niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:35:14

نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر

ئۇيغۇر قىزى نۇزۇكۇمنى خاتىرىلىگەچ 130 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئىملاغا قاراپ باقىلى. خاتالاشمىغان بولسام، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىملانى قىرىمدىن قۇمۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغانلار ئىشلىتەتتىغۇ دەيمەن.

نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر

موللا بىلال بىن موللا يۈسۈف

مانجۇلار جەھانگىر خوجامنى كاشقەردە تۇتقاندىن كېيىن ئەرلەرنى مانجۇلار ئۆلتۈرۈپ، خاتۇنلارنى ئىلە شەھەرىگە گۇناھكار قىلىپ ئىبەرگەندە نۇزۇكۇم دېگەن خاتۇننىڭ توغراسىدىن چىقارغان ناخشىلار.
كوھنا ياشلىغ ئادەملەر شۇنداغ ھىكايەتلەر قىلادۇركىم، مانجۇ خانى دۇۋاڭ خان خان بولۇپ ئالتە يىل بولغاندا جەھانگىر خوجام كاشقەرغە كەلىپ، سوقۇشۇپ، كاشقەرنى ئۆزىگە تەبەئ قىلىپ، ئالتە ئاي سوراغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن غۇلجە شەھەرىدىن چىڭكۇنىكى دېگەن جاڭجۈن نۇرغۇن لەشكەر ئالىپ بارىپ، بەجىندىن نۇرغۇن لەشكەر بىلەن كاشقەرغە كەلگەن بەيخۇزا، ياڭ دارىن دېگەن جاڭجۈنلەر بىر بولۇپ، جەھانگىر خوجام بىلەن سوقۇشۇپ، جەھانگىر خوجامنى تۇتۇپ، بەجىنگە دۇۋاڭ خاننىڭ يانىغە ئالىپ كېتىپ، كاشقەرداكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاتۇنلارىنى غۇلجە شەھەرىگە ئالىپ كەلىپ، ھەر بىر خاتۇننى بىر قالماققا تۇتۇپ بەرگەن ئىكەن خاتۇن قىلسۇن دەپ. ئاما، نۇزۇكۇم دېگەن خاتۇننى ئاكاسى بىلەن بىر قالماققە بەرگەن ئىكەن، نۇزۇكۇم شۇل كۈنى باشىغە تۈشكەن دەردلەرنى يادىغە كەلتۈرۈپ، بۇ ناخشىنى ئايتىبدۇر. نۇزۇكۇمنىڭ ئەۋۋەل ئايتقان ناخشىسى:
تىۋەلەر ئاغزى قامقاقدا بىر ئاكام بار قالماقدا،
بۇ كافىر قالماقنىڭ قەسدى مەن نۇزۇكنى سالماقدا.
تىۋەلەر جايى تاغ باشى، بولجارىمىز يار باشى،
شۇل بولجارغە يەتكەندە، توقتامايدۇر كۆز ياشى.
يالاڭ ئاياغ سۇ كەچتىم، تاغنىڭ سۇيىنى ئىچتىم،
چىداماي قالماق زۇلمىغە، ئەزىز جانىمدىن كەچتىم.
ئاسمانداكى سار بولدۇم، ئىشىكلەردە خار بولدۇم،
ئاكام قالدى قالماقدا، ئۆزۈم سەھەردە قاچتىم.
تاغدىن تۈشكەن تۆرت ئاتلىغ، تۆرتىلەسى بوز ئاتلىغ،
تۆرتۈلەننىڭ ئىچىدە مېنىڭ دادام سۇمباتلىغ.
دۇردۇن كىيگەن ئاياغقە تۆمۈر ئىشكەل بوش كەلدى،
جانىم دادام قاشىدىن بۇ يىللاردە كىم كەلدى.
ئەلقىسسە، بۇ نۇزۇكۇم ئۆزى موللا خاتۇن ئىكەن. ئۆزى زىلبا، بۇغداي ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەن ئۈچۈن كاشقەر خەلقى «نۇزۇكۇم» دەپ ئات قويغان ئېردى. ئاما، كۈنلەردە بىر كۈن نۇزۇكۇم تاغداكى بولجار قىلىشقان يارنىڭ باشىغە بارغاندا ئاكاسى ئابدۇللا خوجە ھەم يار باشىغە بارىپ، ھەر ئىكىسى يىغلاشىپ-يىغلاشىپ، ھال-ئەھۋالىنى ئېيتاشىپ مەسلەھەت قىلۇپ، ئاكاسى ئابدۇللا خوجە ئايتىبدۇركىم: «ئەي سىڭلىم نۇزۇكۇم، سەن مۇندا تۇرماغىل، بىر تەرەفكە قاچىپ كەتكىل. ئەگەر قاچماساڭ سەنى قالماقلار ئالۇرلار، تۇغقان فەرزەندلەرىڭ بارچەسى قالماق بولۇر، ئۆزۈڭ ھەم قارا كافىرلاردەك بولۇرسەن» دەپ ئېردى. نۇزۇكۇم يىغلاپ ئايدىكىم: «ئەي جانىم ئاكام، مەنىڭ ھەم قاچادۇرغان خەيالىم بار ئېردى. ئاما، سەندىن جۇدا بولۇپ، مەن ئاجىز قانداغ قىلۇرمەن دەر ئېردىم. ئەمدى سەنى خۇدايىمغە تافشۇردۇم» دەپ، غۇلجە تەرەفىكە قاراپ قاچىپ يۈرۈي بەردى. قالماقلارنىڭ ئاراسىدە توي مەرەكە بولۇپ، ئەراقلار ئىچىپ مەست بولۇپ، ئۈچ كەچە-كۈندۈز تاماشاھ قىلاشىپ يۈرۈپ، نۇزۇكۇمنىڭ قاچقانىنى بىلمەدى. تۆرتۈنجى كۈنى نۇزۇكۇمنىڭ قاچقانىنى بىلىپ، ئاكاسى ئابدۇللا خوجەنى تۇتۇپ بىر ياغەچغە تاڭىپ قىينادى. ئاكاسى «مەن قايان كەتكەنىنى بىلمەيمەن» دەپ ئىقرار بولمادى. قالماقلار ھەر تەرەفكە ئات سالىپ يۈرۈپ، ئىستەپ تاپالمادى، ئاخىرى يانىپ كەلدى.
ئەمدى سۆزنى نۇزۇكۇمدىن ئېشىتمەك كەرەك. نۇزۇكۇم شۇل كەچە چوڭ يۇلدۇزدىن قاچىپ، تاڭ ئاتقاندا بىر جانگالغە كىرىپ، بىر تالنىڭ تۈبىدە ياتتى. يەنە كەچ بولغاندا يۈرۈپ شۇبۇ تەرىقەدە كۈندۈز ياتىپ، كەچە يول يۈرۈپ، لىڭكوغە  كەلىپ، دەريا بويىغە كەلىپ، دەريا بويىدە پىچاقى بىلەن قامىشلارنى قىيىپ، نەچەند باغ قامىش بىرلەن فەيفىزە ياسابدۇر. نۇزۇكۇم فەيفىزىگە ئولتۇرۇپ، دەريا بىرلەن غۇلجە شەھەرىنىڭ قىبلە تەرەفىداكى ئالمۇتۇغە يەتىپ كەلگۈنچە بىر قالماق نۇزۇكۇمنى كۆرۈپ، قالماقلارغە خەبەر قىلدىكى: «بۇكۈن تۆرت كۈن بولدى، بىر خاتۇن دەريانىڭ ئىچى بىرلەن فىفىزىگە ئولتۇرۇبدۇر، قىبلە تەرەفىگە كەتتى» دەپ ئېردى. قالماقلارنىڭ ئامبالى ئېشىتىپ، خەتكە بۇ ۋاقېئەنى، يەنى نۇزۇكۇمنىڭ قاچقان خەبەرىنى خەتغە يازىب، كۈرە شەھەرىنىڭ ئۇلۇغى جاڭجۇنغە ئىبەردى. جاڭجۇن خەتنى ئوقۇپ، سولانلارغە بۇيرۇق قىلدىكى: «ئىستەپ نۇزۇكۇمنى تاپىڭلار، ھەر قايدا بولسە تاپىپ، ماڭا كەلتۈرۈڭلار» دېدى. ئىكى يۈز ئاتلىغ سولان بىرلەن بوتە زەنگى دېگەن سولانلارنىڭ ئۇلۇغى ئالماتۇغە كەلىپ، ئۈچ كۈن قامىشلىقنى ئىستەدى، تاپالمادى. ئول ۋاقىتلاردە ئالماتۇدا قامىش كۆپ ئېردى. بىر كىشىنى يۈز كۈن ئىستەپ ھەم تەخى تاپالماس ئېردى.
نۇزۇكۇمنىڭ قامىشلىقدا يۈرۈپ ئايتقان ئىكىنچى ناخشىسى شۇبۇدۇر:
قامىش ئارالاپ كۈن تۈشتى، يالغۇز باشقە مۇڭ تۈشتى،
مەن نۇزۇكنى تۇتقالى، سولان كافىرلار چىقتى.
خۇدا سالدى بۇ ئىشقە، مەنى تۇغمىش قاچىشغە،
سولان كافىر بەك يامان، ئوت قويماسۇن قامىشغە.
كىرسەم كاشقەر يولىغە، كاشقەر يولى يول بولغاي،
نۇزۇك ئاجىز بەندەنى، بىر خۇدايىم ساقلاغاي.
قامىشلارغە ئوت قويماس، مەن نۇزۇكنى تاپالماس،
مەن نۇزۇكنى تۇتقاندا، خۇدا ساقلار ئالالماس.
قامىشلىقغە ئوت قويسە، قاچىپ كىرەي دەرياغە،
ھەرگىز خاتۇن بولماسمەن، سولان يۈزى قاراغە.
سولانلار نۇزۇكۇمنى تاپالماي، تۆرتىنچى كۈنى قامىشلىقغە ئوت قويدى. قامىشلار كۆيۈشكە تۇتتى، نۇزۇكۇم ئوت تۇتاشماغان تەرەفكە قاچار ئېردى. ئاخىرى يەنە كەچە بولدى، نۇزۇكۇم قامىشلىقدىن چىقىپ تاغ تەرەفكە كەتتى. مىڭ مۇشەققەتلەر بىرلەن تاغقە يەتتى. بىر مالچىنىڭكىگە باردى. مالچى سورادى: «سىز كىم بولدىڭىز ۋە كىمنىڭ قىزى بولۇرسىز ۋە ئېرىڭىزنىڭ ئاتى نەمەدۇر؟» دېدى. نۇزۇكۇم باشىغە كەلگەن ئەھۋالاتلارنى مالچىغە ئېيتىپ يىغلادى. مالچى خاتۇن-بالالارى بىرلەن نۇزۇكۇمنىڭ ھالىغە ئىچى ئاغرىپ، تەئاملار بەرىپ نۇزۇكۇمنى تويدۇردى. نۇزۇكۇم ئىكى-ئۈچ كۈن شۇل مالچىنىڭ ئاق ئۆيىدە تۇردى. كۈندۈزى قاراغايلىقغە بارىپ، خۇش ھەۋا يەرلەردە يۈرۈپ، ئاتاسى يادىغە كەلىپ ئايتقان نۇزۇكۇمنىڭ ئۈچۈنچى ناخشىسى:
مەن كاشقەردىن چىقغالى تۆشەك سالىپ ياتقان يوق،
ئاتام قويغان ساچىمغە تارغاق سالىپ تارتقان يوق.
جانىم ئاتامنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتەر بولدۇممەن،
مەن نۇزۇكدەك ھېچ خاتۇن يالغۇز چۆلدە ياتقان يوق.
ئاخىر ئاشكارە بولدۇم، ياشۇنغالى يەر بارمۇ؟
ماڭا قاتىق كۈن تۈشتى، ئالىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى سۈزۈپ ئىچەر ئەر قەنى؟
مەنى كاشقەر شەھرىگە ئالىپ قاچار ئەر قەنى؟
