muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 16:05:59

مارتىن لۇتىر كىڭ

مارتىن لۇتىر كىڭ
(1929-1968)
مارتىن لۇتىر كىڭ بولسا شىمالىي ئامېرىكا كىشلىك ھوقوق ھەركىتىنىڭ داھىسى ،1948يىلى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ،1948-يىلدىن 1951- يىلغىچە ئامېركىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى فىلورىنسىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇغان ،1963- يىلى كىنىدى زۇڭتۇڭ بىلەن كۆرۇشۇپ ،ئامېركا قاراتەنلىك پۇخرالارنىڭ باراۋەرلىگى ئۇچۇن ،يىڭى " كىشىلىك ھوقوق قانۇنىنى " قاراردىنئۆتكۇزۇشكە سۇنغان. 1963- يىلى 8-ئاينىڭ 28- كۇنى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا داڭلىق " مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار"دىگەن نۇتۇقنى ئىلان قىلغان . 1964-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . 1968- يىلى 4- ئايدا مارتىن لۇتىر كىڭ مېمفىس شەھرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ قايتىشىدا باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ 39 ياشتا ئىدى. 1986- يىلدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 1- ئاينىڭ ئۇچىنچى دۇشەمبىسىنى ئامېركا ھۆكىمىتى مارتىن لۇتىر كىڭ خاتىرە كۇنى قىلىپ بىكىتكەن .
تۇنۇگۇندىن بۇيان ئامېركىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە مارتىن لۇتىر كىڭنىخاتىرلەش ئۇچۇن كوچىلاردا كەڭ كۆلەمدە نامايىش بوپتۇ .
مەخسەت بۇ كىشىنى بىر چۇشۇنۇپ بىقىش . قىنى بىلىدىغانلىرىڭلارنى بىر توكمەمسىلەر .
بىرىنچى :بۇ ئادەم نىمە ئۇچۇن شۇنچە داڭلىق؟ مۇشۇ كۆپچىلىك بۇ يەردە مارتىن لۇتىر كىڭ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭلارنى بىر تۆكسەڭلار .
ئىككىنچى: شۇ ۋاقىتتىكى ئامېركىنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى قانداقتى ؟
ئۇچىنچى : ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋىتىچۇ ؟

توۋەندە ئېنگىلىز تىل ھەۋەسكارلىرى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ مىنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار دىگەن نۇتىقىنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار
100يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامىرىكىلىق،نېگىر قۇللىرىنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىگە ئىمزا قويغان ئىدى.بۈگۈن دەل شۇ كىشىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز،ئۇشبۇ خىتاپنامە خۇددى نۇرلۇق چىراقتەك،نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق دەپسەندە قىلىنغان نىگىر قۇللار ئۈچۈن ئۈمۈت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى خۇددى تاڭ شەپىغىدەك،نىگىرلارنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان زۇلمەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.
    ئەمما 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز نىگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك رىياللىققا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ،ئېرقى كەمسىتىش ۋە ئېرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ پېشكەللىكلىىرى ئاستىدا، نېگىرلارلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۈتۈۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىقاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلار ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ بىر بۇرجىگىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىندا سەرگەندارلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق ھالەتنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بىرىش ئۈچۈندۇر.
   مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۈگۈن بىزبەرگەن ۋەدىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىز پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھۇريىتىمىزنىڭ قۇرغۇچقىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى»نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدغان ھەر بىر ئىبارىنى يازغىنىدا ،ھەربىر ئامىرىكىلىققا ۋەدە بىرىپ،ھەربىر كىشىگە ھاياتلىق ،ئەركىنلىك ۋە بەختىنى قوغلىشىشنىڭ مۇقەدەس ھوقۇقىنى بېرىمىز دىگەن ئىدى.
   رەڭلىك ئېرىقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامىرىكا ئۆزنىڭ ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرمىدى.ئامىرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئنىگىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يېتىشمەيدۇ»دىگەن تامغىا ئۇرۇلغاندىن كېيىن قولىمىزغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.ئەمما ھەققانىيەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.بىز بۇ دۆلىتىمىزدىكى غايەت زور پۇرسەتلەر غەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ چەكنى ئەمىلىەشتۈرمەكچى__بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت كاپالىتى بىلەن تەمىىن ئەتكۈسى.

بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كىلىپ،ئامىرىكىنى تەنقىتلىمەكچى.ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تېنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنۇشقا رايىمىز يوق.ھازىر دەل دىموكىراتىيە ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىغان پەيت!ھازىر دەل ئېرقى كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللى باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قۇيىدىغان پەيت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا پۇرسەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرقى تەڭسىزلىكنىڭ قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكىلار باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت.
   ناۋادا ئامىرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نىگىرلارنڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن،ئۇنداقتا بۇ ئامىرىكىغا ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ.ئەركىنلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى كەلمەيدىكەن،نىگىرلارنىڭ چېھرى جاھاننى ئالىدۇ.1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،ئەكسىچە باشلىنىشىدۇر.بەزىلەر نىگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ،ئويلىشىدۇ.ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن،بۇنداق خىيالچىلار ئۈمۈتسىزلەنمەي تۇرالمايدۇ.نىگىرلار پۇخرالىق ھۇقۇقا ئىرىشەلمەيدىكەن،ئامىرىكىغا تېنچ-ئامانلىق يوق.ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يېتىپ كەلمەيدىكەن، قارشىلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ.
    ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانۇنى ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەركىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك شارابى ئىچسەك بولميدۇ.بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىزتوغرا يولدا قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بىزنىڭ يېڭى مەۋقەدىكى ئۇقۇمىدىكى قارشىلىقھەركىتىمىز زوراۋانلىق ھەركىتىگە ئايلىنىو كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتىرىشىمىز كېرەك.
    نىگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك ئىنقىلابى روھ مەۋجۇت،ئەما بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ.چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئۇكىلىرىمىز شۇنى تۇنۇپ يەتتىكى ،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى.ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق. بىز ئايرىم ھەركەت قىلساق بولمايدۇ.
    بىز ھەركەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك،كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ.ھازىر بەزىلەر ئوت يۈرەك ھوقۇقچىلىرىدىن«سىلەر قاچان رازى بولىسىلەر ؟»دەپ سوراۋاتىدۇ.
ئەگەر نىگىرلار ساقچچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن ،بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
ئەگەر بىزنىڭ مېھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ۋە شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
   ئەگەر نىگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ كىچىك نامراتلار رايۇنىدىن چوڭ نامراتلار رايۇىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالماينىز.
    ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا بىر نىگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن ،نىيو يوركتا يەنە بىر نىگىرنىڭ سايلام بېلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
    ياق!بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!كەلگۈسىدە ھەققانىيەتنىڭ دۇلقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغىچە بىز ھەرگىزمۇ رازى بوللايمىز!
   مەندىققەت قىلدىم، بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر زۇلۇمنى يەتكۈچە تارتقان،ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان،ئەركىنىلىلنى قوغلاشقانلىقى ئۈچۈن،ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگىدەك تاياق يىگەن،ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن.سىلەر ئىنسانلار ئۆزى پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقان.تىرىشڭلار !شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپنى تارتىش بىرخىل گۇناھنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر.
   بىز مىسسسىپىغا قايتايلى،ئلاباماغا قايايلى،جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى،جورجىيىگە قايتايلى،لۇيىزاناغا قايتايلى،شىمالدىك ىشەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار -ئازسانلىق مىللەتلەر رايۇنىغا قايتايلى،كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى ،بۇخىل ئەھۋال ھامىنى بىركۈنى ئۆزگىرىدۇ.بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ.
   دوسلار،بۇگەن مەن شۇنداق ئېيتالايمانكى،مۇشۇ دەقىقىدە بىزھەرخىل ئازاپ -ئۇقۇبەتكە ئۇچرىساقمۇ،بىز غايىلىكمىز.بىزنىڭ غايىمىز ئامىرىكىنىڭ غايىسى ئىچىدە يىلتىز تارتقان غاىدۇر.
   شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتكە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر»دىگەن سۆزلەرنىڭ ھىقىقى مەنىسىگە يەتسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جورجىيىنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ باللىرى بىلەن قۇلدارلارنڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا!
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىسسىسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،زۇلمەت دۇنياسىنىڭ زۇلمەت قۇملۇقلىرى ھەققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقلىرىغا ئايلانسا!
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىنىڭ تۆت بالام كىشىلەرگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس،بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا !
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، ئالىباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نىگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە!
   شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، جىلغىلار ئۆرلەپ ،تاغلار پەسىيىپ،مۇشەققەت يوللار تۈزلەنسە،قۇياش نۇرى جاھاننى قاپلىسا!
    مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق.مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا ،ئۇمۇتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تودۇرالايمىز!مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش-سۇقۇش ئاۋازلىرىنى يېقىملىق سىمفونىيىگە ئايلاندۇرالايمىز!
    مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا بىز بىللە ئىشلىيەلەيمىز،بىللە دۇئا قىلالايمىز،بىللە كۈرەش قىلالايمىز،بىللە تۇرمىلەرگە قامىلالايمىز،ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز،شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ،ھامىنى بىركۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيمىز!
    ئەركىنلىك يېتىپ كەلگەن كۈنى ،تەڭرىنىڭ ئوغۇل- قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مىنىڭ ۋەتنىم،گۈزەل ماكانىم مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئەجداتلار قان تۆككەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرمىز،ئەركىنلىك ئاۋازى ھەممە جايدا ياڭرىسۇن»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.
   ئەگەر ئامىرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمىز دەيدىكەن،بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىننى تىترىتىشى كېرەك!نىيو يوركنىڭ تاغ -دەريالىرى تىترىشى كېرەك!
   ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازلىرى كولورىدا شىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيىنىڭ تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!
بۇنىڭلىق بىلەنلا ئەمەس،يەنە جورجىيە زىمنىنىمۇ تەۋرەتسۇن!
تېننىسې تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازلىرى مىسسىسىپى شىتاتىدا ياڭرىسۇن!
پۈتكۈل ئامىرىكا زىمىنىدا ياڭرىسۇن!
   ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى!
ھەربىر شەھەر ۋە شىتاتلاردا ياڭرىتايلى!
بىز شۇ كۈننىڭ كىلىشىنى تېزلىتەلەيمىز!
شۇ چاغدا تەڭرىنىڭ بەندىلىرى نىگىرلار،ئاق تەنلىكەر،يەھۇدىلار ۋە ئەمەسلەر،خىرىستىيانلار،كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ،بىر قەدىمى نىگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ:«چىقتۇك ھۆرلۈككە،ياشايمىز ئەركىن!تەڭرىم ھەشقاللا!بۇ بىز كۈتكەن كۈن!»

