ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 07:40:56

ئەرقالدا IT ساھەسىدىكىلەر يىغىلىشى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:46:24

ئېشىپ كەتسە 5 شىركەت كېلىشى مۈمكىن ،ئەگەر  ۋاقتىم بولسا كەچتە  بىر بېرىپ باقايمىكىن، پەرزىمنى ئىسپاتلىغىلى .:lol

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:08:52

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 08:46 static/image/common/back.gif
ئېشىپ كەتسە 5 شىركەت كېلىشى مۈمكىن ،ئەگەر  ۋاقتىم بولسا ...

ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس ...

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:35:26

كەچتىغۇ بىكار ئىدىم ئەمما ھىچكىمنى تۇنمايمەندە :(

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:44:49

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 09:08 static/image/common/back.gif
ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس ...

مەن شۇنداقراق پەرەز قىلدىم، ئاپتونۇمدا ھازىر ئۇچۇر كەسپى شىركىتىدىن 105 باركەن،  بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كارىخانلىرى ساناقلىقلا، ھەم كۆپىنچىسى پارتىزانىسكى ( مۇتلەق كۆپ قىسمى  كومپىيوتېر بىلىملىرىنى ئوقۇتۇش، لۇغەت-يېزىق ۋە دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ قارايمەن )
شۇڭا دەيمەن، قاتناشقان تەقدىردىمۇ، ئاتام ئېيتقان بايىقى شۇ ( شۇ بىرنەچچە شىركەتلەر ).  يا بۇلار بىرلىشىپ چوڭراق تۈرنى ئورۇنلاشقا تىرىشمى، ياكى تۈگەشمىدى . بۇنداق دۇكانسۈپەت شىركەتلەرنىڭ شۇنچە يىلدىن بېرى ئورنىغا دەسسەپ( 踏步) تۇرۇۋېلىشى بىز ئۈچۈن بىر پايدىسىز ئامىلمىكىن دەيمەن،  ئۇلار يۇقالسا يېڭىسى چىقىپ باشقىچە يول تۇتارمىكىن دەيمەنغۇ .( تاش بوران قىلىدىغانلارنىڭ زەربىسىنى كۆزلەپ   پولات كۈنلۈك تەييارلاپ قۇياي:lol  )

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 10:18:36

بۈگۈن ئاچىدىغان ئىشنىمۇ بۈگۈن خەۋەر قىلامدۇ ؟ ھىچ بولمىسا بىر ئىككى كۈن خەۋەر قىلمامدۇ دەيمەن. بالدۇرراق خەۋەر قىلغان بولسا مەن باراتتىم. ئوبدان بىر يىغىلىش بولاتتىكەن ،ئېسىت..

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 10:26:14

پىسپاسنىڭ پەرىزى راستىنلا پىسپاس بولىدىكەن {:92:}
ئالدىنقى قېتىملىق ئەرقال مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش لېكسىيەسىدىن كىيىن لېكسىيەگە كەلگەنلەر گورۇپىلار بويىچە ئۆز ساھەسىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. ئاخىردا قۇدرەت ياقۇپنىڭ تەكلىۋى بىلەن IT ساھەسىدىكىلەر  مەلۇم ۋاقىتتا ھەرخىل تىمىلاردا مۇلاھىزە، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى قىلىماقچى بولغان. شۇ كۈندىكى لېكسىيەدىمۇ مۇشۇ ساھەلەر كۆپتەك قىلدى. بۈگۈنكى بۇ يىغىلىش ۋاقتىنى شۇ كۈنىلار بىكىتىپ بولغان، ئورنى ئەرقالدا، ھەقسىز

