ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:42:43

قەلب (كۇڭزى)

قەلب
كۇڭزى




   ئادەم قەلبىنىڭ خەتەرلىكلىكى تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنى چۈشىنىش ئاسماننى چۈشىنىشتىنمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. تەبىئەتتىكى باھار، ياز، كۈز ۋە قىش، كېچە، كۈندۈز دېگەنلىرىنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن مەلۇم ئۆلچىمى بولىدۇ، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى قېلىن قاسراققا ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى مەھكەم چۈمكەپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەزى قىياپەت سەمىمىي كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى كۆڭلى شاللاق كېلىدۇ؛ بەزى قەلب مويسىپىتلاردەك بىلىنسىمۇ، قىياپىتى ئەخلاقسىزدەك كۆرۈنىدۇ؛ بەزى تاشقى قىياپەت چېچىلاڭغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى قەلبى غەرەز ئۇقىدىغان بولىدۇ؛ بەزى تاشقى قىياپەت ئاجايىپ سۈرلۈك كۆرۈنسىمۇ، قەلبى ئىنتايىن يېقىملىق بولىدۇ. بەزى تاشقى قىياپەت ئاق كۆڭۈلدەك بىلىنسىمۇ، قەلبى ئىنتايىن ياۋۇز بولىدۇ. ئەخلاقسىزلىق ئۈستىدىن ئەڭ قاتتىق ۋايسايدىغان ئادەم ئەڭ ئەخلاقسىز ئادەمبولۇشى مۈمكىن، رەھىمسىزلەرگە ئەڭ قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئادەم ئۆزى ئەڭ رەھىمسىز بولۇشى مۈمكىن.
    ۋاپادارلىقنى تەشنالىق بىلەن قوغلىشىدىغان بەزى ئادەملەر ۋاپادارلىقتىن قاچىدۇ. ئىلىمدىن سۆز ئاچىدىغان بەزىلەر ئەمەلىيەتتە ئىلىمگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان جاھىللاردىن بولۇپ چىقىدۇ.شۇڭا ئالىيجاناب ئادەم بەزىلەرنىڭ سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى ئۇلارنى يىراق جايلاردا خىزمەتكە قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ئۇلارنى يېقىنغا خىزمەتكە قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇلارنى قىيىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا سېلىش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىلىم - مەلۇماتىنى ئۇلاردىن ئۇشتۇمتۇت سوئال سوراش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئۇلار بىلەن ئالدىراش ھالدا كېلىشىپ قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارغا پۇل - مالنى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈككە ھېرىس ياكى ھېرىس ئەمەسلىكىنى كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دىيانىتىنى ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى ئۇلارنى ھاراققا غەرق مەست قىلىۋەتكەندىن كېيىن كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئەر - ئاياللار ئارىلاش يۈرگەن جايدا كۆزىتىدۇ. ئاشۇ توققۇز تەرەپنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:29:32

بۇ كوڭزى ھەزرەتلىرىىڭ«ئادەمنى كۈزىتىشنىڭ 9 خىلئۇسۇلى» نىڭ يەشمىسىكەن .
يىغىنچاقلىسا 9 سۆزگە قىسقىرايدۇ :

远使之,而观其忠;

近使之,而观其敬;

烦使之,而观其能;

卒然问焉,而观其知;

急与之期,而观其信;

委之以财,而观其仁;

告之以危,而观其节;

醉之以酒,而观其则;

杂之以处,而观其色。

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 10:48:10

يىراق ئىشقا قويۇپ ساداقىتىنى؛
يىقىن ئىشقا سېلىپ ھۆرمىتىنى؛
مۈشكۈل ئىشقا بۇيرۇپ قابىلىيىتىنى؛
قەرەلسىز سوئال قويۇپ بىلىمىنى؛
جىددىي ئىشقا ماڭدۇرۇپ سەمىمىيىتىنى؛
مال ئامانەت تاپشۇرۇپ ئىنسابىنى؛
خەتەردىن ئاگاھ بېرىپ پەزىلىتىنى؛
مەيدە مەست قىلىپ (كىشىلىك) مىزانىنى؛
ئەر-ئايال ئوپچە قويۇپ شەھۋىتىنى ........سىناش لازىم.
                                                             ___________ كۇڭزى






ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 11:17:48

كۇڭزى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغۇيتى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:04:55

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى2015-1-21 11:17 static/image/common/back.gif
كۇڭزى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغۇيتى

كۇڭزى كۇڭزىچىلىق ئىقىمىنى ياراتقان بولۇپ ئۆزىنىڭ كۇڭزىچىلىق تەلىماتىدىنباشقا ھىچقانداق دىن مەبۇدقا ئىشەنمەيدىكەن،لىكىن كۇڭزى دەۋىردە كىشىلەر ئاتابوۋا بۇرۇنقىلارغا چوقىنىدىكەنمىش.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:07:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 12:13

مېنىڭ قارىشىمچە، كۇڭزىنىڭ كۆپىنچە تەلىمات قاراشلىرى ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ بەزى باشقۇرۇش ساھەلىرىدە مەسىلەن، شىركەت باشقۇرۇش تەرەپلەردە مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن. ئەمدى دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىۋاتقان پەيلاسوپلارغا كەلسەك ئۇلار پۈتۈن ئىنسانىيەت ، دۇنيا نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغان، ئومۇمى ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى ،ھاياتنىڭ مەنىسى، ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتى قاتارلىقئومۇمى نۇقتىلارنى مەركەز قىلىپ ئىزدەنگەن.ئۇلار قاراشلىرىنىڭ سىياسىۋىلىشىدىن يىراق تۇرغان .مەسىلەن ،سۇقراتنىڭ مەشھۇر بىر سۆزى بار :«مەن ئافىنا پۇقراسى ئەمەس ،دۇنيا پۇقراسى.»...
شەيىخ سەئىدىنىڭ كىتابىدىمۇ ، ئەمەلدار ئېلىم ئەھلىنى ئىزدىسە دۆلەت گۈللەيدىغانلىقى، ئېلىم ئەھلى ئەمەلدارغا پانا تارتىپ بارسا ھەقىقى ئېلىمدىن يىراقلىشىىپ چىرىكلىك ئەۋىج ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار بار.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:19:19

terjiman يوللىغان ۋاقتى2015-1-21 10:48 static/image/common/back.gif
يىراق ئىشقا قويۇپ ساداقىتىنى؛
يىقىن ئىشقا سېلىپ ھۆرمى ...

بۇ خەقتە‹‹ ئىنساب›› دەپ سۆزلۈك بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ،ئەمەلىيەتتە بارمۇ ياكى تەرجىمىڭىز شۇنداقمۇ؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:00:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 17:03

ئىنساب چۈشەنچىسى ھەر قانداق مىللەتتە ئازدۇر كۆپتۇر بار چۈنكى ئىنساب دېگەن بارچە ئىنسانىيەتكە ئورتاق چۈشەنچە، شۇڭلاشقا لۇغەتتىمۇ ئىنساب سۆزى بولماي قالمايدۇ، مەسىلەن 仁义,廉耻,收敛,节制 دېگەندەك، ئىنساب دېگەن مەنا ئەسلى تېكسىتنىڭ ئۆزىدىمۇ بار.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:40:59

كوڭزىنىڭبۇ 9 تەلىماتىنىڭپايدىلىنىش قىممىتى باركەن.ئاۋۇ تەرجىمىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،تەرجىمان بۇرادەرگە بارىكاللا.

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:50:57

ئۈنۈملۈك سىناقلاركەن. يوللىغۇچىغا ئاپرىن{:112:}

3140 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 07:26:49

بىلىشىمچە.ئۇلارنىڭ.مەدەنىيتىدە.كوڭزىچىلىق.ئىددىيىسى.بىردىننىڭ.يۈكسەكلىكىگە.كۆتۈرۈلگەن.
ئۇلاردىمۇ.儒教دىگەن.سۆزلۈك.پەيدا.بولغان-.بۇخىل.ئېقىمنىڭ.دىنلاشقانلىقىنى.كۆرسىتىدىكەن.
بەت: [1]
: قەلب (كۇڭزى)