Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:02:04

كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى

ئاچچىقلىنىش ۋە جىدەل كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشنىڭ كۆپخىل ئۇسۇلى


                                 
         


        جەمىيىتىمىزدە پىكىرلىشىش، بەس-مۇنازىرە ،ئىنكاس ،غەيۋەتلەر ۋە غايىبانە باياناتلاردا  مەيلى ئۆز ئائىلىمىز،دوستىمىز ياكى ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرسى بولسۇن،بىز ھەمىشە كۆپىنچە ھالدا ئۆزىمىزنىڭ غەزەپلىنىش ۋە جىدەللىشىش،ماجرا مۇھىتىغا ئۆمىلەپ كىرىپ،كەيپىياتىمىزنى ئۇچۇرۇپ،سوغۇقچىلىقنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. شۇڭا بەزى ئەھۋاللاردا ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹قوپال سۆز باشنى يارار،سىلىق سۆز باشنى›،‹ئاچچىق ئەقىلنى كىسەر›،‹يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر›دىگەندەك ماقال تەسىللىرى مېنى يەنە بىر چوڭقۇر ئويلاپمۇ قالىمەن.ئەگەر بىلىملىك زىيالىيلار پىسخىكاسۇناشلار لىكسىيە سۆزلەشكە توغرا كەلسە،مۇشۇ توغرىسىدا سۆزلەپ،ھەربىرىمىزنىڭ مۇئامىلە سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ يوقىرى چۈشەنچىگە ئىگە قىلسا دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
  
            بىلىملىك ئوقۇتقۇچى ئاچچىق زەردە بىلەن قايناپ  ياكى تەنە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگىنى  بىلەن ساۋاتسىز دىھقاننىڭ سىلىق ئالدىرىماي ۋەزمىنلىك ھالدا سۆزلىگىنىنى سېلىشتۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى.مەيلى پەرزەنت ،ئوقۇغۇچى،ئىشچى،دىھقان، مەيلى ھەرقانداق يەككە شەخىس ياكى  كوللىكتىپنى تەربىيلەشتە ،بىز ھەربىرىمىزسېستىمىلىق ، ئەتراپلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسلۇب بىلەن  تەربىيەنىڭ رولىغا قاچانغىچە يەنە سەل قارايمىز؟!!!
     شۇڭا  ۋەزمىنلىك سوغۇققان بولۇش ،ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئاغرىقىدىن قانداق ساقلىنىش مۇئامىلە سەنئىتى توغرىسىدا  ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىزنىڭ كوللىكتىۋىمىزغا سەمىمىي ۋە ئەتراپلىق پىكىرى بولسا ،تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

        بىزنىڭ جىدەللىشىپ قالغىنىمىزدا سەۋىر قىلىپ چىداپ تۇرۇش نىمە دىگەن تەس-ھە ؟! گەرچە بىز باشقىلارنىڭ بىۋاستە تەنقىدلەش ئوبىكتى بولمىساقمۇ ، نەچچىلىغان قېتىم ئىتتىكلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرغاندۇق - ھە ؟!   
       جىدەللىشىپ قالغاندا ،باشقىلارنىڭ دەككىسىنى بېرىش ئۈچۈن قىلغان تېرىشچانلىقلىرىمىز قانچىلىغان  قەلىبلەرنى ئاغرىتقاندۇ -ھە ؟! ئىنسانىيلىق نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلماسلىق ھەمدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىمىز بار ،ئەلۋەتتە!  ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا،ئەيىبلىمەي،جاھىللىق قىلماي ھەمدە جىدەللىشىپ قالماي تۇرۇپ،ئالىيجاناپلىق،كەڭ قورساقلىق ۋە سوغۇققان پوزىتسىيە بىلەن  سەۋىرچانلىقنى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىش بولسا ھەرخىل مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان ئەڭ تەس پەيىتلەردىن بىرى.بىز بولساق  ناھايىتى كۆپ  ۋە ھەرخىل قاتلامدىكى  مەسىللەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىغان كوللىكتىپ بولغانلىقتىن ، بۇ ماڭا نىسبەتەن ۋە كۆپچىلىككە نىسبەتەن دائىم تەكىتلەپ تۇرىدىغان مەسلە دەپ قارايمەن.
        پائالىيەتچى  ئىستىراتىگىيەدە،ئوقۇغۇچى مەلۇم پەندە ۋە بىلىمنىڭ مەلۇم بىر شاخچىسىدا،باشقۇرغۇچى  ئىشخانىدىكى ئىشلاردا،يىتەكچى بولسا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى  ۋە كۆرسەتمىلىرىگە قوشۇلمايدىغانلار ئارىسىدا جىدەللىشىپ قالىدۇ.مەيلى ئۆز ئائىلىمىز،دوستىمىز ياكى ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرسى ۋە ياكى قانداقلا كىشى بولسۇن،بىز ھەمىشە  ئۆزىمىزنىڭ غەزەپلىنىش ۋە جىدەللىشىش،ماجرا مۇھىتىغا ئۆمىلەپ كىرىپ،كەيپىياتىمىزنى ئۇچۇرۇپ، روھىيتىمىزنىڭ  چىرىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز . تۆۋەندىكىلەر بولسا دەستۇر كىتاپلار ،ئۇلۇغ شەخىسلەرنىڭ نەقىللىرى، شۇنداقلا  « روھنى تازىلاشتىكى تاللانغان يازمىلار»نامىلىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىملارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى.بۇ بايانلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز  ئۈچۈن  غەزەپلىنىشىمىز ۋە جىدەل ماجرادىن ساقلىنىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
       كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقتىمىزدا ، ئىشلىرىمىزنىڭ يارىتىلغۇچى ھەققىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسلىشىشەيلى ! شۇنىڭدەك ، مەيلى قىيىنچىلىق ياكى ئاسانلىق پەيىتلىرىدە بولسۇن ،ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت بىز بىلەن  بىللە  ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلىتىپ ، ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە سۆز-ھەركەتلىرىدىن  ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىمىزگە  مۇۋەپپەق قىلسۇن !

