Nijat:كىچىك جىسىملارنى سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 14:47يېقىندىن تارتىش ھالقىسى ئىشلىتىپ كىچىك جىسىملارنى سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى
نىجات مۇھەممەد ئىمىن
يېقىندىن تارتىش ھالقىسى ئارقىلىق تارتىلغان گۈل ۋە ھەسەل ھەرىسى
ئادەتتىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بولسا ئاددى كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان كىچىك جىسىملار ۋە ياكى گۈل بەرگى، قۇرۇت قوڭغۇز قاتارلىقلارنى ئېنىق سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي يېقىندىن تارتىش لېنزىسى بولمىسا تارتقىلى بولمايدۇ دەپ تونۇيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق كەسپىي لېنزىلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ئوخشاش ئۈنۈملۈك سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن يېقىندىن تارتىش ئەينىكى، يېقىندىن تارتىش ھالقىسى، يېقىندىن تارتىش تەتۈر چېتىش ھالقىسى ئىشلىتىش قاتارلىقلار. تۆۋەندە تورداشلارغا باھاسى ئەرزان، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ئىشلتىشىچانلىقى ئەپچىل بولغان يېقىندىن تارتىش ھالقىسىنىڭ پىرىنىسىپى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تەسۋىر پىرىنىسىپى
كۆپچىلىك مەلۇم كۆپۈنكى لېنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى بولسا 1/u+1/v=1/f بۇنىڭدا u بولسا جىسىم ئارىلىقى، v بولسا تەسۋىر ئارىلىقى ،fبولسا لېنزىنڭ فوكوس ئارىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ پىرىنسىپتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئەگەر جىسىم ئارىلىقى 2f دىن چوڭ بولسا تەسۋىر ئارىلىقى 2f بىلەن f ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، دۈم كۆمتۈرۈلگەن كىچىك ھەقىقىي تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ. تەسۋىر ئارىلىقى جىسىم ئارىلىقىدىن كىچىك بولغاچقا تەسۋىرمۇ ئەسلى جىسىمدىن كىچىك بولىدۇ، كامېرا، سىنئالغۇلار مۇشۇ پىرىنسىپقا بويسۇنىدۇ.
ئەگەردە جىسىم ئارىلىقى 2f بولسا ، تەسۋىر ئارىلىقىمۇ 2f بولىدۇ بۇ چاغدا دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئەسلى جىسىم چوڭلۇقىدا بولغان ھەقىقىي تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ.
ئەگەر جىسىم ئارىلىقى 2f دىن كىچىك f دىن چوڭ بولغاندا تەسۋىر ئارىلقى 2f دىن چوڭ بولۇپ دۈم كۆمتۈرۈلگەن چوڭايتىلغان ھەقىقىي تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ. جىسىم ئارىلىقى تەسۋىر ئارىلىقىدىن كىچىك بولغاچقا تەسۋىر ئەمەلىي جىسىمدىن چوڭ بولىدۇ، پرويىكىسيە ئاپىراتى، كېنو قويۇش ئاپىراتى مۇشۇ پىرىنسىپقا چۈشىدۇ.
لېنزىنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى
چوڭايتىش ھەسسىلىكى دېگىنىمىز جىسىمدىن قايتقان نۇ لېنزىدىن ئۆتۈپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەكشىلىكىگە چۈشكەندىكى چوڭلۇقى بىلەن ئەسلى جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتتۇر، لېنزىنىڭ پارامىتېرلىرىغا قارايدىغان بولساق ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار،ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى دېگىنىمىز لېنزىنىڭ ئەڭ چوڭ فوكوس فوكوس ئارىقىلقىنى ئشىلىتىپ جىسىمغا ئەڭ يېقىن ئارىقىتا تەسۋرى سەزگۈچتىكى ئوچۇق بولغان سۈرەت چوڭلىقى بىلەن ئەمىلى جىسىم چوڭلۇقى نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە كۆپىنچە لىنزىلارنىڭ ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 1 دىن كىچىك بولىدۇ، يەنى تەسۋرى سەزگۈچ يۈزىدىكى تەسۋىر چوڭلىقى ئەمەلىي جىسىمدىن كىچىك بولىدۇ. كانون EF24-70mm f/2.8 مىسالغا ئالساق بۇ لېنزىڭ ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 0.29 ، يەنى 70مىللىمېتىرلىق فوكوس نوقتىسىنى ئىشلىتىپ، تولوق يۈزلۈك تەسۋى سەزگۈچىسى بار كامېرا بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا 10 مىللىمېتىرلىق جىسىمدىن بىر نى سۈرەتكە تارتساق 36mmX24mm چوڭلۇقتىكى تەسۋىر سەزگۈچتىكى تەسۋىر چوڭلۇقى 2.9 مىللىمېتىر چوڭلۇقتا كۆرۈنىدۇ دېگەن گەپ. كانون EF100mm f/2.8 تىپلىق لېنزىنىڭ ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 1 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ كەسپىي يېقىندىن تارتىش لېنزىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 1 گە يېقىنلاشقان ياكى بۇنىڭىدىن چوڭ لېنزىلار مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ.