ئەلقىسسە، مەزكۇر ئىكى يۈز سولانلار بىرلە بوتە زەنگى ۋە ئەنكىزە بوشقەلەر نۇزۇكۇمنى ئىستەپ تاغقا چىقادۇرغان بولۇپ، تاغ تەرەفىگە ئاتلاندى. نۇزۇكۇم بۇ خەبەرنى ئېشىتىپ، كەچەلەپ يەنە ئالماتۇ تەرەفىگە قاچىپ كەلىپ يەتىپ سولانلارغە ئۇچرادى. سولانلار تۇتۇپ ئالىپ، كۈرە شەھرىغە بارىپ، نۇزۇكۇمنى جاڭجۇنغە تافشۇردى. جاڭجۇن شىسەن مازاغە تاپشۇردى، «قاچۇرماي ساقلاغىل» دەپ. شىسەن دالۇيەنىڭ خاتۇنى ھەم قاشقەرلىقنىڭ قىزى ئېردى. شۇل خاتۇننىڭ قاشىغە نۇزۇكۇمنى تافشۇرۇپ بەردىكى: «ساڭا خىزمەت قىلسۇن» دەپ. شىسەن دالويەنىڭ كاشقەردىن ئالىپ كەلگەن خاتۇنى تولا خۇشھال بولدى. چەراكى، بۇ ئىكى خاتۇن كاشقەردە بىر مەھەللەدە ئېردى، بىر-بىرسىنى تانىشۇر ئىدى. نۇزۇكۇمنىڭ شۇل كۈنلەردە ئايتقان تۆرتۈنچى ناخشىسى بۇدۇر:
كەفە قىلدىم يابانغە، مانجۇ كەلدى دابانغە،
ئون ئىكى كۈن بولغاندا تۇتۇلدۇم بۇ نادانغە.
شىسەن مازا باخشىدۇر، ئاغاچەسى ياخشىدۇر،
دەردنى ئايتىپ يىغلارمىز دالويە كەتسە ئالبانغە.
ئاتامنى مەن ساغىندىم، ئاكامنى مەن ساغىندىم،
تىرىكمۇكىن شۇل دادام، خەبەرىنى بىلمەدىم.
ئاغامغە يەتەلمەسمەن، ئاتامنى ھەم كۆرمەسمەن،
ئاتامنى كۆرۈپ ئۆلسەم، ھەرگىز ئارمان قىلماسمەن.
ئاتام مۇندا كېلۇرمۇ، مەنى ئالىپ كەتەرمۇ،
تەنچ كاشقەرگە يەتەرمۇ، تەنچ بارارمۇ بىلمەسمەن.
ئەلقىسسە، شىسەن دالويە نۇزۇكۇمنى سولانغە خاتۇنلۇقغە بەرمەكچى بولدى. نۇزۇكۇم دالويەنىڭ خاتۇنىغە يالبارىپ يىغلادى ۋە ئايدى: «مەنى سولانغە بەرمەسە، مەن سىزنىڭ خىزمەتىڭىزنى ئۆلگۈنچە قىلسام» دەپ يالباردى. دالويەنىڭ ئاغاچەسى شىسەن دالويەغە نۇزۇكۇمنىڭ ئەرزىنى ئايتى. شىسەن مازانىڭ ئاچىغى كەلدى ۋە ئايدىكىم: «نۇزۇكۇم يۈرەكلىك خاتۇندۇر، سەنى ھەم يامان ئۆرگەتۈر» دەپ نۇزۇكۇمنى سولانغە تۇتۇپ بەردى. سولان ئۆز يۇرتىغە سۇمۇنغە ئالىپ كەتتى. ئۆز رەسمىچە توي قىلىپ نۇزۇكۇمنى ئالدى. سولان خۇشھاللىقدا كۆپ ئەراق ئىچىپ مەست بولدى. شۇل كەچەسىدە نۇزۇكۇم سولاننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى. قاچىپ چىقارنى خەيال قىلىپ، بىر مۇنچە گۈرۈنچ، تۇز، بىر مىس قازان، بىر چىنە ئالىپ، جاڭگالغە قاچىپ كىردى. ئەرتەسى سولانلار بۇ ئەھۋالاتنى كۆرۈپ، جاڭجۇنغە سولاننىڭ ئۆلگەنىنى، نۇزۇكۇمنىڭ قاچىپ كەتكەنىنى مەلۇم قىلدى. جاڭجۇن دالويەغە بۇيرۇق قىلدى: «نۇزۇكۇمنى تاپسۇن» دەپ. دالويە ئىكى جاڭيى بىلەن يىگىرمى-ئوتۇز يايىلارنى تەڭ «نۇزۇكۇمنى تاپىڭلار» دەپ يىبەردى. بۇ جاڭيىلار، يايىلار ئىستەپ تاپالماس ېردى. نۇزۇكۇم شۇل قاچقاندا ئالتە ئاي قاچىپ يۈردى، نۇزۇكۇم جاڭگالدا قاچىپ يۈرۈپ ئايتقان بەشىنچى ناخشىسى شۇبۇدۇر:
ئالتە ئاي ياتتىم خارماندا، نان پۇشۇردۇم ساماندا،
ئاجىز نۇزۇك جانگالدا، ئاتام يۈرۈر قاياندا.
سولان بارىپ يامۇنغە، ئەرز قىلىبدۇر جاڭجۇنغە،
جاڭجۇن يايا ئىبەردى، مەندەك ئاجىز خاتۇنغە.
يايى چىقتى تۇتقالى، ئەژدەر بولۇپ يۇتقالى،
ئون بەش يايى كەلىبدۇر، نۇزۇكۇمنى تۇتقالى.
ھېچكىم مەندەك بولماسۇن، بەلالارغە قالماسۇن،
بىزگە كەلگەن جەفالار ھېچ بەندەگە كەلمەسۇن.
ئالتى ئايدىن يالغۇز مەن، كاشقەر يولىنى بىلمەسمەن،
خۇدا مەنى ساقلاسا، سولانلارنى كۆرمەسمەن.
ئالماتۇ بولدى جايىم، بۆرى-تۈلكە ھەمراھىم،
خۇدانىڭ ھۆكمى بىرلەن جاڭگال بولدى مەكانىم.
ئەلقىسسە، يايىلار ئىزدەپ يۈرگەن ھالەتدە نۇزۇكۇمنىڭ قارنى ئاچىپ، ئاش پۇشۇرماق ئۈچۈن ئوت قالادى. نۇزۇكۇم دەريادىن سۇ كەلتۈرگۈنچە ئوت مەشلىككە تۇتاشىپ، بىر پارچە قەمىشغە ئوت كەتتى. يايىلار ئوتنى كۆرۈپ ئات سالىپ كەلىپ، نۇزۇكۇمنى كۆرۈپ تۇتۇپ ئالدى. نۇزۇكۇم يىغلاپ يايىلارغە كۆپ-كۆپ يالباردى. يايىلار نۇزۇكۇمغە رەھىم قىلماي، تۇتۇپ باغلاپ، ئاتغە مىندۈرۈپ، ئاياغلارىنى ئاتغە تاڭىپ، دالويەنىڭ ئالدىغە ئالىپ كەلدى. دالويە نۇزۇكۇمنى كۆرۈپ قولىغە كوزە سالدۇردى، ئاياغىغە ئىشكەل سالدۇرۇپ، دوڭيامۇنغە سالدى. نۇزۇكۇمنى تۇتقانىنى جاڭجۇنغە دالويە مەلۇم قىلدى. جاڭجۇن نۇزۇكۇمنىڭ بارچە ۋاقېئاتلارىنى خەتغە يازىپ داۋاڭ خانغە يىبەردى، نۇزۇكۇم دوڭ يامۇندا تۇرۇپ ئايتقان ئالتىنچى ناخشىسى شۇبۇدۇر:
مانجۇ كافىر ياڭزاسى، غۇلاچدا بار غاڭزاسى،
چاقاي دېسەم چاقىلماس، قولۇمداكى كوزەسى.
خۇدا بەرگەن غۇنچامنى، سولان كافىر ئۈزمەدى،
سولان كافىر ئۆيىگە، نۇزۇك جۇۋان تۆزمەدى.
ئاياغىمدا ئىشكەل بار، بوينىمىزدا تىڭگانزا،
ئالىپ قاچسە نۇزۇكنى، بولسە ياخشى خوخەنزە.
يامۇندا بار ئوغرىسى، ئون بەش غۇلاچ توغراسى،
كۆرسەم ئەسكى كىگىزدۇر، سولانلارنىڭ موزەسى.
ئەفيۇن تەرگەن سولاننىڭ توڭغۇز ياغى جوزەسى،
ئوڭ قولىدە دوزە بار، سول قولىدا خوزەسى.
ئەفيۇن تارتقان مانجۇلار دوڭ يامۇندا تارتادۇر،
چۈچۈنلۇق، پەنلىك ئۆيدە، نازۇك جۇۋان ياتادۇر.
داۋاڭ خاندىن خەت كەلسە، نۇزۇكۇمنى چاپىڭ دەپ،
مۇسۇلمانلار ئايتادۇر، شەھىدلىقنى تاپىڭ دەپ.
مويتۇڭزادا چاپقاندا، مەن ئاندا ئۆلۈرمەن،
موللالارنىڭ سۆزىچە، ئەھلى شەھىد بولۇرمەن.
ئەلقىسسە، شۇنداغ نەقىل قىلۇرلاركىم، نۇزۇكۇمنىڭ توغراسىدىن جاڭجۇن داۋاڭ خانغە خەت بەرگەندىن كەيىن نۇزۇكۇمنى شى يامۇنغە ئۆتكەزدى. نۇزۇكۇمنى شى يامۇنغە سولاپ كېچەسىدە تۆرت يايى، كۈندۈزىدە تۆرت يايىلار نۇزۇكۇمنى ساقلار ئېردى. نۇزۇكۇم شى يامۇننىڭ ئىچىدە ئايتقان يەتىنچى ناخشىسى شۇبۇدۇر:
