ئېلىپ كەلگەن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ 5% كە يېقىن ئۆسكەن، لېكىن مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاساسىي مۆلچەرىدە " بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يەنىلا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ" دەپ مۆلچەرلەنگەن. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب " بىر تەرەپتىن خەلقئارا ماي باھاسىنىىڭ تۆۋەنلىشى پۇل پاخاللىشىش مۆلچەرىنى كېمەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى خەلقئارا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ."
       دوكلاتتا يەنە ، بىر قىسىم مۇھىم ئىقتىسادىي سىستېمىدىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ ھەممىسى كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويغان، ياۋرۇپانىڭ ئىقتىساد ئېشىشى ئاجىزلاشقان، ئامېرىكىدا بەلكىم پۇل پاخاللىقى كۆرۈلىشى مۇمكىن. Morgan Stanley بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە ئايدىكى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چۈشۈش يۆلىنىشىدە بولۇپ، بۇ يىللىق ئوتتۇرچە باھاسىنى تەخمىنەن 1180 دوللار بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.
       ئالتۇن باھاسىنى چۈشىدۇ دەپ قارىغان ئورگانلاردىن پەقەت Morgan Stanley لا ئەمەس ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى دېيىجى بانكىسىمۇ دوكلاتتىكى مۆلچەرىدە ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈش ھالىتنى 2 - پەسىلگىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ، " يېقىندا خەلقئارا ئالتۇن باھاسىغا تىرەش بولغان ئامىل پەقەت ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنىڭ تۆۋەن پايدا نىسبىتى ۋە شىۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ شىۋېتسارىيە فىرانكىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش يۇقىرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن قەرەللىك مال ئالتۇن مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بولغان." دەپ ئېيتقان .






ئالتۇن بىلەن دوللار تەڭ ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى

       چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسىتىپ 1290 دوللاردىكى ئۆتكەلدىن بۆسۈم ئۆتكەن ، شۇنداقلا 5 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى ،  پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرى تۆۋەنلىشى ، جۇڭگو 2014 - يىللىق ئىقتىساد ئېشىش سۇرئىتىنىڭ ئاستىلاپ 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتنى كۆرسىتىشى ، ھەمدە ياۋروپا مەركىزى بانكا يىغىنى گرېتسىيە چوڭ سايلىمى بازارغا ئېنىقسزلىق ئېلىپ كېلىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان .
      تىلغا ئېلىشقا ئەرزىدىغان بىر نۇقتا بولسا ، ئالتۇن باھاسى دوللارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆسۈشى ، چارشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچ 0.6%  ئۆرلىگەن بولۇپ ، 11 - يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى . ئالتۇن ۋە دوللارنىڭ تەڭ ئۆسۈش ھالىتى كۆرۈلدى .
     ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا 1 - ئايلىق NAHB ئۆي-جاي بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 57 ، مۆلچەر قىممىتى 58 ،  12 - ئايلىق سانلىق مەلۇماتىدا 57 دىن 58گە ئۆزگەرگەن .




دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

         1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 93.0915 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 92.6616 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.91 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.20% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 93.0545 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  93.05 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.777 ، سېتىلىش باھاسى 92.787 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  93.0537 بولدى .





  
دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 42 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلدى

      جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1268 يۈەن بولۇپ ئالدىنقى كۈندىكىدىن 42 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلگەن ؛ ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئوتتۇرچە باھاسى  6.1226 يۈەن ، بازار يېپىلىش باھاسى 6.2142 يۈەن بولغان ؛
     2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە  باھاسى :
      1دوللار 6.1268 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.1391 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1800 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79031 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.2957 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.0129 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 نىيورك دوللىرى 4.6933 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى  4.5914 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.0626  يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى  0.58720 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 10.5150 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى


بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 21-01