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 11:15:06

توغرا بالدۇراق خەۋەر قىلىشى كېرەك ئىدى.  بەلكىم مۇنبىرگە بۈگۈن يوللانغان بولىشى مۇمكىن

self يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:51:59

رەسمىي پىسپاسكەن ما ئاداش ، بىزنىڭ شىركەتدىنلا 15 گە يېقىن ئادەم بارىدۇ ،

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:20:53

مۇشۇنداق يېغىنغا ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تۇنجى بولۇپ كومپىوتىرغا تونۇتۇشتىكى يادرولۇق رول ئوينىغان ئالىم ئەھەتنىڭ ئۇستازى دىلشات ھىزىۋۇللا ۋە باشقا مەن ئىسمىنى دەمالىققا ئېسىمگە ئالالمايۋاتقان ئالىملىرىمىزمۇ دىككىدە ۋەتەنگە كىلىپ باش قويۇشۇپ پىكىرلىشىپ باقسا كارامەت ئىش بولاتتىدە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:42:58

self يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 12:51 static/image/common/back.gif
رەسمىي پىسپاسكەن ما ئاداش ، بىزنىڭ شىركەتدىنلا 15 گە يې ...

شىركەت بىلەن ئادەم سانىنى پەرقلەندۈرەلمىگىدەك ھالەتتە ئەمەسسىز  ھە ؟ :$
مەن شىركەتنىڭ گېپىنى قىلغان . سىلەرنىڭ شىركەت  نىمە ئىش قىلىدۇ؟  سودا مەخپىيىتى بولمىسا بىلگىلى بولارمۇ؟ :lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:29:11

شىركەتتىن بەك خاپولاپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. ئانامنىڭ قازىنىدىكى ئاش جىقىراق بولسا بىزگە جىقراق تىگەتتى، يەنە يەڭلا زولايتتى. ئازراق ئېتىپ قالغان ۋاقىتتا يەنە بامۇ دېسەك، ئاز بوپ قاپتۇ نان يەپ تۇرۇڭلا دەيتتى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:49:14

دېمەك ئانىڭىز ئاش ئېتىشنى پىلانلىغان چاغدىلا ، سىزدەك بىرەر بالىسىنىڭ تويۇش تويماسلىقى بىلەن كارى بولمىغان گەپ.قىززىقكەندە ئانىڭىز ،ھامىنى ئاش ئەتكەندىن كېيىن كۆپرەك ئەتسە ، ھەممىڭلار تويساڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:11:36

ھەممىنى دەپ بوغىلى بوممايدۇ، بەزىدە مېھمان كەپ قالىدۇ ئۆيگە:lol

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:21:41

:lolبەك ئەھمىيەتلىك سورۇن بولار ئىكەن ، ئەپسۇس ،بەك تويۇقسىز بوپ قالدى. كېلەر قېتىم ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ كەڭرەك پۇرسەت بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:02:17

پۇرسەت بولغان بولسا بېرىپ قاتنىشىپ كېلەركەنتۇقمىز.
پىسپاس پاراڭ قىلىدىغانلارمۇ جىقكەن. مەيلى قانداق ئىش قىلسۇن مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ ئىش ھازىر.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:07:53

پىس-پاس پاراڭلارمۇ بەزىدە بىرەر يېڭىلىققا باشلىشى مۈمكىن جۇمۇ تورداشلار:P

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 21:39:44

يەنە يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بۇ يىغىلىش ئاياقلىشىدىكەن (ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىدىن قارىغاندا ) ، ئاندىن قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدىن تەسىراتىنى تۆكىدىغانلار چىقىپ قالسا ، قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا بىلىمىز .
ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن مۇشۇنداق بىر يىغىلىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ ئادەتتىكىچە ئىش ئەمەس.  ئەرقالدىكىلەر قانداقلا بولمىسۇن ، خېلى يېڭىچە يول تۇتۇۋاتىدۇ.

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 00:36:09

ITساھەسى توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار، بەيدۇدىنغۇ ئىزدەپ قاراپ باقتىم، ئەمما بىلىدىغانلار بولسا زاغرا تىلدا چۈشەندۈرۋەتسە، مەنمۇ بىر بىلۋالسام ....

self يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 16:34:22

قىنى ئۇ پىسپاس ، كۆروپ باقامسىلە ئۇ يىغىلىشقا ئادەم بىرىپتىمۇ باماپتىمۇ
بەت: [1] 2
: ئەرقالدا IT ساھەسىدىكىلەر يىغىلىشى