نازۇك بىلەك باغلاندى، ئۆلتۈرگەلى راسلاندى،
يالغۇز غەرىب نۇزۇكۇم شى يامۇنغە سولاندى.
ئاتام كاشقەردە قالدى، نازۇكۇم دەپ يىغلادى،
يالغۇز مېھرىبان ئاكام قالماق ئىچىدە قالدى.
يامۇن ماڭا قىيىندۇر، ئۆلۈم ۋاقتى ياقىندۇر،
نۇزۇكۇم يەككە-يالغۇز شى يامۇنغە سولاندى.
كاشكى كۆرسەم ئاتامنى، قالماقداكى ئاغامنى،
كۆرمەي ئۆلۈپ كەتەرمەن كاشقەرداكى ئاغامنى.
مەن كۆرمەگەن مامامنى، مەنى تۇغقان ئانامنى،
چەنفەن بارىپ ئۆلتۈرگەن ئۈچ ياشداكى بالامنى.
ئالدىمىزدا جاللادلار قىلىچىنى ئويناتۇر،
مەنى ئۇشبۇ ئۆلۈمدىن، قانداغ كىشى ئاجراتۇر.
بۇ ناخشىلار شۇل نۇزۇكۇم دېگەن خاتۇندىن قالغان ناخشىدۇر، تا بۇكۈنغەچە خەلقلەر ئەيتاشۇرلار. جاڭجۇن خانغە ئىبەرگەن خەت خانغە قىرىق بىر كۈندە يەتىپ بارىپ، خاندىن ھەم قىرىق بىر كۈندە جەۋاب خەت كەلىبدۇركى: «بۇ خەت كېچە بارسا كۈندۈزغە قويماي ئۆلتۈرسۇن، ئەگەر كۈندۈز بارسا كېچەگە قويماي ئۆلتۈرسۇن» دەپ. خانغە بارغان خەتنىڭ جەۋابى سەكسەن ئىكى كۈندە كەلگەن كۈنى نۇزۇكۇمنى يامۇندىن ئالىپ چىقىپ، ئەرابەغە ئولتۇرغۇزۇپ مويتۇڭزاغە ئالىپ يۈردى. خەلايىقلار قوچ-قوچ تەماشاھ ئۈچۈن مويتوڭزانىڭ ئەترافىغە يىغىلدى. نۇزۇكۇمنى ئەرەبادىن تۈشۈرۈپ، قىبلە رو ئولتۇرغۇزدى. نۇزۇكۇم شەھادەت ئوقۇپ ئولتۇردى. بىر جەللاد نۇزۇكۇمنىڭ ئالدىندا قىلىنچ بىلەگەن بولۇپ تۇردى، ئارقاسىدىن بىر جەللاد كەلىپ چاپتى. نۇزۇكۇمنىڭ باشى تەنىدىن جۇدا بولۇپ يەرگە تۈشتى. ئىكى يۈزچە تۇنگانلار بار ئېردى، باشنى ئالىپ تەنگە تىكىپ، نەمازىنى ئوقۇپ يەرگە دەفن قىلىپ، خەتمە قۇرئان ئوقۇپ ياندى. بۇ ۋاقېئاتلارنى كوھناسال ئادەملەرنى موللا بىلال ئىبن موللا يۈسۈف نازىم ئۆيىگە چىرلاپ كەلتۈرۈپ تەھقىقى بىلەن سوراپ ئاڭلاپ بىلىپ، يىلىندە 1299 نچى، رۇسىيە تارىخىدا 1882 نچى، ماھى جەمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ بەشىنچى كۈنى بۇ ئەلھەددە غۇلجە مەۋزەئىدە تەھرىر تاپىلدى.
ئانىڭدەك بولسە خاتۇن سالىخ پاك،
مانجۇلار زۇلمىدىن ئاڭا نىدۇر باك.
مۇنىڭدەك بولسە خاتۇنلار فەئالى،
تاپار جەننەت بۇ زانلاردىن كەمالى.
نۇزۇكۇم روھىغە ھەق رەھمەت ئەتسۇن،
شەھىد ئالى مەقامى ئۈزرە ياتسۇن.
تەممەت تەمام شاد ۋاللاھۇ ئالەم بالسەۋاب.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 21:36:07