يېقىن ئارىلىقتىن تارتىش ھالقىسى
يېقىن ئارىلىقىتىن تارتىش ھالقىسى بولسا ھىم بولغان نۇر ئۆتكۈزمەس ماتېرىيالدىن ياسالغان ھالقىسىمان سىلىندىر بولوپ، ئادەتتە كامېرا بىلەن لېنزا ئوتتۇرىسغا سېلىپ ئىشلىتىمىز. بۇنداق بولغاندا لېنزىنىڭ تەسۋىر ئارىلىقى زور دەرىجىدە ئۇزۇنلاپ جىسىم ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ھاسىل بولغان تەسۋىر زور دەرىجىدە چوڭىيدۇ.
يېقىن ئارىلىقتىن تارتىش ھالقىسى 2-نومۇر ۋە 3-نومۇر بىرىكمىسى
توردا سېتىلىدىغان يېقىن ئارىلىقتىن تارتىش ھالقىسى ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ ئۇلار ئادەتتىكى ، ئاپتوماتىك فوكوس تەڭشەشكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغىنى، فوكوس ئارىلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدىغىنى دەپ ئايرىلىدۇ. بىرىنجى خىلىدىكى ئەرزانراق بولۇپ، مېنىڭ سېتىۋالغىنىم 200 سوم ئەتراپىدىكى مېتالدىن ياسالغان ئىككىنجى خىلى ئىدى. بۇ ھالقا 13mm,21mm,31mm ئۈچ ھالقىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئايرىم ئىشلەتسەكمۇ ياكى بىركتۈرۈپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. جەمئىي 7 خىل گورۇپپىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ چاغدا لېنزىىڭ ئەڭ چوڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 0.39 دىن 1.47 ئەتراپىدا بولىدۇ. مەن 21mm ۋە 31mm ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ كانون 50mm f/1.4 لېىنزا بىلەن بىركتۈرسەم چوڭايتىش ھەسسىلىكى نەخ 1 بولىدىكەن.
يېقىن ئارىلىقتىن سۈرەتكە تارتىش
توردىن سېتىۋالغان يېقىن ئارىلىقتىن تارتىش ھالقىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئىشخانامدىلا سىناشقا كېرىشىپ كەتتىم، دەسلەپتە كانون 18-200mm f/3.5-5.6 IS لېنزىسى بىلەن بىرىكتۈرۈپ سىندىم، ئاپتوماتىك فوكوس تەڭشەش، نۇر ئۆلچەش قاتارلىقلار تەسىرگە ئۇچرىمىدى، لېكىن شۇ فوكوس تەڭشەش سەل قىيىنغا توختىدى. كېيىن كانون 50mm f/1.4 مۇقىم فوكۇسلۇق لېنزا بىلەن سىناپ باقتىم، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. شۇنى ھېس قىلدىمكى تەسۋىر ئەسلىدىكى جىسىمدىن چوڭ بولغاچقا قول ئازراقلا مىدىراپ كەتسە ياكى تارتماقچى بولغان جىسىم ئازراقلا مىدىراپ كەتسە ، نۇر مەنبەسى يېتەرلىك بولمىسا ،سۈرەت سۈپىتىگە تەسىرى چوڭ بولىدىكەن. شۇڭا كامىرانى ئۈچپۇت (تىرەك) ،يېقىن ئارىلىقتا تارتىش دەسىتىسدە مۇقىملاشتۇرۇپ، نۇر مەنبەسىنى ياخشى تەڭشەپ تارتساق سۈرەت سۈپىتى ياخشىراق چىقىدىكەن.
