uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 16:41:03

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 20-01

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودابازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.9دوللا رئەڭ يۇقىرى باھاسى 1282.22دوللا ر ، ئەڭتۆۋەن باھاسى 1217.75بازاربازار يېپىلىش باھاسى   1280.08دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.84 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 11278.7   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:   
تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىشى سۇس بولدى ، تۈنۈگۈن ئامېرىكا مارتىن لوتېرانېستۋو بايرىمى بولۇپ ئامېرىكا بازىرى دەم ئالغانلىقى ، ھەمدە ياۋروپا بانكىسىنىڭ قارارىدىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار كۈزىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ تار دائىرىدە تەۋرىنىشىنى كەلتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو 4 - پەسىللىك GDP مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات مۆلچەردىكىگە يېتەلمىسە جۇڭگو مۈلكى ئالتۇن باھاسى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدامەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە گېرمانىيە ZEW ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلار . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا NAHB ئۆي بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ،بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ياۋرونىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1274-1278 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى ،بۈگۈن ھەرقايسى بازارلاردا سانلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىندىغان سانلىق ئۇچۇرلار بولغان بىلەن سودا بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .ئالتۇن باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە1160-1280 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا 120 دوللار ئۆرلىدى ، كىيىنكى قەدەمدە ئالتۇن باھاسى 1280-1300 دوللارغىچە بولغان بوشلۇقى بار ، ئەڭ مۇھىمى 1300 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرالامدۇ يوق ، ئەگەر مۇقىم تۇرالىسا 1230 دوللارغىچە ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلىدۇ ، ئەگەر 1300 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرالمىسا ئۇنداقتا قايتا چۈشۈش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ .

2. بۈگۈنكى ياۋرۇپا بازىرىدا 1265-1270 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىنچۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى1280-1288 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ. 1293 دوللارنىڭ يۇقىرىدا بۆسۈش نۇقتىسى بار .



چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار1293 1300
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1260 1668

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى1265-1293
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1260
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1288

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

   بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.60 ئەتراپىدا ئايلاندى ،خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1276.6 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 255.25 يۈەن ، كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.53 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 4 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن ئازراق تۆۋەنلىگەن .تۈنۈگۈن ئامېرىكا مارتىن لوتېرانېستۋو بايرىمى بولۇپ ئامېرىكا بازىرى دەم ئالغانلىقى ، ھەمدە ياۋروپا بانكىسىنىڭ قارارىدىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار كۈزىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۇردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو 4 - پەسىللىك GDP مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات مۆلچەردىكىگە يېتەلمىسە جۇڭگو مۈلكى ئالتۇن باھاسى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدامەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ مۇھىم بولغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە گېرمانىيە ZEW ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلار . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا NAHB ئۆي بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ،بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ياۋرونىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 255.25 يۈەن ،؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.53 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





ئالتۇن 20 دوللار ئۆرلەپ 1290 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن

   1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:29 دە خەلقئارا ئالتۇن بازار ئېچىلىش باھاسى 1276 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن باھا 1273 دوللار ، ئەڭ يۇقىرى باھا 1293 دوللار بولغان ، ئالتۇن باھاسى 20 دوللار ئۆرلەپ 1290 دوللاردىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن . نۆۋەتتە باھاسى 1293 دوللار بولغان .
    1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا ، خەلقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن ، چۈنكى جۇڭگو 2014 - يىللىق ئىقتىساد ئېشىش نىسبىتى 24 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا كەلگەنلىكى ئېنېرگىيە بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان .
    جۇڭگو دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلانىدا كۆرسىتىشىچە ، 2014 - يىلى ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ 7.4% غىچە بولۇپ ، 24 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، 4 - پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى 7.3% بولۇپ 7 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن .   









نېفىت بازىرى

نېفىت بازىرى بولسا 47 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىپ بازاردا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ ، بازاردا نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچ كەمچىل بۇلۇش بىلەن بىرگە ئۆرلەشكەبولىدىغان شارائىت ھازىرلانمىدى ،شۇڭا نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈش يۆلىنىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشى تەسكە توختايدۇ .




Comex ئالتۇن كۈمۈش سېتىۋېلىش ھالىتى

      ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك مال سودا كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە قوش ئۈزۈلمە فوند ۋەفوند ئىدارە قىلىش داۋاملىق Comex ئالتۇن ۋە قەرەللىك مال كۈمۈش ھەمدە قەرەللىك ھوقۇق سېتىۋېلىش زاپىسىنى ئاشۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ قەرەللىك مال مىسنىڭ پۇلسىز سېتىش كېمەيگەن .
      كونكرېت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە Comex ئالتۇنسېتىۋېلىش 7995 قول ئېشىپ 114728 قولغىچە بولغان ؛ COMEX كۈمۈش سېتىۋېلىش 5948 ئېشىپ 25567 قولغىچە بولغان ؛ COMEX مىس سېتىش 1000 قول كېمىيىپ 9881 قولغىچە بولغان .





پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر

       1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازاردا ئېھتىياتچانلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىپ قويدى ، ھەم بۇ خىل كەيپىيات ياۋروغا پايدىسىز بولدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدى ، ياۋروپا پاي چېكى يۇقىرى ئۆرلەپ 7 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، بۇ سودا كۈندە جۇڭگونىڭ GDP سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .




خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى

      2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى :
   1دوللار 6.1226 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو7.1143 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2147 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78975 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ9.2612 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0247 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7648 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛سىنگاپور دوللىرى 4.6059 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1203 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.58007 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى؛1 يۈەن خەلق پۇلى 10.4812 روسىسيەرۇبلىغا تەڭ بولدى؛

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 19:32:43

[تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ] دېگەننى قانداق چۈشەنسەك بولار، نېمەئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرايدۇ؟

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 10:25:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shemsi19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 10:27

نىفىت باھاسى چۈشۈۋاتسا ، ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈنئۆرلەيدۇ ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:40:15

Baqka يوللىغان ۋاقتى2015-1-20 19:32 static/image/common/back.gif
[تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمياخشىمۇسىز ، GDP قىممىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ ؛ GDP قىممىتى   تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى رەڭلىك مېتاللار (ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس ) ، نېفىت ،دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ،تۆمۈر رۇدىسى ، كۆمۈر قاتارلقلار بولۇپ ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچر ىشىئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن .

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:00:14

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى2015-1-21 10:25 static/image/common/back.gif
نىفىت باھاسى چۈشۈۋاتسا ، ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈنئۆر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، قارغاندا سىز يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۇچۇرلارغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز ،ئالتۇن باھاسى بىلەن نېفىت باھاسى بىر - بىرسىگە بىقىنمىغان ھالەتتە مىڭۋاتقىلى خىلى بولۇپقالدى ، بۇ ئەھۋال يەنەبىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ؛
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى 20-01