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:56:33

كۆپ ھاللاردا  ئاچچىقلىنىش كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەپ بۇلىدۇ . جىدەل بولغان يەردە كۆڭۈل ئاغرىقىنىڭ بولىشى تەبىئى ئەھۋال .  
  مەلۇم بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق ئۈمۈدسىزلىك ۋە ئاچچىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن . ئۈمىدسىزلەنگەنلەر ئۆزىنى ئازاپلىسا ، ئاچچىقلانغانلار ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئازاپلايدىكەن . بىرىنجى خىلدىكىلەر باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغا مۇيەسسە بولسا ئىككىنجى خىلدىكىلەر باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە قېلىشى مۈمكىن .
   ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭكىنى ھەقلىق چاغلاپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن . بىر سوئالنىڭ جاۋابى بىر خىل بولىشى كىرەك ،دوپ قارايدىكەن .
    مۇستەبىت ئىنسانلار ئەڭ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئىنسانلاردۇر .

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:40:08

كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشنى ئويلىماسلىق

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:53:08

ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىغى ئۇچۇن ئۆزىنى جازالاش بىلەن باراۋەر. ئادەم بىر قېتىم ئاچچىلانغاندا  ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئەكىس تەسىرى ناھىيتى زۆر بولىدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:01:36

باشقىلارغا شۇنداق بى گۈزەل مۇئامىلدەا بولغۇنكى،دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭدە يىغلاپ كەتسۇن

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:43:02

     يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:53:05

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 16:01 static/image/common/back.gif
باشقىلارغا شۇنداق بى گۈزەل مۇئامىلدەا بولغۇنكى،دۈشمە ...

:handshake  دۇرۇس ...ھەممە ئىنسان شۇنداق قىلالىغان بولسا ، بۇدۇنيادا بىرمۇ ئۇرۇش-جىدەل بولمىغان بۇلاتتى .

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:56:30

.«نادانلار ئۇلارغا(ياقتۇرمايدىغان)سۆز قىلسا،ئۇلار:«سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»دەيدۇ(يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ).»

2.«ئۇلار يالغان گوۋاھلىق بەرمەيدۇ،يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغلىرىدا ئالىيجاناپلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.»

3.«ئوتتۇرا ھال ماڭغىن،ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن،ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكىشلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر. بەزى كىشىلەر ھىچقانداق ئىلىمسىز،ھىدايەتسىز، نۇرلۇق كىتاپسىز ھالدا ئۆز ئىگىسى بارىسىدا جىدەللىشىدۇ.»

4.«كىمكى ھىدايەت تاپقاندىن كىيىن تالاش - تارتىش (جىدەل-ماجرا) غا ئارلىشىپ قالمىسا ، ئۇ ئېزىپ كەتمەيدۇ.»

5.«سىلەر  قېرىنداشلىرىڭلار  بىلەن جىدەللەشمەڭلار ھەم  مەسخىرى قىلماڭلار ، ئۇنىڭغا ۋەدە بەرمەڭلار ھەم ۋەدەڭلارنى بۇزماڭلار.»

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 08:58:02

جىدەللىشىپ قالغاندا ،باشقىلارنىڭ دەككىسىنى بېرىش ئۈچۈن قىلغان تېرىشچانلىقلىرىمىز قانچىلىغان  قەلىبلەرنى ئاغرىتقاندۇ -ھە ؟! ئىنسانىيلىق نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلماسلىق ھەمدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىمىز بار ،ئەلۋەتتە!  ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا،ئەيىبلىمەي،جاھىللىق قىلماي ھەمدە جىدەللىشىپ قالماي تۇرۇپ،ئالىيجاناپلىق،كەڭ قورساقلىق ۋە سوغۇققان پوزىتسىيە بىلەن  سەۋىرچانلىقنى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىش بولسا ھەرخىل مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان ئەڭ تەس پەيىتلەردىن بىرى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 11:37:17

باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش كۆڭۈل ئاغرىقىغا قالقان.

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 13:05:41

مەن شۇندا ئىكەنمەن بولۇپمۇ مۇنبەردە ھىكىشى بىلەن ئازارلاشمايمەن:D:P:lol
بەت: [1]
: كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى