[Android] قۇتيار فونتلىغۇچ Samsung نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
ەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلاربىز بىر قانچە كۈن ئالدىدا قۇتيار فونت قاچىلىغۇچىسىنىڭ يېڭى نەشرىگە ئۇچۇر تەمىنلەڭ دېگەن تېمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ناھايىتى كۆپ تورداشلار بۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ «قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ» (تۆۋەندە «قۇتيار فونتلىغۇچ» دېيىلىدۇ) نىڭ سىناق ئىشلىرىغا قاتناشقانلارمۇ كۆپ بولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
شۇنداق قىلىپ بىز Android يانفونلارنىڭ 4.0 نەشردىن باشلاپ 4.4.4 گىچە بولغان rom لىرىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچنى 0 دىن باشلاپ ياساپ چىقىپ مۇۋاپپەقىيەت قازاندۇق. بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم root ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
ئەمدى root يوق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز. بىز بۇنىمۇ ئويلىشىپ ھەرقايسى يانفونلارنىڭ rom لىرىنى كۆزىتىپ چىقتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت samsung نىڭلا (باشقا يانفونلار قولىمىزدا بولمىغاچقا rom نىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسخا ئىقتىدارىنى كۆرۈشكە ئامال قىلالمىدۇق، ناۋادا samsung دىن باشقا يانفونىڭىز بولۇپ root ھوقۇقى ئالالمىغان بولسىڭىز شۇ يانفونىڭىزنىڭ تەڭشەك رايونىغا كىرىپ خەت نۇسخا تەڭشىكى بارمۇ يوق قاراپ بېقىڭ. بار بولسا بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.) خەت نۇسخا تەڭشىكى بولغاچقا سرتتىن خەت نۇسخىسىنى قوشۇشقا بولىدىكەن. شۇڭا بىز مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەپنى ياساپ چىقتۇق.
بۇ ئەپ ھازىرچە پەقەتلا samsung يانفونلىرىغا ماس كېلىدۇ يەنى root ھوقۇقى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدۇ.
ئەپكە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ ۋە ukij نىڭ خەت نۇسخىسىلىرى قوشۇلۇپ 80 نەچچە تالدىن ئاشىدۇ. ئۆزىڭىز قايسى خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئانداق بولسا كۆرۈنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
ساپ ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى بار ئىخچام نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
ئەلكاتىپ ۋە UKIJ نىڭ بىرلەشمە 80 نەچچە تال خەت نۇسخىلىرى بار سېمىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىلىپ قويىدىغانلار بولسا ياق دېمەيمىز
قۇتيار فونتلىغۇچنىڭ root ھوقۇقى بار ھەرقانداق يانفونلارغا ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكتى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى {:112:}
ماۋۇ پەچەت ئىش بولۇپتۇ، root نى يەشكۈسى يوق ياكى يىشىشكە شارائىت بولمىغانلار مىجىق مىجىق خەتنى ئوقۇيالماي قىيلىنىپ يۈرۈشتىن بىراقلا قۇتۇلۇپتۇ.
يارايسىلە.{:112:} زادى فونت دېگەن نىمە؟
فونت،ئەپ ياسىغاندا قانداق باشقۇچلارنى باسىدۇ؟ مەلۇم نەرسىنى ياسايمەن دەپ ئويلاپ ئاندىن ماتىماتىكىغا ئوخشاش
ئويلاپ سېستىما يازامدۇ؟ OPPO Find 5 كە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدىلا ئىشلەنگەن ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، يانفۇننىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان يېرىدىن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا توغۇرلىسام، يانفۇن ئىكران يۈزىدىكى خەتلەر چىرايلىق كۆرۈندى، بىراق توركۆرگۈدىكى، bluedict تىكى خەتلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك سىپتا ئەمەس.
قوشۇمچە:
يانفۇن نەشىرى: 4.2.2 روتلانمىغان بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ، بىراق ماۋۇ شىياۋمىغا بولمىغۇدەك! بۇ پەقەتلا سەنشىڭ يانفونلىرىغا ئىشلەيدۇ. باشقا يانفونلارغا ئىشلەيدىغىنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ پەقەت يانفون ئىچىدىكى ۋە يەرلىكتىكى خەت نۇسخىلىرىغا تەسىر قىلىدۇ تور بەتكەن تەسىر قىلمايدۇ سىكاننىرلاش بەلگىسىنى يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. ئېسىل ئەمگەكتىن بىرنى قىلىپسىلەر ،رەھمەت،قاچىلىۋالدىم Kulke يوللىغان ۋاقتى 2015-01-21 19:09:49 static/image/common/back.gif
بۇ پەقەتلا سەنشىڭ يانفونلىرىغا ئىشلەيدۇ. باشقا يانفون
ئۇنداقتا تور كۆرگۈدىكى خەتلەرنىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق ئاماللار بار؟
كۆڭۈلدىكى خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە بەلگىلەپ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتەلەيدىغان تور كۆرگۈلەردىن قايسىلىرى بار؟ salambay يوللىغان ۋاقتى 2015-01-21 22:35:33 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا تور كۆرگۈدىكى خەتلەرنىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىش
بايامدىن بىرى chrome گۇگۇل كىرومى توركۆرگۈنى يانفۇنغا قاچىلاپ بىر نەچچە تور بەتنى سىناپ باققانتىم، قۇتيار تور بېتىنىڭ خەتلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تازا كۆركەم ئەمەس، باغداشنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەر كوماك كۆرۈنۈپ قالدى، قالغان بىرنەچچىسى ئۆزىنىڭ ياڭزىسىدا كۆرۈندى. تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
ئىسىت، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇشۇنداق ئېسىل توركۆرگۈلەرنى ئىشلەتمەي، پەرھات ئىلان قىلغان نەرسىلەرنى قاچىلىۋىلىپ ئۆزۈمنى قىيناپ يۈرۈپتىمە دېسە:lol salambay يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 22:35 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا تور كۆرگۈدىكى خەتلەرنىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىش ...
ئۇنىڭ ئۈچۈن يانفونغا روت ھوقۇقى ئېلىپ بىزنىڭ يەنە بىر سىستېمىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
بەت:
[1]