HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 01:47:25

[كورنېر] تېكساس – پىلانلىق يېيىش



بۈگۈن كەچ  تېكساس غەربچە تاماقخانىسىدا ئىنگلىز تىلى كورنېرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

كورنېرغا ئامېرىكىلىق دوستىمىز باش بولىدۇ.



تېمىسى : پىلانلىق يېيىش

ۋاقتى: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چارشەنبە  ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دىن 8 گىچە

ئورنى: تېكساس غەربچە تاماقخانىسى

مەنزىل: ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى مال بازىرى 55-نومۇر

تېلېفون: 2810025 0991


مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:13:42

مەن تېخى ئا ق ش نىڭ تېكساس شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمە .

zahar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:23:31

بۇ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقانلارغا نىسپەتەن بىر ياخشى پۇرسەت بوپتۇ.

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:27:24

ئالدىنقى قېتىم ئۆتكۈزگەندەكمۇ قىلغانتىڭلا، باللا كۆپ كىلەمدۇ ؟

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 11:46:52

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 09:27 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى قېتىم ئۆتكۈزگەندەكمۇ قىلغانتىڭلا، باللا كۆپ  ...

شۇنداق، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بار.
چارشەنبە سائەت 6-8 گىچە، شەنبە 1-3 كىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى.
ئادەتتە 15 ئەتراپىدا ئادەم بولىدۇ. ئاز بولسا 7-8 ئاەم، كۆپ بولغاندا 30غا يېقىن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 11:58:57

پىلانلىق يېيىش دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ كالورىيە كونترول قىلىش دېگەندەك گەپما؟

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:42:45

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 11:58 static/image/common/back.gif
پىلانلىق يېيىش دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ كالورىيە كونترول  ...

راستنى دېسەم، پىلانلىق يېيىش دېگىنىم سەل قاملاشمىغان چىراي...لېكىن....
بەزىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن تامىقىنى كونترول قىلىدۇ، بەزىلەر ساغلاملىق ئۈچۈن يېمەكلىكتە پەرھىز تۇتىدۇ، بەزىلەر ئەكسىچە سەمىرىش ئۈچۈن.... ئىشقىلىپ ھەرخىل سەۋەب بىلەن تامىقىنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا ئاشۇنداق دەپ ئالدىم.
ئىنگلىزچىسى Diet

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 12:50:58

got it :loveliness: ياخشى تېمىكەن. مەن بولغان بولسام ئەمما ئالامەت سۆزلەپ قويىمەنكەن، بىر مەزگىل دەھشەت كىرىشىپ كەتتىمكى ئىشقىلىپ، بۇ ھەقتە كەمىدە 15 كىتاب ئوقۇپ بولغاندىمەن. :lol لېكىن مەن مەلۇم بىر خىل Diet كە ئەگىشەلەيدىغان ئادەم ئەمەسكەنمەن، كېيىن ھېس قىلىپ بەك ئازاپلىنىپ ئىرادىنى تاۋلاش دېگەندەك مەزمۇندىكى پىسخىكىلىق كىتابلارنى كۆرۈپ، يەنە پايدىسى بولماي، ھازىر نورمال ھاياتقا قايتىپ كەلدىم. {:92:}

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 14:05:17

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 12:50 static/image/common/back.gif
got it  ياخشى تېمىكەن. مەن بولغان بولسام ئەمما ئالا ...

بۈگۈن ئەسلى سىزنى تەكلىپ قىلىدىغان ئىشكەنتۇق.
كورنېر ئەمەس، بىر لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرساقمۇ بولامدۇ نېمە. :lol

(نورمال تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن)

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:35:19

مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ياردەم تىمىسى يازايمىكىن دىگەن، بولسا تەپسىلاتىنى مۇنبەرگىمۇ يوللىساڭلا.
بەت: [1]
: [كورنېر] تېكساس – پىلانلىق يېيىش