تۆۋەندىكىسى مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تارتىۋالغان بىر قىسىم سىناق سۈرەتلەر:
Canon 60D +EF-S 18-135mm + 21mm+31mm 70 مىللمېتىرلىق فوكوستا تارتىلغان گۈل بەرگى
Canon 50D + EF 50mm f/1.4 + 13mm+21mm+31mm ئانار دانىسى
Canon 50D + EF 50mm f/1.4 + 13mm+21mm+31mm 50 دىيۇملۇيقLED تېلېۋىزۇر ئىكرانى
Canon 50D + EF 50mm f/1.4 + 13mm+21mm+31mm ئۈسۈملۈك بىخى
Canon 50D + EF 70-200mm f/2.8 + 13mm+21mm+31mm جىگدە يوپۇرمىقى
Canon 50D + EF 70-200mm f/2.8 + 13mm+21mm+31mm جىگدە يوپۇرمىقى ئۈستىدىكى چۈمۈلە
ئىسل ئىسىل ھارمىغايسىز بۇرادەر ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم نىجاتكا، ھارمىغايسىز!
ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز تېمىڭىزنى سالونىمىزدا ئېلان قىلساق بۇلامدۇ؟ ئېسىل تىما
ئانار دانىسىدىكى ھۈجەيرىلەر كۆرىنىۋاتامدۇ نېمە:o كۆپ ئىشلىتىدىغان مەسلىكەن، يانفوندا تارتقاندا تەڭشەيدىغان بىرنىمىسى بارمىدۇ؟ يانفوننىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى توغرىسىدىمۇ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز تېمې ئىگسىنىڭ چوگىردا تارتقان ، سامانيولى رەسىملىرى ھەقىقەتەن بەك ئېسىل، چوگىر ئاشۇ كىشى بىلەن بىر چىقسام دەيمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nijat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-25 22:54
f1sherman يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:32 static/image/common/back.gif
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم نىجاتكا، ھارمىغايسىز!
ئەگەر لايى ...
مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ھە راست ئىملادا ئازراق مەسىلە بار ئىدى، ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن شۇلارنى تۈزىتىپ قويارسىز. مەن تۈزىتىۋېتەي دېسەم تېما قايتا تەستىقلنىدىكەن. Ahunbag يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 16:13 static/image/common/back.gif
يانفوننىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى توغرىسىدىمۇ چۈشەنچە ...
يانفۇننىڭ سۈرەت سەزگۈچىسىنىڭ يۈزى ئاددەتتە بەك كىچىك بولۇپ، سەپلەنگەن لېنزىنىڭمۇ فوكۇس ئارىلىقى قىسقا شۇڭا يېقىن ئارىلىقتا ئوچۇق سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ. ھازىر تورلاردا يانفۇنغا سرتتىن سەپلىگىلى بولىدىغان فوكوس ئارىلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان لېنزىلار باركەن. شۇنى سەپلىسەك بەزى چوڭ ئاپىراتلاردا تارتقاندەك سۈرەتلەرنى تارتقىلى بولىدۇ. ساياھەتلەرگە چىققاندا ئىشلىتىدىغانغا ئادەتتىكى فوتو ئاپراتلارنى تاللاپ سىتىۋىلىشتا نمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ مۇمكىن بولسا بىرقانچىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز. فوتو سۈرەتكە تارتىشنى ئۆگىنىشكە تەربىيلەيدىغان ئورۇن بارمۇ ؟ مەن بىر ئۆگىنەي دېگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 22:29
يانفۇندا مەن بىر نەچچە پارچە تارتىپ باققان ،ئۈزۈمگە يامان ئەمەستەك بىلىندى. يانفۇن samsung-G3818,كامىراسى 5مىليون پىكسىل .
بەت:
[1]