يازما مەنبەسى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 6-سان.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:32:05

  راست ئاساسەن چۈشىنەلەيدىكەنمىز 150يىل ئالدىدىكى تىلمىزنى ............بەزى سۆزلەردە بەزى ھەرپ ئارتۇقتەك تۇرىدۇ . مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ، دەۋرىمىزدىكى قىزلار ساۋاق ئېلىپ نۇزۇكسىمان بولغاي .

  

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:37:24

بۇ خىل ئۇسلۇپتىكى( تىلدىكى) كىتاپتىن يەنە : «تەزكىرايى ئەزىزان»(ئەزىزلەر تارىخى) ، ۋە «غازاt دەر مۈلكى چىن»

emetbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:09:36

نۇزۇگۇم قىسسىنى ئوقۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى ، مەگەركىم ئەجدادلىرىمىزدىكى ئەرلەردە مۇشۇ جاسارەت بولغان بولسا نۇزۇگۇم بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدى ، نۇزۇگۇمنىڭ بۇ قوشاقلىرى يۈرەكىنى ئەزدى :
ئاخىر ئاشكارە بولدۇم، ياشۇنغالى يەر بارمۇ؟
ماڭا قاتىق كۈن تۈشتى، ئالىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى سۈزۈپ ئىچەر ئەر قەنى؟
مەنى كاشقەر شەھرىگە ئالىپ قاچار ئەر قەنى؟
    نۇزۇگۇم ، ئاھ ، باتۇر ، شەھىد نۇزۇگۇم ......

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 09:11:51

ماڭا قاتىق كۈن تۈشتى، ئالىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى سۈزۈپ ئىچەر ئەر قەنى؟
مەنى كاشقەر شەھرىگە ئالىپ قاچار ئەر قەنى؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 10:58:42

«ئەمما» دېگەننى «ئاما» دېيىشى ھازىرقى تۈركچىگە ئوخشايدىكەن دېسە...{:112:}

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:21:05

قىسقا، پىرىسلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ قىسقا بايانلاردىن غايەت زور مەفھۇم چىقىدىكەن. مانا بۇ ئەسەرنىڭ پىشقان، نوچىلىقىدىن بولسا كېرەك...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:33:41

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 13:21 static/image/common/back.gif
قىسقا، پىرىسلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ قىسقا بايانلار ...

