zahar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:06:29

بىلىق تۇتۇش

بىلىق تۇتۇش



نۇرئەلى تۇرۇپ كۆكيار



كۆل سۈيى جىمجىت ئىدى،ھىچكىم يوق ئىدى،
قارماقنى تۇتۇپ ئولتۇراتتىم كۆلنىڭ لىۋىدە.
توساتتىن بىر بىلىق ئىلىندى،
شۇئان بىلىق ئىكەنلىكىم كەلدى ئېسىمگە.

شۇندىن كىيىن بىلىق تۇتالمىدىم
قايتىدىن ئويلاندىم ئۆزۈم ھەققىدە.
چاقماق چاقماقچى بولاتتى ،
يامغۇر ياغماقچى بولاتتى،
تۇرۇپلا بىر پارچە بەدى سۈرەتكە ئايلىنىپ قالاتتىم
سىغمايۋاتاتتىم ئىچىمگە.

شۇنداق ،
مەن بىلىق ئىدىم .
مېنىڭ قولۇمدىن تارتىۋاتقىنى كىمنىڭ قارمىقى؟
بىلمەيۋاتاتتىم .
ئەگەر ئۇ قۇياش بولسا
نىچۈن مەن ياشايمەن بۇنچە شادىمان؟!
ئەگەر ئۇ بىر كېچە بولسا
نىچۈن قار-يامغۇرغا تولىدۇ جاھان...؟

قارماقنىڭ يىپىنى تارتتىم
تەرلەپ كىتىۋاتاتتىم.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:37:45

زەھەردەكلا شېئىركەن ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 10:25:07

  ھەممىمىز بىلىقكەنمىز، ئالدىن بىيىشقا رۇخسەت ئالغان بىر قىسىملارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىلىقلارمىز. دۇنيا بايلىقىنىڭ بىر پىرسان كىشىدە تەڭ يېرىمى، قالغان 20نەچچە پىرسەنت كىشىدە قالغىنى، 5-6%لا بايلىق باشقا ئاھالىلەردە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇغان بىر خەۋەردىن...
بەت: [1]
: بىلىق تۇتۇش