I am happy to join with you today in what will go down in history as the greatest demonstration for freedom in the history of our nation.

Five score years ago, a great American, in whose symbolic shadow we stand today, signed the Emancipation Proclamation. This momentous decree came as a great beacon light of hope to millions of Negro slaves who had been seared in the flames of withering injustice. It came as a joyous daybreak to end the long night of their captivity.

But one hundred years later, the Negro still is not free. One hundred years later, the life of the Negro is still sadly crippled by the manacles of segregation and the chains of discrimination. One hundred years later, the Negro lives on a lonely island of poverty in the midst of a vast ocean of material prosperity. One hundred years later, the Negro is still languished in the corners of American society and finds himself an exile in his own land. And so we've come here today to dramatize a shameful condition.

In a sense we've come to our nation's capital to cash a check. When the architects of our republic wrote the magnificent words of the Constitution and the Declaration of Independence, they were signing a promissory note to which every American was to fall heir. This note was a promise that all men, yes, black men as well as white men, would be guaranteed the "unalienable Rights" of "Life, Liberty and the pursuit of Happiness." It is obvious today that America has defaulted on this promissory note, insofar as her citizens of color are concerned. Instead of honoring this sacred obligation, America has given the Negro people a bad check, a check which has come back marked "insufficient funds."

But we refuse to believe that the bank of justice is bankrupt. We refuse to believe that there are insufficient funds in the great vaults of opportunity of this nation. And so, we've come to cash this check, a check that will give us upon demand the riches of freedom and the security of justice.

We have also come to this hallowed spot to remind America of the fierce urgency of Now. This is no time to engage in the luxury of cooling off or to take the tranquilizing drug of gradualism. Now is the time to make real the promises of democracy. Now is the time to rise from the dark and desolate valley of segregation to the sunlit path of racial justice. Now is the time to lift our nation from the quicksands of racial injustice to the solid rock of brotherhood. Now is the time to make justice a reality for all of God's children.

It would be fatal for the nation to overlook the urgency of the moment. This sweltering summer of the Negro's legitimate discontent will not pass until there is an invigorating autumn of freedom and equality. Nineteen sixty-three is not an end, but a beginning. And those who hope that the Negro needed to blow off steam and will now be content will have a rude awakening if the nation returns to business as usual. And there will be neither rest nor tranquility in America until the Negro is granted his citizenship rights. The whirlwinds of revolt will continue to shake the foundations of our nation until the bright day of justice emerges.

But there is something that I must say to my people, who stand on the warm threshold which leads into the palace of justice: In the process of gaining our rightful place, we must not be guilty of wrongful deeds. Let us not seek to satisfy our thirst for freedom by drinking from the cup of bitterness and hatred. We must forever conduct our struggle on the high plane of dignity and discipline. We must not allow our creative protest to degenerate into physical violence. Again and again, we must rise to the majestic heights of meeting physical force with soul force.

The marvelous new militancy which has engulfed the Negro community must not lead us to a distrust of all white people, for many of our white brothers, as evidenced by their presence here today, have come to realize that their destiny is tied up with our destiny. And they have come to realize that their freedom is inextricably bound to our freedom.

We cannot walk alone.

And as we walk, we must make the pledge that we shall always march ahead.

We cannot turn back.

There are those who are asking the devotees of civil rights, "When will you be satisfied?" We can never be satisfied as long as the Negro is the victim of the unspeakable horrors of police brutality. We can never be satisfied as long as our bodies, heavy with the fatigue of travel, cannot gain lodging in the motels of the highways and the hotels of the cities. We cannot be satisfied as long as a Negro in Mississippi cannot vote and a Negro in New York believes he has nothing for which to vote. No, no, we are not satisfied, and we will not be satisfied until "justice rolls down like waters, and righteousness like a mighty stream."I am not unmindful that some of you have come here out of great trials and tribulations. Some of you have come fresh from narrow jail cells. And some of you have come from areas where your quest -- quest for freedom left you battered by the storms of persecution and staggered by the winds of police brutality. You have been the veterans of creative suffering. Continue to work with the faith that unearned suffering is redemptive. Go back to Mississippi, go back to Alabama, go back to South Carolina, go back to Georgia, go back to Louisiana, go back to the slums and ghettos of our northern cities, knowing that somehow this situation can and will be changed.

Let us not wallow in the valley of despair, I say to you today, my friends.

And so even though we face the difficulties of today and tomorrow, I still have a dream. It is a dream deeply rooted in the American dream.

I have a dream that one day this nation will rise up and live out the true meaning of its creed: "We hold these truths to be self-evident, that all men are created equal."

I have a dream that one day on the red hills of Georgia, the sons of former slaves and the sons of former slave owners will be able to sit down together at the table of brotherhood.

I have a dream that one day even the state of Mississippi, a state sweltering with the heat of injustice, sweltering with the heat of oppression, will be transformed into an oasis of freedom and justice.

I have a dream that my four little children will one day live in a nation where they will not be judged by the color of their skin but by the content of their character.

I have a dream today!

I have a dream that one day, down in Alabama, with its vicious racists, with its governor having his lips dripping with the words of "interposition" and "nullification" -- one day right there in Alabama little black boys and black girls will be able to join hands with little white boys and white girls as sisters and brothers.

I have a dream today!

I have a dream that one day every valley shall be exalted, and every hill and mountain shall be made low, the rough places will be made plain, and the crooked places will be made straight; "and the glory of the Lord shall be revealed and all flesh shall see it together."?
This is our hope, and this is the faith that I go back to the South with.

With this faith, we will be able to hew out of the mountain of despair a stone of hope. With this faith, we will be able to transform the jangling discords of our nation into a beautiful symphony of brotherhood. With this faith, we will be able to work together, to pray together, to struggle together, to go to jail together, to stand up for freedom together, knowing that we will be free one day.

And this will be the day -- this will be the day when all of God's children will be able to sing with new meaning:

My country 'tis of thee, sweet land of liberty, of thee I sing.

Land where my fathers died, land of the Pilgrim's pride,

From every mountainside, let freedom ring!

And if America is to be a great nation, this must become true.

And so let freedom ring from the prodigious hilltops of New Hampshire.

Let freedom ring from the mighty mountains of New York.

Let freedom ring from the heightening Alleghenies of
Pennsylvania.

Let freedom ring from the snow-capped Rockies of Colorado.

Let freedom ring from the curvaceous slopes of California.

But not only that:

Let freedom ring from Stone Mountain of Georgia.

Let freedom ring from Lookout Mountain of Tennessee.

Let freedom ring from every hill and molehill of Mississippi.

From every mountainside, let freedom ring.

And when this happens, when we allow freedom ring, when we let it ring from every village and every hamlet, from every state and every city, we will be able to speed up that day when all of God's children, black men and white men, Jews and Gentiles, Protestants and Catholics, will be able to join hands and sing in the words of the old Negro spiritual:

Free at last! free at last!

Thank God Almighty, we are free at last

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 16:11:48

19-يانىۋار ئامېركىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى مارتىن لۇتىر كىڭنى خاتىرلەش نامايىشىدىن كۆرنۇشلەر

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 17:50:21

رەخمەت سىزگە ، خىلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 20:28:14

شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتكە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر»دىگەن سۆزلەرنىڭ ھىقىقى مەنىسىگە يەتسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جورجىيىنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ باللىرى بىلەن قۇلدارلارنڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا!
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىسسىسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،زۇلمەت دۇنياسىنىڭ زۇلمەت قۇملۇقلىرى ھەققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقلىرىغا ئايلانسا!
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىنىڭ تۆت بالام كىشىلەرگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس،بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا !
    شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، ئالىباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نىگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە!
بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا ئىشقا ئېشىپ بولدى بۇ ئارزۇلىرى.

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 22:23:21

مارتىن لۇتېر كىڭ دەك ئادەملەرنى تېرورچى دىمەيدىغانياۋرۇ-ئامىرىكىلىقلارنى زادى قانداق ئادەملەردۇ دەيمەن توۋا؟

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 22:54:09

شۇ دەۋىردە malcolm x مېلكام ئېكسئىسىملىك قارا تەنلىك نامزات بار ئىدى. بۇكىشىمۇ ھەققانىيەتنى سۆيىدىغانمارتىن لۇتىركىڭدىنمۇ قېلىشمايدىغان ئېسىل بىر ناتىق ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ بىرمۆئمىن مۇسۇلمان ،ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن !
قىززىققۇچىلار yoku غا كىرگىزىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 08:36:56

بۇ كىشىنىڭ داڭلىق سۆزلىرى بەك جىق .

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:34:30

شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپنى تارتىش بىرخىل گۇناھنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر.
ماۋۇ قالتىس گەپكەن.تىما يوللۇغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:40:36

شۇنچە خارلانغان بىر قوۋمنىڭ ۋەكىلىنىڭ قىساس ئالايلى دېمەي، بىرلىكتە ئىناق ياشايلى، دەپ شوئار توۋلىشى ئاسان ئەمەس جۇمۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:54:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 16:56

بىرنچى: شۇ ۋاقىتلاردا يەنى 60-يىللاردا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىنىڭ كەسكىنلەشكەن ۋاختى بولۇپ سوۋىت ئىتپاقى كۇباغا باشقۇرۇلدىغان بومبا قويۇپ بىرىش سۇپىسىنى ئورناتقان ، ئامىركا جەنۇبى ۋىتنامنى قوللاپ ئەسكەر چىقارغان .
ئىككىنچى : 1961- يىللى جون كىنىدىي ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىپ زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرغان ، 1963- يىلى 22-نويابىر قەسىتكە ئۇچىراپ ۋاپات بولغان .
ئۇچىنچى : ئامىركىدا پۇخرالار ھوقوقى ھەركىتى ئەۋىج ئالغان ، قارا تەنلىك پۇخرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەركىتى،ئاياللار كىشىلىك ھوقۇق ھەركىتى، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەركىتى، كۆچمەنلەر ھەركىتىقاتارلىق مەسلىلەر ئەڭ زور چەككە چىققان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامىركىنىڭ جىنايەت سادىر بولۇش رىكوتى 60- يىلللاردا يارتىلغان . زۇڭتۇڭدىن تارتىپ پۇخراغىچە قەسىتكە ئۇچىراش تۇرمىگە چۇشۇش ئەڭ كۆپ يۇز بەرگەن ۋاقىت بولۇپ قالغان .
توتىنچى : 1969- يىلى ئېيۇلدا ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ ئايغا ئادەم چىقارغان .
يۇقارقىلار 60- يىللاردا ئامىركىدا يۇز بەرگەن ھەم خەلىقئاراغا تونۇلغان ۋەقەلەر بولۇپ ،بىلگەنلىرىمدىن تىزىپ قويدۇم .



muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:54:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 16:55

تەھرىرلەندى . . .



sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:24:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-21 19:27

    ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانۇنى ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەركىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك شارابى ئىچسەك بولميدۇ.بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىزتوغرا يولدا قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بىزنىڭ يېڭى مەۋقەدىكى ئۇقۇمىدىكى قارشىلىقھەركىتىمىز زوراۋانلىق ھەركىتىگە ئايلىنىو كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتىرىشىمىز كېرەك.   {:112:} {:112:} {:112:}   

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 21:26:18

Qaf يوللىغان ۋاقتى2015-1-20 22:54 static/image/common/back.gif
شۇ دەۋىردە malcolm x مېلكام ئېكسئىسىملىك قارا تەنلىك نامز ...

مەلكوم ئېكىس ھاجىم ھەجدىن قايتىپ كېلىپ، 3 ئاي دەۋەت جەريانىدا، 3 مىليۇن ئامېرىكىلىقنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەپ بولىدىكەن. بۇ ئىسلام تارىخىدىمۇ دەۋەتتىكى ئاز كۆرۈلىدىغان نەتىجە ھىساپلىنىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ئاقلار بىلەن قارىلار بىرگە ئولتۇرۇپ-قوپالمايدىغان زاماندا، مەككىدىكى ھەج مەزگىلىدە ھەرقانداق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر چۆچەكتىن سۇ ئىچىپ، بىر تاۋاقتىن تاماق يىيەلىگىنىنى كۆرگەن ۋە ئۆزى بىۋاستە ھېس قىلغان ھاجىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئىنسانىيەتنى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىمۇ پەقەت ئىسلام دىنىنىڭ قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدىكەن، ھەتتا پىرېزىدېنتىغىمۇ بىۋاستە خەت يېزىپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەجدىن قايتىپ 3 ئاي بولغاندا، دەۋەت ئۈستىدە قەست قىلىنىپ ئۆلتۈرىلىدىكەن. ھاجىم گەرچە تېمىدىكى كىشىدەك داڭلىق بولسىمۇ، ھەقىقى مۆمىن مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن، تەشۋىقاتتا باراۋەر بولالمىغاچقا، كۆپىنچەيلەن خەۋەرسىز قالىدىكەن. ھاياتى ھەققىدە ئىشلەنگەن كىنوسى بار، مەشھۇر ئەرتىست دەنزىل ۋاشىڭتون رول ئالغان، كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. غەيرى دىندىكىلەر كىرەلمەيدىغان مەككە-مەدىنە تۇپرىقىغا، ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدى ھۆكۈمىتى قايدىنى بۇزۇپ، كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىپتىكەن. بۇلار مەككە فەتھى بولغان 1400 يىلدىن بۇيان مەككە زېمىنىغا دەسسەپ باققان تۇنجى ۋە بىردىن-بىر غەيرى مۇسۇلمانلار ھېساپلىنىدىكەن.
بەت: [1]
: مارتىن لۇتىر كىڭ