موللا بىلالنىڭ ئالاھىدىلىكى سۆز-جۈملىلىرى ئاددىي، شەخسلەرگە ئارتۇق باھا بەرمىگەن ھالدا تەسۋىرلىگەن دەپ قارىدىم.
چاڭمۇزا يۈسۈپخاننىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.
http://bbs.izdinix.com/thread-43335-1-1.html
بۇنى ئەسلى ئىزاھاتلىرىنى بەرمەي يوللايدىغان گەپتىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:36:33

بولىدۇ، رەھمەت.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:49:32

ئېسىل! ئەسەرنىڭ تىلىدىن شۇنداق ھوزۇرلاندىم. ئوقۇپ بولۇپ ئاجايىپ بىر تۇيغۇدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن.
نوزۇك باشىغا كۈن چۈشتى، ئېلىپ قاچارغا ئەر بارمۇ

ئاللاھ نوزۇگۈمگە فىردەۋىس جەننىتىدىن ئورۇن بەرگەي، ئامىن!

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:54:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 15:56  

كۆزۈم ياش ...
«بىر كىشىگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇماسلىقلا ، يىتەرلىك گۇناھ » دەپ كۆرگەن ئېدىم .
ھىساب كۈنىدە ،نىمە دەپ ھىساب بىرەرمەن ...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:10:41

ئاھ خۇدا ، مەزلۇم بىر قىزغا نىمە جاپا، تاغلاردا چۆللەردە، ساسلىقلاردا . . . .تەنھا مۇدھىش موھىتتا ھەرقېتىم ئاتىسىنى ئويلىشى، قامىتى بىلەن قوغدايدىغان بىر ھەمىرانى ئويلىشى، ئاخىردا قۇتىلالماي قەتلى قىلنىشى   . . . .

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:54:55

ئەينى ۋاقىتتىكى تىل ۋە يېزىقلىرىمىز بەكمۇ چىرايلىق ھەم يېقىشلىق ئىكەندۇق راست...{:87:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:10:32

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 17:54 static/image/common/back.gif
ئەينى ۋاقىتتىكى تىل ۋە يېزىقلىرىمىز بەكمۇ چىرايلىق ھە ...

ھەممىدىن ياخشى يېرى. قازاندا بېسىلغان كىتابنى بۇ تۆڭگىرەكتىكى ئادەملەرمۇ ئوقۇپ پايدىلىنالايدۇ. تاتارچىدىن، قازاقچىدىن، ئۆزبەكچىدىن تەرجىمە قىلىندى دېگەندەك گەپلەر يوق.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:41:28

شۇنى دەڭە، موللا بىلال بىلەن موللا مۇسانىڭ يازمىلىرى پەرقسىز...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 18:49:26

ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇپ چىقتىم.  

p1dakar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 12:10:52

بەجىندىن نۇرغۇن لەشكەر بىلەن كاشقەرغە كەلگەن بەيخۇزا، ياڭ دارىن دېگەن جاڭجۈنلەر بىر بولۇپ، جەھانگىر خوجام بىلەن سوقۇشۇپ، جەھانگىر خوجامنى تۇتۇپ، بەجىنگە دۇۋاڭ خاننىڭ يانىغە ئالىپ كېتىپ، كاشقەرداكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاتۇنلارىنى غۇلجە شەھەرىگە ئالىپ كەلىپ، ھەر بىر خاتۇننى بىر قالماققا تۇتۇپ بەرگەن ئىكەن خاتۇن قىلسۇن دەپ.

ئاھ بەي، ياڭ فامىلىلىكلەر، سەنلەرنىڭ نېمە تۈگىمەيدىغان ئۆچۈڭ بار ئىدى... نوزۇكۇملاردا،،،،

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-4-4 11:02:16

ئاۋۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ بۇرۇنقى ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھازىرقىدىن پاساھەتلىك ئىكەنلىنى بىلىۋالدىم
كۆپ رەھمەت

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-4-4 11:24:54

نىمىشقا شۇ پىتى ئىشلەتمىگەن بولغۇيتۇق ؟
لىكىن ئەسەر نوچى يىزىلىپتۇ .
بەت: [1] 2
: نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر